تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

باش تېما تەربىيەسىنىڭ ئۆگىنىش نەتىجىسىنى خىزمەت ئەمەلىي ئۈنۈمىگە ئايلاندۇرۇش كېرەك

قادېن كەبىن ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى ۋە بىۋاسىتە قاراشلىق ئورگانلار خىزمىتى كومىتېتىدىكى پارتىيەلىك كادىرلارغا مەخسۇس تېمىلىق پارتىيە دەرسى سۆزلىدى

باش تېما تەربىيەسىنىڭ ئۆگىنىش نەتىجىسىنى خىزمەت ئەمەلىي ئۈنۈمىگە ئايلاندۇرۇش كېرەك

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 7 - ئاينىڭ 12 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ليۇ شياڭ خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ باش تېما تەربىيەسى خىزمىتى توغرىسىدىكى ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئاساسەن، 7 - ئاينىڭ 12 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، باش كاتىپ، بىۋاسىتە قاراشلىق ئورگانلار خىزمىتى كومىتېتىنىڭ شۇجىسى قادېن كەبىن «باش تېما تەربىيەسىنىڭ ئومۇمىي تەلىپىنى قەتئىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنى ئالغا سىلجىتىش داۋامىدا تېگىشلىك تۆھپە قوشۇش» باش تېمىسىنى چۆرىدەپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى ۋە بىۋاسىتە قاراشلىق ئورگانلار خىزمىتى كومىتېتىدىكى پارتىيەلىك كادىرلارغا مەخسۇس تېمىلىق پارتىيە دەرسى سۆزلەپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا غايە - ئېتىقادنى چىڭىتىپ، پارتىيەۋىلىكنى چېنىقتۇرۇپ، ئەمەلىيەتكە يېتەكچىلىك قىلىپ، ھەقىقىي تۈردە باش تېما تەربىيەسىنىڭ ئۆگىنىش نەتىجىسىنى خىزمەت ئەمەلىي ئۈنۈمىگە ئايلاندۇرۇشنى تەلەپ قىلدى.

قادېن كەبىن مۇنداق كۆرسەتتى: باش تېما تەربىيەسىنىڭ ئومۇمىي تەلىپى ۋە نىشان - ۋەزىپىسىنى پۇختا ئىگىلەپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ئارقىلىق قەلبنى مۇجەسسەملەش، روھنى تاۋلاشتا چىڭ تۇرۇپ، «ئىككىنى تىكلەش»نى تېخىمۇ قەتئىي قوغداپ، «ئىككىنى قوغداش»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، باشتىن - ئاخىر ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاش كېرەك.

قادېن كەبىن مۇنداق كۆرسەتتى: يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى چوڭقۇر تونۇپ، چۈشىنىپ، ئىگىلەپ ۋە تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق 10 - نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 8 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ ئورۇنلاشتۇرما - تەلەپلىرىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇشتىكى شىنجاڭنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورنىنى چىڭ كۆزلەپ، مەۋقەنى بايلىق ئۈستۈنلۈكى ۋە رايون ئورنى ئەۋزەللىكىگە قويۇپ تەرەققىيات پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا كۈچەپ تۈرتكە بولۇش كېرەك.

قادېن كەبىن مۇنداق تەكىتلىدى: ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى ۋە بىۋاسىتە قاراشلىق ئورگانلار خىزمىتى كومىتېتىدىكى پارتىيەلىك كادىرلار مەركىزىي خىزمەتنى چۆرىدەش، ئومۇمىي ۋەزىيەتكە مۇلازىمەت قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، سىياسىيغا ئەھمىيەت بېرىش، ئۆگىنىشنى تۇتۇش، خىزمەتلەرنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئىستىلنى كۈچەيتىش قاتارلىق جەھەتلەردە تېخىمۇ زور كۈچ سەرپ قىلىپ، تېخىمۇ يۇقىرى ئۆلچەم، تېخىمۇ قاتتىق تەلەپ، تېخىمۇ ئەمەلىي تەدبىرلەر ئارقىلىق باش تېما تەربىيەسىگە دائىر تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۇختا، ياخشى تۇتۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنى ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن پائال تۆھپە قوشۇشى كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.