تىيانشان تورى   ›   ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرى   ›   شۇجى خاتىرىسى

ئۈرۈمچى خەلقئارا ئاۋىياتسىيە تۈگۈنى قۇرۇلۇشى مۇنبىرى ئۆتكۈزۈلدى

ما شىڭرۇي، خەن جۈن، ۋاڭ چاڭشۇن سۆز قىلدى ئەركىن تۇنىياز رىياسەتچىلىك قىلدى لى يىفېي، خې جۇڭيوۋ قاتناشتى

7 - ئاينىڭ 6 - كۈنى، ئۈرۈمچى خەلقئارا ئاۋىياتسىيە تۈگۈنى قۇرۇلۇشى مۇنبىرى شىنجاڭ خەلقئارا يىغىن - كۆرگەزمە مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلدى. □ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سۈي جىجيەن فوتوسى

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 7 - ئاينىڭ 6 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: ئۈرۈمچى خەلقئارا ئاۋىياتسىيە تۈگۈنى قۇرۇلۇشى مۇنبىرى 7 - ئاينىڭ 6 - كۈنى شىنجاڭ خەلقئارا يىغىن - كۆرگەزمە مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلدى، مۇنبەردە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇش، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇش، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىگە پائال مۇلازىمەت قىلىش ۋە سىڭىشىش، شىنجاڭنىڭ تەرەققىيات ئىستراتېگىيەلىك ئورنىنى چىڭ كۆزلەش چۆرىدىلىپ، ئۈرۈمچى خەلقئارا ئاۋىياتسىيە تۈگۈنىنى تېز قۇرۇپ، خەلق ئاۋىياتسىيەسىنىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول» نى يۇقىرى سۈپەتلىك ئورتاق قۇرۇشتىكى ئىستراتېگىيەلىك رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇش مۇھاكىمە قىلىندى، پىلانلاندى. دۆلەت ئىچى - سىرتىدىكى ئاۋىياتسىيە ساھەسىدىن كەلگەن 500دىن ئارتۇق ئەزىز مېھمان بىر يەرگە جەم بولۇپ، شىنجاڭنىڭ خەلق ئاۋىياتسىيەسى كەسپىنىڭ ئېچىۋېتىش، ھەمكارلىشىش تەرەققىياتى ئۈستىدە ئورتاق كېڭىشىپ، «ھاۋا يىپەك يولى»نىڭ گۈزەل ئىستىقبالىنى ئورتاق يارىتىپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنىڭ يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلۈشىگە كۈچ قوشتى.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي، جۇڭگو خەلق ئاۋىياتسىيەسى ئىدارىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى خەن جۈن، جۇڭگو ئاۋىياتسىيە تىرانسپورتى جەمئىيىتى پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، كېڭەش باشلىقى ۋاڭ چاڭشۇن مۇنبەرنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز مۇنبەرنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا رىياسەتچىلىك قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، بىڭتۇەننىڭ جېڭۋېيسى لى يىفېي، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى خې جۇڭيوۋ، جۇڭگو جەنۇب ئاۋىياتسىيەسى گۇرۇھىنىڭ باش مۇدىرى ما شۈلۇن، جۇڭگو شاڭفېي شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى خې دۇڭفېڭ، جۇڭگو شەرق ئاۋىياتسىيەسى گۇرۇھىنىڭ باش دىرېكتورى لى ياڭمىن، جۇڭگو ئاۋىياتسىيەسى گۇرۇھىنىڭ باش دىرېكتورى ۋاڭ مىڭيۈەن، جۇڭگو ئىنژېنېرلار ئاكادېمىيەسىنىڭ ئاكادېمىكى ۋۇ گۇاڭخۇي قاتارلىقلار مۇنبەرنىڭ ئالاقىدار پائالىيەتلىرىگە قاتناشتى.

