تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

مېۋىلەر مەي باغلىغان جەلپكار شىنجاڭ | تومۇز بىلەن تەڭ «مېۋە خانىشى» ئەنجۈر پىشتى!

   ئىلاۋە: شىنجاڭ مەي باغلاپ پىشقان شېرىن مېۋىلىرى بىلەن داڭلىق. شىنجاڭنىڭ ئۆزگىچە ھاۋا رايى كىلىماتى، مول يورۇقلۇق بايلىقى شىنجاڭدا ھەر خىل مېۋىلەرنىڭ بەھۇزۇر مەي باغلاپ پىشىشىنى يېتەرلىك شارائىت بىلەن تەمىنلەيدۇ. تۇرپان ئۈزۈمى، قومۇل قوغۇنى، ئاقسۇ ئالمىسى، كورلا نەشپۈتى ... ئۆز پەسلىدە راسا پىشقاندا شېرىن ھىدى دىمىقىغا ئۇرۇلغان ھەرقانداق بىرەيلەن «يېيىشنى رەت قىلىش»قا ئامالسىز قالىدۇ. 5-ئاي ياز مېۋىلىرى ئىچىدىكى ئەڭ ئاۋۋال پىشىدىغان ئۈجمە بىلەن باشلانسا، 11-ئاي قەشقەرنىڭ قىپقىزىل ئانارلىرى، ئاقسۇنىڭ بىڭتاڭ ئالمىسى، كورلىنىڭ نەشپۈتى، مەكىتنىڭ چىلانلىرى بىلەن، يېتىپ كېلىۋاتقان سوغۇققا مەردانە ئىللىقلىق، شېرىن دەملەر ئاتا قىلىدۇ. بۇ جايدا، ھەر مېۋە ئۆز پەسلىدە بۇرچىنى ئۇنۇتماي، تەر تۆكۈپ ئەجىر قىلغان مېھنەتكەشلەرگە مىننەتدارلىقىنى بىلدۈرىدۇ. شىنجاڭدا، مېۋىلەر چېچەكلىرىنى ئاچىدىغان باھار، مەي باغلايدىغان ياز، تۆكمە ھوسۇلىنى سۇنىدىغان كۈز ... بۇ مېۋىلەر پەسلى تولىمۇ گۈزەل! تىيانشان تورىمىز شىنجاڭدىكى خاس مېۋە-چېۋىلەرنى ھەر جەھەتتىن يىراق-يېقىندىكىلەرگە ئەتراپلىق تونۇشتۇرۇش، گۈزەل مېۋە پەسلىدىكى گۈزەل ھېكايىلەرنى ئېيتىپ بېرىش ئۈچۈن، مېۋە-چېۋىلەرنى «ئىز قوغلاپ زىيارەت» قىلىپ تورداشلارغا سۇنىدۇ. 

 يوپۇغا ناھىيەلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزىدىن ئارزىگۈل فوتوسى 

   ئىسمى: شىنجاڭ ئەنجۈرى

   چىقىدىغان جايى: شىنجاڭ جۇڭگودىكى ئەنجۈر ئەڭ كۆپ ئۆستۈرۈلىدىغان رايون بولۇپ، ئاساسلىقى ئاتۇش، قەشقەر، يەكەن، قاغىلىق، خوتەن، كورلا، ئاقسۇ ۋە تۇرپان ئويمانلىقىغا تارقالغان.

    سۈپەت ئالاھىدىلىكى:  شەكلى يېسسى يۇمىلاق، پوستى نېپىز، مېۋىسى يۇمران، تاتلىق، يېپىشقاق، شىرنىسى قويۇق.

