تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئۆز ئەۋزەللىكىمىزنى جارى قىلدۇرۇپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىپ، قىزىلسۇ ئوبلاستىنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىدا تىرىشىپ يېڭى ۋەزىيەت يارىتىمىز

قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستلىق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ۋاڭ شۆدۇڭ

ئاپتونوم رايونلۇق 10 - نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 8 - ئومۇمىي يىغىنىدا، ھازىر دۇچ كېلىۋاتقان ۋەزىيەت، ۋەزىپە ۋە ئىستراتېگىيەلىك پۇرسەت چوڭقۇر تەھلىل قىلىنىپ، پۈتۈن شىنجاڭنىڭ ھازىرقى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدىكى ئىقتىساد، جەمئىيىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنىڭ نىشان، تەدبىرلىرى سىستېمىلىق پىلانلىنىپ، ئورۇنلاشتۇرما قىلىنىپ، بولۇپمۇ «جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى بىرقانچە سىياسەت - تەدبىر» چىقىرىلىپ، بىزنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىققا دائىر تۈرلۈك خىزمەتلەرنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا بىرتۇتاش پىلانلاپ ياخشى ئىشلىشىمىز ئۈچۈن، تونۇشىمىزنى ئايدىڭلاشتۇردى، تەرەققىيات پىكىر يولىمىزنى ئايدىڭلاشتۇردى، ئىلگىرىلەش يۆنىلىشىمىزنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى، ئاساسىي ھۇجۇم نىشانىمىزنى بېكىتىپ بەردى. شىنجاڭ بىر تاختا شاھمات، جەنۇبىي شىنجاڭ شاھماتنىڭ «كۆزى»، بىز ئاپتونوم رايونلۇق 10 - نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 8 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشنىڭ دەۋر شارائىتى ۋە ئەمەلىيەت تەلىپىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، دەل جايىدا ئىگىلەپ، ئالاھىدە قوللاش سىياسىتىدىن جانلىق، ياخشى پايدىلىنىپ، رايون ئورنى، بايلىق ۋە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، شۇ جاينىڭ تىنچلىقىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش، شۇ جاينىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش، شۇ جايدىكى پۇقرالارغا بەخت يارىتىشتىن ئىبارەت مەسئۇلىيىتىمىز ۋە بۇرچىمىز ئارقىلىق، تەشەببۇسكارلىق بىلەن مەسئۇلىيەتنى زىممىمىزگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىپ، تىرىشىپ قىزىلسۇ ئوبلاستىنى چېگرا مۇداپىئەسىنى كۈچەيتىپ ۋە مۇستەھكەملەپ، چېگرا رايوننى گۈللەندۈرۈپ، خەلقنى بېيىتىشتىكى ئىستراتېگىيەلىك مۇھىم جايغا، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشتىكى غەربىي چېگرادىكى ئېگىزلىككە، «بىر بەلباغ، بىر يول» يادرولۇق رايون قۇرۇلۇشىدىكى چېگرا سودىسى مۇھىم جايىغا، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشتىكى خاس ئوبلاستقا ئايلاندۇرۇپ، گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشنىڭ قىزىلسۇ ئوبلاستى سەھىپىسىنى جاسارەت بىلەن ياخشى پۈتۈپ چىقىمىز.