ما شىڭرۇي سۆزىدە مۇنداق بىلدۈردى: شىنجاڭ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇلۇشىدا يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. يېڭى مۇساپىدە، شىنجاڭنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورنى تېخىمۇ ئايدىڭلاشتى، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات مۇھىم، زور تارىخىي پۇرسەتنى كۈتۈۋالدى، بولۇپمۇ خەلق ئاۋىياتسىيەسى كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ ئەۋزەللىكى روشەن، يوشۇرۇن كۈچى غايەت زور بولۇپ، ئۈرۈمچى خەلقئارا ئاۋىياتسىيەسى تۈگۈنىنى قۇرۇش دەل ۋاقتىدا بولدى. پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، ئۇنىۋېرسال ئىستېرېئولۇق قاتناش سىستېمىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، خەلقئارادا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان ئاۋىياتسىيە تۈگۈنى بەرپا قىلىپ، قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۈچۈن شىنجاڭنىڭ ئاۋىياتسىيە كۈچىنى قوشۇش كېرەك. ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، ئۈرۈمچى خەلقئارا ئاۋىياتسىيە تۈگۈنىنى يادرو، شىنجاڭ ئىچىدىكى ئاۋىياتسىيە ئىككىلەمچى تۈگۈنىنى تايانچ، تارماق لىنىيە ئايرودۇرۇمى ۋە ھەممىباب ئايرودۇرۇمنى تولۇقلىما قىلغان كۆپ قاتلاملىق، كۆپ ئىقتىدارلىق ئاۋىياتسىيە تىرانسپورتى سىستېمىسىنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك. ئاۋىياتسىيە يولۇچى - يۈك تىرانسپورت كەسپىنىڭ كۆلىمىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىپ، ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىنى قوللاش سىياسىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى تور سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، ئاۋىياتسىيە يۈك تىرانسپورتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، ئاۋىياتسىيە ئەشيا ئوبوروتى كەسىپ ھالىتىنى كېڭەيتىپ، زامانىۋىلاشقان ئاۋىياتسىيە ئەشيا ئوبوروتى سىستېمىسىنى بەرپا قىلىش كېرەك. يۇقىرى ئۈنۈملۈك، قولايلىق بولغان تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش مۇھىتىنى پائال يارىتىپ، ئۈرۈمچى ئايروپورتىغا بولغان چېگرادىن ئۆتكۈزۈش، تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش قاتارلىق سىياسەت مەدىتىنى ماسلاشتۇرۇپ كۈچەيتىپ، ئۈرۈمچى، قەشقەر قاتارلىق خەلقئارا ئاۋىياتسىيە پورتلىرىنىڭ ئىقتىدارىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يۈرۈشۈشكە كاپالەتلىك قىلىش ئۈنۈمى ۋە مۇلازىمەت سۈپىتىنى تېز ئۆستۈرۈش كېرەك. بازا ئاۋىياتسىيە شىركىتىنىڭ زورىيىشى، كۈچىيىشىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قوللاپ، كەسىپ ئورۇنلاشتۇرۇشىنى ئەلالاشتۇرۇپ، ئاۋىياتسىيە مۇلازىمەت تورىنى كېڭەيتىپ، ئۇنىۋېرسال قاتناشقا كاپالەتلىك قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، ئۈرۈمچى ئايروپورتىنىڭ ئاسىيا - ياۋروپا چوڭ قۇرۇقلۇقى يادرولۇق رايونىدىكى خەلقئارا تۈگۈنلۈك ئورنىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈش كېرەك. شىنجاڭ بازارلاشقان، قانۇنچىللاشقان، خەلقئارالاشقان تىجارەت - سودا مۇھىتىنى كۈچەپ بەرپا قىلىپ، كارخانىلارنىڭ شىنجاڭدىكى تەرەققىياتىنى ئەلا مۇلازىمەت كاپالىتى بىلەن تەمىنلەپ، شىنجاڭ خەلق ئاۋىياتسىيەسى كەسپىنىڭ ئۈزلۈكسىز يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولىدۇ.