شىنجاڭ ئەنجۈرىنىڭ «مېۋە خانىشى» دېگەن گۈزەل نامى بار

يەنە «دەرەختىكى شېكەر مانتا» دەپمۇ ئاتىلىدۇ

ئۇ ئەلا سۈپەتلىك، تەمى ئۆزگىچە بولۇپ

داڭقى پۈتۈن مەملىكەتكە تارقالغان

 يوپۇغا ناھىيەلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزىدىن ئارزىگۈل فوتوسى

ھەر يىلى ئەنجۈر پىشقان پەسىل

دەل شىنجاڭ ساياھىتىنىڭ ئالتۇن پەسلىگە توغرا كېلىدۇ

تومۇز بىلەن تەڭلا

ئەنجۈرلەرمۇ پىشىپ راسا قىيامىغا يېتىدۇ 

شېخىدىن بىردىن-بىردىن ئاۋايلاپ ئۈزۈۋېلىنغان ئالتۇندەك ساپسېرىق ئەنجۈرلەر

چىرايلىق پەتنۇسلارغا رەتلىككىنە تىزىپ سېلىنىپ

ئاۋات رەستىلەردە توۋلاپ سېتىلىدۇ 

ئۇنىڭ دىماغنى يارىدىغان خۇش ھىدى ئەتراپنى بىر ئېلىپ

نۇرغۇن ساياھەتچى ئىختىيارسىز پەتنۇس ئەتراپىغا ئولىشىپ نەچچىنى سېتىۋالىدۇ 

ئۇنىڭ ھەر بىر دانىسىنىڭ تەمى تىللارنى شېرىن، دىللارنى خۇش قىلىدۇ

يېگەن كىشىگە مېۋىلەر ئىچىدىكى يەنە بىر ئۆزگىچە تەمنى بەخش ئېتىدۇ 

يوشۇرۇن! ئۇ چېچىكىنى مېۋىسىگە يوشۇرۇۋالىدۇ

   ئەنجۈر دەرىخىنىڭ ئاتىلىق-ئانىلىقى بىر-بىرىدىن پەرقلىنىدۇ، چېچىكى خالتىسىمان گۈل تەگلىكى ئىچىگە يوشۇرۇنغان بولۇپ، ئادەتتە كىشىلەر ئۇنىڭ مېۋىسىنى كۆرۈپ، چېچىكىنى كۆرمەيدۇ، شۇڭا دۆلەت تىلىمىزدا «无花果» يەنى، «چېچەكسىز مېۋە، چېچىكى يوق مېۋە» دەپ ئاتىلىدۇ.

   كىشىلەر ئىختىيارسىز «ئەنجۈر مېۋىمۇ؟ ئۇنىڭ زادى چېچىكى بارمۇ-يوق؟» دەپ سورىشىدۇ. ئەمەلىيەتتە، ئەنجۈرنىڭ چېچىكى بار بولۇپلا قالماي، بەلكى يەنە شۇنداق كۆپ، پەقەت بىز ئادەتتىكى كۆز بىلەن كۆرەلمەيمىز، ئۇلار ئۆرۈلگەن چېچەك ھېسابلىنىدۇ،  ئادەتتە بىز يەيدىغان ئەنجۈر پەقەت گۈل تەگلىكى يوغىنىغان «مېۋە ئېتى شارچىسى» بولۇپ، ھەقىقىي مەنىدىكى مېۋە ئەمەس. 

   ئەنجۈر مېۋىسىنىڭ چوققا تەرىپىدە ئاتىلىق گۈلى، تېگىدە ئانىلىق گۈلى بولىدۇ، شۇڭا چېچەك بىلەن مېۋىنى سىرتقى كۆرۈنۈشىگە قاراپلا پەرقلەندۈرگىلى بولمايدۇ. بىز ئەنجۈرنى يارغاندىن كېيىن كۆرگەن پاختىسىمان قىسمى دەل ئۇنىڭ چېچىكى، دەل كىشىلەر ئادەتتە يەيدىغان «ئەنجۈر» دەل ئەنجۈر چېچىكىنىڭ بىر قىسمى.

