تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

شىنجاڭ تېخىمۇ كۆپ ئەلا سورتلارنى قوللىنىشقا تۈرتكە بولۇشنى تېزلەتتى

دىققەتنى ئۇرۇقچىلىق تەرەققىياتىنى چەكلەپ تۇرۇۋاتقان قىيىن مەسىلىلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش

شىنجاڭ تېخىمۇ كۆپ ئەلا سورتلارنى قوللىنىشقا تۈرتكە بولۇشنى تېزلەتتى

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ليۇ يى

ئۇرۇقلۇق زامانىۋى يېزا ئىگىلىكىنىڭ «ئۆزىكى»، ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشتىكى يادرولۇق مۇھىم ئامىل، شۇنداقلا يېزا ئىگىلىكىنىڭ رىقابەت كۈچىنى ئاشۇرۇشتىكى يادرولۇق ئۆزگەرگۈچى مىقدار. شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش باش تېما تەربىيەسى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق يېزا ئىگىلىكى - يېزا نازارىتى پارتىيە گۇرۇپپىسى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش گۇرۇپپىسى ئەۋەتىپ، پەن تەتقىقات ئورۇنلىرى، باشلامچى كارخانىلار، مۇھىم يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ئاساسلىق ئىشلەپچىقىرىلىدىغان رايونلار ۋە يېزا ئىگىلىك تېخنىكىسىنى كېڭەيتىش ئورۇنلىرىغا چوڭقۇر چۆكۈپ، سىستېمىلىق تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى قانات يايدۇرۇپ، ھەرقايسى جايلار ئۇرۇقچىلىق تەرەققىياتىدا دۇچ كەلگەن قىيىن مەسىلىلەرنى ئومۇميۈزلۈك ئىگىلەپ، قاراتمىلىق ياردەم قىلىش - يۆلەش تەدبىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، يېشىل، ئەلا سۈپەتلىك، يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئەلا سورتلارنى قوللىنىشنى تېزلىتىپ، دېھقانلارنىڭ ئۇرۇقلۇقنى ئىلمىي تاللىشى، ئىشلىتىشىگە كۈچ قوشۇپ، ئۇرۇقلۇقنىڭ «ئۆزەك»لىك رولىنى تولۇق قوزغاتتى.

7 - ئاينىڭ 7 - كۈنى، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش گۇرۇپپىسى سانجى شەھىرىنىڭ ئەرگۇڭ بازىرى شىڭفۇ كەنتىگە كېلىپ، شىنجاڭ خۇاشيا يېزا ئىگىلىك چەكلىك شىركىتىنىڭ كۆممىقوناق تەجرىبە بازىسىغا كىرىپ، كارخانىنىڭ سورت يېتىشتۈرۈشتە يېڭىلىق يارىتىش ۋە يېڭى سورتلارنى كېڭەيتىش خىزمىتىنى نەق مەيداندا ئىگىلىدى.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، خۇاشيا يېزا ئىگىلىك چەكلىك شىركىتى دۆلەت ئىچى - سىرتىدىكى پەن تەتقىقات ئورۇنلىرى بىلەن زىچ ھەمكارلىشىپ، كۆممىقوناق، قىزىلچا قاتارلىق زىرائەتلەرنىڭ يېڭى سورتىنى تاللاپ يېتىشتۈرۈشنى پائال قانات يايدۇرۇپ، شىنجاڭ، خەينەن قاتارلىق جايلاردا تەتقىق قىلىپ ئېچىش بازىسىدىن بەشنى قۇرۇپ، يىلىغا DH سىستېمىسى (سورت يېتىشتۈرۈش ماتېرىيالى)دىن 10 مىڭدىن ئارتۇقنى ئىشلەپچىقىرىپ، تېخنولوگىيەلىك سورت يېتىشتۈرۈش سىستېمىسىنى دەسلەپكى قەدەمدە شەكىللەندۈردى. كارخانا تاللاپ يېتىشتۈرگەن خۇاشيا 813 قاتارلىق كۆپ خىل كۆممىقوناق سورتى بازارنىڭ كەڭ كۆلەمدە ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشتى، 2022 - يىلى كارخانىنىڭ ئۇرۇق سېتىشتىن قىلغان كىرىمى 100 مىليون يۈەندىن ئېشىپ، مەھسۇلاتى دۆلەت ئىچىدىكى 13 ئۆلكە، ئاپتونوم رايونغا سېتىلدى.

تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش جەريانىدا، قوناقلىقنىڭ يېنىغا سېلىنغان تەجرىبىخانا خىزمەتچى خادىملارنىڭ دىققىتىنى تارتتى. «تېخنولوگىيەلىك سورت يېتىشتۈرۈش تېخنىكىسىدىن پايدىلىنىپ كۆممىقوناق سورتىنى تاللاپ يېتىشتۈرۈشنى قانات يايدۇرساق، سورت يېتىشتۈرۈش دەۋرىنى زور دەرىجىدە قىسقارتىپ، يېڭىلىق يارىتىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرەلەيمىز.» شىنجاڭ خۇاشيا يېزا ئىگىلىك چەكلىك شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى مياۋ لىخۇا مۇنداق دېدى: بۇ تەجرىبىخانا ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەندىن كېيىن، يېڭى سورتلارنى تاللاپ يېتىشتۈرۈش، سىناق قىلىپ ئۈلگە كۆرسىتىش قاتارلىق خىزمەتلەر ئېتىز بېشىدا مەركەزلىك تاماملىنىپ، يېڭىلىق يارىتىش خىزمەت ئۈنۈمى ئاشتى.

يېڭىلىق يارىتىش ئۈنۈمىنىڭ ئېشىشىغا ئەگىشىپ تېخىمۇ زور مىقداردا مەبلەغ سېلىشقا توغرا كەلدى. «تەجرىبە ئۆيى قۇرۇلۇشى، ئۈسكۈنە كىرگۈزۈش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىگە مەبلەغ سېلىشقا توغرا كېلىپ، كارخانىغا زور مەبلەغ بېسىمى ئېلىپ كەلدى» دېدى مياۋ لىخۇا.

بۇ ئەھۋالنى ئىگىلىگەندىن كېيىن، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزالىرى ياردەم قىلىش - يۆلەش تەدبىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئاپتونوم رايونلۇق يېزا ئىگىلىكى - يېزا نازارىتى ئۇرۇقچىلىقنى باشقۇرۇش باشقارمىسىنىڭ باشقارما باشلىقى ياڭ گۇەنيۇڭ مۇنداق بىلدۈردى: بۇ كارخانا ئاپتونوم رايوننىڭ ئۇرۇقچىلىق پەن - تېخنىكىسىدا يېڭىلىق يارىتىش تۈرىنى ئىلتىماس قىلىش شارائىتى ۋە ئەمەلىي كۈچىنى ھازىرلاپتۇ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش گۇرۇپپىسى كارخانىنىڭ ئالاقىدار تۈرلەرنى ئىلتىماس قىلىشىنى قانات يايدۇرۇپ، مالىيە تۈر مەدىتىنى قولغا كەلتۈرۈشىگە ياردەم بېرىپ، خۇاشيا يېزا ئىگىلىك چەكلىك شىركىتىنىڭ سورت يېتىشتۈرۈشتە يېڭىلىق يارىتىشىغا كۈچ چىقىرىپ مەدەت بېرىدۇ.

