تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشتا بىرتۇتاش پىلانلاپ ئەمەلىي ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈشكە ماھىر بولۇش كېرەك

​− باش تېما تەربىيەسىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىش توغرىسىدا يۈرۈشلۈك مۇلاھىزە ⑩

□شىن شىجىيەن

باش شۇجى شى جىنپىڭ ئەزەلدىن تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىپ كەلدى، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئىشلارنى پىلانلاشنىڭ ئاساسى، ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقىرىش يولى دەپ تەكىتلىدى. ھازىر، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش باش تېما تەربىيەسى پۈتۈن پارتىيەدە چوڭقۇر قانات يايدۇرۇلۇۋاتىدۇ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش بىر تۈرلۈك مۇھىم مەزمۇن ۋە نۇقتىلىق تەدبىر بولۇش سۈپىتى بىلەن، جەزمەن ئىلمىي بىرتۇتاش پىلانلاپ، مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئاچقۇچلۇق جايلارنى تەكشۈرۈپ چىقىش، تىنما نۇقتىلارنى تەكشۈرۈش، ياخشى چارىلەرنى تەتقىق قىلىپ چىقىش، ھەقىقىي مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، تۈرلۈك خىزمەتلەردە ئەمەلىي ئۈنۈم ھاسىل قىلىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

ھەرقانداق ئىشتا تەييارلىق پۇختا بولسا مۇۋەپپەقىيەت قازانغىلى بولىدۇ، تەييارلىق پۇختا بولمىسا مەغلۇپ بولىدۇ. شىنجاڭنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق ۋەزىپىسى ئېغىر، تۈرلۈك خىزمەتلەر مۇرەككەپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشتىكى تېما تاللاشتا، تېما بېكىتىشتە قىلچە بىپەرۋالىق قىلىشقا بولمايدۇ، خالىغانچە ئىش قىلىشقا بولمايدۇ. تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى ئۈنۈملۈك قانات يايدۇرۇشتا، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنىڭ روھىنى جەزمەن چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، مەۋقەنى تەرەققىياتنىڭ ئېھتىياجىغا، ئىسلاھاتنىڭ تەخىرسىزلىكىگە، ئاساسىي قاتلامنىڭ تەقەززاسىغا ۋە خەلق رايىنىڭ مايىللىقىغا قويۇپ، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇشنى زىچ چۆرىدەپ، دىققەتنى ئەبەدىي ئەمىنلىككە مۇناسىۋەتلىك نېگىزلىك، ئۇللۇق، ئۇزاق مەزگىللىك خىزمەتلەردىكى گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، شۇ تارماق، شۇ ئورۇن، شۇ ساھەدىكى خىزمەتلەرنى ئالغا سىلجىتىشنى چەكلەپ تۇرۇۋاتقان توسۇق نۇقتا، ئاغرىق نۇقتىلارغا چىڭ قادىلىپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش تېمىسىنى ئىلمىي، مۇۋاپىق تاللاپ، بېكىتىپ، سانى مۇۋاپىق بولۇش، ھەجمى مۇۋاپىق بولۇش، سالمىقى مۇۋاپىق بولۇش، تېما بىلەن ئىش ئورنى ماس كېلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، تېما تاللاشتا تېما بەك چوڭ ياكى بەك كىچىك بولۇپ قېلىش، ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن بولماسلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك. رەھبىرىي كادىرلار جەزمەن دىققەتنى پارتىيە كومىتېتى كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان مۇھىم نۇقتا، جەمئىيەت كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان قىزىق نۇقتا، ئامما كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان مەركىزىي نۇقتا، يېڭىلىق يارىتىشقا مۇناسىۋەتلىك قىيىن نۇقتىلارغا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئۆزىنىڭ ئىش ئورنى ئىش تەقسىماتى ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ تېمىنى دەل جايىدا تاللاپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش پىلانىنى ئەتراپلىق تۈزۈپ، تاللانغان تېمىنى زىممىگە ئالالايدىغان، ھەل قىلالايدىغان، ياخشى قىلالايدىغان بولۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. پارتىيە كومىتېتى (پارتىيە گۇرۇپپا) تەشەببۇسكارلىق بىلەن مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىپ، مەسئۇلىيەتنى تولۇق ئادا قىلىپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش لايىھەسىنى كوللېكتىپ تەتقىق قىلىپ، ئومۇميۈزلۈك كۆزىتىپ تەھلىل قىلىشى كېرەك، ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلارنىڭ باشلامچىلىق بىلەن تېمىلارغا ياخشى قاراپ چىقىپ، ئۆتكەلنى ياخشى ئىگىلەپ، باشلامچىلىق بىلەن بىرىنچى سەپكە ئەستايىدىل چوڭقۇر چۆكۈپ، چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، قۇشقاچ ئوپېراتسىيەسى قىلىشنى پۇختا تۇتۇپ، دىققەتنى تېما تاللاش نىشانىغا مەركەزلەشتۈرۈش، ئىلمىي، دەل جايىدا تاللاشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، بەنزە ئەزالىرىنى ھەقىقىي تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشقا يېتەكلىشى تېخىمۇ زۆرۈر.

