تىيانشان تورى   ›   ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرى   ›   شۇجى خاتىرىسى

ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەشتە چىڭ تۇرۇپ، مەكتەپ باشقۇرۇش، مەكتەپ ئىدارە قىلىش، مائارىپ ئوقۇتۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، ئالىي مائارىپنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى ئارقىلىق شىنجاڭنىڭ زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىغا تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىش كېرەك

ما شىڭرۇي ئاپتونوم رايوندىكى بىر قىسىم ئالىي مەكتەپلەردە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا مۇنداق تەكىتلىدى

ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەشتە چىڭ تۇرۇپ، مەكتەپ باشقۇرۇش، مەكتەپ ئىدارە قىلىش، مائارىپ ئوقۇتۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، ئالىي مائارىپنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى ئارقىلىق شىنجاڭنىڭ زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىغا تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىش كېرەك

جاڭ چۇنلىن تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشقا قاتناشتى

6 ـ ئاينىڭ 25 ـ كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي ئاپتونوم رايوندىكى بىر قىسىم ئالىي مەكتەپلەرگە بېرىپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. سۈرەتتە: ما شىڭرۇي شىنجاڭ سىفەن داشۆسى ماركسىزم شۆيۈەنىدە ئوقۇش پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلار بىلەن سەمىمىي پىكىر ئالماشتۇرماقتا. □ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سۈي جىجيەن فوتوسى

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 6 ـ ئاينىڭ 25 ـ كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي 6 ـ ئاينىڭ 25 ـ كۈنى شىنجاڭ مالىيە ـ ئىقتىساد داشۆسى، شىنجاڭ سىفەن داشۆسى، شىنجاڭ سانائەت قۇرۇلۇش شۆيۈەنىگە كېلىپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى، باش تېما تەربىيەسىنى پۇختا قانات يايدۇرۇپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ئارقىلىق روھنى تاۋلاپ ئادەم تەربىيەلەشتە چىڭ تۇرۇپ، ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەش تۈپ ۋەزىپىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەش ئىقتىدارىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭ ئالىي مائارىپىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىغا تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىشنى چۆرىدەپ، شىنجاڭ ئالىي مائارىپىغا ئالاقىدار خىزمەتلەرنى چوڭقۇر تەتقىق قىلدى، پىلانلىدى.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى جاڭ چۇنلىن تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشقا قاتناشتى.

ما شىڭرۇي شىنجاڭ مالىيە ـ ئىقتىساد داشۆسىگە كېلىپ، كۇتۇپخانىنى باشقۇرۇش، يۈرۈشتۈرۈش ۋە يازلىق تەتىلدە مەكتەپتە قالغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى، مەكتەپنىڭ تۈر قۇرۇلۇشى نەق مەيدانىنى كۆزدىن كەچۈرۈپ، قۇرۇلۇش سۈرئىتىنى تېزلىتىپ، قۇرۇلۇشنىڭ قەرەلىدە، يۇقىرى سۈپەتتە پۈتۈشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشنى تەلەپ قىلدى؛ يىپەك يولى ئىقتىسادى ۋە باشقۇرۇش تەتقىقات ئورنىدا، رايون ئىقتىسادى تەتقىقاتىنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالى، ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى بىلەن ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىشىش قاتارلىق ئەھۋاللارنى ئاڭلاپ، ئوقۇتقۇچىلار ۋە تەتقىقات خادىملىرى بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇپ، كۆپچىلىكنىڭ ئېچىۋېتىش جەھەتتىكى ھەمكارلىشىش سالمىقىنى زورايتىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىغا مۇلازىمەت قىلىش ۋە سىڭىشىشتە تېخىمۇ زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشىنى ئۈمىد قىلدى. ما شىڭرۇي مۇنداق تەكىتلىدى: شىنجاڭنىڭ ئەمەلىي ئېھتىياجىغا زىچ بىرلەشتۈرۈپ، ئالىي مەكتەپلەرنىڭ بايلىق ئورۇنلاشتۇرۇشىنى ئىلمىي ئەلالاشتۇرۇپ، قۇرۇشقا ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەردىكى ئالىي مەكتەپلەر بىلەن بولغان ئالاقە ۋە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، تېخىمۇ كۆپ يۇقىرى سەۋىيەلىك ئۇنىۋېرسال ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش كېرەك.