ياڭ گۇەنيۇڭ مۇنداق تونۇشتۇردى: بۇ يىل، ئاپتونوم رايون بويىچە دۆلەت ئۇرۇقچىلىق سېپى تىپىدىكى كارخانىلار، دۆلەتنىڭ يېتىشتۈرۈش، كۆپەيتىش، كېڭەيتىش بىرگەۋدىلەشتۈرۈلگەن كارخانىلىرى، ئاپتونوم رايوننىڭ ئەۋزەل ئۇرۇقچىلىق كارخانىلىرى مۇھىم نۇقتا قىلىنىپ، «بىر كارخانىغا بىر تەدبىر قوللىنىش» بويىچە ياردەم قىلىش - يۆلەش قانات يايدۇرۇلۇپ، مەبلەغ ۋە سىياسەت جەھەتتىن قوللاش تىرىشىپ قولغا كەلتۈرۈلۈپ، ئىشلەپچىقىرىش، ئوقۇتۇش، تەتقىقات بىرلەشتۈرۈلگەن تاۋارلاشقان سورت يېتىشتۈرۈش سىستېمىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇنۇپ، ئۇرۇقچىلىق كەسپىدىكى ئاچقۇچلۇق، يادرولۇق تېخنىكىلاردا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش ئالغا سىلجىتىلىپ، نۇقتىلىق كارخانىلارنىڭ تەرەققىياتى ئارقىلىق شىنجاڭ ئۇرۇقچىلىقىنىڭ ئومۇميۈزلۈك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇنىدۇ.

ئالدىنقى مەزگىلدىكى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش جەريانىدا، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش گۇرۇپپىسى يەنە ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئۇرۇقچىلىق كەسىپ زەنجىرىنىڭ تەرەققىياتىدا پەن - تېخنىكا نەتىجىلىرىنى ئايلاندۇرۇش ئاستا بولۇش، ئەلا سورتلارنى كېڭەيتىش ئاستا بولۇش قاتارلىق مەسىلىلەرنىڭ يەنىلا ساقلىنىپ، ئۇرۇقچىلىقنىڭ «ئۆزەك»لىك رولىنى جارى قىلدۇرۇشنى چەكلەپ قويۇۋاتقانلىقىنى بايقىدى.

شۇڭا، شۇ كۈنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش گۇرۇپپىسىدىكىلەر ئالايىتەن سانجى شەھەرلىك يېزا ئىگىلىكى - يېزا تارمىقى شىنجاڭ جىنتيەنشەن يېزا ئىگىلىك پەن - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى بىلەن بىرلىشىپ قۇرغان سىناق - كۆرگەزمە بازىسىغا باردى. بۇ بازا كارخانىلارنىڭ سورتنى تاللاپ يېتىشتۈرۈشى ئۈچۈن ئىشلىتىلىپلا قالماي، يەنە ئون نەچچە خىل ئەلا سۈپەتلىك بۇغداي سورتىنى ئۆستۈرۈپ، دېھقانلارنىڭ نەق مەيداندا بۇغداينىڭ ئالاھىدىلىكى ۋە ئۆستۈرۈش تېخنىكىسىنى ئىگىلىشىگە، ئۆزلىرى تېرىشقا ماس كېلىدىغان ئەلا سۈپەتلىك سورتنى تاللىشىغا قولايلىق يارىتىپ، «زىرائەتكە قاراپ ئۇرۇق تاللاش»نى ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇردى.

«جىنشىنۇڭ 1 - نومۇرنىڭ مايسىنىڭ يېتىپ قېلىشىغا قارشى تۇرۇش ئالاھىدىلىكى روشەن، مەن بۇ يىل كۈزدە 400 - 500 مو يەردە سىناق قىلىپ تېرىماقچى.» جىمىسار ناھىيەسى بېيتىڭ بازىرىدىكى ئاشلىق تېرىغۇچى دېھقان جاڭ جيەنبىن سىناق - كۆرگەزمە بازىسىدا كۆپ خىل سورتتىكى بۇغدايلارنىڭ ئۆسۈش ئەھۋالىنى كۆزەتكەندىن كېيىن مۇنداق دېدى: نەق مەيداندا كۆرۈش سېتىش خادىملىرىنىڭ تونۇشتۇرۇشىنى ئاڭلىغانغا قارىغاندا، ھەربىر يېڭى سورتنىڭ ئالاھىدىلىكىنى تېخىمۇ بىۋاسىتە كۆرگىلى، تېخىمۇ ئاسان ئەستە ساقلىغىلى بولىدىكەن.

