تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

جان - دىل ۋە بارلىق كۈچ بىلەن ئامما ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىش، قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ بېرىش، ياخشى ئىش قىلىپ بېرىش

− باش تېما تەربىيەسىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىش توغرىسىدا يۈرۈشلۈك مۇلاھىزە (12)

□شىن شىجيەن

كونا مەھەللىلەرنى ئۆزگەرتىشنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ تۇرالغۇ مۇھىتى ۋە تۇرمۇش سۈپىتىنى كۈچەپ ياخشىلاش؛ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمىتىنى قاراتمىلىقى بولغان ھالدا ياخشى ئىشلەپ، شەھەر - يېزىلاردىكى ئاممىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش، كىرىمىنى ئاشۇرۇشنى كۈچەپ ئىلگىرى سۈرۈش؛ مەھەللىلەردىكى ياشانغانلارنىڭ ھالىدىن كۈندۈزى خەۋەر ئېلىش مەركىزى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، دىققەتنى «ياشانغانلار كۈتۈنەلەيدىغان بولۇش» مەسىلىسىگە مەركەزلەشتۈرۈپ ھەقىقىي تەدبىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇش... ئاپتونوم رايوندىكى 1 - تۈركۈمدە باش تېما تەربىيەسىگە قاتناشقان تارماقلار، ئورۇنلار خەلق ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىشنى مۇھىم مەزمۇن قىلىپ، ھەر مىللەت ئامما ئالدىراۋاتقان، قىينىلىۋاتقان، غەم قىلىۋاتقان، تەقەززا بولۇۋاتقان مەسىلىلەرنى كۈچەپ ھەل قىلىپ، ھەر مىللەت ئاممىنى ئەمەلىي نەپكە ئېرىشتۈرۈشكە تىرىشتى.

ئاممىنىڭ مەيدانىدا چىڭ تۇرۇش − يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ ئاممىۋى لۇشيەنىدە ياخشى مېڭىش باش تېما تەربىيەسىنى پۇختا، ياخشى قانات يايدۇرۇشنىڭ مۇقەررەر تەلىپى. كەڭ پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىرلار باش تېما تەربىيەسى ئارقىلىق خەلقنى مەركەز قىلغان تەرەققىيات ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش ئىقتىدارى، سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، ئاڭلىق ھالدا خەلقتىن تەدبىر سوراپ، خەلقتىن ھال - ئەھۋال سوراپ، جان - دىل ۋە بارلىق كۈچ بىلەن ئامما ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىپ، قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ بېرىپ، ياخشى ئىش قىلىپ بېرىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىشى كېرەك.

پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، ھەر قېتىملىق پارتىيە ئىچىدىكى مەركەزلىك تەربىيەدە خەلق ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىش مۇھىم مەزمۇن قىلىنىپ، كەڭ پارتىيەلىك كادىرلار ئاساسىي مەقسەتنى ئەمەلدە كۆرسىتىپ خەلق ئۈچۈن بەخت يارىتىشقا يېتەكلىنىپ ۋە شۇنداق قىلىش تەلەپ قىلىنىپ، ھەقىقىي تۈردە ئۆگىنىش نەتىجىسى خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىشتىكى قۇدرەتلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە ئايلاندۇرۇلدى. ئامما ئالدىراۋاتقان، قىينىلىۋاتقان، غەم قىلىۋاتقان، تەقەززا بولۇۋاتقان مەسىلىلەرنىڭ بىرمۇبىر ھەل قىلىنىشىغا ئەگىشىپ، پارتىيە رايى بىلەن خەلق رايى تېخىمۇ يېقىنلاشتى، خەلق ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىش تەجرىبىسى ۋە مېخانىزمىمۇ ئۈزلۈكسىز ئەلالىشىپ، ئۆگىنىش بىلەن ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈشنىڭ ياخشى ئايلىنىشى شەكىللەندى. ھازىر باش تېما تەربىيەسى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىلىۋاتىدۇ، كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار، بولۇپمۇ رەھبىرىي كادىرلار بۇ پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئىقتىدارى، ئىلمىي تەدبىر بەلگىلەش ئىقتىدارى، ئىسلاھاتتا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش ئىقتىدارى، ئاممىۋى خىزمەت ئىقتىدارى، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، ئامما ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىش، قىيىن مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىپ بېرىش، ياخشى ئىش قىلىپ بېرىش جەريانىدا شىنجاڭنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىقىغا دائىر تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەشتىكى ئاساسىي ماھارىتىنى ئۈزلۈكسىز پۇختىلىشى كېرەك.

