تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مىللەتلەر ئىتىپاقلىق

ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدىن بولۇش» پائالىيىتى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇلدى

    ياز كىرىشى بىلەن، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ھەر خىل شەكىلدىكى «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدىن بولۇش» پائالىيىتى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇلۇپ، ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما ئوتتۇرىسىدىكى قېرىنداشلىق مېھرى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتى، قوشماقلاشقان تۇغقانلار خۇشال ھالدا بىر يەرگە جەم بولۇپ، بىرلىكتە ئەمگەك قىلىپ، بىرلىكتە مەدەنىيەت پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىپ، بىرلىكتە ساياھەت قىلىپ، بىرلىكتە غىزالىنىپ، قېرىنداشلىق رىشتىنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇردى. 

5-ئاينىڭ 8-كۈنى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ تىيانشان رايونى يەنئەن يولى كوچا باشقارمىسى چېنگۇاڭ مەھەللىسىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتى مەھەللە بىلەن بىرلىكتە «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدىن بولۇش» بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى، كۆپچىلىك بىرلىكتە مەززىلىك تائاملارنى تېتىپ، كەڭ-كۇشادە مۇڭدىشىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى دوستلۇق رىشتىسى ھەققىدە ئورتاق پاراڭلاشتى. سۈن جېنسۇڭ فوتوسى

5-ئاينىڭ 5-كۈنى، كۇچا شەھىرى ئۇچا بازىرىنىڭ كادىرى شى شۇيا(سولدا) ئۇچا 3-كەنتىدىكى قوشماقلاشقان تۇغقىنى ساۋ سۈيشيا بىلەن بىللە شوخلا ئۈزۈپ، مول ھوسۇل شادلىقىنى ھېس قىلماقتا. ۋۇ لې فوتوسى

 5-ئاينىڭ 8-كۈنى، لوپنۇر ناھىيەلىك خەلق ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ كادىرلىرى ۋە قوشماقلاشقان تۇغقانلىرى لوپنۇر مۇزېيىدا «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدىن بولۇش مەن تۇغقىنىم بىلەن بىرلىكتە يۇرتۇمنى ساياھەت قىلىمەن» بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، يۇرتىدىكى خۇشاللىنارلىق ئۆزگىرىشلەرنى ھېس قىلماقتا. ۋاڭ جىپېڭ فوتوسى

ساۋەن شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى ئىشخانىسىنىڭ شاڭخۇدى يېزىسى شياۋكېڭ كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى، 1-شۇجى جۇ چيۇچىن(ئوڭدا) 5-ئاينىڭ 8-كۈنى قوشماقلاشقان تۇغقىنى مەمەت ئېلاخۇن بىلەن بىللە شاپتۇل چېچىكىنى تاماشا قىلماقتا. لەن لىڭ فوتوسى

5-ئاينىڭ 4-كۈنى، چەرچەن ناھىيەلىك 2-ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ تەنتەربىيە مەيدانىدا، خېبېيدىن مائارىپقا ياردەم بېرىشكە كەلگەن ئوقۇتقۇچى خۇ چاۋرۇ(ئوتتۇرىدا) ئىلگىرى ئۆزى دەرس بەرگەن ئىككى ئوقۇغۇچى نادىرە ياسىن(سولدا) ۋە ۋېي شياۋيا(ئوڭدا) بىلەن بىرلىكتە ئوقۇتۇش تەجرىبىلىرىنى ئالماشتۇرماقتا. 23 يىلدىن بۇيان، خېبېيدىن مائارىپقا ياردەم بېرىشكە كەلگەن ئوقۇتقۇچىلار جاپالىق ئەمگىكى ۋە قان-تەرى ئارقىلىق بىر تۈركۈم مۇنەۋۋەر ئوقۇغۇچىلارنى يېتىشتۈرۈپ چىقتى. سۇ شىن فوتوسى

5-ئاينىڭ 7-كۈنى، ئاتۇش شەھىرى گۇاڭمىڭ يولى كوچا باشقارمىسى قۇرۇلۇش يولى مەھەللىسى كېجيەن يېڭى كەنتى ئولتۇراق رايونىدىكى ھەر مىللەت ئاھالىلەر ناخشا ئېيتىپ، ئۇسسۇل ئويناپ بىر يەرگە جەم بولدى. تىيانشان تورى ـ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ئۆتكۈر نىجات فوتوسى

