تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

فۇنكسىيەلىك ئورنىنى توغرا تېپىپ، دىققەتنى ئاساسىي مەسئۇلىيەت، ئاساسىي كەسىپكە مەركەزلەشتۈرۈپ، تىرىشىپ زورايتىپ ۋە كۈچەيتىپ، شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىدىكى ئىستراتېگىيەلىك تىرەكلىك رولىنى ھەقىقىي جارى قىلدۇرۇش كېرەك

ما شىڭرۇي ئاپتونوم رايونغا قاراشلىق دۆلەت كارخانىلىرى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات سۆھبەت يىغىنىدا مۇنداق تەكىتلىدى

فۇنكسىيەلىك ئورنىنى توغرا تېپىپ، دىققەتنى ئاساسىي مەسئۇلىيەت، ئاساسىي كەسىپكە مەركەزلەشتۈرۈپ، تىرىشىپ زورايتىپ ۋە كۈچەيتىپ، شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىدىكى ئىستراتېگىيەلىك تىرەكلىك رولىنى ھەقىقىي جارى قىلدۇرۇش كېرەك

ئەركىن تۇنىياز رىياسەتچىلىك قىلدى جاڭ چۇنلىن، خې جۇڭيوۋ قاتناشتى

7 - ئاينىڭ 7 - كۈنى، ئاپتونوم رايونغا قاراشلىق دۆلەت كارخانىلىرى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات سۆھبەت يىغىنى ئۈرۈمچىدە ئېچىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى. □ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سۈي جىجيەن فوتوسى

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 7 - ئاينىڭ 7 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونغا قاراشلىق دۆلەت كارخانىلىرى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات سۆھبەت يىغىنى 7 - ئاينىڭ 7 - كۈنى ئۈرۈمچىدە ئېچىلدى، يىغىندا باش تېما تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشقا بىرلەشتۈرۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ دۆلەت كارخانىلىرى ئىسلاھاتى ۋە پارتىيە قۇرۇلۇشى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرى چوڭقۇر ئۆگىنىلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى، «ئىككىدە قىلچە تەۋرەنمەسلىك»تە چىڭ تۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورنىنى چىڭ كۆزلەش، دۆلەت مۈلكى، دۆلەت كارخانىلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، زورايتىشنى چۆرىدەپ پىكىر - تەكلىپلەر ئاڭلاپ ئۆتۈلدى، پىكىر يولى، تەدبىرلەرنى پىلانلاپ، گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى دۆلەت مۈلكى، دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ ئورنىنى يەنىمۇ توغرا تېپىش، پىكىر يولىنى راۋانلاشتۇرۇش، ۋەزىپىنى ئايدىڭلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، ئۈزلۈكسىز تۈردە كۈچەيتىپ، ئەلالاشتۇرۇپ، زورايتىپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىدىكى ئىستراتېگىيەلىك تىرەكلىك رولىنى ھەقىقىي جارى قىلدۇرۇش تەلەپ قىلىندى.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىلىرىدىن جاڭ چۇنلىن، خې جۇڭيوۋ يىغىنغا قاتناشتى.

سۆھبەت يىغىنىنى ياخشى ئېچىش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىدىكى ئاساسلىق رەھبەرلەر بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئاپتونوم رايونغا قاراشلىق بىر قىسىم نۇقتىلىق دۆلەت كارخانىلىرىغا چوڭقۇر چۆكۈپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، رەھبەرلىك بەنزىلىرى، بىرىنچى سەپتىكى كادىرلار، ئىشچى - خىزمەتچىلەر بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇپ سۆھبەتلىشىپ، كارخانىلارنىڭ ئىگىلىك باشقۇرۇش، ئىسلاھات - تەرەققىيات ئەھۋالىنى ئەستايىدىل ئىگىلەپ، كەمتۈكلۈكلەر، ئاجىز تۈرلەر ۋە دۇچ كەلگەن قىيىن مەسىلىلەرنى تېپىپ چىقىپ، كۆپچىلىك بىلەن بىللە پىكىر يولى، تەدبىرلەرنى مۇھاكىمە قىلدى، پىلانلىدى.