ئەلا سورتلارنى كېڭەيتىش ئاستا بولۇش مەسىلىسىنى ئۈنۈملۈك ھەل قىلىش ئۈچۈن، بۇ يىل، ئاپتونوم رايونىمىز «زىرائەتكە قاراپ ئۇرۇق تاللاش»نى كەڭ دائىرىدە كېڭەيتىپ قوللىنىپ، پۈتۈن شىنجاڭ دائىرىسىدە سورتلارنى سىناق قىلىش - كۆرگەزمە قىلىش - ئۈلگە كۆرسىتىشنى ئىلمىي ئورۇنلاشتۇرۇپ، سورتنى ئاساس قىلىپ ئەلا سورت، ياخشى ئۇسۇللارنى يۈرۈشلەشتۈرۈشكە يېتەكچىلىك قىلىپ، يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى بىلەن دېھقانچىلىق تېخنىكىسىنى بىرلەشتۈرۈپ، يېڭى سورت، يېڭى تېخنىكىلارنى ئېتىز - ئېرىق باشلىرىغا تېخىمۇ كەڭ دائىرىدە، تېخىمۇ تېز سۈرئەتتە يۈزلەندۈرۈپ، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىدا سۈپەتنى ئۆستۈرۈپ ئۈنۈمنى ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولدى.

ھازىرغا قەدەر، پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە 13 ۋىلايەت(ئوبلاست، شەھەر)تىكى 66 ناھىيە(شەھەر، رايون)دە 2023 - يىللىق ئەتىيازلىق تېرىلغۇدا دېھقانچىلىق زىرائەتلىرىنىڭ سورتلىرىنى سىناق − كۆرگەزمە قىلىش خىزمىتى قانات يايدۇرۇلۇپ، سىناق - كۆرگەزمە قىلىش كۆلىمى 26 مىڭ مودىن ئاشتى، جەمئىي 106 خىل بۇغداي سورتى، 198 خىل كۆممىقوناق سورتى، 143 خىل كېۋەز سورتى، 45 خىل شال سورتى، 67 خىل خاسىڭ سورتى، 19 خىل دادۇر سورتى، 105 خىل قوغۇن سورتى، 40 خىل تاۋۇز سورتى سىناق - كۆرگەزمە قىلىندى. ئاپتونوم رايون بويىچە ئاپتونوم رايون، شەھەر، ناھىيەدىن ئىبارەت ئۈچ دەرىجىلىك ئۇرۇقچىلىق سىستېمىسىدىن ئىبارەت «تىك يۆنىلىش»نى يېتەكچى قىلغان، پەن تەتقىقات ئورۇنلىرى، ئۇرۇقچىلىق كارخانىلىرى ۋە يېڭىچە يېزا ئىگىلىك تىجارەت سۇبيېكتلىرىدىن ئىبارەت «توغرا يۆنىلىش»نى تولۇقلىما قىلغان يېڭى سورتلارنى كۆرگەزمە قىلىش ئۈلگە كۆرسىتىش سىستېمىسى پائال بەرپا قىلىنىپ، يۇقىرى - تۆۋەن بىرلىشىپ ھەرىكەتلىنىدىغان، ماس قەدەمدە بولغان سورتلارنى كۆرگەزمە قىلىش، باھالاش خىزمىتى ئەندىزىسى شەكىللەندۈرۈلۈپ، يېڭى سورتلارنى كۆرگەزمە قىلىپ ئۈلگە كۆرسىتىشنىڭ تەسىر كۆرسىتىش، تۈرتكە بولۇش رولى ئەڭ زور دەرىجىدە جارى قىلدۇرۇلىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.