تىيانشان تورى   ›   ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرى   ›   شۇجى خاتىرىسى

ئەۋزەل بايلىقنى ئايلاندۇرۇشنى تېزلىتىپ، خەلق تۇرمۇشى بەخت ـ سائادىتىنى سىجىل ئاشۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات نەتىجىلىرى ئارقىلىق ھەر مىللەت ئاممىغا تېخىمۇ ياخشى نەپ يەتكۈزۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك

ما شىڭرۇي خوتەن ۋىلايىتىدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا مۇنداق تەكىتلىدى

ئەۋزەل بايلىقنى ئايلاندۇرۇشنى تېزلىتىپ، خەلق تۇرمۇشى بەخت ـ سائادىتىنى سىجىل ئاشۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات نەتىجىلىرى ئارقىلىق ھەر مىللەت ئاممىغا تېخىمۇ ياخشى نەپ يەتكۈزۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك

7 ـ ئاينىڭ 16 ـ كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي خوتەن ۋىلايىتىگە كېلىپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. سۈرەتتە: ما شىڭرۇي خوتەن ۋىلايىتى كۇنگاڭ ئىقتىساد ـ تېخنىكا تەرەققىيات رايونى(رەڭلىك مېتال كەسىپلەر باغچىسى)دا باغچە رايونىنى پىلانلاش، قۇرۇش، تەرەققىي قىلدۇرۇش توغرىسىدىكى تونۇشتۇرۇشنى ئاڭلاپ، كارخانىنىڭ تۈر قۇرۇلۇشى ئەھۋالىنى تەپسىلىي ئىگىلىمەكتە. □ جاڭ يۇڭ فوتوسى

شىنجاڭ گېزىتى، لوپ، 7 ـ ئاينىڭ 16 ـ كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي 7 ـ ئاينىڭ 16 ـ كۈنى خوتەن ۋىلايىتىگە كېلىپ، نۇقتىلىق سۇچىلىق تۈگۈنى قۇرۇلۇشى، قېزىلما بايلىقلارنى ئېچىش، پايدىلىنىشقا ئالاقىدار خىزمەتلەرنى چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى بولۇپمۇ جەنۇبىي شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى سەمىمىي تاپشۇرۇقىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، جەنۇبىي شىنجاڭدىن ئىبارەت «شاھمات كۆزى»نى جانلاندۇرۇشنىڭ ئالاھىدە مۇھىم ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئىگىلەپ، خەلقنى مەركەز قىلغان تەرەققىيات ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئەمەلدە كۆرسىتىپ، پايدىلىق تەرەققىيات پۇرسىتىنى ئىگىلەپ، ئەۋزەل بايلىق يوشۇرۇن كۈچىنى قويۇپ بېرىشنى تېزلىتىپ، يېشىل كانچىلىق قاتارلىق خاس تۈۋرۈك كەسىپلەرنى يېتىلدۈرۈپ، زورايتىپ، مۇھىم، زور خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشىنى ئۇزاققىچە بوشاشماي ئالغا سىلجىتىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات نەتىجىلىرى ئارقىلىق خەلق تۇرمۇشىغا تېخىمۇ ياخشى نەپ يەتكۈزۈشكە، كىشىلەر قەلبىنى تېخىمۇ ياخشى مۇجەسسەملەشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك.