سۆھبەت يىغىنىدا، ئاپتونوم رايونلۇق دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش كومىتېتىدىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداش پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى ۋە ئىسلاھات ئەھۋالىنى دوكلات قىلدى. شىنجاڭ رەڭلىك مېتال سانائىتى گۇرۇھى، جۇڭتەي گۇرۇھى، گېئولوگىيە قېزىلما بايلىقلار مەبلەغ سېلىش گۇرۇھى، سۇچىلىق تەرەققىيات مەبلەغ سېلىش گۇرۇھى، مەدەنىيەت - ساياھەت مەبلەغ سېلىش گۇرۇھى، يېزا ئامانەت قەرز كوپىراتىپى بىرلەشمە كوپىراتىپى، ياشىن كۆمۈر قاتلىمى گازىغا مەبلەغ سېلىش - ئېچىش گۇرۇھى قاتارلىق كارخانىلاردىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ سۆز قىلىپ، كارخانا تىجارىتىنى باشقۇرۇش، تۈرلەرنى ئالغا سىلجىتىش، تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش قاتارلىق خىزمەتلەرنى دوكلات قىلدى، ئەۋزەل قېزىلما بايلىقلارنى چارلاش - ئېچىش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش، زامانىۋى خىمىيە سانائىتى كەسپىنى كۈچەيتىش، سۇ بايلىقىنى مۇۋاپىق تەقسىملەش ۋە يۇقىرى ئۈنۈملۈك پايدىلىنىشقا تۈرتكە بولۇش، مەدەنىيەت - ساياھەت كەسپىنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئېغىر، زور خەۋپ - خەتەرنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈگىتىش، كۆمۈر قاتلىمى گازىغا مەبلەغ سېلىش - ئېچىشنى تېز ئالغا سىلجىتىش قاتارلىق خىزمەتلەرنى چۆرىدەپ، كېيىنكى قەدەمدىكى تەرەققىيات پىكىر يولى ۋە تەدبىرلىرىنى تونۇشتۇردى، پىكىر - تەكلىپلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ما شىڭرۇي پات - پات كۆپچىلىك بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇپ، نۇقتىلىق خىزمەتلەرنىڭ قانات يايدۇرۇلۇش ئەھۋالىنى سوراپ، ھازىر ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەرنى تەھلىل قىلىپ، ھەرقايسى كارخانىلارغا دىققەتنى شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىدىن ئىبارەت باش ۋەزىپىگە مەركەزلەشتۈرۈپ، پۈتۈن ۋەزىيەتكە مۇناسىۋەتلىك بولغان ئاچقۇچلۇق خىزمەتلەرنى چىڭ تۇتۇپ، مۇھىم، زور تۈرلەرنى يولغا قويۇشنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، شىنجاڭدىكى دۆلەت مۈلكى، دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ تەرەققىياتىدا يېڭى بۆسۈشنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشنى تاپىلىدى.

ما شىڭرۇي مۇنداق كۆرسەتتى: دۆلەت كارخانىلىرى جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ مۇھىم ماددىي ئاساسى ۋە سىياسىي ئاساسى. شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشتا دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ ئورنى مۇھىم، رولى ئاچقۇچلۇق، تەڭداشسىز. باش تېما تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشنى پۇرسەت بىلىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ دۆلەت كارخانىلىرى ئىسلاھاتى ۋە پارتىيە قۇرۇلۇشى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى باش شۇجىنىڭ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ دۆلەت مۈلكى، دۆلەت كارخانىلىرى خىزمىتى توغرىسىدىكى تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا ھەقىقىي بىرلىككە كەلتۈرۈپ، سىياسىي يۈكسەكلىكنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈپ، بۇرچ، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇشتىكى شىنجاڭنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورنىنى چىڭ كۆزلەپ، قەتئىي تەۋرەنمەي دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ كۈچىيىشى، ئەلالىشىشى، زورىيىشىغا تۈرتكە بولۇپ، شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىدا «تۈۋرۈكلۈك» «ئاساسىي قوشۇن»لۇق رولىنى ھەقىقىي جارى قىلدۇرۇشى كېرەك.

