تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشتا نەتىجىلەرنى ئايلاندۇرۇش، تەتبىقلاشنى ياخشى ئىشلەشكە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك

​− باش تېما تەربىيەسىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىش توغرىسىدا يۈرۈشلۈك مۇلاھىزە (11)

□شىن شىجيەن

نەتىجىلەرنى ئايلاندۇرۇش تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشتىكى «ئەڭ ئاخىرقى بىر كىلومېتىر» بولۇپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنىڭ سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىگە مۇناسىۋەتلىك. باش شۇجى شى جىنپىڭ: «تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش نەتىجىلىرىنى ئايلاندۇرۇش، تەتبىقلاشقا ئەھمىيەت بېرىپ، تەكشۈرۈش ئاساسىدا تەتقىق قىلىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش نەتىجىلىرىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، ھەقىقىي تۈردە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش نەتىجىلىرىنى مەسىلىنى ھەل قىلىش، خىزمەتلەرنى ياخشىلاشتىكى ئەمەلىي تەدبىرگە ئايلاندۇرۇش كېرەك» دەپ تەكىتلىدى. شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش باش تېما تەربىيەسىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشتىكى ناھايىتى مۇھىم بىر تۈرلۈك ۋەزىپە − تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى كەڭ ئەۋج ئالدۇرۇش. بىز تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش نەتىجىلىرىنى تولۇق ئايلاندۇرۇپ، ياخشى تەتبىقلاپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئارقىلىق مەسىلىنى ھەل قىلىپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئارقىلىق يول ئېچىپ، جاسارەت بىلەن جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ سەھىپىسىنى پۈتۈشىمىز كېرەك.

ئاچقۇچلۇقىنى تۇتۇشقا ماھىر بولۇپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش نەتىجىلىرىنى ئايلاندۇرۇش يۆنىلىشىنى دەل جايىدا تېپىپ چىقىش كېرەك. تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈندۇر، لېكىن ھەل قىلىشقا تېگىشلىك مەسىلىلەر چوڭ - كىچىك دەپ ئايرىلىدۇ، ئېغىر - يېنىك، جىددىي ياكى جىددىي ئەمەس دەپ ئايرىلىدۇ. ئاچقۇچلۇقىنى تۇتۇپ، قىممىتى بار تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش نەتىجىلىرىنى تاللاپ چىقىپ، جىددىي ھەل قىلىشقا تېگىشلىك، ئاممىنىڭ جانىجان مەنپەئىتىگە مۇناسىۋەتلىك ئاشۇ ئاچقۇچلۇق مەسىلىلەرنى چىڭ تۇتقاندىلا، ئاندىن تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش نەتىجىلىرىنى ئايلاندۇرۇش يۆنىلىشىنى دەل جايىدا تېپىپ چىققىلى بولىدۇ. ھازىر، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش نەتىجىلىرىنى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش، نۇقتىلىق ساھەلەردىكى خەۋپ - خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈگىتىش، ئەمەلىي ئىش قىلىپ خەلقنى غەمدىن خالاس قىلىش، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش قاتارلىق مۇھىم، زور مەسىلىلەرنى چۆرىدەپ ئايلاندۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تەتبىقلاشنى كۈچەيتىپ، ئاچقۇچلۇق مەسىلىلەرنى بىر - بىرلەپ ئېنىقلاپ، چوڭقۇر، ئىنچىكە تەتقىق قىلىپ، مەسىلىنىڭ ئارقىسىدىكى ھەقىقىي سەۋەبنى چوڭقۇر ئانالىز قىلىپ، ئەبەدىي ئەمىنلىككە مۇناسىۋەتلىك نېگىزلىك، ئۇللۇق، ئۇزاق مەزگىللىك خىزمەتلەرنى ھەل قىلىشقا پۇختا ئاساس سېلىش كېرەك. پەقەت مەسىلىنىڭ مەنبەسىنى دەل جايىدا تېپىپ، «كېسەلگە قاراپ دورا بېرىپ»، ھەقىقىي يولغا قويۇشقا بولىدىغان ئۈنۈملۈك تەدبىرلەرنى تەتقىق قىلىپ ئوتتۇرىغا قويغاندىلا، ئاندىن «دورا بېرىپ ساقايتىش»نى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ.

