تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

نەق مەيداندا ئىش بېجىرىش ئارقىلىق مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا تۈرتكە بولۇش

− باش تېما تەربىيەسىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىش توغرىسىدا يۈرۈشلۈك مۇلاھىزە (14)

□ شىن شىجيەن

«تۈرنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالى قايسى باسقۇچقا كەلدى؟» «قايسى مەسىلىلەرنى ماسلاشتۇرۇپ ھەل قىلىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ؟»... يېقىندا، يېڭى ئېنېرگىيە كەسپىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا مۇناسىۋەتلىك مۇھىم، زور بىر تۈرنىڭ تېزدىن ئەمەلىيلىشىشىگە تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى، ئاپتونوم رايونلۇق پەن - تېخنىكا نازارىتى، دۆلەت ئېلېكتىر تورى شىنجاڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى چەكلىك شىركىتى قاتارلىق كۆپ تارماق بىرلىكتە ئالاقىدار كارخانىلارغا كىرىپ نەق مەيداندا ئىش بېجىرىپ، زىددىيەت ۋە قىيىنچىلىقلارغا بىۋاسىتە يۈزلىنىپ، قاتتىق، ئەمەلىي تەدبىرلەر ئارقىلىق مەسىلىلەرنى ھەل قىلدى، بۇنى باش تېما تەربىيەسىنىڭ ئۈنۈمىنى تەكشۈرۈشتىكى بىر قېتىملىق جانلىق ئەمەلىيەت دېيىشكە بولىدۇ.

نەق مەيداندا ئىش بېجىرىش دېگەنلىك، ئىسمىدىنلا كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، ئىش بېجىرىش ئورنىنى مەسىلە بار نەق مەيدانغا يۆتكەپ كېلىشنى كۆرسىتىدۇ، ئۇ ئادەتتە ئالاقىدار تارماقلارنىڭ مەلۇم بىر مۇئەييەن مەسىلىنى نەق مەيداندا ئەمەلىيلەشتۈرۈش، ھەل قىلىشتىكى بىر خىل خىزمەت شەكلى. بۇ، ئەمەلىيەتكە چوڭقۇر چۆكۈپ، ئامما ئارىسىغا چوڭقۇر چۆكۈپ، مەسىلىنى شۇ جاينىڭ ئۆزىدە تەتقىق قىلىپ ھەل قىلىدىغان خىزمەت ئۇسۇلى، شۇنداقلا مەسىلىگە بىۋاسىتە يۈزلىنىدىغان، ئەمەلىي ئۈنۈمنى كۆزلەيدىغان ئېسىل ئەنئەنە، ئاپتونوم رايون بويىچە يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنىڭ ئەمەلىي ئۈنۈمى ئارقىلىق باش تېما تەربىيەسىنىڭ چوڭقۇرلىشىشى، ئەمەلىيلىشىشىگە تۈرتكە بولۇنۇۋاتقان ھازىرقى پەيتتە، ئۇ تېخىمۇ مۇھىمى باش تېما تەربىيەسىنىڭ ئۈنۈمىنى تەكشۈرۈشتىكى بىر تۈرلۈك «سىنتاش» بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

مەسىلە نەق مەيدانىدا تۇرۇش، زىددىيەتنىڭ ئاچقۇچلۇق تەرىپىگە بىۋاسىتە تېگىش قىلىش، قارىماققا يىغىنچاق، قىسقا بولغان نەق مەيداندا ئىش بېجىرىشتە پۇختا نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشتە جەزمەن مەۋقەنى پۈتۈن ۋەزىيەتكە قويۇپ، مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇش ھەم چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، سىستېمىلىق پىلانلاش ۋە ئويلىنىشتىن ئۆتكۈزۈش كېرەك، بۇ، رەھبىرىي كادىرلارنىڭ ئىقتىدار سەۋىيەسى ۋە خىزمەت ئۇسۇلىنى سىناپلا قالماي، يەنە ئۆگەنگەننى ئىشلىتىشتەك ياخشى ئۆگىنىش ئىستىلى ۋە ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەشتەك خىزمەت ئىستىلى ئارقىلىق، نەزەرىيە ئۆگىنىش نەتىجىسىنى ئەمەلىيەتكە تۈرتكە بولىدىغان تۈگىمەس ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە ئايلاندۇرغان - ئايلاندۇرمىغانلىقىنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ.