   «قارىماققا چېچىكى يوقتەك كۆرۈنسىمۇ، ئەمما چېچىكى بار». ئەنجۈر بەئەينى بىر «كەپسىز» مېۋە، مۆكۈشمەك ئويناشقا ئامراق، ئەمەلىيەتتە، ئۇ چېچىكى ۋە مېۋىسىنى ئاشۇ «مېۋە ئېتى شارچىسى»نىڭ ئىچىگە يوشۇرۇپ قويىدۇ. بۇ «مېۋە ئېتى شارچىسى»نىڭ ئۈستۈنكى قىسمىدا پەقەت بىر كىچىك ئېغىز ئېچىلغان بولۇپ، ئوتتۇرىسى ئولتۇرۇشۇپ كەتكەن. ئولتۇرۇشقان قىسمىنىڭ ئەتراپىدا نۇرغۇن كىچىك چېچەكلەر ئېچىلىدۇ، مانا بۇ «يوشۇرۇن باشسىمان گۈل رېتى» بولۇپ، ئۇنىڭ چېچىكى «مېۋە ئېتى شارچىسى»نىڭ ئىچىگە يوشۇرۇنغان بولىدۇ، ئەنجۈر گۈل رېتىنىڭ ئايرىلىپ چىققان شاخلىرى يوغىناپ ئەتلىك گۈل تەگلىكىنى شەكىللەندۈرىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىدە چېچەك بولىدۇ، گۈل تەگلىكى تۆت ئەتراپتىن چېچەك بىلەن ئۆزئارا پاراللېل يۈزىنى ئوراپ تۇرىدۇ، شۇنىڭ بىلەن يوشۇرۇن باشسىمان گۈل رېتى شەكىللىنىدۇ، مېۋىلىگەن مېۋە يوشۇرۇن باشسىمان مېۋە بولىدۇ.

تارىخى ئۇزۇن! كىچىككىنە « خاسىيەتلىك مېۋە» قەيەردىن كەلگەن 

  ئەنجۈر ئىنسانلار ئەڭ بۇرۇن ئۆستۈرگەن مېۋىلىك دەرەخ تۈرلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، مىلادىيەدىن ئىلگىرىكى 3000-يىللار ئەتراپىدىن ھازىرغىچە بولغان 5000 يىلغا يېقىن ئۆستۈرۈش تارىخىغا ئىگە. شىنجاڭنىڭ تەبىئىي شارائىتى ئەنجۈرنىڭ ئۆسۈشىگە ناھايىتى ماس كېلىدۇ، شىنجاڭ ئەنجۈرىنىڭ مەھسۇلات مىقدارى، سۈپىتى مەملىكەت بويىچە بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ.

   خوتەن شەھىرىدىن تەخمىنەن 15 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى خوتەن ناھىيەسىنىڭ لايقا يېزىسىدىكى بىر تۈپ ئەنجۈر دەرىخى خوتەن ئەنجۈر شاھى، دەپ ئاتالغان. بۇ ئەنجۈر دەرىخى 500 يىلدىن ئارتۇق تارىخقا ئىگە. ئۇنىڭ پەقەت بىرلا يىلتىز سىستېمىسى بار، ئەمما شاخلىرى گىرەلىشىپ كەتكەن، دەرەخ تاجىسى بۈك-باراقسان بولۇپ، ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى تەخمىنەن 1.5 مو كېلىدۇ. بۇ دەرەخ ھەر يىلى ئۈچ قېتىم مېۋە بېرىدۇ، يىلىغا 20 مىڭ تال ئەنجۈر چۈشىدۇ.

   ئەنجۈر مېۋىسىنىڭ ئوزۇقلۇقى مول، تەركىبىدە مول ئامىنو كىسلاتاسى، كۆپ خىل ۋىتامىن ۋە ئادەم بەدىنىگە ئېھتىياجلىق بولغان كۆپ خىل مىنېرال ماددىلار بار. شۇڭا شىنجاڭ ئەنجۈرى ئىلگىرى «خاسىيەتلىك مېۋە» ۋە «ئادەمگىياھ مېۋىسى» دەپ ئاتالغان.

   7-ئايدىن 10-ئايغىچە قەشقەر، ئاتۇشتىكى مېۋىلىك باغلاردا ئالتۇن مونەكلەر يالتىرايدۇ، بۇ مەزگىل قەشقەرگە كېلىپ ساياھەت قىلىشنىڭ دەل پەيتى.