خەلق ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىش، قىيىن مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىپ بېرىش، ياخشى ئىش قىلىپ بېرىشنى قانداق قىلغاندا ئاممىنىڭ كۆڭلىدىكىدەك قىلغىلى بولىدۇ؟ ئاچقۇچلۇقى ئامما ئارىسىغا بارغان - بارمىغانلىقىغا، ئامما ئويلاۋاتقان، ئۈمىد قىلىۋاتقان، تەقەززا بولۇۋاتقان ئىشلارنى يۈزتۇرا، سەمىمىي چۈشەنگەن - چۈشەنمىگەنلىكىگە، ئاممىنىڭ ئېھتىياجىنى دەل جايىدا ئىگىلىگەن - ئىگىلىمىگەنلىكىگە قاراش كېرەك. يولداش ماۋ زېدۇڭ پارتىيەنىڭ ئاممىۋى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدا مۇنداق ئىككى پىرىنسىپنى ئوتتۇرىغا قويغانىدى: «بىرى، ئاممىنىڭ ئەمەلىي ئېھتىياجى، بۇ ھەرگىزمۇ بىزنىڭ كاللىمىزدا ئويلاپ چىققان ئېھتىياج بولماسلىقى كېرەك؛ يەنە بىرى، ئاممىنىڭ ئىختىيارىيلىقى، بۇنىڭدا ئامما ئۆزى قارار چىقىرىشى، ھەرگىزمۇ بىز ئاممىنىڭ ئورنىدا قارار چىقارماسلىقىمىز كېرەك.» ئەمەلىي ئىش، ياخشى ئىش قىلىپ بېرىشتا رەھبىرىي كادىرلارنىڭ شەخسىي شان - شەرىپى ياكى سىياسىي نەتىجىسى ئەمەس، بەلكى خەلق ئاممىسىنىڭ بەخت - سائادىتى ۋە ئامانلىقى مەقسەت قىلىنىشى كېرەك، خەلق ئاممىسى بىلەن بولغان قان بىلەن گۆشتەك مۇناسىۋەتنى باشتىن - ئاخىر ساقلاپ، ئاممىنىڭ مەنپەئىتى ۋە ئېھتىياجىنى بىرىنچى ئورۇنغا قويغاندىلا، ئاندىن خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈش، خەلق قەلبىنى ئىللىتىش، خەلق رايىغا ئۇيغۇنلىشىش خىزمىتىنى ئاممىنىڭ كۆڭلىدىكىدەك ئىشلىگىلى بولىدۇ.

ئامما كۆڭۈل بۆلىدىغان ئاغرىق نۇقتا، قىيىن نۇقتا مەسىلىسى بولغان ئىكەن، مۇقەررەركى ئاسانلا ھەل قىلغىلى بولمايدۇ، «قانداق قىلىش» رەھبىرىي كادىرلارنىڭ ئاساسىي مەقسەت ئېڭى ۋە خىزمەت ئىقتىدارىنى سىنايدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا، رەھبىرىي كادىرلار ئۆگىنىش نەتىجىلىرىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، مەسىلىنى يېشىش تەپەككۇرى جەھەتتە «پۇجياڭ تەجرىبىسى» «فېڭچياۋ تەجرىبىسى»نى تەڭ يولغا قويغان ئاساسىي قاتلام ئىدارە قىلىش تەجرىبىلىرىدىن ئۆرنەك ئېلىپ، ئامما ئارىسىدىن كېلىش، ئامما ئارىسىغا بېرىشتا چىڭ تۇرۇپ، خەلق رايىدىن مەسىلىنى دەل جايىدا ھەل قىلىش يولىنى تېپىشى كېرەك. مەسىلىنى يېشىش ئۇسۇلى جەھەتتە، «دەرھال بېجىرىش» بىلەن «ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزم ئورنىتىش»نى بىرلەشتۈرۈپ، «ئاغرىق نۇقتىنى تۇتۇش» بىلەن «ئومۇميۈزلۈك تۇتۇش»نى بىرلەشتۈرۈپ، «كىچىك ئىشلارنى بېجىرىش» بىلەن «ئومۇمىيەتنى كۆزلەش»نى بىرلەشتۈرۈپ، بىر مەسىلىنى ھەل قىلىش ئارقىلىق بىر تۈركۈم مەسىلىلەر، بىر تۈردىكى مەسىلىلەرنىڭ ھەل قىلىنىشىغا تۈرتكە بولۇپ، مەسىلىلەرنى ئۈزلۈكسىز ھەل قىلىش ئۈچۈن ئۇسۇل ئىزدىشى، تەجرىبە توپلىشى كېرەك.

باش تېما تەربىيەسىنى ئالغا سىلجىتىشتا ئەمەلىي ئۈنۈمگە ئېرىشىش ئۈچۈن، جەزمەن ئىشىكنى ئېچىۋېتىپ تەربىيە ئېلىپ بېرىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئاممىۋى لۇشيەندە ياخشى مېڭىش كېرەك. پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىرلار شىنجاڭنىڭ جەمئىيەت مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىگە تەسىر يەتكۈزۈۋاتقان چوڭقۇر قاتلاملىق مەسىلىلەر ۋە ئامما ئالدىراۋاتقان، قىينىلىۋاتقان، غەم قىلىۋاتقان، تەقەززا بولۇۋاتقان مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا تېخىمۇ زور كۈچ سەرپ قىلىشى، ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسى ئارقىلىق باش تېما تەربىيەسىنىڭ ئۈنۈمىنى تەكشۈرۈشى كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.