تەدبىر بەلگىلەشنى ياخشى تۇتۇشقا ماھىر بولۇپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش نەتىجىلىرىنى ئايلاندۇرۇش يوللىرىنى راۋانلاشتۇرۇش كېرەك. تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش جەريانىدا شەكىللەنگەن پىكىر يولى ۋە چارە، تاقابىل تۇرۇش تەدبىرلىرىنى ئۈنۈملۈك شەكىل، ئۇسۇل ئارقىلىق تەدبىر بەلگىلەشنى دەرىجىسىگە كۆتۈرۈپ ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزگەندىلا، ئاندىن ئۇنى مەسىلىنى ھەل قىلىش، تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش، ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىشتىكى «قۇرۇلۇش خەرىتىسى»گە ئۈنۈملۈك ئايلاندۇرۇپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش نەتىجىسىنىڭ ئۈنۈمى ئەڭ زور بولۇش، قىممىتى ئەڭ زور بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ. تەدبىرلەرنى تۇتۇشتا، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش نەتىجىسىگە يۈكسەك ھۆرمەت قىلىپ ۋە ئەھمىيەت بېرىپ، ئېغىرىدىن قېچىپ يېنىكىگە يۈگۈرۈشتىن ساقلىنىپ، مەسىلىنىڭ ئۆزىگە بىۋاسىتە يۈزلىنىپ، قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىدىغان تاقابىل تۇرۇش تەدبىرلىرىنىڭ ئىلمىي، يولغا قويۇشقا بولىدىغان - بولمايدىغانلىقىنى مەخسۇس تېمىدا تەتقىق قىلىش كېرەك. ئەستايىدىل پىكىر يۈرگۈزۈش، تولۇق مۇھاكىمە قىلىش ئاساسىدا، ئەقىل - پاراسەتنى مەركەزلەشتۈرۈپ، كۆپلىگەن زاپاس لايىھەلەر ئىچىدىن «ئەڭ ياخشى يېشىم»نى ھەرىكەت كۆرسەتمىسى قىلىپ تاللاپ، ئورتاق تونۇش شەكىللەندۈرۈپ، بىردەكلىك ھاسىل قىلىپ، قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىدىغان ئىلمىي بەلگىلەنگەن تەدبىر ۋە ئورۇنلاشتۇرمىلارنى چىقىرىپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش نەتىجىلىرىنىڭ ئايلاندۇرۇش جەريانىدا بىر چەتكە قايرىلىپ قالماسلىقىغا، توسالغۇغا ئۇچرىماسلىقىغا، بوش قالماسلىقىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

تۈزىتىشنى ئەمەلىي تۇتۇشقا ماھىر بولۇپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش نەتىجىلىرىنى ئايلاندۇرۇش جەريانىنى باشقۇرۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتىش كېرەك. تۈزىتىشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش نەتىجىلىرىنى ئايلاندۇرۇش جەريانى بولۇپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنىڭ ئاخىرقى ئۈنۈمىگە بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك، پەقەت ھەقىقىي، ئەمەلىي تۈزىتىپ ئەمەلىيلەشتۈرگەندىلا، ئاندىن تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش نەتىجىلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىپ يىلتىز تارتىشىغا كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ. تۈزىتىشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە جەزمەن ھەقىقىي ئۈنۈم ھاسىل قىلىش، تۈرگە ئايرىپ مەسىلىلەرنى تەكشۈرۈش ۋە سىستېمىلىق رەتلەشنى قانات يايدۇرۇپ، دەرھال ھەرىكەتكە كېلىپ دەرھال تۈزىتىپ، تۆمۈرنى قىزىقىدا سوقۇپ بىرىنچى ۋاقىتتا ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىپ، دەماللىققا ھەل قىلغىلى بولمايدىغانلىرىغا قارىتا تۈزىتىش لايىھەسىنى چىڭ تۇتۇپ تۈزۈپ، تۈزىتىشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش تىزىملىكىنى ئىنچىكىلەشتۈرۈپ، تۈزىتىشكە مەسئۇل ئورۇن، مەسئۇل كىشى ۋە تاماملاش ۋاقىت چېكىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، قەغەز يۈزىدە تۈزىتىش، ساختا تۈزىتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك. رەھبىرىي كادىرلار تەشەببۇسكارلىق بىلەن مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ، مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىپ، مەسئۇلىيەتنى تولۇق ئادا قىلىپ، تۈزىتىشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنىڭ پۈتۈن جەريانىنى ئىز بېسىپ تەكشۈرۈپ، ئىز قوغلاپ ھەيدەكچىلىك قىلىپ، بايلىقنى تۆۋەنگە چۈشۈرۈش، كۈچنى تۆۋەنگە چۈشۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، زىددىيەت ئالدىدا ئۆزىنى قاچۇرماسلىق، قىيىنچىلىق ئالدىدا ئايلىنىپ ماڭماسلىقنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش نەتىجىلىرىنى ئايلاندۇرۇش جەريانىنىڭ چوڭقۇرلۇقى بولۇشقا، سالمىقى بولۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