تاتلىق! شىرنىسى تۇنجى مۇھەببەتتىنمۇ شېرىن 

   ئەنجۈر مېۋىسىنىڭ شەكلى يېسسى يۇمىلاق، پوستى نېپىز، مېۋىسى يۇمران، تاتلىق، يېپىشقاق، شىرنىسى قويۇق، قەنت تەركىبى %74تىن يۇقىرى، تەمى تاتلىق، ئوزۇقلۇق قىممىتى مول. شىنجاڭدا، شۇ جايدىكى ئامما ئۇنى «دەرەختىكى شېكەر مانتا» دەپ ئاتايدۇ، بىرلا چىشلىسىڭىز شۇنى ھېس قىلىسىزكى، شىرنىسى تۇنجى مۇھەببەتتىنمۇ شېرىن!

    ئەنجۈر ھەم ھۆل ئىستېمال قىلىنىدىغان مېۋە ھەم بىر خىل جۇڭيى دورا ماتېرىيالى، بۇنداق «مېۋە خانىشى»دا گۈزەل قىياپەت بىلەن ئېسىل سالاپەت تەڭلا ھازىرلانغان، مېۋىلىكى بىلەن دورىلىقى تەڭلا يېتىلگەن. «دورا ئۆسۈملۈكلەر قامۇسى»دا مۇنداق خاتىرىلەنگەن: «ئەنجۈرنىڭ تەمى تاتلىق، زەھەرسىز، ئىشتىھانى ئاچىدۇ، ئىچى سۈرۈشنى توختىتىدۇ، بەش خىل گېموروي، گال ئاغرىقىنى داۋالايدۇ».

     ئەنجۈر يەنە ئۆمۈر مېۋىسى، شېرىن مېۋە، دەپمۇ ئاتىلىدۇ، ئۈجمە ئائىلىسىدىكى يوپۇرماق تاشلايدىغان چاتقال ياكى كىچىك دەرەخ بولۇپ، ماسلىشىشچانلىقى كۈچلۈك، ئۆستۈرۈش ئاسان، مەبلەغ ئاز كېتىدىغان، تېز ئۈنۈم بېرىدىغان، كېسەللىك ۋە ھاشارات زىيانداشلىقى ئاز، ئەڭ ئېچىش ئىستىقبالىغا ئىگە مېۋىلىك دەرەخ. ئەنجۈرنىڭ شاخچىلىرى توم، تۈكسىز، يوپۇرمىقى تەتۈر تۇخۇمسىمان ياكى يۇمىلاق شەكىللىك، مېۋىسى يېسسى يۇمىلاق ياكى تۇخۇمسىمان، سورتلار ئارىسىدا چوڭ-كىچىكلىك پەرقى ناھايىتى چوڭ، پىشقاندىن كېيىن ئۇچى يېرىلىدۇ، مېۋە پوستى يېشىلدىن سۆسۈن قوڭۇر رەڭگە ئۆزگىرىدۇ، مېۋە ئېتى ھال رەڭدىن قېنىق قىزىل رەڭگە ئۆزگىرىدۇ، يېڭى پېتى ئىستېمال قىلغاندىن باشقا، يەنە قۇرۇق مېۋە، بالقاق، مېۋە مۇرابباسى، قاق، مېۋە تالقىنى، مېۋە ھارىقى، كونسېرۋا، ئىچىملىك، شۇنداقلا قەنت-گېزەك، پېچىنە-پىرەنىك ماتېرىيالى قىلىشقا بولىدۇ.

  شىنجاڭ ئەنجۈرى پۇراقلىق، تەمى تاتلىق، ئوزۇقلۇق تەركىبى مول. مېۋە شەربىتى تەركىبىدە كۆپ خىل ئورگانىك كىسلاتا ۋە ئېنزىم بار. ئۇنىڭ دورىلىق قىممىتىمۇ ناھايىتى يۇقىرى بولۇپ، تەركىبىدە گىلۇكۇزا، ئاقسىل، ۋىتامىن A، B،C ۋە لىمون كىسلاتاسى ھەمدە كالتسىي، تۆمۈر قاتارلىق تەركىبلەر مول بولۇپ، مېۋە ھەم دورىلىقىدىن تەڭ پايدىلىنىدىغان ئۆسۈملۈك ھېسابلىنىدۇ.

