تىيانشان تورى   ›   گۈزەل جۇڭگو   ›   سۈرەتتىكى دۇنيا

بازار ئايلىنىش، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىدىن ھۇزۇرلىنىش

 − ئۆزگىچە «ئاستا پويىز» يولۇچىلارنىڭ سەپەرگە چىقىش تەسىراتىنى بېيىتتى

   يازلىق يولۇچى توشۇش باشلانغاندىن بۇيان، جۇڭگو تۆمۈريولى چېڭدۇ ئىدارىسى گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى چۇڭچىڭ يولۇچى توشۇش ئۇچاستىكىسى گۇيجوۋ- چۇڭچىڭ ئارىسىدا قاتنايدىغان 5630/5629-قېتىملىق ئادەتتىكى پويىزدا باش تېمىلىق مەدەنىيەت ۋاگونى بەرپا قىلىپ، «پويىز بازىرى» ۋە غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى چوڭ سەھنىسىنى كۆپەيتىپ تەسىس قىلىپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا ياردەم بېرىش بىلەن بىللە، يولۇچىلارنىڭ يازلىق كۆپ مەنبەلىك سەپەرگە چىقىش ئېھتىياجىنى قاندۇردى. يولۇچىلار بۇ پويىزغا ئولتۇرسا، يول بويىدىكى ھەرقايسى جايلارنىڭ مەنزىرىسىدىن ھۇزۇرلىنىپلا قالماي، يەنە پويىزدا «بازار» ئايلىنىپ، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ئويۇنىنى كۆرۈپ، ئۆزگىچە سەپەر پەيتىنى ھېس قىلالايدۇ.

7- ئاينىڭ 11- كۈنى، زۈنيىدىن چۇڭچىڭ غەربىي ۋوگزالىغا قاراپ ماڭغان 5630- قېتىملىق پويىزدا، خىزمەتچىلەر مىللىيچە ئۇسسۇل ئوينىماقتا.

شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى خۇاڭ ۋېي فوتوسى

7- ئاينىڭ 11- كۈنى، زۈنيىدىن چۇڭچىڭ غەربىي ۋوگزالىغا قاراپ ماڭغان 5630- قېتىملىق پويىزدا، خىزمەتچىلەر شۇ جاينىڭ خەلق ناخشىسىنى ئېيتماقتا.

شىنخۇا ئاگېنتلىقى تارقاتقان (تەن خۇييىڭ فوتوسى)

7- ئاينىڭ 11- كۈنى، زۈنيىدىن چۇڭچىڭ غەربىي ۋوگزالىغا قاراپ ماڭغان 5630- قېتىملىق پويىزدا، خىزمەتچى خادىملار يولۇچىلارنى يېتەكلەپ مىللىيچە ئۇسسۇلنى بىرلىكتە ھېس قىلماقتا.

شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى خۇاڭ ۋېي فوتوسى

7- ئاينىڭ 11- كۈنى، زۈنيىدىن چۇڭچىڭ غەربىي ۋوگزالىغا قاراپ ماڭغان 5630- قېتىملىق پويىزدا، خىزمەتچىلەر مىللىيچە ئۇسسۇل ئوينىماقتا.

شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى خۇاڭ ۋېي فوتوسى

7- ئاينىڭ 11- كۈنى، يولۇچىلار 5630- قېتىملىق پويىزدىكى «پويىز بازىرى»دا يەرلىك ئالاھىدە مەھسۇلاتلارنى تاللاپ سېتىۋالماقتا.

شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى خۇاڭ ۋېي فوتوسى

7- ئاينىڭ 11- كۈنى، يولۇچىلار 5630- قېتىملىق پويىزدىكى «پويىز بازىرى»دا ئۆزگىچە تائاملارنى تېتىماقتا.

شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى خۇاڭ ۋېي فوتوسى

7- ئاينىڭ 11- كۈنى، يولۇچىلار 5630- قېتىملىق پويىزدىكى «پويىز بازىرى»دا يەرلىك ئالاھىدە مەھسۇلاتلارنى تاللاپ سېتىۋالماقتا.

شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى خۇاڭ ۋېي فوتوسى

7- ئاينىڭ 11- كۈنى، يولۇچىلار 5630- قېتىملىق پويىزدىكى «پويىز بازىرى»دا يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى سېتىۋالماقتا.

شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى خۇاڭ ۋېي فوتوسى

7- ئاينىڭ 11- كۈنى، يولۇچىلار ۋە خىزمەتچىلەر زۈنيىدىن چۇڭچىڭ غەربىي ۋوگزالىغا قاراپ ماڭغان 5630- قېتىملىق پويىزنىڭ يېنىدا خاتىرە سۈرەتكە چۈشمەكتە.

شىنخۇا ئاگېنتلىقى تارقاتقان (رەن ۋېي فوتوسى)

پايدىلانغان مەنبە: شىنخۇا تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەلىمە قۇربان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.