بىرىنچى، «ئۈچ چوڭ ئورۇنلاشتۇرۇش»نى بەرپا قىلىپ، ئىقتىسادىي تەرەققىيات يېڭى موتورىنى بەرپا قىلىمىز. مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش، ئۇلنى پۇختىلاش، ئاساسىي رامكا تۇرغۇزۇشنى گەۋدىلەندۈرۈپ، مەۋقەنى قىممەتلىك بايلىق ئەۋزەللىكى ۋە ئۆزگىچە رايون ئورنى ئەۋزەللىكىگە قويۇپ، «بايلىقنى ئاساس قىلىش» ئارقىلىق، مانگان، مىس، قوغۇشۇن، ئانتىمونىي قاتارلىق مېتاللارنى تاۋلاش، پىششىقلاش مەركەزلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇپ ۋە قۇرۇپ، قوغۇشۇن - ئانتىمونىي قېتىشمىسى، ۋانادىي - تىتان قېتىشمىسى، مانگان - تۆمۈر قېتىشمىسى قاتارلىق كەسىپلەرنىڭ تەرەققىياتىنى ئۇزارتىمىز، تۈرتكە بولىمىز؛ «باغچە رايونىدىن پايدىلىنىش» ئارقىلىق، بايلىق، ئېنېرگىيە ئېچىش، مېتال قېزىش، تاللاش، تاۋلاش، ئىمپورت - ئېكسپورت تاۋارلىرىنى پىششىقلاش ۋە جابدۇق ياسىمىچىلىقى قاتارلىق ئوتتۇرا، يۇقىرى دەرىجىلىك كەسىپلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇپ ۋە قۇرۇپ، دۆلەت ئىچى - سىرتىغا يۈزلەنگەن ئىمپورت - ئېكسپورت تاۋارلىرىنى پىششىقلاش بازىسى، تاموژنا زاپاس ساقلاش بازىسىنى كۈچەپ بەرپا قىلىمىز؛ «پورتنى ھەممىدىن مۇھىم بىلىش» ئارقىلىق، ئۆز جايىدا پىششىقلاش، كەسىپلەرنى توپلاش، سودا ئەشيا ئوبوروتى، چېگرا ساياھىتى، ئۆزئارا سودا بازىرى سودىسى بىر گەۋدە قىلىنغان پورت ئىقتىساد سۇپىسىنى ئورۇنلاشتۇرۇپ ۋە قۇرۇپ، «يول ئىقتىسادى»نىڭ «كەسىپ ئىقتىسادى» «پورت ئىقتىسادى»غا ئۆزگىرىشىگە تۈرتكە بولىمىز.

ئىككىنچى، دىققەتنى «تۆت چوڭ كەسىپ»كە مەركەزلەشتۈرۈپ، سانائەت ئىقتىسادى يېڭى ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىمىز. بايلىق، رايون ئورنى، پورت، سىياسەت قاتارلىق ئەۋزەللىكلەرنى چوڭقۇر قېزىپ، شامال، يورۇقلۇق، سۇ، ئوت، زاپاس ئېنېرگىيە بىر - بىرىنى تولۇقلايدىغان پاكىز، يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى بىلەن تەمىنلەش سىستېمىسىنى پائال تەرەققىي قىلدۇرۇپ، «يېڭى ئېنېرگىيە»نىڭ كەسىپ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىمىز؛ ئەۋزەل بايلىق «زەنجىر بەرپا قىلىش، زەنجىرنى تولۇقلاش، زەنجىرنى كۈچەيتىش، زەنجىرنى ئۇزارتىش» قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، سىجىل تۈردە بىرلەمچى، ئىككىلەمچى كەسىپلەر تەرەققىياتىدا مەركەزلىك كۈچەپ، «يېڭى ماتېرىيال»نىڭ كەسىپ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىمىز؛ يېڭىچە قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى، ئاپتوموبىل زاپچاسلىرى، توقۇمىچىلىق جابدۇقلىرى، خاس ساياھەت جابدۇقلىرى قاتارلىق كەسىپلەرنى پائال يېتىلدۈرۈپ، توقۇمىچىلىق، كىيىم - كېچەك، ئىلمە توقۇمىچىلىق، ئائىلە توقۇلما بۇيۇملىرى، سانائەتكە ئىشلىتىلىدىغان توقۇمىچىلىق بۇيۇملىرى قاتارلىق ئېكسپورت تاۋارلىرىنى پىششىقلاشنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇپ، «يېڭى پىششىقلاش ياسىمىچىلىقى»نىڭ كەسىپ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىمىز؛ پورت باغچە رايونى چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا مەركىزى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، دۆلەت ئەشيا ئوبوروتى تۈگۈنى، چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا مۇلازىمەت سۇپىسى، ئەشيا ئوبوروتى ئۇچۇر مەركىزى، چېگرا ھالقىغان سوغۇق زەنجىر ئەشيا ئوبوروتى رايونى، كۆپ خىل شەكىلدىكى ئۇلاپ توشۇش، يۆتكەپ توشۇش مەركىزى قاتارلىقلارنى ئورۇنلاشتۇرۇپ ۋە قۇرۇپ، «يېڭى كەسىپ ھالىتى»نىڭ كەسىپ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىمىز.

