تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

​يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئۈنۈمى ئارقىلىق باش تېما تەربىيەسىنىڭ نەتىجىسىنى تەكشۈردى

ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى «بىر كارخانىغا بىر مەخسۇس بەن» ئەندىزىسى ئارقىلىق مۇھىم، زور ئېنېرگىيە ھەم كەسىپ تۈرلىرىگە مۇلازىمەت قىلدى​

يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئۈنۈمى ئارقىلىق باش تېما تەربىيەسىنىڭ نەتىجىسىنى تەكشۈردى

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى شى شىن

شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش باش تېما تەربىيەسى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى، ئورۇنلاشتۇرمىسىغا ئاساسەن، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتتىن ئىبارەت باش ۋەزىپىنى چۆرىدەپ، شىنجاڭنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورنىنى چىڭ كۆزلەپ، مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، خىزمەتلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى قاتتىق تۇتۇپ، مۇھىم، زور ئېنېرگىيە ھەم كەسىپ تۈرلىرىدە «بىر كارخانىغا بىر مەخسۇس بەن» مۇلازىمەت ئەندىزىسى ئورنىتىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئۈنۈمى ئارقىلىق باش تېما تەربىيەسىنىڭ نەتىجىسىنى تەكشۈردى.

5 - ئاينىڭ 30 - كۈنى، ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 246 كىلومېتىر كېلىدىغان ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ تەبىئىي گاز ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشى قۇربان توڭغۇت قۇملۇقىدىكى قارامايلى گازلىقىدا باشلاندى. بۇ تۈر ئاساسلىقى ئالتاي ۋىلايىتىدە تۇرۇبىلىق تەبىئىي گاز بولماسلىق مەسىلىسىنى ھەل قىلىپ، پاكىز ئېنېرگىيەدىن پايدىلىنىش دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش، خەلق تۇرمۇشىغا ئومۇميۈزلۈك نەپ يەتكۈزۈش، ئىقتىسادنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل، مۇقىم تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش قاتارلىقلاردا ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

بۇ تۈر يەنە ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ «بىر كارخانىغا بىر مەخسۇس بەن» مۇلازىمەت ئەندىزىسى ئورنىتىپ، جەنۇبىي، شىمالىي شىنجاڭنىڭ تەبىئىي گاز ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈش بويىچە تۇرۇبا يولىنى كېڭەيتىش قۇرۇلۇش تۈرىدە ئىش باشلاشنى تېز ئىلگىرى سۈرۈشتىكى بىر مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۈلگە مىسالى ھېسابلىنىدۇ.

جەنۇبىي، شىمالىي شىنجاڭدا تەبىئىي گاز ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈش بويىچە تۇرۇبا يولىنى كېڭەيتىش قۇرۇلۇش تۈرى پۈتكەندىن كېيىن، شىنجاڭ بويىچە شەھەر رايونىدا تۇرۇبىلىق تەبىئىي گاز يەتكۈزۈلمىگەن 23 ناھىيە، شەھەر ھەم شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنىنىڭ تۇەن - مەيدانلىرىنى قاپلاپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئاتموسفېرا مۇھىت سۈپىتىنى زور دەرىجىدە ياخشىلاپ، تەخمىنەن 10 مىليون كىشىنى بىۋاسىتە نەپكە ئېرىشتۈرىدۇ.

«تۈرنىڭ ئالدىنقى باسقۇچلۇق رەسمىيەتلىرىنى بېجىرىش جەريانىدا توسۇق نۇقتا، قىيىن نۇقتا مەۋجۇت» دېدى ئاپتونوم رايونلۇق ئېنېرگىيە ئىدارىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى ۋاڭ چاڭجياڭ. ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى جۇڭگو نېفىت - تەبىئىي گاز گۇرۇھى شىركىتىگە كۆپ قېتىم بېرىپ پىكىر ئالماشتۇرۇپ ئۇدۇللاشتۇردى ھەم جۇڭگو نېفىت گۇرۇھى تەرەققىيات - پىلان بۆلۈمى، جۇڭگو نېفىتى شىنجاڭ نېفىتلىك شىركىتى بىلەن شىنجاڭدا سۆھبەت ئۆتكۈزدى ھەم ئالتاي ۋىلايىتى، تارباغاتاي ۋىلايىتىگە بېرىپ نەق مەيداندا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، پىكىر - تەكلىپلەرنى ئاڭلاپ، مەسىلىلەرنى باشلامچىلىق بىلەن بايقاپ، تونۇپ ۋە ھەل قىلىپ، ھەل قىلىش تەدبىرلىرىنى قاراتمىلىق ئوتتۇرىغا قويدى.

نۆۋەتتە، شىمالىي شىنجاڭنىڭ تەبىئىي گاز ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈش تۇرۇبا يولىنى كېڭەيتىپ قۇرۇش قۇرۇلۇشى(بەش تارماق تۈر)نىڭ ھەرقايسى تۈرلىرىدە مەبلەغ سېلىش ئاساسىي گەۋدىسى، ھەمكارلىق ئەندىزىسى، مەبلەغ غەملەش، گاز مەنبەسىگە كاپالەتلىك قىلىش، تۇرۇبا يولى، قۇرۇلۇش مۇددىتى قاتارلىق ئىشلار دەسلەپكى قەدەمدە بېكىتىلدى، بۇنىڭ ئىچىدە بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى، ئالتاي ۋىلايىتى، تارباغاتاي ۋىلايىتىدىكى ئۈچ تارماق تۈردە قۇرۇلۇش باشلاندى. جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ تەبىئىي گاز ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈش تۇرۇبا يولىنى كېڭەيتىپ قۇرۇش قۇرۇلۇشى(توققۇز تارماق تۈر)نىڭ ئومۇمىي مۇمكىنچىلىك تەتقىقات دوكلاتى دەسلەپكى تەكشۈرۈشتىن ئۆتتى، بۇنىڭ ئىچىدە كېلا - جەنۇبىي بۈگۈر قوش لىنىيەسى − يېڭىمەھەللە گاز يەتكۈزۈش تۇرۇبا يولى تۈرىدە بۇ يىل 10 - ئايدا قۇرۇلۇش باشلاش تىرىشىپ قولغا كەلتۈرۈلىدۇ، قالغان سەككىز تارماق تۈردە بۇ يىل 10 - ئايدىن بۇرۇن ئالدىنقى باسقۇچلۇق خىزمەتلەرنىڭ ھەممىسىنى تاماملاش تىرىشىپ قولغا كەلتۈرۈلىدۇ.