خەن جۈن مۇنداق بىلدۈردى: خەلق ئاۋىياتسىيە ئىدارىسى دىققەتنى شىنجاڭنىڭ يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى، غەربكە ئېچىۋېتىشتىكى كۆۋرۈك بېشى ئىستىھكامى ۋە ئاسىيا - ياۋروپا ئالتۇن يولى بولۇشتىن ئىبارەت ئىستراتېگىيەلىك ئورنىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، پۈتۈن ساھە بايلىقىنى سەپەرۋەر قىلىپ شىنجاڭ خەلق ئاۋىياتسىيەسىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشى كېرەك. يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، يىرىك پىلان ئارقىلىق يېتەكلەشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، شىنجاڭنىڭ رايون ئورنى، كەسىپ، بايلىق ئەۋزەللىكىنى خەلق ئاۋىياتسىيەسىنىڭ دۆلەتنىڭ قاتناش - تىرانسپورت سىستېمىسىدىكى سېلىشتۇرما ئەۋزەللىكى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، خەلق ئاۋىياتسىيەسىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك كەسىپ رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇش كېرەك. سىستېمىلىق پىلانلاشنى كۈچەيتىپ، ئۈرۈمچى خەلقئارا ئاۋىياتسىيە تۈگۈنى قۇرۇلۇشى، شىنجاڭنىڭ «غول لىنىيە بىلەن تارماق لىنىيەلەر تۇتاشقان، پۈتۈن تورلىشىپ تۇتاشقان» ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى تورى بەرپا قىلىش ۋە ئايرودۇرۇم ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىدىن ئىبارەت ئۈچ ئاساسىي ھۇجۇم يۆنىلىشىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ ئايرودۇرۇم سىستېمىسى ۋە ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى تورى ئەندىزىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. مەۋقەنى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا قويۇپ، خەلق ئاۋىياتسىيەسىنىڭ تەرەققىياتى بىلەن خەۋپسىزلىكىنى يۇقىرى ئۈنۈملۈك بىرتۇتاش پىلانلاپ، كەسىپ مىقدارىنىڭ مۇۋاپىق ئېشىشى ۋە سۈپەتنىڭ ئۈنۈملۈك ئۆسۈشىگە تېخىمۇ ياخشى تەڭ ئېتىبار بېرىپ، شىنجاڭ خەلق ئاۋىياتسىيەسىنىڭ تەرەققىياتىدا سۈپەتنى ئۆستۈرۈپ ئۈنۈمنى ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك. سىياسەت جەھەتتىن قوللاش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، شىنجاڭغا ئالاقىدار ئاۋىياتسىيە ھوقۇقىنى ئېچىۋېتىش، ئاۋىياتسىيە ھوقۇقىنى تەقسىملەش، ھەر ۋاقىت سەپلەش قاتارلىق سىياسەتلەرنى ئەلالاشتۇرۇپ، ئۈرۈمچى خەلقئارا ئاۋىياتسىيە تۈگۈنى قۇرۇلۇشىغا ماس كېلىدىغان قولايلىق سىياسەتلەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ ئاۋىياتسىيە تىرانسپورتى مۇلازىمەت ئىقتىدارى ۋە ئۇنىۋېرسال رىقابەت كۈچىنى ئاشۇرۇش كېرەك. خەلق ئاۋىياتسىيەسى ئىدارىسى ئاپتونوم رايون بىلەن بىرلىكتە شىنجاڭ خەلق ئاۋىياتسىيەسىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، تېخىمۇ ياخشى ھالدا دۆلەت ئىستراتېگىيەسىگە مۇلازىمەت قىلىدۇ، خەلقنىڭ سەپەرگە چىقىشىغا مۇلازىمەت قىلىدۇ، ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا مۇلازىمەت قىلىدۇ.