ناھايىتى كۆپ! ساقلىقنى ساقلاش، كۈتۈنۈش ئۈنۈمىنى ساناپ تۈگەتكىلى بولمايدۇ

ماتېرىيال سۈرەت: 2022-يىلى 6-ئاينىڭ 27-كۈنى، ساياھەتچىلەر قەشقەر قەدىمىي شەھەر مەنزىرە رايونىدا ئەنجۈر سېتىۋالماقتا. تىيانشان تورى-شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى زوۋ يى فوتوسى 

   «مېۋە خانىشى» دەپ نام ئالغان ئەنجۈرنىڭ مېۋىلىكى ۋە دورىلىقى تەڭ ئىشلىتىلىپلا قالماي، ساقلىقنى ساقلاش، كۈتۈنۈش ئۈنۈمىنىڭ كۆپلۈكىدىن ساناپ تۈگەتكىلى بولمايدۇ.

   تالنى ساغلاملاشتۇرۇپ تاماق سىڭدۈرىدۇ، ئۈچەينى سىلىقلاپ تەرەتنى راۋانلاشتۇرىدۇ

   ئەنجۈرنىڭ تەركىبىدە ئالما كىسلاتاسى، لىمون كىسلاتاسى، ياغ ئېنزىمى، ئاقسىل ئېنزىمى، گىدرولىزلىغۇچى ئېنزىم قاتارلىقلار بار بولۇپ، ئادەم بەدىنىنىڭ يېمەكلىكلەرنى ھەزىم قىلىشىغا ياردەم بېرىپ، ئىشتىھانى ئاچىدۇ، يەنە ئۇنىڭ تەركىبىدە كۆپ خىل ياغ بولغاچقا، ئۈچەينى سىلىقلاپ تەرەتنى راۋانلاشتۇرۇش ئۈنۈمىگە ئىگە.

   قان تەركىبىدىكى ماي مىقدارىنى تۆۋەنلىتىدۇ، قان بېسىمنى چۈشۈرىدۇ 

   ئەنجۈر تەركىبىدىكى ياغ ئېنزىمى، گىدرولىزلىغۇچى فېرمېنت قاتارلىقلارنىڭ قان تەركىبىدىكى ماي مىقدارىنى تۆۋەنلىتىش ۋە پارچىلاش ئىقتىدارى بار، شۇڭا قاندىكى ماينى تۆۋەنلىتىپ، ماينىڭ قان تومۇرلارغا چۆكىشىنى ئازايتىپ، قان بېسىمىنى تۆۋەنلىتىپ، تاجىسىمان ئارتېرىيىلىك يۈرەك كېسەللىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش رولىنى ئوينايدۇ.

   يۇتقۇنچاقنى راۋانلاشتۇرۇپ ئىششىقنى ياندۇرىدۇ 

  ئەنجۈر تەركىبىدە لىمون كىسلاتاسى، تاغ دېنى كىسلاتاسى، كەھرىۋا كىسلاتاسى، ئالما كىسلاتاسى، بىنيى كىسلاتاسى، چۆپ كىسلاتاسى، خىنىن كىسلاتاسى قاتارلىق ماددىلار بار بولۇپ، ياللۇغقا قارشى تۇرۇپ ئىششىقنى ياندۇرۇش ئۈنۈمىگە ئىگە، يۇتقۇنچاقنى راۋانلاشتۇرۇپ ئىششىقنى ياندۇرۇشقا پايدا قىلىدۇ.