ما شىڭرۇي مۇنداق تەكىتلىدى: پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى دۆلەت كارخانىلىرى مەۋقەنى فۇنكسىيەلىك ئورۇنغا قويۇپ، دىققەتنى ئاساسىي كەسىپكە مەركەزلەشتۈرۈپ، ئوقەتچىلىكنى كۈچەيتىپ، ساقلانما مىقدارنى جانلاندۇرۇپ، ئېشىش مىقدارىنى زورايتىپ، سۈپەتنى ئۆستۈرۈپ، ھەقىقىي تۈردە ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىدىكى ياخشى باشلامچىلاردىن بولۇشى كېرەك. ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئەلالاشتۇرۇپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ، دۆلەت كاپىتالىنىڭ ئەۋزەل نۇقتىلىق كەسىپ، ئىستراتېگىيەلىك كەسىپلەرگە مەركەزلىشىشىگە تۈرتكە بولۇپ، «سەككىز چوڭ كەسىپ توپى» قاتارلىق خاس ئەۋزەل كەسىپلەرنى پائال بەرپا قىلىپ، بىر تۈركۈم باشلامچى تايانچ كارخانىلارنى بارلىققا كەلتۈرۈپ، كەسىپلەرنىڭ تۈرتكە بولۇش، يېتەكلەش رولىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، كەسىپ زەنجىرى، تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ بىخەتەرلىكى، مۇقىملىقىغا كاپالەتلىك قىلىپ، شىنجاڭنىڭ خاس زامانىۋىلاشقان كەسىپ سىستېمىسىنى تېز بەرپا قىلىش كېرەك. پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش سېلىنمىسىنى زورايتىپ، پەن - تېخنىكىدا ھەمكارلىشىپ يېڭىلىق يارىتىشنى ئالغا سىلجىتىپ، شىنجاڭدىكى نۇقتىلىق كەسىپلەرنىڭ تەرەققىياتىنى چەكلەپ تۇرۇۋاتقان بىر تۈركۈم «گالنى بوغىدىغان» مەسىلىلەردە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشقا رىغبەتلەندۈرۈش مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، يېڭىلىق يارىتىش، ئىجاد قىلىش ھاياتىي كۈچىنى سىجىل ئۇرغۇتۇپ، كارخانىلارنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا يېتەكچىلىك قىلىش ۋە تۈرتكە بولۇش كېرەك. ئىسلاھاتنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، گەۋدىلىك مەسىلە، كەمتۈكلۈكلەرنى دەل جايىدا تېپىپ، يېڭى بىر نۆۋەتلىك دۆلەت كارخانىلىرى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ھەرىكىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، زامانىۋى كارخانا تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشنى تېزلىتىپ، كارخانىلارنىڭ ھەقىقىي تۈردە بازارلاشتۇرۇش مېخانىزمى بويىچە يۈرۈشىشىگە تۈرتكە بولۇپ، جۇڭگوچە دۆلەت كارخانىلىرى زامانىۋى شىركەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنى ئۈزلۈكسىز تاكامۇللاشتۇرۇش كېرەك. خەۋپ - خەتەر تۆۋەن چېكىنى چىڭ ساقلاپ، تىجارەت خاراكتېرلىك دۆلەت مۈلكىنى مەركەزلىك بىرتۇتاش نازارەت قىلىش - باشقۇرۇشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، كەسىپلەشكەن، سىستېمىلاشقان، قانۇنچىللاشقان نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، دىققەتنى نۇقتىلىق ساھەلەردە خەۋپ - خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش بويىچە مەخسۇس تۈزەش ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، دۆلەت مۈلكىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قەتئىي قوغداش كېرەك. پارتىيە ئىختىساسلىقلارنى باشقۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، كارخانا رەھبىرىي خادىملىرىنى باشقۇرۇش تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، دۆلەت كارخانىلىرى رەھبەرلىك بەنزىلىرىگە ئەلالارنى تاللاپ، كۈچلۈكلەرنى سەپلەپ، ئالماشتۇرۇش مېخانىزمىنى ئورنىتىپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تىجارەتنى بىلىدىغان، باشقۇرۇشنى ئۇقىدىغان، بازار ئېڭى كۈچلۈك بولغان يۇقىرى دەرىجىلىك ئىگىلىك باشقۇرۇش ئىختىساسلىقلىرى ۋە جىددىي ئېھتىياجلىق، قىس ئىختىساسلىقلارنى تولۇق سەپلەش، كۈچلۈكلىرىنى سەپلەشنى چىڭ تۇتۇپ، يۇقىرى دەرىجىلىك، يېڭىلىق يارىتىشچان ئىختىساسلىقلارنى زور كۈچ بىلەن كىرگۈزۈپ ۋە تەربىيەلەپ، يۇقىرى ساپالىق دۆلەت كارخانىلىرى كادىرلار قوشۇنىنى بەرپا قىلىش كېرەك. پارتىيە رەھبەرلىكىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، پارتىيەنىڭ سىياسي قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، دۆلەت كارخانىلىرىدىكى پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ رەھبەرلىك يادرولۇق رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت بىلەن چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى چوڭقۇرلاپ ئالغا سىلجىتىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك پارتىيە قۇرۇلۇشى ئارقىلىق دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا يېتەكچىلىك قىلىش كېرەك.