ئۈچىنچى، «تۆت 1 مىليون»نى ئالغا سىلجىتىپ، يېزا ئىگىلىك كەسپى يېڭى ئېگىزلىكىنى بەرپا قىلىمىز. «ئاشلىقنى مۇقىملاشتۇرۇش، پاختىنى ئازايتىش، يەم - خەشەكنى كۆپەيتىش، چارۋىچىلىقنى كۈچەيتىش، باغۋەنچىلىكنى ئەلالاشتۇرۇش» تەرەققىيات پىكىر يولى بويىچە، خاسلاشقان، كۆلەملەشكەن، تۈجۈپىلەشكەن، ماركىلاشقان تەرەققىيات يولىدا چىڭ تۇرۇپ، چوڭ سۇ تورىنى پائال بەرپا قىلىپ، سۇ يۆتكەش، سۇ ساقلاش، سۇ تېجەش ئىقتىدارىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈپ، پەسىل خاراكتېرلىك، قۇرۇلۇش خاراكتېرلىك، قۇرۇلما خاراكتېرلىك سۇ كەمچىل بولۇش مەسىلىسىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ھەل قىلىپ، سۇ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىپ، «تۆت 1 مىليون» (ئاشلىق زىرائىتى 1 مىليون مو، سۈنئىي يەم - خەشەك 1 مىليون مو، چارۋىلارنىڭ ئېشىش مىقدارى 1 مىليون تۇياق، خاس باغ - ئورمانچىلىق ۋە چۆل يېزا ئىگىلىكى 1 مىليون مو بولۇش) قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىقنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇشنى سىجىل ئالغا سىلجىتىپ، ئاشلىق بىخەتەرلىكى ئاساسىنى ئومۇميۈزلۈك پۇختىلاپ، ئورگانىك قوي - كالا گۆشى، ئورگانىك مېۋە - چېۋە، ئورگانىك جۇڭيى دورا ئۆسۈملۈكلىرى قاتارلىق خاس يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، پۈتۈن ئوبلاستنىڭ يېزا ئىگىلىك كەسپى تەرەققىيات ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئۈزلۈكسىز تەڭشەپ، ئەلالاشتۇرۇپ، زامانىۋى دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىقنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىمىز.

تۆتىنچى، «تۆت چوڭ ھەرىكەت»نى يولغا قويۇپ، زامانىۋى شەھەر يېڭى قىياپىتىنى يارىتىمىز. شەھەر قۇرۇلۇشىنى ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىدىكى مۇھىم ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ ۋە مۇھىم خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، شەھەر ئومۇمىي پىلانى ۋە تىزگىنلەش خاراكتېرلىك تەپسىلىي پىلاننى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ھەقىقىي تۈردە «ئادەمنى ئاساس قىلىش، تەبىئەتكە ھۆرمەت قىلىش، مەدەنىيەتكە ۋارىسلىق قىلىش، يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق بولۇش، فۇنكسىيەلىك رايونلارغا ئايرىش، ئەسلىھەلەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈش» ئىدىيەسىنى شەھەر قۇرۇلۇشىنىڭ پۈتكۈل جەريانىغا سىڭدۈرۈپ، شەھەر قۇرۇلۇشىدىكى «تۆت چوڭ ھەرىكەت» (خەتەرلىك، كونا ئۆيلەر ۋە كەپىلىك رايونلارنى ئۆزگەرتىش ھەرىكىتى، شەھەرنى يېڭىلاپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ھەرىكىتى، يېزا ئىگىلىك يۆتكەلمە ئاھالىسىنى شەھەر ئاھالىسىگە ئايلاندۇرۇش ھەرىكىتى، شەھەر ئىدارە قىلىش دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ھەرىكىتى)نى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، يېڭى، كونا شەھەر رايونلىرىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ تەرەققىي قىلدۇرۇش، ماس تەرەققىي قىلدۇرۇشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، چېگرا مەدەنىيىتى سىڭگەن، چېگرا رايون خاسلىقى گەۋدىلەنگەن زامانىۋى شەھەر بەرپا قىلىشنى تېزلىتىمىز.