    5-ئاينىڭ 14-كۈنى، لوپ ناھىيەسى 2023-يىللىق «كىشىلەر قەلبىنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش، يېڭى دەۋر ئاساسىي مېلودىيەسىنى ياڭرىتىش» باش تېما قىلىنغان خەلق سەنئەتكارلىرىنىڭ يېزا چالغۇلىرىنى چېلىش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزدى. ھەر قايسى يېزا-بازارلاردىن كەلگەن 100دىن ئارتۇق يېزا -كەنت خەلق سەنئەتكارى تەمبۇر، دۇتار، راۋاب، سۇناي قاتارلىق چالغۇلار بىلەن ماھارەت كۆرسەتتى. ھەرقايسى چالغۇلار نۆۋەت بىلەن چېلىندى، مول مۇزىكا ۋە ئېسىل چالغۇلار نەق مەيداندىكى تاماشىبىنلارغا ئوخشاش بولمىغان چالغۇلارنىڭ سېھرى كۈچىنى تولۇق ھېس قىلدۇردى.

5-ئاينىڭ 14-كۈنى، ساياھەتچىلەر بىرلىكتە ناخشا ئېيتىپ ئۇسسۇل ئوينىدى. مەمەتئېلى ئەنۋەر فوتوسى

    5-ئاينىڭ 12-كۈنى، ساۋەن شەھەرلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ سەندوخوزا بازىرى نۇرلۇق يولى مەھەللىسىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتى ۋە مەھەللە «ئىككى كومىتېتى» «ئىناق قوشنىدارچىلىق، يۈز ئائىلە زىياپىتى» مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدىن بولۇش بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى، تەۋەلىكتىكى ھەر مىللەت ئاھالىسى بىرلىكتە مەززىلىك تائاملارغا ئېغىز تېگىپ، پاراڭلىشىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ھېسسىياتىنى ئورتاق بايان قىلدى.

5 - ئاينىڭ 12 – كۈنى، ئاھالىلەر مەززىلىك تائاملارنى تېتىماقتا. شۈ گۇاڭيۇڭ فوتوسى

5-ئاينىڭ 12-كۈنى، ھەر مىللەت ئاھالىسى بىرلىكتە مەززىلىك تائاملارنى تېتماقتا. شۈ گۇاڭيۇڭ فوتوسى

    5-ئاينىڭ 12-كۈنى، ساۋەن شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتى پېشقەدەم كادىرلار ئىدارىسىنىڭ سەندوخوزا بازىرى ئورمانچىلىق مەيدانى مەھەللىسىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتى ۋە مەھەللە «ئىككى كومىتېت»ى «گۈللەر ئېچىلغان گۈزەل 5-ئايدا تۇغقىنىم بىلەن يۇرتۇمنى ساياھەت قىلىمەن» مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدىن بولۇش مېھىر ـ مۇھەببەت يۇغۇرۇلما پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، قوشماقلاشقان تۇغقانلارنى بىرلىكتە گۈزەل مەنزىرىلەرنى ساياھەت قىلىشقا، بىرلىكتە ئويۇن ئويناشقا تەكلىپ قىلىپ، يۇرتىدىكى خۇشاللىنارلىق ئۆزگىرىشلەرنى ھېس قىلدۇردى.

5-ئاينىڭ 12-كۈنى، كادىرلار قوشماقلاشقان تۇغقانلىرى بىلەن بىللە ئويۇن ئوينىدى. جىن جىبياۋ فوتوسى

5-ئاينىڭ 12-كۈنى، كادىرلار قوشماقلاشقان تۇغقانلىرى بىلەن بىللە ئويۇن ئوينىدى. جىن جىبياۋ فوتوسى

    6-ئاينىڭ 15-كۈنى، ساۋەن شەھەرلىك ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەر ئىشلىرى ئىدارىسى، ئاياللار بىرلەشمىسى، جۇڭگو تېلېگرافى پاي چەكلىك شىركىتى ساۋەن شۆبە شىركىتىنىڭ سەندوخوزا بازىرى مەيدان يولى مەھەللىسىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتى ۋە مەھەللە «ئىككى كومىتېت»ى تەۋەلىكتىكى ھەر مىللەت ئاھالىلەرنى تەشكىللەپ، «دۇەنۋۇ بايرىمىدىكى قويۇق مېھىر-مۇھەببەت رىشتى زۇڭزىنىڭ خۇش ھىدىدىن ئىللىدى كىشىلەر قەلبى» مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى مېھرىبانلىق بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش پائالىيىتىنى بىرلىكتە قانات يايدۇرۇپ، دۇەنۋۇ بايرىمىنى كۈتۈۋالدى.