شىنجاڭ سىفەن داشۆسىدە، ما شىڭرۇي ماركسىزم شۆيۈەنىگە كېلىپ، مائارىپ ئوقۇتۇشىنىڭ قانات يايدۇرۇلۇش ئەھۋالىنى ئىگىلەپ، ئوقۇش پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلار بىلەن سەمىمىي پىكىر ئالماشتۇرۇپ مۇنداق تەكىتلىدى: ماركسىزم شۆيۈەنى ماركسىزمچىلارنىڭ بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ ئىجادىي نەزەرىيەسىنى چوڭقۇر، ئېنىق، جانلىق سۆزلەپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ياخشى چۈشەندۈرۈپ، كەڭ ئوقۇتقۇچى ـ ئوقۇغۇچىلارنى «بەشنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش»نى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىشكە يېتەكلەش كېرەك. جۇڭگو تىل ـ ئەدەبىياتى شۆيۈەنىگە كىرىپ، ما شىڭرۇي دۆلەت تىل ـ يېزىقىنى ئومۇملاشتۇرۇش بازىسىنىڭ يۈرۈشۈش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى، كۆپچىلىكنى شىنجاڭ ئۈچۈن دۆلەت ئورتاق تىل ـ يېزىقىنى كېڭەيتىدىغان، ئومۇملاشتۇرىدىغان تېخىمۇ كۆپ ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈشكە، تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشقا ئىلھاملاندۇردى. ما شىڭرۇي يەنە خۇاڭ ۋېنبى ئالاھىدە كىتابلار سارىيىنى كۆزدىن كەچۈرۈپ، كۆپچىلىكنىڭ شىنجاڭنىڭ ئارخېئولوگىيە ۋە تارىخ تەتقىقات خىزمىتى سالمىقىنى زورايتىپ، سالمىقى بار تېخىمۇ كۆپ تەتقىقات نەتىجىلىرى ئارقىلىق شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملىشىنى ئۈمىد قىلدى. ما شىڭرۇي مۇنداق تەكىتلىدى: ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەرنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇپ، ئىش ئورنى بايلىقىنى قېزىپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش يوللىرىنى كېڭەيتىپ، تەمىنلەش بىلەن ئېھتىياجنى ئۇدۇللاشتۇرۇش ۋە يېتەكچىلىك قىلىش مۇلازىمىتىنى كۈچەيتىپ، تېخىمۇ تولۇق، تېخىمۇ يۇقىرى سۈپەتلىك ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا پۇختا تۈرتكە بولۇشى كېرەك.

ما شىڭرۇي يەنە شىنجاڭ سانائەت قۇرۇلۇش شۆيۈەنىنىڭ ئالاقىدار مەكتەپ رايونىنى ئورۇنلاشتۇرۇش ـ باشقۇرۇشقا ئالاقىدار خىزمەتلەرنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى، شۆيۈەننىڭ پەن تەسىس قىلىش ۋە ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەش ئەھۋالىنى ئىگىلىدى، ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: شىنجاڭنىڭ ئېنېرگىيە بايلىقى ئەۋزەللىكى ۋە خاس كەسىپلەر توپىنىڭ تەرەققىيات ئېھتىياجىنى چۆرىدەپ، سانائەت پەنلىرى تۈرىدىكى پەنلەر قۇرۇلۇشىنىڭ كۆلىمى ۋە سۈپىتىنى تېز ئۆستۈرۈپ، ئىشلەپچىقىرىش بىلەن ئوقۇتۇشنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، زامانىۋىلاشقان كەسىپ سىستېمىسى بەرپا قىلىشقا تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىش كېرەك.