نەق مەيداندا ئىش بېجىرىش ئارقىلىق مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا تۈرتكە بولۇشتا، ئىش بېجىرىش «ئورنى»نىڭ دەل جايىدا تېپىلغان - تېپىلمىغانلىقىغا قاراش كېرەك. نەق مەيداندا ئىش بېجىرىش زاۋۇت، كان - كارخانىلاردا، ياكى يېزا - كەنتلەردىكى چوڭ - كىچىك كوچىلاردا بولسا بولىۋېرىدۇ، بۇنىڭ نېگىزى ئاچقۇچلۇق مەسىلىنىڭ تۇتۇلغان - تۇتۇلمىغانلىقىدا، مەسىلىنى تېخىمۇ ئەتراپلىق، تېخىمۇ چوڭقۇر چۈشەنگەن - چۈشەنمىگەنلىكتە، بۇ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشتىن ئىبارەت بۇ ئاساسىي ماھارەتنى ئىگىلەشنىڭ پۇختا بولغان - بولمىغانلىقى، جايىدا بولغان - بولمىغانلىقىنى سىنايدۇ. پەقەت كىبىرنى تاشلاپ، پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن ئامما ئارىسىغا، ئىشلەپچىقىرىشنىڭ بىرىنچى سېپىگە چۆككەندىلا، ئاندىن مەسىلىنى بايقىغىلى بولىدۇ؛ پەقەت سىستېما قارىشىدا چىڭ تۇرۇپ، پۈتۈن ۋەزىيەت بىلەن قىسمەنلىكنى ياخشى ئىگىلەپ، ئاساسلىق زىددىيەت بىلەن ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدىغان زىددىيەتنى ئېنىق ئايرىغاندىلا، ئاندىن مەسىلىنىڭ ئاچقۇچىنى تۇتقىلى بولىدۇ؛ پەقەت قىيىنچىلىققا قارشى ئىلگىرىلەپ مەسىلە مەركەزلەشكەن جايلارغا، قىيىن مەسىلە يۈزبەرگەن جايلارغا بارغاندىلا، ئاندىن تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش نەتىجىلىرىنى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىش، خىزمەتلەرنى ئالغا سىلجىتىشتىكى ئەمەلىي ئۈنۈمگە ئايلاندۇرغىلى بولىدۇ.

نەق مەيداندا ئىش بېجىرىش ئارقىلىق مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا تۈرتكە بولۇشتا، يەنە «دەرھال تۈزىتىش» بىلەن «ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزم ئورنىتىش» ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىشقا دىققەت قىلىش كېرەك. نەق مەيداندا ئىش بېجىرگەندە قىسقا ۋاقىتتا مەسىلە ۋە قىيىنچىلىقنىڭ تېز ھەل قىلىنىشىغا تۈرتكە بولغىلى بولىدۇ، يەنە قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش چارىسى ۋە تەجرىبىسىنى توپلىغىلى بولىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئەسلىدىكى مېخانىزم ۋە چارىلەرنىڭ يېڭى ئەھۋالغا تاقابىل تۇرالمايدىغانلىقىنى، يېڭى مەسىلىلەرنى ھەل قىلالمايدىغانلىقىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ، بۇنىڭ ئۈچۈن نەق مەيداندا بارلىققا كەلگەن چارە ۋە تەجرىبىلەرنى رەتلەپ خۇلاسىلەشكە، خىزمەت مېخانىزمىنى يەنىمۇ ئەلالاشتۇرۇش، مۇكەممەللەشتۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ، بۇ، دەل باش تېما تەربىيەسىنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، پارتىيەنىڭ ئىجادىي نەزەرىيەسىنى تەتبىقلاپ يېڭى ئەھۋاللارنى تەتقىق قىلىش، يېڭى مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش تېمىسىدا بولۇشقا تېگىشلىك مەزمۇن.

شىنجاڭنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورنىنى چىڭ كۆزلەپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتتىن ئىبارەت باش ۋەزىپىنى زىچ چۆرىدەپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىنى پۇختا ياخشى قىلىش، «سەككىز چوڭ كەسىپ توپى» بەرپا قىلىش، رايونلارنىڭ ماس تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىشتا، ھەر بىر نۇقتىلىق خىزمەتنى نەق مەيدانغا بېرىپ ئەمەلىي ئەھۋالنى تەكشۈرۈشكە، قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا توغرا كېلىدۇ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىرلار ئىستىلنى ھەقىقىي ياخشىلاپ، بىرىنچى سەپكە چوڭقۇر چۆكۈپ مەسىلىلەرنى بايقاپ، مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، باش تېما تەربىيەسىنىڭ ئۈنۈمىنى ھەقىقىي تۈردە ئىدىيەدە زور دەرىجىدە ئازاد بولۇش، ئىقتىدارنى زور دەرىجىدە ئۆستۈرۈش، ئىستىلنى زور دەرىجىدە ياخشىلاش، خىزمەتنى كەڭ كۆلەمدە ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشنىڭ جانلىق ئەمەلىيىتىگە ئايلاندۇرۇشى كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.