تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

«تۆتتە ياخشى يېزا يولى»نى ياخشى ياساپ، بەختلىك تۇرمۇشقا يۈرۈش قىلىش داغدام يولى بەرپا قىلىش

− «يېزا - كەنت قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، گۈللەندۈرۈش ئاساسىنى پۇختىلاش» توغرىسىدا يۈرۈشلۈك خەۋەر (1)

□ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لۇ فېڭباۋ

6 - ئاينىڭ 27 - كۈنى، قۇرباننىياز مەمەت توكسىكلىتنى مىنىپ بەخىرامان ھالدا كەنت سىرتىدىكى چوڭ كۆۋرۈكتىن ئۆتتى، دولدىكى غول ئۆستەڭنى توغرىسىغا كېسىپ ئۆتىدىغان، ئىلگىرى ئۇنى دەككە - دۈككىگە سالىدىغان بۇ كۆۋرۈك ھازىر رېمونت قىلىنىپ يېپيېڭى تۈسكە كىرىپ، لوپ ناھىيەسى دول يېزىسى سېرىق كەنتى ئاھالىلىرىنىڭ سەپەرگە چىقىش بىخەتەرلىكى كاپالەتكە ئىگە بولدى.

«كونا كۆۋرۈككە 40 نەچچە يىل بولدى، كۆۋرۈك يۈزىدىكى بېتون ئېغىر دەرىجىدە بۇزۇلۇپ، پولات چىۋىقلار كۆرۈنۈپ قالغانىدى. ئاپتوموبىل ھەيدەپ كۆۋرۈكتىن ئۆتۈشكە جۈرئەت قىلالمايتتۇق، توكسىكلىتلىق ئۆتسەكمۇ بەك ئەندىشە قىلاتتۇق» دېدى قۇرباننىياز.

شىنجاڭنىڭ يېرى كەڭ، نوپۇس تارقاق، يېزا تاشيولىنى ياخشى ياساش - ياسىماسلىق دېھقان ئامما ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان، ئەڭ بىۋاسىتە، ئەڭ رېئال خەلق تۇرمۇشى مەسىلىسى. باش تېما تەربىيەسى داۋامىدا، شىنجاڭ «تۆتتە ياخشى يېزا يولى» قۇرۇلۇشىنى «ئەمەلىي ئىش قىلىش، خەلقنى غەمدىن خالاس قىلىش»تىكى نۇقتىلىق تۈرلەرنىڭ بىرى قىلدى، بۇ يىل 6000 كىلومېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى يېزا تاشيولىنى يېڭىدىن ئۆزگەرتىپ ياساپ، 5000 كىلومېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى يېزا تاشيولىدا بىخەتەرلىك بويىچە مۇداپىئەلىنىش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇپ، 100 خەتەرلىك كۆۋرۈكنى ئۆزگەرتىپ ياساپ، يېزا تاشيوللىرىنىڭ راۋان بولۇش سەۋىيەسى ۋە بىخەتەرلىك كاپالىتى سەۋىيەسىنى يەنىمۇ ئۆستۈرىدۇ.

باشلامچى ئورۇن بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش - تىرانسپورت نازارىتى پارتىيە كومىتېتى نەزەرىيە ئۆگىنىش، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش، تەكشۈرۈش - تۈزىتىش، قائىدە - تۈزۈم ئورنىتىش قاتارلىق تۈرلۈك خىزمەتلەرنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ ئالغا سىلجىتىپ، «تۆتتە ياخشى يېزا يولى» قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇشقا بولغان تونۇشنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، بىرىنچى سەپكە چوڭقۇر چۆكۈپ ئەمەلىي ئەھۋالنى تەكشۈرۈپ، ئەمەلىي تەدبىر قوللىنىپ، ئامما ئالدىراۋاتقان، قىينىلىۋاتقان، غەم قىلىۋاتقان، تەقەززا بولۇۋاتقان مەسىلىلەرنى كۈچەپ ھەل قىلىپ، يېزا تاشيولى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىشنى ئالغا سىلجىتتى.

سېرىق كەنتىدىكى كۆۋرۈك بۇ يىللىق ئۆزگەرتىپ ياساش دائىرىسىگە كىرگۈزۈلدى. «ئەسلىدىكى ئورنىغا بىر يېڭى كۆۋرۈك سېلىنىپ، 6 - ئايدا قۇرۇلۇش تاماملىنىپ، بىخەتەرلىك يوشۇرۇن خەۋپى تۈگىتىلدى» دېدى لوپ ناھىيەلىك قاتناش - تىرانسپورت ئىدارىسى تۈر ئىشخانىسىنىڭ كادىرى تۇرسۇنمەمەت توختى.

مەبلەغ بېسىمى يېزا تاشيولى قۇرۇلۇشىدىكى ئەمەلىي قىيىنچىلىق. «ئۆزىمىزگىلا تايىنىپ ياسىساق، قىيىنلىق دەرىجىسى ناھايىتى زور ئىدى» دېدى تۇرسۇنمەمەت.