   ئوزۇقلۇق تولۇقلايدۇ

   ئەنجۈر تەركىبىدە كۆپ مىقداردا قەنت، ياغ ، ئاقسىل، سېللۇلوزا، ۋىتامىن، ئانئورگانىك تۇز ۋە ئادەم بەدىنى ئېھتىياجلىق بولغان ئەنجى كىسلاتاسى قاتارلىقلار بولۇپ، ئادەم بەدىنىدىكى ئوزۇقلۇق تەركىبلىرىنى ئۈنۈملۈك تولۇقلاپ، ئورگانىزمنىڭ كېسەلگە قارشى تۇرۇش ئىقتىدارىنى ئاشۇرىدۇ.

   راكنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ، راكقا قارشى تۇرىدۇ 

   پىشمىغان ئەنجۈر مېۋىسىنىڭ سۈت بوتقىسىدا جىن كېۋىزى، فۇگەن لاكتونى قاتارلىق ئاكتىپ تەركىبلەر بار، ئۇنىڭ پىشقان مېۋىسىنىڭ شىرنىسىدىن بىر خىل خۇش پۇراق ماددا «بېنزالدېگىد»نى ئايرىۋالغىلى بولىدۇ، ھەر ئىككىسى راكنىڭ ئالدىنى ئېلىش، راكقا قارشى تۇرۇش رولىغا ئىگە بولۇپ، جىگەر راكى، ئۆپكە راكى، ئاشقازان راكىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ، يۆتكىلىشچان بەز راكى، لىمغا مۇسكۇل ئۆسمىسىنىڭ تەرەققىياتىنى كېچىكتۈرۈپ، ئۇنىڭ چېكىنىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

يېڭى! يىراق-يېقىندىكىلەرنىڭ ئۈستىلىگە تەمى يېڭى پېتى يېتىپ كەلدى

   ھازىر، شىنجاڭدىكى ئەنجۈر چىقىدىغان ئاساسلىق رايونلاردا ئەنجۈرلەر ئارقا-ئارقىدىن پىشىشقا باشلىدى، دۆلەت ئىچىدە زاكاز ئېھتىياجى زور بولغاچقا، ھازىر ھەر كۈنى ھاۋا تىرانسپورتى ئارقىلىق نەچچە ئون مىڭ دانە يېڭى مېۋە شىنجاڭدىن توشۇلماقتا، مېۋە ئۈزۈش پەسلى 10-ئايغىچە داۋاملىشىدۇ.

  شىنجاڭ دۆلىتىمىزدىكى ئەنجۈر ئەڭ كۆپ چىقىدىغان رايون بولۇپ، ئاساسلىقى ئاتۇش، قەشقەر، يەكەن، قاغىلىق، خوتەن، كورلا، ئاقسۇ ۋە تۇرپان ئويمانلىقىغا تارقالغان. بۇنىڭ ئىچىدە، «ئەنجۈر ماكانى» ئاتۇشنىڭ ئەنجۈرى ئەڭ داڭلىق.

   ئىلگىرى، ئەنجۈر شىنجاڭدا «ناھايىتى ئاز كىشىلەرلا يېيەلەيدىغان مېۋە»گە تەۋە بولۇپ، يېڭى پېتى ساقلاش تەس ئىدى، شىنجاڭنىڭ سىرتىدىكى ئىستېمالچىلار بولسا ئۇنى تېتىپ بېقىشقا ناھايىتى تەقەززا بولاتتى. ئەنجۈرنىڭ مېۋىسى ناھايىتى يۇمران بولۇپ، ئاسان ساقلىغىلى ۋە توشۇغىلى بولمىغاچ، سۈپەت كاپالەت مۇددىتى پەقەت بىر-ئىككى كۈنلا ئىدى، شىنجاڭدىن باشقا جايلاردىكى ئىستېمالچىلار شىنجاڭغا كەلمىسە، شىنجاڭنىڭ ئەنجۈرلىرىنى تېتىيالمايتتى، ئەنجۈر چىقىدىغان جايدىكى پۇقرالار كۆپىنچە ئەنجۈرلەرنى ئاپتاپقا سېلىپ قۇرۇتۇپ، ئاندىن باشقا جايلارغا ئاپىرىپ ساتاتتى.