6-ئاينىڭ 15-كۈنى خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت ئەزالىرى، مەھەللە كادىرلىرى ۋە ئاھالىلەر بىرلىكتە زۇڭزا تۈگمەكتە.  جىن جىپياۋ فوتوسى

6-ئاينىڭ 15-كۈنى خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت ئەزالىرى بىلەن مەھەللە كادىرلىرى ياشانغانلارغا زۇڭزا ۋە ھال سوراش بۇيۇملىرىنى سوۋغا قىلماقتا. جىن جىپياۋ فوتوسى

    6-ئاينىڭ 18-كۈنى ئاقسۇ شەھەرلىك سۇچىلىق ئىدارىسىنىڭ قاراتال بازىرى سات كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتى كەنت ئاھالىلىرى بىلەن بىرلىكتە «زۇڭزىنىڭ خۇش ھىدىدىن ئىللىدى كىشىلەر قەلبى، دۇەنۋۇ بايرىمىدىكى قويۇق مېھىر-مۇھەببەت رىشتى» باش تېمىسىدىكى يۈرۈشلۈك پائالىيەتلەرنى قانات يايدۇردى، ھەر مىللەت ئامما بىر يەرگە جەم بولۇپ، دۇەنۋۇ بايرىمىنى بىرلىكتە كۈتۈۋالدى.

6-ئاينىڭ 18-كۈنى، خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت ئەزالىرى ۋە كەنت ئاھالىلىرى تۈگۈپ بولغان زۇڭزىنى كۆرسەتمەكتە.  فەن گۇڭپىڭ فوتوسى

    6-ئاينىڭ 18-كۈنى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئارخىپخانىنىڭ ئۈرۈمچى يۇقىرى، يېڭى تېخنىكا تەرەققىيات رايونى(يېڭىشەھەر رايونى) يىنچۇەن يولى كوچا باشقارمىسى يىنچۇەن يولى مەھەللىسىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتى مەھەللە بىلەن بىرلىكتە، «خەلق ئۆرپ-ئادىتىنى ھېس قىلىپ، دۇەنۋۇ بايرىمىنى كۈتۈۋېلىش» پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، دۇەنۋۇ بايرىمىنى خۇشال كۈتۈۋالدى.

6 -ئاينىڭ 18-كۈنى، بالىلار مەھەللىدىكى پائالىيەت مەيدانىدىكى بىنەم يەردە ئەجدىھا قولۋاق ھەيدەش مۇسابىقىسىنى قانات يايدۇرماقتا.   سۈن جېنسۇڭ فوتوسى

6-ئاينىڭ 18-كۈنى، بالىلار مەھەللىدىكى پائالىيەت مەيدانىدىكى بىنەم يەردە ئەجدىھا قولۋاق ھەيدەش مۇسابىقىسىنى قانات يايدۇرماقتا. سۈن جېنسۇڭ فوتوسى

    6-ئاينىڭ 18-كۈنى جۇڭگو بىرلەشمە تور خەۋەرلىشىش چەكلىك شىركىتى ساۋەن شەھەرلىك شۆبە شىركىتىنىڭ شاڭخۇدى يېزىسى خۇشى كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتى ۋە كەنت «ئىككى كومىتېت»ى ھەر مىللەت ئاممىنى «دۇەنۋۇ بايرىمىدىكى قويۇق مېھىر-مۇھەببەت رىشتى  مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى» بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشقا تەشكىللىدى. كادىرلار ۋە ئامما بىرلىكتە زۇڭزا تۈگۈپ، خۇش پۇراق خالتا ياساپ، ئەمەن ئېسىپ، ئەنئەنىۋى خەلق ئۆرپ-ئادىتى مەدەنىيىتىنىڭ سېھرىي كۈچىنى ھېس قىلدى.