ما شىڭرۇي مۇنداق تەكىتلىدى: تەشكىلىي رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، خىزمەت مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھەقىقىي تۈردە جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىگە تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن دۆلەت مۈلكى، دۆلەت كارخانىلىرى كۈچىنى قوشۇش كېرەك. ھەردەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەت دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىشتىكى سىياسىي مەسئۇلىيەتنى ھەقىقىي زىممىگە ئېلىپ، خىزمەتلەرنى بىرتۇتاش پىلانلاشنى كۈچەيتىپ، مەسىلىلەرنى ماسلاشتۇرۇپ ھەل قىلىپ، نۇقتىلىق ۋەزىپىلەرنىڭ ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىغا تۈرتكە بولۇشى كېرەك. ھەردەرىجىلىك دۆلەت كارخانىلىرىنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش ئاپپاراتلىرى مەسئۇلىيەت ئورۇن بېكىتمىسىنى مەھكەم ئىگىلەپ، دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش ئۈنۈم ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىشى كېرەك، ھەرقايسى ئالاقىدار تارماقلار تەشەببۇسكارلىق بىلەن سىياسەت جەھەتتىن قوللاشنى كۈچەيتىشنى تەتقىق قىلىپ، تىجارەت - سودا مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇشقا كۈچەپ، خىزمەت بىرىكمە كۈچىنى ھەقىقىي شەكىللەندۈرۈشى كېرەك. پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى دۆلەت مۈلكى، دۆلەت كارخانىلىرى ئاساسىي گەۋدىلىك مەسئۇلىيىتىنى ھەقىقىي زىممىگە ئېلىپ، ئومۇمىي ۋەزىيەت ئېڭىنى كۈچەيتىپ، سىستېما قارىشىنى پۇختا تۇرغۇزۇپ، ئاساسىي مەسئۇلىيەت، ئاساسىي كەسپىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىپ، دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش، دۆلەت مۈلكىنىڭ قىممىتىنى ساقلاپ، قىممىتىنى ئاشۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا ئۈزلۈكسىز تۈرتكە بولۇشى كېرەك.

جاڭ جۇ، تيەن شياڭلى، چېن ۋېيجۈن، يۈسۈپجان مەمەت، توختى ياقۇپ، سۈن خۇڭمېي، ليۇ سۇشې، ۋاڭ گاڭ، مەردان مۇقىيىت، ليۇ خۈيجۈن، دۇ خۇڭيەن، ئاپتونوم رايوندىكى ئالاقىدار تارماقلار، ئاپتونوم رايونغا قاراشلىق دۆلەت كارخانىلىرىدىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار ۋە ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەردىكى ساھەلەر بويىچە باشقۇرىدىغان مەسئۇل يولداشلار قاتارلىقلار سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.