ۋاڭ چاڭشۇن مۇنداق بىلدۈردى: شىنجاڭ جۇڭگونىڭ غەربكە ئېچىۋېتىشتىكى مۇھىم دەرۋازىسى ۋە يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى، ئۈرۈمچى ئاسىيا - ياۋروپانى تۇتاشتۇرىدىغان، ئوتتۇرا، غەربىي ئاسىياغا يۈزلەنگەن خەلقئارادا بىرىنچى قاتاردا تۇرىدىغان ئاۋىياتسىيە تۈگۈنىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن بەرپا قىلىۋاتىدۇ. بۇ قېتىمقى مۇنبەر ئارقىلىق «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرىدىغان دۆلەتلەرنىڭ خەلق ئاۋىياتسىيەسى ھەمكارلىقىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى ئۈمىد قىلىمەن. ئېچىۋېتىش، ھەمكارلىشىشتا چىڭ تۇرۇپ، خەلق ئاۋىياتسىيەسى تەرەققىياتىنىڭ يېڭى پۇرسىتىنى ئىگىلەپ، ھەمكارلىق يېڭى بوشلۇقىنى كېڭەيتىپ، ئەۋزەللىكلەر ئارقىلىق ئۆزئارا تولۇقلاش، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ ئورتاق نەپ ئېلىش، ئۆزئارا مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشتۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. ئاۋىياتسىيە ئارقىلىق يېتەكلەشتە چىڭ تۇرۇپ، ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىنى پائال ئېچىپ ۋە زىچلاشتۇرۇپ، ئايروپىلان ئالمىشىشنى جىپسىلاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش، بولۇپمۇ ئۈرۈمچى خەلقئارا ئاۋىياتسىيە تۈگۈنى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، ئۈرۈمچىدە چېگرادىن ئۆتكۈزۈش بويىچە 144 سائەتلىك ۋىزا كەچۈرۈم قىلىشنى تېزدىن يولغا قويۇپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرىدىغان ئالتە چوڭ خەلقئارا ئىقتىسادىي ھەمكارلىق كارىدورىنىڭ ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى تورىنىڭ راۋانلىقىنى تەرتىپلىك ئاشۇرۇش كېرەك. كەسىپلەرنى ماسلاشتۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئورتاق قۇرىدىغان دۆلەتلەرنىڭ خەلق ئاۋىياتسىيەسى ئۇل ئەسلىھەسى، تىرانسپورت تېخنىكا جابدۇقى، مۇلازىمەت - باشقۇرۇش، داڭلىق ماركا ئۆلچىمى قاتارلىق ساھەلەردىكى يۇغۇرما تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، ئايرودۇرۇم، ئاۋىياتسىيە كەسىپلەر باغچە رايونى تىجارىتىنى باشقۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىشىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىش كېرەك. يېشىل تەرەققىياتتا چىڭ تۇرۇپ، خەلق ئاۋىياتسىيەسىنىڭ يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق ئايلانما تەرەققىيات سىستېمىسىنى بەرپا قىلىش، تاكامۇللاشتۇرۇش ئۈستىدە پائال ئىزدىنىپ، يېشىل بولۇشنى خەلق ئاۋىياتسىيەسى تەرەققىياتىنىڭ روشەن ئاساسىي رېڭىغا ئايلاندۇرۇش كېرەك. جۇڭگو ئاۋىياتسىيەسى جەمئىيىتى يىپەك يولى خەلق ئاۋىياتسىيەسى ھەمكارلىق ئىتتىپاقىنى پۇختىلاش، كۈچەيتىشكە تۈرتكە بولۇپ، «بىر بەلباغ، بىر يول» خەلق ئاۋىياتسىيەسى ھەمكارلىقىنىڭ ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلىشىشى، ئەمەلىيلىشىشىگە تۈرتكە بولۇپ، ئۈرۈمچى خەلقئارا ئاۋىياتسىيە تۈگۈنى قۇرۇلۇشىغا تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىدۇ.

ئېچىلىش مۇراسىمىدا، ما شۈلۇن، ۋاڭ مىڭيۈەن، لى ياڭمىن، خې دۇڭفېڭ، موڭغۇلىيە ئاۋىياتسىيە شىركىتى جۇڭگو رايونىنىڭ باش دىرېكتورى بادلار ئېردىنبات، شىنجاڭ ئايرودۇرۇم گۇرۇھىنىڭ باش مۇدىرى ما يىلېي ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ ئاساسىي مەقسەت نۇتقى سۆزلىدى.

مۇنبەردە يىپەك يولى خەلق ئاۋىياتسىيەسى ھەمكارلىق ئىتتىپاقى قۇرۇش تەشەببۇس قىلىندى. ئىتتىپاق جۇڭگو ۋە يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى لىنىيەسىدىكى دۆلەتلەرنىڭ ئاۋىياتسىيە شىركەتلىرى، پۇقراۋى ئايرودۇرۇملار، ئايروپىلان ۋە ئۈسكۈنە ياسىمىچىلىقى سودىگەرلىرى، مۇلازىمەت كاپالەت ئورۇنلىرى، داشۆ ۋە پەن تەتقىقات ئاپپاراتلىرى، مەدەنىيەت - ساياھەت كارخانىلىرى، پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرى، كەسپىي جەمئىيەتلەر قاتارلىقلارنى توپلاپ، ئاۋىياتسىيە تىرانسپورتى، ئايرودۇرۇم قۇرۇلۇشى تىجارىتى، خەلق ئاۋىياتسىيەسىگە ئالاقىدار كەسىپلەرنىڭ تەرەققىياتى قاتارلىق ساھەلەرنى چۆرىدەپ، ئەزالار ئارا تەجرىبىلەردىن ھەمبەھرىلىنىش، بايلىقنى بىرلەشتۈرۈش، ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، «بىر بەلباغ، بىر يول» خەلق ئاۋىياتسىيەسىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىدىغان ئۈلگە سۇپىسى بەرپا قىلىدۇ.

