تىيانشان تورى   ›   ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرى   ›   شۇجى خاتىرىسى

​باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭنى كۆزدىن كەچۈرگەنلىكىنىڭ بىر يىللىقىنى يېڭى كۈرەش باشلىنىش نۇقتىسى قىلىپ، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىپ، زامانىۋى كەسىپ سىستېمىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىش كېرەك

ما شىڭرۇي بىڭتۇەن 7 - شى خۇياڭخې شەھىرى ۋە ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا مۇنداق تەكىتلىدى​

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭنى كۆزدىن كەچۈرگەنلىكىنىڭ بىر يىللىقىنى يېڭى كۈرەش باشلىنىش نۇقتىسى قىلىپ، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىپ، زامانىۋى كەسىپ سىستېمىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىش كېرەك

​لى يىفېي تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشقا قاتناشتى

7 - ئاينىڭ 14 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى پارتىيە كومىتېتىنىڭ 1 - شۇجىسى، 1 - جېڭۋېي ما شىڭرۇي بىڭتۇەن 7 - شى خۇياڭخې شەھىرى ۋە ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىغا كېلىپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. سۈرەتتە: ما شىڭرۇي بىڭتۇەن 7 - شى خۇياڭخې شەھىرى شىنجاڭ جياڭخاۋ ئېلېكتىرون ماتېرىياللىرى چەكلىك شىركىتىدە، ھۈنەر - سەنئەت تەرتىپى ۋە مەھسۇلات كۆرگەزمىسىنى تەپسىلىي كۆرمەكتە. □ياڭ يابىن فوتوسى

شىنجاڭ گېزىتى، كۈنەس، 7 - ئاينىڭ 14 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: 7 - ئاينىڭ 14 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى پارتىيە كومىتېتىنىڭ 1 - شۇجىسى، 1 - جېڭۋېي ما شىڭرۇي بىڭتۇەن 7 - شى خۇياڭخې شەھىرى ۋە ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىغا كېلىپ، نۇقتىلىق كارخانا، مەدەنىيەت - ساياھەت مەنزىرە رايونى قاتارلىق جايلارغا چوڭقۇر چۆكۈپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭنى كۆزدىن كەچۈرگەنلىكىنىڭ بىر يىللىقىنى يېڭى كۈرەش باشلىنىش نۇقتىسى قىلىپ، سەمىمىي تاپشۇرۇقنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، سەمىمىي ئۈمىدنى يەردە قويماي، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، دىققەتنى ئەبەدىي ئەمىنلىككە مۇناسىۋەتلىك نېگىزلىك، ئۇللۇق، ئۇزاق مەزگىللىك خىزمەتلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ سىجىل كۈچەپ، خاس، ئەۋزەل كەسىپلەرنى يېتىلدۈرۈش، زورايتىشنى تېزلىتىپ، بىڭتۇەننىڭ شى، شەھەرلىرىنىڭ كۆتۈرۈش ئىقتىدارى ۋە تەرەققىيات ئىقتىدارىنى كۈچەپ ئۆستۈرۈپ، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرما تەرەققىيات سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتتا ئۈزلۈكسىز يېڭى بۆسۈش ھاسىل قىلىشقا تۈرتكە بولۇپ، يېڭى مۇساپىدە جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنى ئالغا سىلجىتىشقا كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشۇش كېرەك.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، بىڭتۇەننىڭ جېڭۋېيسى لى يىفېي تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشقا قاتناشتى.

خۇياڭخې شەھىرىدە، ما شىڭرۇي جياڭخاۋ ئېلېكتىرون ماتېرىياللىرى، جىڭنو يېڭى ئېنېرگىيەسى، گېرۇيتىڭ يېڭى ماتېرىياللىرى قاتارلىق شىركەتلەرگە كىرىپ، كارخانىنىڭ تىجارەت تەرەققىياتى ۋە تۈر قۇرۇلۇشى ئەھۋالىنى ئىگىلەپ، ئىشلەپچىقىرىش، يۈرۈشۈش، ھۈنەر - سەنئەت تەرتىپى ۋە ئېلېكتىرونلۇق ئاليومىن ياپراقچىسى، يۇقىرى ساپلىقتىكى كىرىستاللىق كىرېمنىي، بوركاربىد قاتارلىق مەھسۇلاتلار كۆرگەزمىسىنى تەپسىلىي كۆرۈپ، كارخانا مەسئۇللىرى ۋە بىرىنچى سەپتىكى ئىشچى - خىزمەتچىلەر بىلەن چوڭقۇر سۆھبەتلىشىپ، كارخانىلارنى كەسىپنىڭ ئالدىنقى سېپىنى نىشانلاپ، ئىلغار تېخنىكىلارنى تەتقىق قىلىش - يارىتىش، ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان مەھسۇلاتلارنى ئېچىش قاتارلىق جەھەتلەردە ئۈزلۈكسىز كۈچ سەرپ قىلىپ، تۈر قۇرۇلۇشىنى يۇقىرى ئۆلچەم، يۇقىرى سۈپەتتە ئالغا سىلجىتىپ، كەسىپ زەنجىرىنى ئۈزلۈكسىز ئۇزارتىپ، قوشۇلما قىممەتنى ئاشۇرۇپ، ئومۇمىي رىقابەت كۈچىنى ئۆستۈرۇپ، شى، شەھەرلەرنىڭ كەسىپ سىستېمىسىنى بەرپا قىلىش، شىنجاڭنىڭ يېڭى ئېنېرگىيە، يېڭى ماتېرىيال كەسپىنى زورايتىشنى كۈچلۈك تىرەك بىلەن تەمىنلەشكە ئىلھاملاندۇردى.

