تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

يېزا ئاھالىسىنىڭ سۇ ئىشلىتىشىگە كاپالەتلىك قىلىش سەۋىيەسىنى مۇستەھكەملەش، ئۆستۈرۈش

​− «يېزا - كەنت قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، گۈللەندۈرۈش ئاساسىنى پۇختىلاش» توغرىسىدا يۈرۈشلۈك خەۋەر (2)

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى رەن خۇ

«ئىلگىرى ئۆيدە تۇرۇبا سۈيىنىڭ بېسىمى تۆۋەن بولغاچقا، يۇيۇنۇش ۋە ھاجەت قىلىش قولايسىز ئىدى، سۇ توختاپ قېلىش ئادەتتىكى ئىش ئىدى. ھازىر سۇ بېسىمى كۈچەيدى، 24 سائەتنىڭ ھەممىسىدە سۇ ئىشلىتىشىمىز قولايلاشتى.» يېزا ئىچىدىغان سۇ قۇرۇلۇشى بويىچە رېمونت قىلىش، ئاسراش تۈرىنى يولغا قويغاندىن كېيىنكى ئۆزگىرىشلەر تىلغا ئېلىنغاندا، شايار ناھىيەسى قايلور بازىرى ئاقدۆڭ كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى ئادىل راخمان چوڭقۇر ھاياجانغا تولىدۇ.

يېزا ئىچىدىغان سۇ قۇرۇلۇشى خەلق تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىدىغان، خەلقنىڭ قەلبىنى ئۇتىدىغان، ئېشىشنى مۇقىملاشتۇرىدىغان بىر تۈرلۈك خەلققە نەپ يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشى، شۇنداقلا يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىشتىكى بىر تۈرلۈك مۇھىم مەزمۇن. يېزا ئىچىدىغان سۇ قۇرۇلۇشى بويىچە رېمونت قىلىش، ئاسراشنى يولغا قويۇش ئاپتونوم رايوننىڭ باش تېما تەربىيەسىدىكى «ئەمەلىي ئىش قىلىش، خەلقنى غەمدىن خالاس قىلىش» بويىچە نۇقتىلىق تۈرلەرنىڭ بىرى قىلىندى. بۇ يىل، ئاپتونوم رايون مەركەزنىڭ سۇچىلىق تەرەققىيات مەبلىغىدىن 110 مىليون يۈەننى قولغا كەلتۈرۈپ، 539 جايدا يېزا ئىچىدىغان سۇ قۇرۇلۇشى بويىچە رېمونت قىلىش، ئاسراشنى يولغا قويدى، بۇ تۈرلەر ئاپتونوم رايون بويىچە 11 ۋىلايەت (ئوبلاست، شەھەر)تىكى 30 ناھىيە (شەھەر، رايون)نى قاپلاپ، 2 مىليون 30 مىڭ يېزا ئاھالىسىنى سۇ بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش سەۋىيەسىنى مۇستەھكەملىدى، ئۆستۈردى.

بۇ خەلق تۇرمۇشى ئەمەلىي ئىشىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۈچۈن، باش تېما تەربىيەسى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق يېزىلارنىڭ ئىچىدىغان سۇ بىخەتەرلىكىنى باشقۇرۇش باش پونكىتى تۆت خىزمەت گۇرۇپپىسىنى جەنۇبىي ۋە شىمالىي شىنجاڭدىكى يېزا ئىچىدىغان سۇ قۇرۇلۇشى بويىچە رېمونت قىلىش، ئاسراش تۈر قۇرۇلۇشى ۋەزىپىسى بار ناھىيە (شەھەر، رايون)لەرگە ئەۋەتىپ، نازارەتچىلىك قىلىش - يېتەكچىلىك قىلىش شەكلىدىكى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى قانات يايدۇرۇپ، تۈر قۇرۇلۇشىنىڭ ئىلگىرىلەش سۈرئىتى ھەم قۇرۇلۇش سۈپىتىگە نۇقتىلىق ھەيدەكچىلىك قىلدى، تەكشۈردى.

بۇ بىرنەچچە كۈندە، كۇچا شەھىرىنىڭ چىمەن بازىرىدىكى دابوز سۇ زاۋۇتىدا ئالدىراش مەنزىرە نامايان بولغانىدى: خىزمەتچى خادىملار پومپا ئۆيىدىكى كونا بېسىم ئاشۇرۇش پومپىسىنى ئالماشتۇرۇۋاتاتتى، دېزىنفېكسىيە ئۆيىگە يېڭىدىن سېتىۋالغان ئېلېكتىرولىزلانغان يېمەكلىك تۇزى تىپىدىكى ناترىي خىلورات ھاسىللىغۇچنى قۇراشتۇرۇپ سىناق قىلىۋاتاتتى، قېزىش ماشىنىسى 2 - نومۇرلۇق ماشىنىلاشقان قۇدۇق پومپا ئۆيىدىن سۇ تازىلاش كۆلچىكىگىچە بولغان ئارىلىقتا ئالدىراش مەشغۇلات قىلىۋاتاتتى، كونا، بۇزۇلغان PVC تۇرۇبىسى PE تۇرۇبىسىغا ئالماشتۇرۇلۇۋاتاتتى...

