تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەدەنىيەت - ساياھەت

دۇەنۋۇ بايرىمىدا شىنجاڭنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئەجدىھا قولۋاق مۇسابىقىلىرىنى كۆرۈپ باقايلى

  

6-ئاينىڭ 22-كۈنى، باغراش كۆلى داخېكوۋ مەنزىرە رايونىدا، ماھىرلار كۈچ توپلاپ تەييار تۇرماقتا.

نيەن لېي فوتوسى

      ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى 6-ئاينىڭ 22-كۈنى، باغراش ناھىيەسى باغراش كۆلى داخېكوۋ مەنزىرە رايونىدا ئەجدىھا قولۋاق مۇسابىقىسى ئۆتكۈزدى، شۇ جايدىكى سەككىز ۋەكىللەر كوماندىسىدىن كەلگەن 100 دىن ئارتۇق ئەجدىھا قولۋاق ئەزىمەتلىرى بىر مەيدان سۇ ئۈستى «سۈرئەت ۋە قايناق ھېسسىيات»نى نامايان قىلدى. ياڭراق دۇمباق ساداسىغا ئەگىشىپ، ماھىرلار باتۇرلۇق بىلەن مۇسابىقىلەشتى؛ تاماشىبىنلار سۇپىسىدا مەدەت بېرىش سادالىرى ئۈزۈلمىدى، مۇسابىقە مەيدانى قاينام ـ تاشقىنلىققا چۆمدى.

  6-ئاينىڭ 22-كۈنى، ماھىرلار پالاقنى قولىدا چىڭ تۇتۇپ، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلىمەكتە.

نيەن لېي فوتوسى

  6-ئاينىڭ 22-كۈنى، مۇسابىقىگە قاتناشقان ماھىرلار مۇسابىقلەشمەكتە (تىزگىنەكلىك ئۇچقۇدا تارتىلغان سۈرەت).

نيەن لېي فوتوسى

 6-ئاينىڭ 22-كۈنى، مۇسابىقىگە قاتناشقان ماھىرلار مۇسابىقلەشمەكتە (تىزگىنەكلىك ئۇچقۇدا تارتىلغان سۈرەت).

نيەن لېي فوتوسى

       6-ئاينىڭ 22-كۈنى، كورلا شەھىرى 2023-يىللىق 2-نۆۋەتلىك دۇەنۋۇ بايرىمى ئەجدىھا قولۋاق مۇسابىقىسى ئۆتكۈزدى. 36 ئەجدىھا قولۋاق كوماندىسىدىكى 504 كوماندا ئەزاسى كۆنچى دەرياسىدا جاسارەت بىلەن مۇسابىقىلىشىپ، 50 مىڭدىن ئارتۇق شەھەر ئاھالىسى ۋە ساياھەتچىنى كېلىپ كۆرۈپ، ماھىرلارغا مەدەت بېرىشكە جەلىپ قىلدى.

  

6ـ ئاينىڭ 22ـ كۈنى، كورلا شەھىرىدە، ئەجدىھا قولۋاق كوماندىسىنىڭ كوماندا ئەزالىرى كۆنچى دەرياسىدا جاسارەت بىلەن پالاق ئۇرۇپ ئىلگىرىلىمەكتە.

جاۋ خۇەن فوتوسى

     6-ئاينىڭ 22-كۈنى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى 3-شىسى 45-تۇەنى ئەجدىھا قولۋاق مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈپ، ئەتراپتىكى ناھىيە، شەھەرلەردىكى ئەجدىھا قولۋاق ھەۋەسكارلىرىنى قاتنىشىشقا تەكلىپ قىلدى، نەق مەيدان قويۇق دۇەنۋۇ مەدەنىيەت پۇرىقىغا چۆمدى.

  6-ئاينىڭ 22-كۈنى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى 3-شىسى 45-تۇەنى ئەجدىھا قولۋاق مۇسابىقىسى ئۆتكۈزدى، سۈرەتتە غەلىبە قىلغان كوماندا ئەزالىرى قوللىرىنى كۆتۈرۈپ تەنتەنە قىلماقتا.

ۋاڭ جىچىڭ فوتوسى

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.