تومۇز كۈنلىرىدىكى شىنجاڭنىڭ ھەممە يەرلىرى سۈرەتتەك گۈزەل بولۇپ، كەينى - كەينىدىن يېتىپ كەلگەن ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلدى. ما شىڭرۇي مايتاغ - كۇچا تاشيولى، نارات مەنزىرە رايونىغا كېلىپ، مەنزىرە رايونى قۇرۇلۇشى، باشقۇرۇش، تىجارەت خىزمىتى توغرىسىدىكى تونۇشتۇرۇشنى ئاڭلىدى، نۆۋەتتىكى ساياھەتچىلەرنى كۈتۈۋېلىش، ساياھەت كىرىمى، مۇلازىمەت كاپالىتى قاتارلىق ئەھۋاللارنى تەپسىلىي سورىدى، ئىلىنىڭ ساياھەتچىلىكنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە تېز تۈرتكە بولۇپ، يېشىل ئېكولوگىيەنىڭ تارىخىي مەدەنىيەت بىلەن ئۆزئارا يۇغۇرۇلۇشى، رايون ئىچىدىكى ھەرقايسى ناھىيە، شەھەرلەرنىڭ مەدەنىيەت - ساياھەت كەسپىنىڭ ھەمتۈرتكىلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ساياھەت مەھسۇلاتلىرى ۋە مۇلازىمەت سۈپىتىنى زور كۈچ بىلەن ئۆستۈرۈپ، تىجارەت باشقۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، 100 مىليارد يۈەن كىرىم دەرىجىلىك ساياھەت كەسپىنى تىرىشىپ بەرپا قىلىشىنى تەلەپ قىلدى. ما شىڭرۇي مۇنداق تەكىتلىدى: ساياھەت بازىرى تەرتىپىنى زور كۈچ بىلەن قېلىپلاشتۇرۇپ، قانۇن ئىجراسىنى نازارەت قىلىش ۋە تەشۋىقات، يېتەكلەش سالمىقىنى زورايتىپ، شىنجاڭنىڭ ساياھەت داڭلىق ماركا ئوبرازىنى ھەقىقىي قوغداپ، دۆلەت ئىچى - سىرتىدىكى ساياھەتچىلەرنى خۇشال - خۇرام كېلىش، رازىمەنلىك ئىلكىدە قايتىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىپ، «شىنجاڭ ياخشى جاي» دېگەن ئالتۇن خەتلىك داڭلىق ماركىنى تېخىمۇ جۇلالاندۇرۇش كېرەك. ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى بىلەن ئېكولوگىيە - مۇھىتنى قوغداشنىڭ مۇناسىۋىتىنى توغرا بىر تەرەپ قىلىپ، گۈزەل شىنجاڭنىڭ سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغلىرىنى، كۆك ئاسمان، يېشىل ئوتلاقلىرىنى ياخشى قوغداش كېرەك.