6-ئاينىڭ 18-كۈنى، خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت ئەزالىرى ئامما بىلەن بىرلىكتە خۇش پۇراق خالتا ياسىماقتا.  ۋاڭ فاڭجى فوتوسى

6-ئاينىڭ 18-كۈنى، خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت ئەزالىرى ۋە كەنت كادىرلىرى كەنت ئاھالىلىرىنىڭ دەرۋازىسىغا ئەمەن ئېسىپ قويماقتا.  ۋاڭ فاڭجى فوتوسى

    دۇەنۋۇ بايرىمى يېتىپ كېلىش ئالدىدا، خېبېي تاڭشەننىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان كادىرلىرى چەرچەن ناھىيەلىك ئۇرۇقچىلىق مەيدانىغا كېلىپ، كەنت ئاھالىلىرى بىلەن بىللە زۇڭزا تۈگۈپ، مۇڭدىشىپ، دۇەنۋۇ بايرىمىنى بىرلىكتە كۈتۈۋالدى.

6-ئاينىڭ 18-كۈنى، خېبېي تاڭشەننىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان كادىرلىرى كەنت ئاھالىلىرى بىلەن بىللە زۇڭزا تۈگمەكتە. رىزىۋانگۈل ئىسمايىل فوتوسى

6-ئاينىڭ 18-كۈنى، خېبېي تاڭشەننىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان كادىرلىرى كەنت ئاھالىلىرى بىلەن بىر يەرگە جەم بولدى.  رىزىۋانگۈل ئىسمايىل فوتوسى

    6-ئاينىڭ 16-كۈنى، جۇڭگو خەلق بانكىسى ساۋەن شەھەرلىك شۆبە بانكىسىنىڭ شاڭدى يېزىسى شاڭدۇڭ كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتى ۋە كەنت «ئىككى كومىتېت»ى «دۇەنۋۇ بايرىمىدىكى قويۇق مېھىر-مۇھەببەت  خۇشپۇراق زۇڭزا شادلىقىدىن بەھرىمەن بولۇش» باش تېمىسىدىكى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدىن بولۇش بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش پائالىيىتىنى تەشكىللەپ قانات يايدۇرۇپ، ھەر مىللەت ئامما بىر يەرگە جەم بولۇپ، زۇڭزا تۈگۈپ، مەززىلىك تائاملارغا ئېغىز تەگدى، كۆپچىلىك كۈلكە سادالىرى ئىچىدە بەخت تىلەپ، ئىتتىپاقلىق ھەققىدە پاراڭلىشىپ، خۇشال مىنۇتلاردىن ئورتاق بەھرىمەن بولدى.

6-ئاينىڭ 16-كۈنى، خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت ئەزالىرى كەنت ئاھالىلىرىگە قورۇما تەييارلىماقتا.   لەن لىڭ فوتوسى

6-ئاينىڭ 16-كۈنى، ھەر مىللەت ئامما كۆزىنى تېڭىپ تۇرۇپ زۇڭزا يېيىش مۇسابىقىسىگە قاتناشماقتا.  لەن لىڭ فوتوسى

    6-ئاينىڭ 19-كۈنى، سانجى شەھىرى داشىچۇ بازىرى بەخت مەھەللىسىدە «دۇەنۋۇ بايرىمىدىن ھۇزۇرلىنىش مەدەنىيەتكە ۋارىسلىق قىلىش» باش تېمىسىدىكى يۈرۈشلۈك مەدەنىيەت پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى. ھەر مىللەت ئامما ئۆزلىرى تەييارلىغان ناخشا-ئۇسسۇل، كۇەيبەن قاتارلىق نومۇرلارنى ئورۇنلاپ، ئەنئەنىۋى بايرامنى خۇشال-خۇرام كۈتۈۋالدى.

6-ئاينىڭ 19-كۈنى، خەتتاتلىق ھەۋەسكارلىرى كىچىك دوستلارغا خەتتاتلىق ماھارىتى ئۆگەتمەكتە. تاۋ ۋېيمىڭ فوتوسى

يېقىندا، ئونسۇ ناھىيەسى چاغراق يېزىسى ئالغا كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتى «تۇغقىنىم بىلەن يۇرتۇمنى ساياھەت قىلىمەن» پارتىيە قۇرۇلۇشى+مەدەنىيەت+مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدىن بولۇش» ئالماشتۇرۇش، ئۆزئارا ئۆگىنىش، مېھىر-مۇھەببەت يۇغۇرۇش پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى.

