تىيانشان تورى   ›   ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرى   ›   شۇجى خاتىرىسى

ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات - سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى 9 - قۇرۇلتىيى ئېچىلدى

ما شىڭرۇي، لى يى سۆز قىلدى   ئەركىن تۇنىياز، زۇمرەت ئوبۇل، جاڭ چۇنلىن قاتناشتى

6 - ئاينىڭ 27 - كۈنى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات - سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى 9 - قۇرۇلتىيى ئۈرۈمچىدە ئېچىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي، جۇڭگو ئەدەبىيات - سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مۇئاۋىن رەئىس لى يى ئېچىلىش يىغىنىغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى. □ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سۈي جىجيەن فوتوسى

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 6 - ئاينىڭ 27 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات - سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى 9 - قۇرۇلتىيى 6 - ئاينىڭ 27 - كۈنى ئۈرۈمچىدە ئېچىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي، جۇڭگو ئەدەبىيات - سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مۇئاۋىن رەئىس لى يى ئېچىلىش يىغىنىغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى زۇمرەت ئوبۇل، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى جاڭ چۇنلىن ئېچىلىش يىغىنىغا قاتناشتى.

ما شىڭرۇي ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى، خەلق قۇرۇلتىيى، ھۆكۈمەت، سىياسىي كېڭەش ۋە بىڭتۇەنگە ۋاكالىتەن يىغىننىڭ ئېچىلغانلىقىنى قىزغىن تەبرىكلىدى، ئۇزاقتىن بۇيان شىنجاڭنىڭ ئەدەبىيات - سەنئەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا كۆڭۈل بۆلۈپ ۋە مەدەت بېرىپ كەلگەن جۇڭگو ئەدەبىيات - سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى، قېرىنداش ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەرنىڭ ئەدەبىيات - سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىگە چىن كۆڭلىدىن رەھمەت ئېيتتى، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى كەڭ ئەدەبىيات - سەنئەت خىزمەتچىلىرىگە سەمىمىي سالام يوللىدى. ما شىڭرۇي مۇنداق كۆرسەتتى: قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش يېڭى مۇساپىسىدە، شىنجاڭنىڭ ئەدەبىيات - سەنئەت خىزمىتىنىڭ ئىستىقبالى پارلاق. پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى كەڭ ئەدەبىيات - سەنئەت خىزمەتچىلىرى شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ئارقىلىق قەلبنى مۇجەسسەملەپ، روھنى تاۋلاشتا چىڭ تۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئەدەبىيات - سەنئەت خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەدەبىيات - سەنئەتنى گۈللەندۈرۈش، راۋاجلاندۇرۇشنىڭ توغرا سىياسىي يۆنىلىشىنى مەھكەم ئىگىلەپ، يېڭى مەدەنىيەت بۇرچىنى ھەقىقىي زىممىگە ئېلىپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن ئەدەبىيات - سەنئەت كۈچىنى قوشۇشى كېرەك. كۆپچىلىكنىڭ دىققەتنى ئومۇمىي ۋەزىيەتكە مۇلازىمەت قىلىشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، باشتىن - ئاخىر شىنجاڭنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىقى بىلەن ماس قەدەمدە بولۇپ، جۇڭگو شىنجاڭ ھېكايىسىنى چىن قەلبى، چىن ھېسسىياتى، پۈتۈن زېھنى بىلەن ياخشى سۆزلەپ، يېڭى مۇساپىدە جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان، يېڭى دەۋردە تۆھپە قوشىدىغان قۇدرەتلىك كۈچنى مۇجەسسەملىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. توغرا يولدا مېڭىپ يېڭىلىق يارىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، قەلبتىن ئېتىراپ قىلىشنى كۈچەيتىشنى نىشان قىلىپ شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، تېخىمۇ كۆپ نادىر ئەسەرلەرنى ئىجاد قىلىپ، شىنجاڭنىڭ ئەدەبىيات - سەنئەت ئىشلىرىنىڭ يېڭى مەنزىلىنى تىرىشىپ ئېچىش كېرەك. خەلقنىڭ مەيدانىدا مۇستەھكەم تۇرۇپ، خەلقنى مەركەز قىلغان ئىجادىيەت يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك ئەدەبىيات - سەنئەت ئەسەرلىرى ۋە ئەدەبىيات - سەنئەت مۇلازىمىتى ئارقىلىق ھەر مىللەت ئاممىنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشىنى ئۈزلۈكسىز قاندۇرۇش كېرەك. ئەسلىي مەقسەت ۋە توغرا يولنى قەتئىي ساقلاپ، ئادەم بولۇش، ئىش قىلىش، سەنئەت بىلەن شۇغۇللىنىشنى بىرلىككە كەلتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ئەخلاققا ئەھمىيەت بېرىپ، پەزىلەتكە ئەھمىيەت بېرىپ، مەسئۇلىيەتكە ئەھمىيەت بېرىپ، ئەخلاق ۋە سەنئەتتە قوش كامالەتكە يېتىشكە ئىنتىلىش داۋامىدا كىشىلىك ھايات قىممىتىنى يارىتىش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك ئەدەبىيات - سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى تەشكىلاتلىرى كەسپىي ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، ساھەنىڭ ئۆز قۇرۇلۇشىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، كەڭ ئەدەبىيات - سەنئەت خىزمەتچىلىرىنى پارتىيەنىڭ ئەدەبىيات - سەنئەت ئىشلىرىغا پائال ئاتلىنىشقا كەڭ سەپەرۋەر قىلىشى كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتلىرى ۋە ھۆكۈمەتلەر ئەدەبىيات - سەنئەت خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، شىنجاڭنىڭ ئەدەبىيات - سەنئەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ھەقىقىي ياخشى شارائىت يارىتىپ بېرىشى كېرەك.