قاتتىق نازارەت قىلىشنى تۇتۇشقا ماھىر بولۇپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش نەتىجىلىرىنى ئەمەلىي ئۈنۈمگە ئايلاندۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش نەتىجىلىرىنى ئايلاندۇرۇشنىڭ ياخشى بولغان - بولمىغانلىقىنى ئۆلچەم بىلەن ئۆلچەش، دەل جايىدا ئەمەلىيلەشكەن - ئەمەلىيلەشمىگەنلىكىنى نازارەت قىلىشقا تايىنىپ تەكشۈرۈش كېرەك. بۇ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش نەتىجىلىرىنى ئايلاندۇرۇش تىزىملىكى تۇرغۇزۇپ، ھەرىكەت ھالىتىدە باھالاش، ئۈنۈمنى سۈرۈشتۈرۈشنى كۈچەيتىپ، ھەر ۋاقىت ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ قايتما ئىنكاس قىلىپ، قولىنىڭ ئۇچىدىلا ئىشلەپ قويغان، سۈرئىتى ئاستا بولغان مەسئۇل ئورۇن ۋە ئالاقىدار شەخسلەرنىڭ تەنقىد - تەربىيە بېرىشكە تېگىشلىكلىرىگە تەنقىد - تەربىيە بېرىپ، ئەسكەرتىش بېرىش، چاقىرتىپ سۆزلىشىشكە تېگىشلىكلىرىگە ئەسكەرتىش بېرىپ، چاقىرتىپ سۆزلىشىپ، كۈچەپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش نەتىجىلىرىنى ئايلاندۇرۇشنى تۇتۇشتىكى مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ۋە تەخىرسىزلىك تۇيغۇسىنى كۈچەيتىشنى تەلەپ قىلىدۇ. تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش نەتىجىلىرىنى ئايلاندۇرۇشتا شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىقتىن قاتتىق ساقلىنىپ، جەزمەن پارتىيە كومىتېتى(پارتىيە گۇرۇپپا)لىرىنىڭ خىزمەتلەرنى نازارەت قىلىش - تەكشۈرۈش مەزمۇنى ۋە رەھبىرىي كادىرلار قايتا زىيارەت قىلىش پىلانىغا كىرگۈزۈپ، ئىز قوغلاپ قايتا زىيارەت قىلىش، نازارەت قىلىش - تەكشۈرۈش، ئۈنۈمنى سۈرۈشتۈرۈش مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئۈنۈمنى ھەرىكەت ھالىتىدە تەكشۈرۈپ، ئۈنۈمنى سۈرۈشتۈرۈپ، «بىلىش ئاسان، قىلىش قىيىن بولۇش»تىن «بىلىش بىلەن قىلىشنى بىرلەشتۈرۈش»كىچە بولغان بوغۇم توسۇقلىرىنى كۈچەپ راۋانلاشتۇرۇپ، تەكشۈرۈپ قويۇپلا تەتقىق قىلماسلىق، تەتقىق قىلىپ قويۇپلا تېگى - تەكتىنى ئېنىقلىماسلىق، تېگى - تەكتىنى ئېنىقلاپلا نەتىجە چىقماسلىقنىڭ قەتئىي ئالدىنى ئېلىش كېرەك. ئاممىنىڭ نازارەتچىلىكى ئەڭ كەڭ، ئەڭ بىۋاسىتە، ئەڭ ئۈنۈملۈك بولغان نازارەتچىلىك، جەزمەن تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش نەتىجىلىرىنى ئايلاندۇرۇش، تەتبىقلاش ئەھۋالىنى ئاممىغا ۋاقتىدا ئاشكارىلاپ، ئاممىغا تۈزىتىشنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالىنى بىلدۈرۈپ، ئاممىنىڭ پىكرى بولسا دەرھال قايتما ئىنكاس قىلىش، جاۋاب قايتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش نەتىجىلىرىنى ئايلاندۇرۇپ ئاممىنى ھەقىقىي رازى قىلىش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.