ما شىڭرۇي تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش جەريانىدا مۇنداق تەكىتلىدى: باش شۇجى شى جىنپىڭ بۇلتۇر 7 - ئايدا شىنجاڭغا كېلىپ كۆزدىن كەچۈرگەندە، شىنجاڭنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىقى ئۈچۈن تومۇر تۇتۇپ يۆنىلىش بەلگىلەپ، ھەر مىللەت خەلقنىڭ بەخت - سائادىتىنى ئاشۇرۇشقا يول كۆرسىتىپ، يول باشلاپ، شىنجاڭنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىدە يېڭى مۇۋەپپەقىيەتلەرنىڭ قولغا كەلتۈرۈلۈشى، تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدا يېڭى قىياپەتنىڭ نامايان بولۇشىغا تۈرتكە بولدى. بىز سىياسىي يۈكسەكلىكنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭنى كۆزدىن كەچۈرگەندە قىلغان مۇھىم سۆزى، بەرگەن مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى باشتىن - ئاخىر قۇدرەتلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قىلىپ، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ ئوخشاش يۆنىلىشتە كۈچىشى، يۇغۇرما تەرەققىياتىدا چىڭ تۇرۇپ، ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىدا ئۈزلۈكسىز يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇلۇشىدا يېڭى تېخىمۇ زور قەدەم تاشلىشىمىز كېرەك. سەمىمىي تاپشۇرۇقنى باشتىن - ئاخىر ئەستە چىڭ ساقلاپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭنى كۆزدىن كەچۈرگەندە قىلغان مۇھىم سۆزى، بەرگەن مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى سىجىل، چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا چۈشىنىش، قەتئىي بوشاشماي تۈرتكە بولۇش، كەم - كوتسىز ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە كۈچ سەرپ قىلىپ، باش شۇجىنىڭ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ سەمىمىي غەمخورلۇقىنى مەسئۇلىيەتنى تولۇق ئادا قىلىش، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىش، شىنجاڭنىڭ زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىشتىكى ئەمەلىي ھەرىكەتكە ئۈزلۈكسىز ئايلاندۇرۇش كېرەك. ئەمەلىي ئىقتىسادنى يېتىلدۈرۈپ، زورايتىپ، ئۆز بايلىق ئەۋزەللىكى، ئاساسىي شارائىتنىڭ «سەككىز چوڭ كەسىپ توپى» قۇرۇش بىلەن بولغان بىرىكىش نۇقتىسى، باشلىنىش نۇقتىسى، كۈچەش نۇقتىسىنى يەنىمۇ توغرا تېپىپ چىقىپ، ئەۋزەل كەسىپلەرنى يېتىلدۈرۈش، زورايتىشنى تېزلىتىپ، يېتەكچى كەسىپنى كۈچلۈك، پۇختا قىلىپ، كەسىپ ئاساسىنى كۈچەپ پۇختىلاپ، كەسىپ قۇرۇلمىسىنى ئەلالاشتۇرۇپ، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ كەسىپ تىرىكىنى ئۈزلۈكسىز پۇختىلاش كېرەك. ساياھەتچىلىكنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، ئۇل ئەسلىھەلەرنىڭ ئىقتىدار دەرىجىسىنى سىجىل ئۆستۈرۈپ، ساياھەت يېڭى كەسىپ ھالىتى، يېڭى ئەندىزىسىنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇپ، زامانىۋى مەدەنىيەت ۋە ساياھەت بازىرى سىستېمىسىنى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، شىنجاڭ مەدەنىيەت - ساياھىتىنىڭ جەلپ قىلىش كۈچى، تەسىر كۈچى ۋە ئومۇمىي ئەمەلىي كۈچىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇپ، دۇنيا دەرىجىلىك ساياھەت مەنزىلگاھىنى تىرىشىپ بەرپا قىلىپ، مەدەنىيەت بىلەن ساياھەتنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرما تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، كىرىمنى ئاشۇرۇش ۋە ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئالاقىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، يۇغۇرۇلۇشىنى تېخىمۇ ياخشى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. بىڭتۇەننىڭ تەرەققىيات ئىقتىدارىنى كۈچەپ ئۆستۈرۈپ، قاتناش رايون ئورنى، ئېنېرگىيە بايلىقى، سىياسەت مېخانىزمى قاتارلىق ئەۋزەللىكى، يوشۇرۇن كۈچىنى چوڭقۇر قېزىپ، كېڭەيتىپ، بىڭتۇەننىڭ شى، شەھەر، تۇەن - مەيدانلىرىنىڭ كەسىپلەرنى توپلاشتۇرۇش، نوپۇس كۆتۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئىقتىدارىنى تېز ئۆستۈرۈپ، ئىقتىسادىي كۆلەمنى سىجىل زورايتىپ، يېڭى تىپتىكى شەھەر - بازارلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى ھەقىقىي تېزلىتىپ، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرما تەرەققىياتىغا كۈچلۈك تۈرتكە بولۇپ، ھەر مىللەت ئىشچى - خىزمەتچىلەر، ئاممىنىڭ خەلق تۇرمۇشى بەخت - سائادىتىنى ئاشۇرۇپ، بىڭتۇەننىڭ فۇنكسىيەلىك رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇش كېرەك.

ياڭ شيۇلى قاتارلىقلار تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشقا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.