    بۇ قېتىمقى پائالىيەتكە داتاڭ شىنجاڭ توك تارقىتىش چەكلىك شىركىتىنىڭ باش ئىشتابىدىكى كادىر، ئىشچى-خىزمەتچىلەر بىلەن قوشماقلىشىپ تۇغقان بولۇشقان مۇنەۋۋەر كەنت ئاھالە ۋەكىللىرىدىن 10 كىشى قاتناشتى، ئۇلار داتاڭ شىنجاڭ توك تارقىتىش چەكلىك شىركىتىنىڭ ئونسۇ ناھىيەسى چاغراق يېزىسى ئالغا كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت ئەزالىرى بىلەن بىرلىكتە تىيانشاننىڭ جەنۇبىي ئېتىكىگە جايلاشقان ئاقسۇ ئونسۇ ناھىيەسىنىڭ ئالغا كەنتىدىن يولغا چىقىپ، 1000 چاقىرىم يول يۈرۈپ، يول بويى كۈلكە-چاقچاق قىلىشىپ ئۈرۈمچىگە يېتىپ كەلدى، ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ داتاڭ شىنجاڭ توك تارقىتىش چەكلىك شىركىتىنىڭ باش ئىشتابى، توقسۇن شامال ئېلېكتىر ئىستانسىسىنىڭ «ئەسلىي مەقسەت . يىراققا يۈرۈش قىلىش» مەيدانى تارىخىي تەربىيە بازىسى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى ھەربىيلەر بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش مۇزېيى، ماۋ زېمىننىڭ ئەسلىي تۇرالغۇسى خاتىرە سارىيى قاتارلىق  قىزىل تەربىيە مەدەنىيەت بازىسىنى ئېكسكورسىيە قىلدى ۋە ئۆگىنىشتە بولدى.

 ئاپتونوم رايونلۇق ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيە بازىسى ماۋ زېمىننىڭ ئەسلىي تۇرالغۇسى خاتىرە سارىيىنى ئېكسكۇرسىيە قىلغاندا، كۆپچىلىك پات-پات چۈشەندۈرگۈچىدىن سوئال سوراپ، ھەمتۈرتكە بولۇپ، يولداش ماۋ زېمىننىڭ ھايات ۋاقتىدىكى ئىش ئىزلىرى ۋە ئۇنىڭ شىنجاڭدىكى خىزمەت، تۇرمۇش كەچۈرمىشلىرىنى چوڭقۇر ئىگىلىدى. قىزىل مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئارقىلىق شىنجاڭ توغرىسىدا سۆزلىگەندە، تۇغقانلار يولداش ماۋ زېمىن ۋەكىللىكىدىكى كوممۇنىستلارنىڭ چېگرا رايوننى قىزغىن سۆيۈش، چېگرا رايونغا مۇلازىمەت قىلىش، چېگرا رايونغا ئۆزىنى بېغىشلاشتەك روھىنى ھەقىقىي ھېس قىلدى.

    ئاخىرىدا، كۆپچىلىك شىنجاڭ كۆزنىكى-شىنجاڭ خەلقئارا چوڭ بازىرىغا كەلدى، تۇغقانلار شادىيانە مۇزىكىغا ئەگىشىپ، ئۆزلىكىدىنلا ئۇسسۇلغا چۈشۈپ كەتتى، ئۇلار خۇشال ھالدا سۈرەتكە چۈشۈپ خاتىرە قالدۇردى، ھاياجانلانغان ھالدا قايتىپ بارغاندىن كېيىن بۇ قېتىمقى مېھىر-مۇھەببەت يۇغۇرۇش پائالىيىتىدە كۆرگەن-ئاڭلىغانلىرىنى ئۇرۇق-تۇغقان، دوست-بۇرادەرلىرىگە ئېيتىپ بۇ خۇشاللىقلارنى ئۇلار بىلەن تەڭ بەھرىلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. (ئونسۇ ناھىيەلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزىدىن گۇەن چى، ئادىلجان ئەمەت)

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.