ئاتۇش شەھەرلىك ئېلېكتىرونلۇق سودا ئاممىۋى مۇلازىمەت مەركىزىنىڭ خىزمەتچىلىرى ئەنجۈرنى ئوراپ قاچىلىماقتا. شيې جى فوتوسى 

   بۈگۈنكى كۈندە، ئەنجۈرنى يېڭى پېتى ساقلاش تېخنىكىسى ۋە مېۋىنى ئىنچىكە پىششىقلاش ئەنجۈرنى شىنجاڭدىن سېتىپ چىقىرىش قىيىن بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭ ئەنجۈرى ئازوت گازى بىلەن يېڭى پېتى ساقلاندى، سۈپەت كاپالەت مۇددىتى 7 كۈندىن 20 كۈنگىچە ئۇزارتىلدى، سوغۇق زەنجىرسىمان ئەشيا ئوبوروتى ئارقىلىق، جېجياڭ، شاڭخەي، بېيجىڭ، شېنجېن، شىئەن قاتارلىق پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەرقايسى ئۆلكە، شەھەرلەرنىڭ ھەممىسىدە سېتىلدى، «مېۋە خانىشى» ئەمدى ئۆز جايىدا توختاپ قالماي، دېڭىز-ئوكيانلاردىن ئۆتۈپ، ئادەتتىكى پۇقرالارنىڭ ئۆيىگە كىردى، شىنجاڭ سىرتىدىكى ئىستېمالچىلارمۇ يېڭى پېتى ساقلانغان ئەنجۈرلەرنى ئۆز تەمىدە يېيەلەيدىغان بولدى. 

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭ خاس كىلىمات مۇھىتى ۋە رايون ئەۋزەللىكىگە تايىنىپ، ئەنجۈر كەسپىنى شۇ جاينىڭ زامانىۋى يېزا ئىگىلىكىدىكى تۈۋرۈك كەسىپلەرنىڭ بىرى قىلىپ، «تاللاپ يېتىشتۈرۈش - ئىشلەپچىقىرىش ـ تەتقىق قىلىش ـ پىششىقلاش ـ سېتىش ـ ساياھەت» كەسىپ زەنجىرىنى شەكىللەندۈرۈپ، ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلدۇرۇپ، زورايتىپ، ئەنجۈر 1-، 2-، 3-كەسىپلىرىنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇردى.

  ھەر يىلى 7-ئايدىن 10-ئايغىچە، ھەر كۈنى نۇرغۇن سودىگەر شىنجاڭغا كېلىپ ئەنجۈر سېتىۋالىدۇ، ئەنجۈرنى ئوخشىمىغان يوللار ئارقىلىق ھەرقايسى چوڭ بازار، ئىشلەپچىقىرىش سېخلىرىغا كىرگۈزۈپ، ئەنجۈرنىڭ قىممىتىدىن ئەڭ زور دەرىجىدە پايدىلىنىدۇ، يېڭى ئەنجۈرلەر شىنجاڭدىن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا «ئۇچۇپ» بېرىپ، ئىستېمالچىلارنىڭ ئوخشاش بولمىغان تەم ئېھتىياجىنى قاندۇرىدۇ.

سەمىمىي ئەسكەرتمە: شىنجاڭ ئەنجۈرىنى توغرا يېيىش ئۇسۇلى، يېيىشتىن بۇرۇن مېۋىنى پاكىز يۇيۇپ، ئەنجۈر يوپۇرمىقىغا ئوراپ، ئالىقىنىڭىزغا قويۇپ، ئىككى قولىڭىز بىلەن كۈچەپ ئۇرسىڭىز، قەنت تەركىبى تەكشى بولىدۇ، مېۋىسى بەك تاتلىق بولۇپ، بىر چىشلىسىڭىزلا خۇمار بولۇپ قالىسىز، ئىشەنمىسىڭىز شىنجاڭغا كېلىپ سىناپ بېقىڭ!  

(ماتېرىيال مەنبەسى: تيانشان تورى-شىنجاڭ گېزىتى، جۇڭگو ئاخبارات تورى، يوپۇرغا ناھىيەلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى، قاراقاش ناھىيەلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئابلەت روزى

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.