لى يى جۇڭگو ئەدەبىيات - سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىگە ۋاكالىتەن قۇرۇلتاينىڭ ئېچىلغانلىقىنى قىزغىن تەبرىكلىدى ھەم شىنجاڭنىڭ ئەدەبىيات - سەنئەت ئىشلىرى ۋە ئەدەبىيات - سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى خىزمىتىدە قولغا كەلتۈرۈلگەن نەتىجىلەرنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى. ئۇ مۇنداق كۆرسەتتى: پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھى ۋە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەدەنىيەت قۇرۇلۇشى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، تەشۋىق قىلىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، بىر نىيەتتە ھەمكارلىشىپ يېڭى دەۋردىكى ئەدەبىيات - سەنئەت ئىشلىرى ۋە ئەدەبىيات - سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى خىزمىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. ئۆزىگە ئىشىنىش، ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇشتا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى مەدەنىيەت بۇرچىنى زىممىگە ئېلىشنىڭ جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى مۇھىم ئورنى ۋە ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر تونۇپ، جۇڭخۇا مەدەنىيىتى مەيدانىنى چىڭ ساقلاپ، زامانىمىزدىكى جۇڭگو ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەپ، زامانىمىزدىكى شىنجاڭ ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەپ، يېڭى دەۋردىكى ئەدەبىيات - سەنئەت تەرەققىياتىدىكى بۇرچ، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىش كېرەك. خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىشتە چىڭ تۇرۇپ، خەلقنى مەركەز قىلغان ئىجادىيەت يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنى ئەدەبىيات - سەنئەت ئىجادىيىتىنىڭ پۈتۈن جەريانىغا سىڭدۈرۈپ، ھەر مىللەت ئاممىنى «بەشنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش»نى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىشكە يېتەكلەش كېرەك. توغرا يولدا مېڭىپ يېڭىلىق يارىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، مەدەنىيەتكە ۋارىسلىق قىلىش، يېڭىلىق يارىتىش ئاڭلىقلىقىنى كۈچەيتىپ، ئىجادىيەتنى مەركىزىي ۋەزىپە، ئەسەرنى مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش ئاساسى، سۈپەتنى ئۆستۈرۈشنى ئەسەرنىڭ جان تومۇرى قىلىپ، شىنجاڭ خاسلىقىغا ئىگە تېخىمۇ كۆپ نادىر ئەسەرلەرنى ئوتتۇرىغا چىقىرىپ، جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى ئىجادىي ئايلاندۇرۇش، ئىجادىي راۋاجلاندۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك. توغرا يولدا چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئىدىيە - ئەخلاق سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، كەسپىي ئەخلاق ۋە كەسپىي روھنى يۈكسەلدۈرۈپ، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى ئاڭلىق ئەمەلدە كۆرسىتىپ، ئەخلاق ۋە سەنئەتتە قوش كامالەتكە يېتىشكە ئىنتىلىپ، تىرىشىپ ئىلغار مەدەنىيەتنى ئەمەلدە كۆرسەتكۈچىلەردىن، جەمئىيەت كەيپىياتىغا يېتەكچىلىك قىلغۇچىلاردىن بولۇش كېرەك. شىنجاڭ ئەدەبىيات - سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ فۇنكسىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئادا قىلىپ، ئەدەبىيات - سەنئەت خىزمەتچىلىرىنى كەڭ دائىرىدە ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، تىرىشىپ جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى ئەۋج ئالدۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتى زامانىۋى مەدەنىيلىكىنى بەرپا قىلىش، سوتسىيالىستىك مەدەنىيەت كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن يېڭى تۆھپە قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

ئاپتونوم رايونلۇق ئىتتىپاق كومىتېتىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى ئاپتونوم رايوندىكى خەلق تەشكىلاتلىرىغا ۋاكالىتەن تەبرىك سۆزى قىلدى. سەنشى ئۆلكىلىك ئەدەبىيات - سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى قېرىنداش ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەردىكى ئەدەبىيات - سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىگە ۋاكالىتەن تەبرىك سۆزى قىلدى.

يىغىندا ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات - سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى 8 - نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ خىزمەت دوكلاتى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات - سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى نىزامنامىسىگە تۈزىتىش كىرگۈزۈش ئەھۋالى توغرىسىدىكى ئىزاھات ئاڭلاپ ئۆتۈلدى.

ۋاڭ جيەنشىن، ئېلزات ئەخمەتجان، دوۋ ۋەنگۇي، مۇتەللىپ مەتتوختى، ئالاقىدار تارماقلاردىكى مەسئۇل يولداشلار، ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات - سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى 9 - قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى ئېچىلىش يىغىنىغا قاتناشتى.