بەشىنچى، «ئۇۋا ياساپ سۇمۇرغ جەلپ قىلىش»قا ئەھمىيەت بېرىپ، سودىگەرلەرگە مايىللاشقان، سودىگەرلەرنى خاتىرجەم قىلىدىغان يېڭى مۇھىت بەرپا قىلىمىز. تىجارەت - سودا مۇھىتىدىكى توسۇق نۇقتا، قىيىن نۇقتا مەسىلىلىرىنى چىڭ كۆزلەپ، «بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش» ئىسلاھاتىنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، «داڭلىق مۇلازىم»، «باش مۇلازىم» بالا باققۇچى شەكلىدىكى مۇلازىمەتنى پۈتۈن كۈچ بىلەن بەرپا قىلىپ، «تىجارەت - سودا مۇھىتى ھەممە كىشىگە باغلىق» دېگەن خىزمەت كەيپىياتىنى شەكىللەندۈرۈپ، «ئۈنۈملۈك بازار» بىلەن «قابىل ھۆكۈمەت»نى بىرلەشتۈرۈشنى تېخىمۇ ياخشى ئالغا سىلجىتىپ، تەننەرخى ئەڭ تۆۋەن سىياسەت مۇھىتى، پايدىسى ئەڭ ئەلا تىجارەت - سودا مۇھىتى، ئۈنۈمى ئەڭ يۇقىرى مۇلازىمەت مۇھىتىنى كۈچەپ بەرپا قىلىپ، ئەۋزەل بايلىقنى گەۋدىلەندۈرۈپ، «كىرگۈزۈش، چىقىرىش»نى تەڭ قوللىنىشتا چىڭ تۇرۇپ، كەسىپ زەنجىرى بويىچە سودىگەر چاقىرىشنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، دەل جايىدا سودىگەر چاقىرىش، كەسىپ زەنجىرى بويىچە سودىگەر چاقىرىش، ئېھتىياج بويىچە سودىگەر چاقىرىش، سودا ئارقىلىق سودىگەر چاقىرىش، شىنجاڭغا ياردەم بېرىش بويىچە سودىگەر چاقىرىش قاتارلىق شەكىللەرنى قوللىنىپ، دىققەتنى سودىگەر چاقىرىشنى كېڭەيتىش، چوڭ سودىگەر چاقىرىش، ياخشى سودىگەر چاقىرىشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، تۈرلۈك ئامىللارنى قىزىلسۇ ئوبلاستىغا توپلىنىش، كەسىپلەرنى قىزىلسۇ ئوبلاستىغا يۆتكىلىشكە جەلپ قىلىمىز.

ئالتىنچى، «ئالتە ئىش»نى ياخشى قىلىپ، ئېكولوگىيە - مۇھىت يېڭى مەنزىرىسى بەرپا قىلىمىز. شى جىنپىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئەمەلدە كۆرسىتىپ، ئېكولوگىيە توسۇقى بىخەتەرلىكىنى ياخشى قوغداشتىن ئىبارەت سىياسىي مەسئۇلىيەتنى ئاڭلىق زىممىمىزگە ئېلىپ، سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغنىڭ ئۆزى بىر بايلىق دېگەن ئىدىيەنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ ۋە ئەمەلدە كۆرسىتىپ، يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق تەرەققىيات يولىدا قەتئىي مېڭىپ، تاغ، دەريا، ئورمان، ئېتىز، كۆل، ئوتلاق، قۇملۇقنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ قوغداش ۋە سىستېمىلىق تۈزەشتە چىڭ تۇرۇپ، سىستېمىلىق سۇ تىزگىنلەش، ئېكولوگىيەنى تۈزەش، كەسىپلەرنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىش، يېزا - كەنتلەرنى تۈزەش، شەھەرلەرنى ئولتۇراقلىشىشقا ماس كېلىدىغان قىلىش، نازارەت قىلىش، تۈزىتىشتىن ئىبارەت «ئالتە ئىش»نى گەۋدىلىك ياخشى قىلىپ، ئېكولوگىيە قەرزىنى تولۇقلاشنى تېزلىتىپ، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى ۋە ئېكولوگىيە - مۇھىتنى قوغداشنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، ئېكولوگىيە سىستېمىسىنىڭ كۆپ خىللىقى، مۇقىملىقى، سىجىللىقىنى ئۆستۈرۈپ، قىزىلسۇ ئوبلاستىنىڭ ئاسمىنىنى تېخىمۇ كۆك، يېرىنى تېخىمۇ يېشىل، سۈيىنى تېخىمۇ سۈزۈك قىلىپ، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ ئومۇميۈزلۈك يېشىل تىپ ئۆزگەرتىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يېشىل رەڭنى باشتىن - ئاخىر قىزىلسۇ ئوبلاستى ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىدىكى روشەن ئاساسىي رەڭگە ئايلاندۇرىمىز.