جەنۇبىي، شىمالىي شىنجاڭنىڭ تەبىئىي گاز ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈش تۇرۇبا يولىنى كېڭەيتىپ قۇرۇش قۇرۇلۇشى تۈرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تېز ئالغا سىلجىتىش ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ باش تېما تەربىيەسىنىڭ ئۈنۈمىنى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىگە ئايلاندۇرغانلىقىنىڭ ئىخچام كۆرۈنۈشى.

«پۈتۈن مەملىكەت بويىچە بىر تور»نى زىچ، پۇختا توقۇشنى تېزلىتىپ، دۆلەتنىڭ ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكىگە تېخىمۇ ياخشى كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، باش تېما تەربىيەسى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستلىق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ غەربىي 2 -، 3 - لىنىيەدىكى كەڭساي ئىستراتېگىيەلىك بىخەتەرلىك تۇرۇبا يولى قۇرۇلۇشىنىڭ قۇرۇلۇش باشلاشتىن بۇرۇنقى رەسمىيەتلەرنى بېجىرىشنى تېزلىتىشىگە ھەيدەكچىلىك، يېتەكچىلىك قىلىپ، نۇقتىلىق تۈر تىزىملىكى تۇرغۇزۇپ، تۈرلەرنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالىنى ۋاقتىدا ئىز قوغلاپ تەكشۈردى. نۆۋەتتە، «غەربنىڭ گازىنى شەرققە يەتكۈزۈش» 4 - لىنىيەسىنىڭ تەبىئىي گاز تۇرۇبا يولى قۇرۇلۇشى(تۇرپان − جۇڭۋېي) ئومۇمىي لىنىيەسىنىڭ جەمئىي %65ى، پونكىت - مەيدانلارنىڭ %10ى تاماملاندى؛ غەربىي 2 -، 3 - لىنىيەدىكى كەڭساي ئىستراتېگىيەلىك بىخەتەرلىك تۇرۇبا يولى قۇرۇلۇشى تۈرى تەكشۈرۈپ تەستىقلاندى، بۇ يىل 9 - ئايدا قۇرۇلۇشنىڭ باشلىنىشى مۆلچەرلەنمەكتە.

شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى يەنە شىنجاڭ چىڭخۇا ئېنېرگىيە گۇرۇھى چەكلىك شىركىتىنىڭ كۆمۈردىن گاز ئېلىش تۈرى 2 - قارار(يىلىغا 4 مىليارد كۇب مېتىر)نى تەتقىق قىلىپ دەلىللەشنى قانات يايدۇرۇشىغا يېتەكچىلىك قىلدى؛ دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى، دۆلەت ئېنېرگىيە ئىدارىسىگە دوكلات قىلىپ ئۇدۇللاشتۇرۇپ، شىنجاڭ ئېنېرگىيە گۇرۇھىنىڭ قومۇل سەنتاڭخۇ كان رايونى شىتوۋمېي 1 - نومۇرلۇق ئۈستى ئوچۇق كۆمۈر كېنىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنىڭ يىلىغا 5 مىليون توننىدىن كۆپىيىپ يىلىغا 15 مىليون توننىغا يېتىشىنى تەكشۈرۈپ بېكىتىشنى قولغا كەلتۈردى؛ دۆلەت ئېلېكتىر تورى شىنجاڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى چەكلىك شىركىتى بىلەن ئۇدۇللاشتۇرۇپ، ئېلېكتىر تورى تۈرىدە ئالدىنقى باسقۇچلۇق قۇرۇلۇش جەريانىدا يولۇققان تۈرلۈك مەسىلىلەرنى ماسلاشتۇرۇپ ھەل قىلدى... «بىر كارخانىغا بىر مەخسۇس بەن» مۇلازىمەت ئەندىزىسى ئارقىلىق، بىر قاتار ئېنېرگىيە كەسىپ تۈرلىرىنى ئۈنۈملۈك ئالغا سىلجىتتى.

«يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشنىڭ يېڭى ئۈنۈمى ئارقىلىق باش تېما تەربىيەسىنىڭ نەتىجىلىرىنى تەكشۈرىمىز.» ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى ئورگان پارتىيە كومىتېتىنىڭ مەخسۇس ۋەزىپىدىكى مۇئاۋىن شۇجىسى چېن شېڭخۇي مۇنداق دېدى: نەزەرىيە ئۆگىنىش، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش، تەكشۈرۈش - تۈزىتىشنى تۇتاشتۇرۇپ، باش تېما تەربىيەسىنىڭ چوڭقۇرلىشىشى، ئەمەلىيلىشىشىگە تۈرتكە بولۇپ، ئەمەلىي ھەرىكىتىمىز ئارقىلىق شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا كۈچ قوشىمىز.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئابلەت روزى

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.