تېز سۈرئەتتە قۇرۇلۇۋاتقان يۇرۇڭقاش سۇچىلىق تۈگۈنى قۇرۇلۇشى گوۋۇيۈەن بېكىتكەن سۇ تېجەش، سۇ بىلەن تەمىنلەشتىكى 172 تۈرلۈك مۇھىم، زور سۇچىلىق قۇرۇلۇشى تۈرلىرىنىڭ بىرى. ما شىڭرۇي قۇرۇلۇش نەق مەيدانىغا كېلىپ، ئالاقىدار خىزمەت تونۇشتۇرۇشىنى ئاڭلاپ، قۇرۇلۇش قىلىۋاتقان ئورۇنلاردىكى مەسئۇل يولداشلار بىلەن پاراڭلىشىپ، تۈرنىڭ ئومۇمىي يىرىك پىلانى، قۇرۇلۇش سۈرئىتى، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش قاتارلىق خىزمەتلەرنى تەپسىلىي كۆزدىن كەچۈرۈپ ۋە ئىگىلەپ مۇنداق تەكىتلىدى: مەركەز كارخانىلىرىنىڭ يېتەكچىلىك، ئۈلگىلىك رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، يۇقىرى ئۆلچەم، يۇقىرى سۈپەت، يۇقىرى ئۈنۈمدە قۇرۇلۇشنى ئالغا سىلجىتىپ، مۇھىم ئامىللار مۇلازىمەت كاپالىتىنى كۈچەيتىپ، مەسىلىلەرنى ۋاقتىدا ماسلاشتۇرۇپ ھەل قىلىپ، تۈرلەرنىڭ قەرەلىدە پۈتۈپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈشىگە تۈرتكە بولۇپ، رايون سۇ بايلىقىنى تەقسىملەش، پايدىلىنىش سەۋىيەسىنى ئۈنۈملۈك ئۆستۈرۈپ، تارىم ئويمانلىقىنىڭ ئېكولوگىيە ـ مۇھىتىنى ياخشىلاپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. قۇرۇلۇش سۈپىتىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى ياخشى تۇتۇپ، ھەقىقىي تۈردە تۈر قۇرۇلۇشىنى ھەر مىللەت ئاممىغا بەخت يارىتىدىغان خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى، خەلق رايى قۇرۇلۇشىغا ئايلاندۇرۇش كېرەك.

خوتەن ۋىلايىتى شۇ جايدىكى مول لىتىي، قوغۇشۇن ـ سىنك قاتارلىق رەڭلىك مېتال بايلىقىغا تايىنىپ، لوپ ناھىيەسىدە كۇنگاڭ ئىقتىساد ـ تېخنىكا تەرەققىيات رايونى (رەڭلىك مېتال كەسىپلەر باغچىسى) بەرپا قىلىشنى تېزلەتتى. ما شىڭرۇي باغچە رايونىنى پىلانلاش، قۇرۇش، تەرەققىي قىلدۇرۇش توغرىسىدىكى تونۇشتۇرۇشنى ئاڭلاپ، شىنجاڭ خوشاۋيۈن قوغۇشۇن ـ سىنك كېنى ئېچىش ۋە كوئېنلۇن لەنزۈەن لىتىي كەسپى، جىسۈن لىتىي كەسپى قاتارلىق كارخانىلارنىڭ تۈرلەرنى ئالغا سىلجىتىش، تېخنىكا ھۈنەر ـ سەنئىتى، يېشىل تەرەققىياتىغا ئالاقىدار ئەھۋاللىرىنى تەپسىلىي ئىگىلەپ، مۇنداق تەكىتلىدى: خوتەننىڭ ئەۋزەل كان مەھسۇلاتلىرى بايلىقىنى ئېچىش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىشقا تۈرتكە بولۇشنى ئەستايىدىل پىلانلاپ، پۈتۈن كەسىپ زەنجىرىنى چۆرىدەپ كارخانىلارنى جەلپ قىلىش، ماكانلاشتۇرۇش سالمىقىنى زورايتىپ، زەنجىرنى ئۇزارتىش، زەنجىرنى تولۇقلاش، زەنجىرنى كۈچەيتىشكە سىجىل تۈرتكە بولۇپ، كۆلەملەشتۈرۈپ، توپلاشتۇرۇپ تەرەققىي قىلدۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا كۈچلۈك تۈرتكە بولۇش كېرەك. باغچە رايونىنىڭ يۈرۈشلەشكەن ئۇل ئەسلىھەلىرىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مەبلەغ سېلىش مۇھىتىنى ھەقىقىي ياخشىلاپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك زامانىۋىلاشقان باغچە رايونى ئارقىلىق خوتەننىڭ يېشىل كانچىلىق تەرەققىيات ئېگىزلىكى بەرپا قىلىشىغا كۈچ قوشۇشىنى تەلەپ قىلدى.

ما شىڭرۇي تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش جەريانىدا مۇنداق تەكىتلىدى: جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشنى تېزلىتىش شىنجاڭ خىزمىتى پۈتۈن ۋەزىيىتىگە مۇناسىۋەتلىك. خوتەن ۋىلايىتى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭنى كۆزدىن كەچۈرگەندە قىلغان مۇھىم سۆزى، بەرگەن مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، سىياسىي يۈكسەكلىكنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، ئىشەنچنى چىڭىتىپ، پۇرسەتنى ئىگىلەپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ ئەمەلىي ئىش قىلىپ، ئەۋزەل بايلىقلارنى ئايلاندۇرۇشنى تېزلىتىپ، خەلق تۇرمۇشىنى زور كۈچ بىلەن كاپالەتلەندۈرۈپ ۋە ياخشىلاپ، ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش نەتىجىلىرى ئارقىلىق ھەر مىللەت ئاممىغا تېخىمۇ ياخشى نەپ يەتكۈزۈشى كېرەك. يېشىل كانچىلىقنى تېز تەرەققىي قىلدۇرۇپ، لىتىي ـ بېرىللىي كېنى، قوغۇشۇن ـ سىنك كېنى قاتارلىق نۇقتىلىق كان مەھسۇلاتلىرى بايلىقىنى ئېچىشنى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، باشلامچى كارخانىلارنىڭ تۈرتكە بولۇشىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، باغچە رايونىنىڭ كۆتۈرۈش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، كەسىپلەرنىڭ توپلىنىش ئېففېكتىنى كۈچەيتىپ، كۆلەملەشكەن، ئەقلىي ئىقتىدارلاشقان، يېشىللاشقان تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇپ، زامانىۋىلاشقان يېشىل كانچىلىق كەسىپ توپىنى تىرىشىپ بەرپا قىلىپ، دۆلەتنىڭ ئېنېرگىيە بايلىقى بىخەتەرلىكىگە پائال كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، رايون سۇ بايلىقىنى تەڭشەپ تەقسىملەش ۋە نۇقتىلىق سۇ تورى تايانچ قۇرۇلۇشى سالمىقىنى زورايتىپ، قاتناش، ئېنېرگىيە، كەسىپ، شەھەر ـ يېزا قۇرۇلۇشى قاتارلىق ساھەلەرنى چۆرىدەپ، نۇقتىلىق قۇرۇلۇش تۈرلىرى قۇرۇلۇشىنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات ئېھتىياجىغا تىرەك بولىدىغان زامانىۋىلاشقان ئۇل ئەسلىھە سىستېمىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، تەرەققىياتتىكى كەمتۈكلۈكلەرنى ئۈزلۈكسىز تولۇقلاش كېرەك. خەلقنىڭ بەخت ـ سائادىتىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇپ، ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشقا تۈرتكە بولۇش كۈچىنى سىجىل ئاشۇرۇپ، دىققەتنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش ۋە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشتىن ئىبارەت ئىككى چوڭ ئىشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش يۆنىلىشىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئىشقا ئورۇنلىشىش، كىرىمنى ئاشۇرۇشنى كۆپ يوللار ئارقىلىق ئىلگىرى سۈرۈپ، مۇھىم، زور خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشىنىڭ قۇرۇلۇش سۈپىتى ـ ئۈنۈمىنى سىجىل ئۆستۈرۈپ، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى ۋە خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشقا كۈچلۈك تۈرتكە بولۇش كېرەك. مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇپ، نىشان يۆنىلىشى، مەسىلە يۆنىلىشىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، رەھبىرىي كادىرلارنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش قابىلىيىتىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، گەۋدىلىك بوغما ھالەت چەكلىمىسىنى تېز ھەل قىلىپ، راستچىل ـ ئەمەلىيەتچىل بولۇش، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەش ئىستىلىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىقنى تۈگىتىپ، دائىم غېمىدە بولۇش مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى، مەسئۇلىيەتنى پائال زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىشتەك كۆتۈرەڭگۈ، جۇشقۇن روھىي ھالەت ئارقىلىق ۋەزىپىنى ياخشى ئادا قىلىپ، مەسئۇلىيەتنى تولۇق ئادا قىلىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتتا يېڭى ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.