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى، جۇڭگو ئاۋىياتسىيەسى جەمئىيىتى، جەنۇب ئاۋىياتسىيەسى گۇرۇھى ئۈرۈمچى خەلقئارا ئاۋىياتسىيە تۈگۈنى قۇرۇلۇشى بويىچە ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق رامكا كېلىشىمى ئىمزالىدى. ئۈرۈمچى شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى، قەشقەر ۋىلايەتلىك مەمۇرىي مەھكىمە، شىنجاڭ ئايرودۇرۇم گۇرۇھى، جياڭسۇ ياجيې ئاۋىياتسىيەسى ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالىدى. شىنجاڭ ئايرودۇرۇم گۇرۇھى ئالاقىدار ئورۇنلار بىلەن ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالىدى.

شۇ كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن باش تېمىلىق مۇنبەردە، جۇڭگو خەلق ئاۋىياتسىيەسى ئىدارىسى، دۆلەت ئىچى - سىرتىدىكى داڭلىق خەلق ئاۋىياتسىيەسى كارخانىلىرى، ئايروپىلان ياسىمىچىلىقى سودىگەرلىرى، قىسمەن ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەردىكى ئايرودۇرۇم شىركەتلىرى، رايون ھەمكارلىق تەشكىلاتلىرى، شۇنداقلا خەلق ئاۋىياتسىيەسى ساھەسىدىكى كارخانىلار، ئاپپاراتلارنىڭ ئالاقىدار مەسئۇللىرى ئۈرۈمچى خەلقئارا ئاۋىياتسىيە تۈگۈنى قۇرۇش، شىنجاڭ خەلق ئاۋىياتسىيەسى كەسپىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشنى چۆرىدەپ پىكىر ئالماشتۇردى ۋە مۇزاكىرە قىلدى، شىنجاڭنىڭ ئەۋزەل شارائىتىنى تەھلىل قىلىپ، ئاۋىياتسىيە تەرەققىيات تەجرىبىلىرىدىن ھەمبەھرىلىنىپ، خەلقئارا ئاۋىياتسىيە تۈگۈنى قۇرۇلۇشىغا دائىر پىكىر يولى ۋە تەدبىرلەرنى مۇھاكىمە قىلىپ، پىكىر - تەكلىپلەرنى پائال ئوتتۇرىغا قويدى. يىغىنغا قاتناشقان قىسمەن ئەزىز مېھمانلار يەنە ئۈرۈمچى خەلقئارا ئاۋىياتسىيە تۈگۈنىنىڭ يادرولۇق رىقابەت كۈچىنى ئاشۇرۇشنى چۆرىدەپ يۇمىلاق ئۈستەل مۇزاكىرىسى ئېلىپ باردى.

چېن ۋېيجۈن، ۋاڭ جيەنشىن، قادېن كەبىن، سۈن خۇڭمېي، ليۇ سۇشې، شۆ بىن، ۋاڭ گاڭ، ليۇ شىنجيەن، جۇڭگو خەلق ئاۋىياتسىيەسى ئىدارىسى، جۇڭگو خەلق ئاۋىياتسىيەسى ھاۋا قاتنىشى باشقۇرۇش ئىدارىسى، جۇڭگو ئاۋىياتسىيەسى جەمئىيىتى شۇنداقلا ئالاقىدار كارخانا، كەسپىي ئورۇنلاردىكى ئالاقىدار مەسئۇل يولداشلار، ئاۋىياتسىيە ساھەسىدىكى ئاكادېمىك، مۇتەخەسسىسلەر، دۆلەت ئىچىدىكى قىسمەن تىرانسپورت ئاۋىياتسىيە شىركەتلىرى، ھەرقايسى ئاساسلىق ئايرودۇرۇم شىركەتلىرى، تىرانسپورت كاپالىتى كارخانىلىرى، ئايروپىلان ياسىمىچىلىقى كارخانىلىرى، ئالاقىدار ساھە جەمئىيەتلىرى، فوند جەمئىيەتلىرى قاتارلىقلارنىڭ ۋەكىللىرى، قىسمەن خەلقئارا ئاۋىياتسىيە شىركەتلىرىنىڭ ۋەكىللىرى، ئاپتونوم رايون ۋە بىڭتۇەندىكى ئالاقىدار تارماقلار، كارخانىلاردىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار ۋە ئۈرۈمچى، قەشقەر قاتارلىق ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەردىكى ئالاقىدار مەسئۇل يولداشلار مۇنبەرگە قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.