7-ئاينىڭ 7-كۈنى، «جېجياڭدا ئانار قىزاردى، بىر نىيەتتە ئاسىيا تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى كۈتۈۋالايلى» ـــــ «خۇجوۋ-كەلپىن بىر ئائىلە كىشىلىرىدىن بولۇش» مەدەنىيەت جەھەتتە تۇغقان يوقلاش پائالىيىتىنىڭ تارماق مەيدان پائالىيىتى جېجياڭ ئۆلكىسىنىڭ خۇجوۋ شەھىرى دېچىڭ ناھىيەسى شىنشى بازىرى مەركىزىي مەيدانىدا مۇۋەپپەقىيەتلىك ئاياغلاشتى، بۇ خۇجوۋ شەھىرى، كەلپىن ناھىيەسىدىن ئىبارەت ئىككى جاينىڭ مەدەنىيەت جەھەتتە تۇغقان يوقلاش پائالىيىتىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملانغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. بۇ قېتىمقى تۇغقان يوقلاش پائالىيىتىنىڭ ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولدى، ئىككى جاي مەدەنىيەت ساياھىتى، مەھسۇلات سېتىش، ئىككى جاينى ئورتاق قۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردە ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ ئورتاق نەپ ئالىدىغان تەرەققىيات ئورتاق تونۇشى ھاسىل قىلدى.
كەلپىن ناھىيەلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى