تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

چىن قەلب، چىن ھېسسىيات بىلەن ئەمەلىي ئىش قىلىپ، بىر نىيەت، بىر مەقسەتتە خەلقنى غەمدىن خالاس قىلىش

− شىنجاڭ باش تېما تەربىيەسى داۋامىدا ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسىنى سىجىل ئۆستۈردى

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ يۈنمېي

«ھازىر كەنت داۋالاش ئۆيىگە يېڭى ئۈسكۈنىلەر كىرگۈزۈلدى، تېببىي خادىملار تېخىمۇ كەسىپلەشتى، كۆپچىلىك كېسەل كۆرسەتكەندە ناھىيە بازىرىغا بارمىسىمۇ بولىدىغان بولدى.» بۇ، جىمىسار ناھىيەسى ئەرگۇڭ بازىرى توگۇڭجيې شەرقىي كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى ياڭ گوجۈننىڭ يېقىندا يۈرىكى بىئارام بولۇپ كەنت داۋالاش ئۆيىدە كېسەل كۆرسەتكەندىن كېيىنكى ھەقىقىي تەسىراتى.

خەلق تۇرمۇشىدا كىچىك ئىش يوق، پۇقرالارنىڭ چوڭ - كىچىك ئىشلىرىغا كۆڭۈل بۆلۈش كېرەك. «كۆپچىلىك كېسەل كۆرسەتكەندە ناھىيە بازىرىغا بارمىسىمۇ بولىدىغان بولدى»، بۇ، پۇقرالارنىڭ ئاساسىي قاتلامنىڭ داۋالاش - ساقلىقنى ساقلاش سەۋىيەسىگە بولغان مۇئەييەنلەشتۈرۈشى، شۇنداقلا باش تېما تەربىيەسى داۋامىدىكى «ئەمەلىي ئىش قىلىش، خەلقنى غەمدىن خالاس قىلىش»قا بولغان ئاكتىپ ئىنكاسى.

باش تېما تەربىيەسى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى «ئەمەلىي ئىش قىلىش، خەلقنى غەمدىن خالاس قىلىش» خەلق تۇرمۇشىغا ئالاقىدار 18 تۈرلۈك ئەمەلىي ئىشنى بېكىتتى، 1 - تۈركۈمدە باش تېما تەربىيەسىنى قانات يايدۇرغان ئورۇنلار يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، تىزىملىك تۈزۈپ، تەدبىرلەرنى ئىنچىكىلەشتۈرۈپ، يۇقىرى - تۆۋەن ھەمتۈرتكە بولۇپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، مائارىپ، ياشانغانلار كۈتۈنۈش، تۇرالغۇ، داۋالاش قاتارلىق ساھەلەردىكى ئامما كۆڭۈل بۆلىدىغان ئالدىراۋاتقان، قىينىلىۋاتقان، غەم قىلىۋاتقان، تەقەززا بولۇۋاتقان مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا بىرتۇتاش پىلانلاپ تۈرتكە بولۇپ، چىن قەلب، چىن ھېسسىيات بىلەن ئەمەلىي ئىش قىلىپ، بىر نىيەت، بىر مەقسەتتە خەلقنى غەمدىن خالاس قىلدى. ھازىرغىچە، خەلق تۇرمۇشىغا ئالاقىدار 18 تۈرلۈك ئەمەلىي ئىشنىڭ ھەممىسىدە كۆرۈنەرلىك ئۈنۈم قولغا كەلتۈرۈلدى.

ئاممىنىڭ ئېھتىياجى دەل ھەرىكەت يۆنىلىشى

«ھازىر ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمىتى بەك جايىدا بولۇۋاتىدۇ، مەن يېڭىلا داشۆنى پۈتكۈزۈپ يۇرتۇمغا قايتىپ كەلگەندە، ناھىيەدىكى ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت تارمىقى مېنى <بىرگە بىر> ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىگىلىك تىكلەش بويىچە يېتەكلەش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىدى» دېدى بۇ يىل شىنجاڭ تەبىئىي پەن ۋە سانائەت پەنلىرى شۆيۈەنىنى پۈتكۈزگەن رەناگۈل مىجىت مىننەتدارلىق ھېسسىياتى بىلەن.

ئوقۇش پۈتكۈزۈش پەسلىدە، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت سىستېمىسىدىكىلەر ئائىلىلەرگە كىرىپ زىيارەت قىلىش، تېلېفوندا زىيارەت قىلىش، سانلىق مەلۇماتلاردىن ئورتاق بەھرىلىنىش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق، ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش ئەھۋالىغا قارىتا تېگى - تەكتىدىن ئېنىقلاشنى قانات يايدۇردى. رەناگۈل يۇرتىغا قايتىپ كېلىشىگىلا، ئونسۇ ناھىيەلىك ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسىنىڭ خىزمەتچى خادىملىرى ئۇنىڭ بىلەن ئالاقىلەشتى. «ئۇلار مېنىڭ ئوقۇش پۈتكۈزگەندىن كېيىنكى پىلانىمنى تەپسىلىي سورىدى ھەم ماڭا ئىش ئورنى تەۋسىيە قىلدى، ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەرنىڭ ئىگىلىك تىكلەش كېپىللىك قەرز پۇلى قاتارلىق سىياسەتلەرنى تەشۋىق قىلدى.» رەناگۈل مۇنداق دېدى: نۆۋەتتە مەن بۇ ناھىيەنىڭ كومسوموللار بازىرىدا ئىشقا ئورۇنلاشتىم.

ئىشقا ئورۇنلىشىش خەلق تۇرمۇشىنىڭ ئاساسى. باش تېما تەربىيەسى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىز ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمىتىنى ياخشى ئىشلەش، ئاممىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىشنى خەلق تۇرمۇشىدىكى ئەمەلىي ئىشلارنىڭ مۇھىم مەزمۇنى قىلىپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشقا ياردەم بېرىپ قەلبلەرنى ئىللىتىش ھەرىكىتى، شەھەر - يېزىلاردىكى ئاممىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىپ كىرىمىنى ئاشۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش ھەرىكىتى قاتارلىقلارنى قانات يايدۇردى. ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويغان بىر قاتار «بىرىكمە مۇشت»لارنىڭ تۈرتكىسىدە، ئىشقا ئورۇنلىشىش ۋەزىيىتى مۇقىملىق ئاساسىدا ياخشىلاندى.

«ئەڭ يېقىن يەسلىگە پىيادە قانچىلىك ۋاقىتتا يېتىپ بارغىلى بولىدۇ؟» «ھۆكۈمەت باشقۇرۇشىدىكى يەسلىلەردە يەنە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش كۆلىمى بارمۇ؟» ھەر قېتىم يېڭى ئوقۇش يىلى يېتىپ كەلگەندە، بالىلارنىڭ يەسلىگە كىرىش مەسىلىسى نۇرغۇن ئاتا - ئانىلار ئەندىشە قىلىدىغان، باش قاتۇرىدىغان ئىش بولۇپ قالدى.

بۇ يىل، ئاپتونوم رايونىمىز شەھەرلەردىكى ھۆكۈمەت باشقۇرۇشىدىكى يەسلىلەرنىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش كۆلىمى تەمىناتىنى ئاشۇرۇشنى ئاپتونوم رايوننىڭ باش تېما تەربىيەسىدىكى «ئەمەلىي ئىش قىلىش، خەلقنى غەمدىن خالاس قىلىش» بويىچە خەلق تۇرمۇشىغا دائىر ئەمەلىي ئىشلارنىڭ بىرى قىلىپ، 190 مىليون يۈەن مەخسۇس مەبلەغ ئاجرىتىپ، ھۆكۈمەت باشقۇرۇشىدىكى يەسلىدىن 11نى يېڭىدىن قۇرۇشنى قوللىدى.

ئىشىكى ئالدىدىكى قۇرۇلۇش باشلانغان يەسلىنى كۆرۈپ، قومۇل شەھىرىنىڭ ئاھالىسى جاڭ شياۋيۈن خۇشال ھالدا مۇنداق دېدى: «بالامنىڭ كېلەر يىلى يەسلىگە كىرىشىدىن غەم قىلمايدىغان بولدۇم، بىزنىڭ بالىمىزنى پىيادە ئاپىرىپ - ئەكىلىشىمىزگە پەقەت 10 مىنۇتلا كېتىدۇ، ناھايىتى قولايلىق بولىدىغان بولدى».

6 - ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىغىچە، يېڭىدىن قۇرۇلىدىغان 11 يەسلى تۈرىنىڭ ھەممىسىگە ئورۇن تاللاش تاماملاندى، مۆلچەرلىنىشىچە، قۇرۇلۇش پۈتكەندىن كېيىن يېڭىدىن كۆپىيىدىغان ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش كۆلىمى 3960 بولۇپ، بالىلارنىڭ يەسلىگە كىرىشى تەس بولۇش مەسىلىسىنى بەلگىلىك دەرىجىدە ھەل قىلىدىكەن.

ئاساسىي قاتلام داۋالاش - ساقلىقنى ساقلاش مۇلازىمىتى ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش ھەرىكىتىنىڭ ئىلگىرىلىشى ئوڭۇشلۇق بولدى، 3 - دەرىجىلىك دوختۇرخانىلار ناھىيە دەرىجىلىك دوختۇرخانىلارنىڭ يېڭىدىن 52 كىلىنىكىلىق نۇقتىلىق مەخسۇس بۆلۈم قۇرۇشىغا نىشانلىق ياردەم قىلدى ۋە يۆلىدى، 73 مىڭ ئادەم قېتىم يېڭى تېخنىكا، يېڭى تۈر بويىچە تەربىيەلەشنى قانات يايدۇردى؛ 30 مىڭ يۈرۈش كاپالەتلىك ئىجارە ئۆي قۇرۇلۇشىدا ئىش باشلىنىپ، پۈتۈن يىللىق نىشان - ۋەزىپىنىڭ %73.52ى تاماملاندى؛ ئاپتونوم رايون بويىچە ئۆلكە ئاتلاپ باشقا جايدا داۋالىنىش بويىچە كېسەلخانىدا يېتىش ھەققىنى راسچوت قىلىش بېكىتىلگەن داۋالاش ئاپپاراتىدىن 1998ى، ئۆلكە ئاتلاپ باشقا جايدا داۋالىنىش بويىچە ئادەتتىكى كېسەل كۆرسىتىش ھەققىنى بىۋاسىتە راسچوت قىلىش بېكىتىلگەن داۋالاش ۋە دورىگەرلىك ئاپپاراتىدىن 7441ى، ئامبۇلاتورىيەدە داۋالىنىدىغان ئالاھىدە سوزۇلما خاراكتېرلىك كېسەل ھەققىنى بىۋاسىتە راسچوت قىلىش بېكىتىلگەن داۋالاش ۋە دورىگەرلىك ئاپپاراتىدىن 1080ى تەسىس قىلىنغان بولۇپ، ئۆلكە ئاتلاپ باشقا جايدا داۋالانغانلارنىڭ «ئالدىن پۇل تۆلەش» ۋە «قاتراش» مەسىلىسى ئۈنۈملۈك ھەل قىلىندى...

باش تېما تەربىيەسى داۋامىدا، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەرقايسى تارماقلار، ئورۇنلار دىققەتنى خەلق ئاممىسى ئالدىراۋاتقان، قىينىلىۋاتقان، غەم قىلىۋاتقان، تەقەززا بولۇۋاتقان مەسىلىلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، ۋەزىپە - مەسئۇلىيەتنى تولۇق ئادا قىلىش ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، تىرىشىپ خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزىدىغان ئىشلارنى ئەمەلىي قىلدى، خەلق قەلبىنى ئىللىتىدىغان ئىشلارنى ئىنچىكە قىلدى، خەلق رايىغا ئۇيغۇنلىشىدىغان ئىشلارنى ياخشى قىلدى.

باش قاتۇرىدىغان ئىشلارنى قەلبنى ئىللىتىدىغان ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېجىرىش

باش تېما تەربىيەسى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى 1 - تۈركۈمدە باش تېما تەربىيەسىنى قانات يايدۇرغان ئورۇنلار چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، مەسىلىلەرنى ئىنچىكە تەكشۈرۈپ تېپىپ چىقىپ، ئامما كۆڭۈل بۆلىدىغان ھەربىر باش قاتۇرىدىغان ئىشنى قەلبنى ئىللىتىدىغان ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېجىردى.

7 - ئاينىڭ 5 - كۈنى، شىخو شەھىرىنىڭ يېزا ئىچىدىغان سۇ بىخەتەرلىكى قۇرۇلۇشى بويىچە رېمونت قىلىش، ئاسراش تۈرىنىڭ 1 - بەلگە بۆلەك قۇرۇلۇشى ئىش ئورنىدا، تۈر قۇرۇلۇشى قىلىۋاتقان تەرەپ ئېقىمنى تەڭشەش، بېسىمنى ئازايتىش كۆلچىكىنىڭ بېتون تاملىرىنى ياساۋاتاتتى ھەم تۇرۇبا ئورنىتىۋاتاتتى. بۇ تۈر ئىشلىتىلىشكە كىرىشتۈرۈلگەندىن كېيىن، شىخو شەھىرىنىڭ يېزا ئىچىدىغان سۇ سۈپىتى ۋە سۇ بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش نىسبىتىنى ئىنتايىن زور دەرىجىدە ئۆستۈرىدۇ، «بۇنداق بولغاندا بىز تېخىمۇ پاكىز، خاتىرجەم سۇ ئىچەلەيمىز» دېدى دائىم كېلىپ تۈرنىڭ ئىلگىرىلەش سۈرئىتىنى ئىگىلەيدىغان شىخو شەھىرى شىداگۇ بازىرى زاخسەن كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى يۈەن خەيجېڭ.

يېزا ئىچىدىغان سۇ قۇرۇلۇشى خەلق تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىدىغان، خەلقنىڭ قەلبىنى ئۇتىدىغان، ئېشىشنى مۇقىملاشتۇرىدىغان بىر تۈرلۈك خەلققە نەپ يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشى، شۇنداقلا يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىشتىكى بىر تۈرلۈك مۇھىم مەزمۇن. بۇ يىل، باش تېما تەربىيەسى داۋامىدا، ئاپتونوم رايون 539 جايدىكى يېزا ئىچىدىغان سۇ قۇرۇلۇشىغا قارىتا رېمونت قىلىش، ئاسراشنى يولغا قويۇشنى پىلانلىدى، بۇ تۈرلەر ئاپتونوم رايون بويىچە 11 ۋىلايەت (ئوبلاست، شەھەر)تىكى 30 ناھىيە (شەھەر، رايون)نى قاپلايدىغان بولۇپ، 2 مىليون 30 مىڭ يېزا نوپۇسىنى سۇ بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش سەۋىيەسىنى مۇستەھكەملەيدۇ، ئۆستۈرىدۇ. نۆۋەتتە، بۇ رېمونت قىلىش، ئاسراش تۈرلىرىدە ئومۇميۈزلۈك ئىش باشلىنىپ، قۇرۇلۇش قىلىنىۋاتىدۇ.

شىنجاڭدىكى يېزا تاشيوللىرىنىڭ قانداق ياسىلىشى دېھقانلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇشىغا بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك. باش تېما تەربىيەسى داۋامىدا، شىنجاڭ «تۆتتە ياخشى يېزا يولى» قۇرۇلۇشىنى «ئەمەلىي ئىش قىلىش، خەلقنى غەمدىن خالاس قىلىش»تىكى نۇقتىلىق تۈرلەرنىڭ بىرى قىلىپ، بۇ يىل 6000 كىلومېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى يېزا تاشيولىنى يېڭىدىن ئۆزگەرتىپ ياساپ، 5000 كىلومېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى يېزا تاشيولىدا بىخەتەرلىك بويىچە مۇداپىئەلىنىش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇپ، 100 خەتەرلىك كۆۋرۈكنى ئۆزگەرتىپ ياساپ، يېزا تاشيوللىرىنىڭ راۋان بولۇش سەۋىيەسى ۋە بىخەتەرلىك كاپالىتى سەۋىيەسىنى يەنىمۇ ئۆستۈرىدۇ.

نۆۋەتتە، ئاپتونوم رايون بېكىتكەن خەلق تۇرمۇشى ئەمەلىي ئىشلىرى ئىچىدە، يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېتىز قۇرۇش قۇرۇلۇشى مۇقىم ئالغا سىلجىتىلماقتا، يېزا - كەنتلەردە ئورمان بىنا قىلىپ كۆكەرتىش قۇرۇلۇشىنىڭ ئىلگىرىلىشى ئوڭۇشلۇق بولماقتا، بۇنىڭ ئىچىدە تەربىيەلەنگەن تېخنىك خادىم ھەم باغۋەن 1 مىليون 15 مىڭ ئادەم قېتىم بولۇپ، نىشان - ۋەزىپە نورمىدىن ئاشۇرۇپ تاماملاندى.

ئاممىنىڭ تەقەززاسىنى ئاممىنىڭ ئالقىشىغا ئايلاندۇرۇش

بۇ يىلدىن بۇيان، تۆمۈريول تىرانسپورت توشۇش كۈچى جىددىي بولغاچقا، شىنجاڭ لەنشەن تۈنخې پولىئېستېر چەكلىك شىركىتىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىگە ئېكسپورت قىلىدىغان مەھسۇلاتلىرى بىرمەھەل بېسىلىپ قالغانىدى. «ھازىر ياخشى بولدى، مەسىلە ھەل بولدى، كارخانىمىز ھەر ئايدا مۇقىم ھالدا ئوتتۇرا ئاسىيادىكى دۆلەتلەرگە 2000 توننىدىن ئارتۇق مەھسۇلات ئېكسپورت قىلىۋاتىدۇ» دېدى بۇ شىركەتنىڭ ماركېتىڭ باش نازارەتچىسى يىن جىيۈ.

مەسىلىنىڭ ھەل قىلىنىشى مەسئۇل تارماقلارنىڭ باش تېما تەربىيەسىگە بىرلەشتۈرۈپ چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى قانات يايدۇرۇپ، ئالاقىدار تارماقلار بىلەن بىرلىشىپ شىنجاڭ ئىچىدىكى سىرتقا يۈزلەنگەن كارخانىلار غەربكە ئېكسپورت قىلىش تۆمۈريول تىرانسپورت مېخانىزمىنى دەسلەپكى قەدەمدە ئورناتقانلىقىنىڭ پايدىسىدىن بولدى.

باش تېما تەربىيەسى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەرقايسى تارماقلار، ئورۇنلار باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئاساسىي مەقسەتنى ئەمەلدە كۆرسىتىپ خەلق ئۈچۈن بەخت يارىتىش توغرىسىدىكى مۇھىم تەلىپىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، ئىگىلەپ، تىجارەت - سودا مۇھىتىنى پائال ئەلالاشتۇرۇپ، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، كارخانىلارنىڭ قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىشىغا ياردەم بېرىش، تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش پائالىيىتىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتتى.

بىر تۈركۈم مەمۇرىي - كەسپىي خاراكتېرلىك ھەق ئېلىش تۈرلىرى ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى، 2023 - يىللىق نۇسخىدىكى ھۆكۈمەت باھا بېكىتىدىغان تىجارەت، مۇلازىمەت خاراكتېرلىك ھەق ئېلىش مۇندەرىجە تىزىملىكى ئېلان قىلىندى؛ «كارخانىلارنىڭ ھاياتلىق دەۋرىيلىكىگە چېتىلىدىغان <بىر ئىشنى بىرلا قېتىمدا بېجىرىش> باش تېمىسىدىكى يەتتە يۈرۈشلۈك كەسىپنى يولغا قويۇش لايىھەسى» بېسىپ تارقىتىلدى، كارخانا ئېچىش، كارخانىلارنى ئاددىي تەرتىپتە تىزىمدىن ئۆچۈرۈش، ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسىنى ئورنىتىشقا يوللاش قاتارلىق باش تېمىدىكى تۆت يۈرۈشلۈك كەسىپ تورغا چىقىرىلىپ يۈرۈشتۈرۈلدى؛ ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ ھېساباتتا نېسى قالغان پۇلىنى ئېنىقلاش خىزمىتى سىجىل قانات يايدۇرۇلدى؛ ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ بانكا كەسپى پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرى بىلەن مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش مۇددىئانامىسى ئىمزالىشىغا تۈرتكە بولۇندى... بىر قاتار تەدبىرلەرنىڭ ئارقا - ئارقىدىن يولغا قويۇلۇشى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى كارخانىلارنىڭ تەرەققىياتىغا كۈچلۈك مەدەت بەردى.

ماددىي تۇرمۇش ئېھتىياجىنىڭ ئىنتايىن زور دەرىجىدە قاندۇرۇلۇشىغا ئەگىشىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ مەنىۋى تۇرمۇشقا بولغان ئېھتىياجى تېخىمۇ ئۆستى.

«شىنجاڭ كۇتۇپخانىسىنىڭ 4 - قەۋىتىدىكى بۇ ئورۇن ئازادە ھەم تىنچ، ئورۇندۇقى راھەت بولۇپ، ناھايىتى ئاسانلا بېرىلىپ ئۆگىنىش قىلغىلى بولىدۇ...» توردىكى كىچىككىنە بىر ھەرىكەت ھالىتى يۈزلىگەن تورداشنىڭ دىققىتىنى تارتىپ، ھەمتۈرتكە بولۇشقا جەلپ قىلدى، بۇ، كۆپچىلىكنىڭ كىتاب ئوقۇش، ئۆگىنىش مۇھىتىغا بولغان ئېھتىياجىنى گەۋدىلەندۈرۈپ بەردى.

ئاممىنىڭ ساداسىغا ئىنكاس قايتۇرۇش ئۈچۈن، باش تېما تەربىيەسى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، شىنجاڭ كۇتۇپخانىسى ۋاقىتنى ئۇزارتىپ مۇلازىمەت قىلىشنى يولغا قويۇپ، 1 - قەۋەتتىكى كىتاب ئوقۇش رايونى، كىتاب ئوقۇش ئۆيى قاتارلىق رايونلارنى ئېچىۋېتىش ۋاقتىنى سەيشەنبىدىن يەكشەنبىگىچە سائەت 22گىچە ئۇزارتتى.

باش تېما تەربىيەسى ئۈنۈمىنىڭ قانداق بولۇشىدا، خەلق تۇرمۇشىدىكى گەۋدىلىك مەسىلىلەرنىڭ ھەل قىلىنىش ئەھۋالى مۇھىم ئۆلچەم ھېسابلىنىدۇ.

نۆۋەتتە، ئاپتونوم رايونىمىز چوڭقۇر قانات يايدۇرۇۋاتقان مەدەنىيەت، تەنتەربىيە ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈش پائالىيەتلىرىنىڭ شەكلى كۆپ خىل، مەزمۇنى مول بولدى؛ قىيىنچىلىقى بار، ئېغىر دەرىجىدىكى مېيىپلەرنىڭ ئۆيلىرىنى توسالغۇسىز قىلىپ ئۆزگەرتىش تۈرى تەدرىجىي ئالغا سىلجىتىلماقتا؛ ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىپ، ئەرزنى قوبۇل قىلغان ھامان بېجىرىش مېخانىزمى دەسلەپكى ئۈنۈمگە ئېرىشىپ، تۈرلۈك قىيىنچىلىق، ئىلتىماس - تەلەپلەردىن 132 مىڭ 700ى ھەل قىلىندى؛ «ئۈرۈمچى − سانجى − شىخەنزە» رايونىنىڭ ئاتموسفېرا مۇھىتىنى تۈزەش خىزمىتى مۇددەتكە بۆلۈپ، قەدەمگە بۆلۈپ تەدرىجىي ئالغا سىلجىتىلدى؛ «كۆمۈرنىڭ ئورنىغا توك ئىشلىتىش» (2 - قارارلىق) قۇرۇلۇشى تۈرى تەدرىجىي قانات يايدۇرۇلماقتا؛ قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش ۋە قۇمنى تىزگىنلەش قۇرۇلۇشى تېز ئالغا سىلجىتىلدى، بىر قىسىم ۋەزىپىلەر ئومۇميۈزلۈك تاماملاندى.

ئاپتونوم رايونىمىزدىكى كەڭ پارتىيەلىك كادىرلار باش تېما تەربىيەسى داۋامىدا تېزدىن ئامما ئارىسىغا بېرىپ، كەڭ دائىرىدە پىكىر ئېلىپ، ئاممىنىڭ ئەمەلىي قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىشىغا چىن كۆڭلىدىن ياردەم قىلىپ، تۈرلۈك خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىغا پۇختا تۈرتكە بولۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى ھەقىقىي ئۆستۈردى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.