ما شىڭرۇي تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش جەريانىدا مۇنداق تەكىتلىدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مائارىپ توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرى ۋە شىنجاڭنى كۆزدىن كەچۈرگەندە قىلغان مۇھىم سۆزى، بەرگەن مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، «كىم ئۈچۈن ئادەم تەربىيەلەش، قانداق ئادەم تەربىيەلەش، ئادەمنى قانداق تەربىيەلەش»تىن ئىبارەت بۇ تۈپ مەسىلىنى زىچ چۆرىدەپ، پارتىيەنىڭ مائارىپ فاڭجېنىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، توغرا مەكتەپ باشقۇرۇش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، مەكتەپ باشقۇرۇش، مەكتەپنى ئىدارە قىلىش، ئوقۇتۇش ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەش سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ ئالىي مائارىپىدا يېڭى بۆسۈش ھاسىل قىلىشقا تۈرتكە بولۇپ، شىنجاڭنىڭ زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى پۇختا ئەقلىي ئىختىساسلىقلار تىرىكى بىلەن تەمىنلەش كېرەك. توغرا سىياسىي يۆنىلىشتە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ ئالىي مەكتەپ خىزمىتىگە بولغان ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىپ، ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئىدىيەۋى ـ سىياسىي خىزمىتىنى ئەستايىدىل ياخشى ئىشلەپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى دەرسلىككە، دەرسخانىغا كىرگۈزۈشكە، كاللىغا سىڭدۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، ھەقىقىي تۈردە پارتىيەنىڭ ئىجادىي نەزەرىيەسى ئارقىلىق ئۇلنى چىڭىتىپ روھنى تاۋلاپ، ئەقىل ـ پاراسەتنى ئۇرغۇتۇپ، قەلبلەرنى ئوزۇقلاندۇرۇش كېرەك. ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەشتىن ئىبارەت تۈپ ۋەزىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەشنى ئىدىيە ـ ئەخلاق تەربىيەسى، مەدەنىيەت بىلىملىرى تەربىيەسى، جەمئىيەت ئەمەلىيىتى تەربىيەسىنىڭ ھەرقايسى ھالقىلىرىغا سىڭدۈرۈپ، ھەر مىللەت ئوقۇغۇچىلارنى ئەخلاقىي، ئەقلىي، جىسمانىي، گۈزەللىك، ئەمگەك جەھەتلەردە ئەتراپلىق يېتىلىشكە تەربىيەلەپ، يېتەكلەپ، ۋەتەننى سۆيۈش ھېسسىياتى، جەمئىيەت مەسئۇلىيىتى تۇيغۇسى، يېڭىلىق يارىتىش روھى، ئەمەلىيەت ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، مىللەتنى گۈللەندۈرۈشتىن ئىبارەت مۇھىم ۋەزىپىنى زىممىسىگە ئالىدىغان دەۋر يېڭى كىشىلىرىنى تىرىشىپ تەربىيەلەپ يېتىشتۈرۈش كېرەك. يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا مۇلازىمەت قىلىشنى كۆزلەپ، ئادەم تەربىيەلەش ئۇسۇلى، مەكتەپ باشقۇرۇش ئەندىزىسى قاتارلىقلاردا ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىشنى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، دۆلەت ئىستراتېگىيەسىگە مۇلازىمەت قىلىش، شىنجاڭنىڭ زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىغا تىرەك بولۇشنى زىچ چۆرىدەپ، نىشانلىق ئوق ئېتىپ خاس، ئەۋزەل پەنلەر قۇرۇلۇشىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ ئىلىم ـ پەن مائارىپى، سانائەت قۇرۇلۇشى مائارىپىنى كۈچەيتىپ، پەن ـ تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارى، سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى لىنىيەسى بويىدىكى دۆلەتلەر بىلەن بولغان ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىشىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تېخىمۇ كۆپ يۇقىرى قاتلاملىق كەمچىل ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈشنى تېزلىتىپ، مائارىپنىڭ شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا بولغان تىرەكلىك كۈچى، تۆھپە قوشۇش كۈچىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇش كېرەك. ئالىي مائارىپنىڭ تەرەققىيات ئاساسىنى مۇستەھكەملەپ، قوللاش، كاپالەتلەندۈرۈش سالمىقىنى سىجىل زورايتىپ، ئەۋزەللىك، خاسلىقنى گەۋدىلەندۈرۈپ، مەكتەپ باشقۇرۇش بايلىقىنى مۇجەسسەملەپ، مۇھىم ئامىللارنىڭ يۆتكىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئالىي مائارىپنىڭ ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى ۋە تەرەققىيات ھاياتىي كۈچىنى ئۈزلۈكسىز قوزغىتىپ، يېتەكلەش بىلەن تەربىيەلەشنى تەڭ تۇتۇپ، يۇقىرى ساپالىق كەسىپلەشكەن ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى بەرپا قىلىپ، شىنجاڭ ئالىي مائارىپىنىڭ مەكتەپ باشقۇرۇش، ئادەم تەربىيەلەش سۈپىتىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىگە ئۈنۈملۈك تىرەك بولۇش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.