تۈر قۇرۇلۇشى مەبلىغى مەسىلىسى توغرىسىدا، ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش - تىرانسپورت نازارىتى پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن نازىر گو شېڭ مۇنداق تونۇشتۇردى: شىنجاڭ يېزا تاشيولى قۇرۇلۇشىدا «ياردەم پۇلى ئورنىغا مۇكاپات بېرىش» سىياسىتىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، قاتناش - تىرانسپورت مىنىستىرلىقىنىڭ ياردەم پۇل مەبلىغىنىڭ قوزغاتقۇچلۇق رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ھەرقايسى جايلارنى كۆپ خىل شەكىللەر ئارقىلىق يېزا تاشيوللىرىنى قۇرۇش ۋە ئاسراشنى قوللاشقا رىغبەتلەندۈردى ۋە يېتەكلىدى.

«ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك نۇرغۇن ئورۇنلار بىرلىكتە يېزا تاشيوللىرىنى چوڭ - ئوتتۇرا رېمونت قىلىش، خەتەرلىك كۆۋرۈكلەرنى ئۆزگەرتىپ ياساش ھەمدە ئاسراش مەبلىغى ئاجرىتىپ، مەبلەغ بېسىمىمىزنى يېنىكلەتتى» دېدى تۇرسۇنمەمەت.

تۈرلەرنىڭ ئىلگىرىلىشىگە تۈرتكە بولۇشنى تېزلىتىش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش - تىرانسپورت نازارىتى 2023 - يىللىق يېزا تاشيوللىرىنى قۇرۇش، ئاسراش پىلانى ھەم ياردەم پۇل مەبلىغىنى مۇددەتتىن بۇرۇن چۈشۈرۈپ، ھەرقايسى جايلارنىڭ «تۆتتە ياخشى يېزا يولى» قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىشىگە مەدەت بەردى. ھەمدە بۆلەك رايونلارغا بۆلۈپ يېتەكچىلىك قىلىش، مۇلازىمەت قىلىش شەكلىنى قوللىنىپ، نازارەت رەھبەرلىرى ئۆمەك باشلاپ ھەرقايسى جايلاردىكى قۇرۇلۇش تۈرلىرىگە بېرىپ، نەق مەيداندا ياردەم بېرىپ - يۆلەپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، بايقالغان مەسىلىلەرنى نەق مەيداندا ھەل قىلدى.

نۆۋەتتە، شىنجاڭ بويىچە يېزا تاشيولى قۇرۇلۇشىغا جەمئىي 2 مىليارد 90 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىش تاماملىنىپ، 690.8 كىلومېتىر مۇساپە پۈتكۈزۈلدى، 39 خەتەرلىك كۆۋرۈكنى ئۆزگەرتىپ ياساش تاماملاندى، 61 خەتەرلىك كۆۋرۈكنى ئۆزگەرتىپ ياساش تۈرى ئېلىپ بېرىلىۋاتىدۇ، جەمئىي 442 كىلومېتىر كەنت يولىدا بىخەتەرلىك بويىچە ئالدىنى ئېلىش قۇرۇلۇشى تاماملاندى.

قۇرۇلۇش قىلىش تەرەققىيات، باشقۇرۇش، ئاسراشمۇ تەرەققىيات ھېسابلىنىدۇ. ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش - تىرانسپورت نازارىتى ھەرقايسى جايلارنىڭ يېزا تاشيوللىرىنى باشقۇرۇش، ئاسراش تۈزۈلمىسىنى يولغا قويۇش لايىھەسىنى ئوتتۇرىغا قويۇشىغا، يېزا تاشيولى «يول باشلىقى تۈزۈمى» رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى قۇرۇشىغا، يېزا تاشيوللىرىنى دائىملىق ئاسراشقا شۇ جاينىڭ يانداش مەبلەغ چىقىرىشىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشىگە ھەيدەكچىلىك قىلىپ، ھەرقايسى جايلارنىڭ «تۆتتە ياخشى يېزا يولى» قۇرۇلۇشىنى «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» خىزمىتى ۋە يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش تۈرلىرى قاتارىغا كىرگۈزۈپ مۇھاكىمە قىلىپ، ئورۇنلاشتۇرما قىلىشىنى قوللاپ، يەرلىكنىڭ تەشەببۇسكارلىقى ۋە ئىجادچانلىقىنى يەنىمۇ جارى قىلدۇردى.

«باش تېما تەربىيەسىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇشنى پۇرسەت بىلىپ، ھەرقايسى جايلارنىڭ قۇرۇلۇش ئالتۇن مەزگىلىنى چىڭ تۇتۇشىغا داۋاملىق ھەيدەكچىلىك قىلىپ، تۈرلەرنى ئالغا سىلجىتىش سالمىقىنى زورايتىپ، ئاممىنىڭ سەپەرگە چىقىش مەسىلىسىنى ھەل قىلىپ، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنىڭ <تېز سۈرئەتلىك يول>غا قەدەم قويۇشىغا كۈچ قوشىمىز» دېدى گو شېڭ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.