كۇچا خۇييۈەن يېزا سۇ بىلەن تەمىنلەش چەكلىك شىركىتىنىڭ دىرېكتورى ليۇ جۈن مۇنداق تونۇشتۇردى: كۇچا شەھىرىنىڭ 2023 - يىللىق يېزا ئىچىدىغان سۇ قۇرۇلۇشى بويىچە رېمونت قىلىش - ئاسراش تۈرى بەش سۇ زاۋۇتىغا چېتىلىدۇ، دابوز سۇ زاۋۇتى بۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىرى. پۈتكۈل تۈر تۇرۇبا يولىنى ئۆزگەرتىش، تۇرۇبا يولى بېسىم ئاشۇرۇش پومپىسى كىلاپان قۇدۇقىنى يېڭىدىن ياساش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

«نۆۋەتتە رېمونت قىلىش - ئاسراش تۈرىدىكى تۈرلۈك ئىش تەرتىپلىرى جىددىي ئېلىپ بېرىلماقتا.» ليۇ جۈن مۇنداق دېدى: تۈر تاماملانغاندىن كېيىن چىمەن بازىرى، بېھىشباغ يېزىسى، دۆڭقوتان بازىرىدىن ئىبارەت ئۈچ يېزا - بازارنىڭ 31 كەنتىدىكى 43 مىڭ كىشىنىڭ تۇرۇبا سۈيى مىقدارى ۋە سۇ ئىشلىتىش بېسىمى مەسىلىسى تولۇق ھەل بولىدۇ.

6 - ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، موڭغۇلكۈرە ناھىيەسى، بۇرۇلتوقاي ناھىيەسى، شايار ناھىيەسى قاتارلىق ئون ناھىيە (شەھەر)نىڭ يېزا ئىچىدىغان سۇ قۇرۇلۇشى بويىچە رېمونت قىلىش - ئاسراش تۈرى مۇددەتتىن بۇرۇن تاماملاندى ھەمدە سۇ يەتكۈزۈلۈشكە باشلىدى، جەمئىي 100 جايدىكى رېمونت قىلىش - ئاسراش قۇرۇلۇشى تاماملىنىپ، 335 مىڭ يېزا ئاھالىسىنى سۇ بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش سەۋىيەسى مۇستەھكەملەندى، ئۆستۈرۈلدى.

خىزمەت گۇرۇپپىسى يەنە ئاساسىي قاتلام بىرىنچى سېپىگە چوڭقۇر چۆكۈپ، تۈر تاماملانغاندىن كېيىن دېھقانلارنىڭ نەپكە ئېرىشىش ئەھۋالىنى ئىگىلىدى. ئاپتونوم رايونلۇق يېزا ئىچىدىغان سۇ بىخەتەرلىكىنى باشقۇرۇش باش پونكىتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى جاۋ چاۋخۇا مۇنداق تونۇشتۇردى: تۈر قۇرۇلۇشى جەريانىدا، قۇرۇلۇشنىڭ ئومۇمىي سۈرئىتىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپلا قالماي، يەنە بارلىق سۇ تۇرۇبا لىنىيەلىرىنى ياتقۇزۇش، قۇراشتۇرۇشنىڭ پۇقرالارنىڭ كۈندىلىك ئىشلىتىش ئادىتىگە ئۇيغۇن بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

تۈر يولغا قويۇلغان كەنتلەردە، سۇ سائىتى ئورنىتىش ئۇسۇلى پۇقرالارغا قولايلىق يارىتىپ بەردى. ئادىل راخمان مۇنداق دېدى: «ھازىر ئۆيگە نەرسە تورى سۇ سائىتى ئالماشتۇرۇلدى، سۇ ھەققى تاپشۇرۇش يان تېلېفوندىلا تاماملىنىدۇ، ئەمدى نەچچە كىلومېتىر يول يۈرۈپ بازارغا بېرىپ سۇ ھەققى تاپشۇرمىساقمۇ بولىدۇ».

92 ئورۇندىكى يېزا ئىچىدىغان سۇ قۇرۇلۇشى بويىچە رېمونت قىلىش - ئاسراش تۈر قۇرۇلۇشى نۇقتىسىنى نەق مەيداندا تەكشۈرۈش، 275 ئائىلىلىك دېھقان - چارۋىچىنى زىيارەت قىلىش ئارقىلىق، خىزمەت گۇرۇپپىسى ھەرقايسى جايلارنىڭ سۇ بىلەن تەمىنلەش ئەھۋالى ۋە ئاممىنىڭ سۇ ئىشلىتىشتىن رازى بولۇش دەرىجىسىنى توغرا ئىگىلىدى.

«نۆۋەتتە، رېمونت قىلىش - ئاسراش تۈرلىرىنىڭ ئىلگىرىلىشى بىرقەدەر ئوڭۇشلۇق بولۇۋاتىدۇ. ئائىلىگە كىرىپ زىيارەت قىلىش داۋامىدا ئىگىلىگەن بەزى ئاممىنىڭ ئىلتىماس - تەلىپى ۋە تەكلىپلىرىنى بىز ئەستايىدىل تەھلىل قىلىپ، پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن ھەل قىلىمىز» دېدى جاۋ چاۋخۇا.

ھازىرغىچە، ھەر دەرىجىلىك سۇچىلىق تارماقلىرىنىڭ پۈتۈن كۈچ بىلەن تۈرتكە بولۇشى ئاستىدا، تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات، مالىيە، يېزا ئىگىلىكى - يېزا، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش قاتارلىق ئالاقىدار تارماقلارنىڭ پائال ماسلىشىشى بىلەن، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى 30 ناھىيە (شەھەر، رايون)نىڭ يېزا ئىچىدىغان سۇ قۇرۇلۇشى بويىچە رېمونت قىلىش - ئاسراش تۈرىدە ئومۇميۈزلۈك ئىش باشلاندى، جەمئىي 90 مىليون 940 مىڭ 400 يۈەن مەبلەغ سېلىش تاماملىنىپ، چۈشۈرۈلگەن پىلاندىكى مەبلەغنىڭ %82.58ىنى ئىگىلىدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : 库尔班江·克衣木

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.