يەتتىنچى، «ئۈچ خىل تۇرمۇش كەچۈرۈش»نى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، چېگرا رايوننى گۈللەندۈرۈپ خەلقنى بېيىتىش يېڭى ئۈلگىسىنى بەرپا قىلىمىز. خەلقنى مەركەز قىلغان تەرەققىيات ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، رەھبىرىي كادىرلار جاپالىق تۇرمۇش كەچۈرۈش، ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەر ئىقتىسادچىل تۇرمۇش كەچۈرۈش، ھەر مىللەت ئامما ياخشى تۇرمۇش كەچۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ھەقىقىي تۈردە ئامما «تەقەززا بولۇۋاتقان» ئىشلارنى بىز كۈچەپ قىلىدىغان ئىش قىلىپ، ھەر مىللەت ئامما كۆڭۈل بۆلىدىغان بىر تۈركۈم خەلق تۇرمۇشى ئەمەلىي ئىشلىرىنى زور كۈچ بىلەن ھەل قىلىپ، «بەش بىر تۈركۈم» ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، خەلق رازى بولىدىغان مائارىپنى تىرىشىپ ياخشى يولغا قويۇپ، خەلق تۇرمۇشى كاپالىتى تۆۋەن چېكىنى تولۇق ساقلاپ، تولۇق مۇستەھكەملەپ، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش بويىچە «12 چوڭ قۇرۇلۇش»نى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، «سەككىز كۈچ» (پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ئاممىۋى ئىشەنچلىكلىكى، ھەر دەرىجىلىك تەشكىلاتلارنىڭ تەشكىللەش كۈچى، ئىدىيەۋى تەربىيەنىڭ قايىل قىلىش كۈچى، سىياسەتنى ئىجرا قىلىشنىڭ تەسىر كۆرسىتىش كۈچى، پارتىيە ئەزالىرى تايانچلىرىنىڭ يېتەكلەش كۈچى، يۈرۈشتۈرۈش مېخانىزمىنىڭ تۈرتكىلىك كۈچى، بايلىقتىن يۇقىرى ئۈنۈملۈك پايدىلىنىشتىكى بىرىكتۈرۈش كۈچى، ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىشتىكى ئەمەلىيلەشتۈرۈش كۈچى)نى ئۆستۈرۈشنى تۇتقا قىلىپ، ئىسلاھات، تەرەققىيات نەتىجىلىرى ئارقىلىق تېخىمۇ كۆپ، تېخىمۇ ياخشى ھالدا خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈش، كىشىلەر قەلبىنى مۇجەسسەملەشكە تۈرتكە بولۇپ، خەلق ئاممىسىنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشىنى ئۈزلۈكسىز ئىشقا ئاشۇرۇپ، تىرىشىپ چېگرا رايون خاسلىقىغا ئىگە ئورتاق بېيىش يېڭى يولىنى تېپىپ چىقىمىز.

سەككىزىنچى، «پىچاقنىڭ بىسىنى ئۆزىگە قارىتىش»تا چىڭ تۇرۇپ، كادىرلار قوشۇنى يېڭى قىياپىتىنى يارىتىمىز. قەتئىي بوشاشماي شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ئارقىلىق قەلبنى مۇجەسسەملەپ، روھنى تاۋلاپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئالغا سىلجىتىپ، ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىش روھى ئارقىلىق رەھبەرلىك بەنزىلىرى ۋە رەھبىرىي كادىرلارنىڭ ئىدىيەۋى - سىياسىي قۇرۇلۇشىغا دائىر تۈرلۈك تەدبىرلەرنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، كادىرلار قوشۇنى ئىستىلىنى تەرتىپكە سېلىشنى پۇختا تەشكىللەپ قانات يايدۇرۇپ، پائال يۇقىرىغا ئۆرلەيدىغان، ئىش قىلىپ نەتىجە يارىتىدىغان، ئىستىل دۇرۇس، كەيپىيات توغرا بولغان ياخشى سىياسىي ئېكولوگىيەنى زور كۈچ بىلەن بەرپا قىلىپ، كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى قاراشنى ئۆزگەرتىش، پىكىر يولىنى ئۆزگەرتىش، ئىستىلنى ئۆزگەرتىشكە تەربىيەلەپ ۋە يېتەكلەپ، توغرا بولغان ھوقۇق قارىشى، سىياسىي نەتىجە قارىشى، كەسىپ قارىشىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، راستچىل - ئەمەلىيەتچىل بولۇپ، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەپ، تېخىمۇ كۆتۈرەڭگۈ روھ، تېخىمۇ ئەمەلىي ئىستىل، تېخىمۇ كۈچلۈك تەدبىرلەر ئارقىلىق، يەڭنى تۈرۈپ غەيرەت بىلەن ئىشلەپ، بوران - چاپقۇنغا پىسەنت قىلماي ئالغا ئىلگىرىلەپ، ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى كۈچلۈك كاپالەت بىلەن تەمىنلەيمىز.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.