يۇقىرى ئۈنۈملۈك تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنىڭ ئاچقۇچى بىرتۇتاش پىلانلاشتا، بىرتۇتاش پىلانلاش مۇۋاپىق بولسا، ئاز كۈچ بىلەن كۆپ ئىش قىلغىلى بولىدۇ. يۇقىرى ئۈنۈملۈك بىرتۇتاش پىلانلاشتا جەزمەن سىستېمىلاشتۇرۇپ يۈرۈشتۈرۈش، تۈرلەشتۈرۈپ ئالغا سىلجىتىش كېرەك، جەزمەن لىنىيە تەكرارلانماسلىق، خادىملار گىرەلىشىپ قالماسلىق، ۋاقىت گىرەلىشىپ قالماسلىقتا چىڭ تۇرۇپ، تارماق، ئورۇنلار ئىچكى قىسىمدا بىرتۇتاش پىلانلاش، سەييارە يېتەكچىلىك قىلىش گۇرۇپپىسى بۆلەكلەر بويىچە بىرتۇتاش پىلانلاش، باش تېما تەربىيەسى ئىشخانىسى دائىرە بويىچە بىرتۇتاش پىلانلاش رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، ھەرقايسىسىنىڭ ئۆزىنىڭ مۇھىم نۇقتىسى بولۇش، قاتلاممۇقاتلام ئالغا سىلجىتىش، ۋاقىتنى سۈرۈپ ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، توپلىشىپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، كۆپ تەرەپتىن تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، تەكرار تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك. دائىرە بويىچە بىرتۇتاش پىلانلاش نۇقتىلار بويىچە بىرتۇتاش پىلانلاشنىڭ ئاساس سېلىشىغا ئېھتىياجلىق، ئوخشاش بولمىغان قاتلام، دەرىجە، ئوخشاش بولمىغان ساھە، ئوخشاش بولمىغان دائىرىنى ئىلمىي پەرقلەندۈرۈپ، ۋاقىت، ئورۇننى بىرتۇتاش پىلانلاپ مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئومۇمىي جەھەتتىن تەڭپۇڭ بولۇش، ئىلمىي، مۇۋاپىق بولۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. رەھبىرىي كادىرلار تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشتا چوقۇم ئەمەلىيەتنى چىقىش قىلىپ، تارماقلار، ئورۇنلار، ئۆزى مەسئۇل بولۇپ باشقۇرىدىغان ساھەلەردىكى گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى چىڭ كۆزلەپ تېما بەلگىلەپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، مەخسۇس تۈر بويىچە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى قانات يايدۇرۇپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش خىزمىتىنى ئورۇنلارنىڭ نۇقتىلىق ۋەزىپىلىرىگە نازارەتچىلىك قىلىش - يېتەكچىلىك قىلىش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ ئالغا سىلجىتىشى، مۇھىم نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، دەل جايىغا تەگكۈزۈشى، ھەم «كاتتا بىنالار، ھەشەمەتلىك ئىمارەت»لەرنى كۆرۈشى، ھەم «كۈن نۇرى چۈشمەيدىغان خالتا كوچا»لارنىمۇ كۆرۈشى، ھەم ئايرىم ۋىلايەت، ئوبلاستلارغا بېرىپ، ھەم يېقىن ئەتراپتىكى ئاساسىي قاتلام بىرىنچى سەپلىرىگە بېرىپ، ئاساسىي قاتلامدىكى كادىرلار، ئاممىنىڭ تۇرمۇش چەمبىرىكى، خىزمەت چەمبىرىكى، دوستلار چەمبىرىكىگە سىڭىشىپ، تومۇر تۇتۇپ دىياگنوز قويۇپ، كېسەلگە قاراپ رېتسېپ يېزىشى كېرەك. تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشتا ئەمەلىي ئۈنۈمنى كۆزلەش كېرەك، ھەم پۈتۈن ۋەزىيەتكە مۇناسىۋەتلىك بولغان ئىستراتېگىيە خاراكتېرلىك تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش بولۇشى، ھەم مۇرەككەپ، قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىدىغان تەدبىر خاراكتېرلىك تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش بولۇشى كېرەك؛ ھەم يېڭى ۋەزىيەت، يېڭى ۋەزىپىلەرگە قارىتا ئالدىن كۆرەر خاراكتېرلىك تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش بولۇشى، ھەم مۇھىم، زور خىزمەت تۈرلىرىگە بولغان ئىز قوغلاش خاراكتېرلىك تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش بولۇشى كېرەك؛ ھەم تىپىك دېلو مىساللىرىنى ئوپېراتسىيە قىلىش شەكلىدىكى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش بولۇشى، ھەم ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولىدىغان ھەيدەكچىلىك شەكلىدىكى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش بولۇشى كېرەك، مۇشۇنداق قىلغاندىلا نىشانغا توغرىلىنىپ مەسىلىنى دەل جايىدا ھەل قىلغىلى بولىدۇ.

تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش بىر تۈرلۈك ئىلمىي خىزمەت شەكلى، تەكشۈرۈش تەتقىق قىلىشنىڭ ئالدىنقى شەرتى ۋە ئاساسى، تەتقىق قىلىش بولسا تەكشۈرۈشنىڭ تەرەققىياتى ۋە چوڭقۇرلاشتۇرۇلۇشى، سىستېما قارىشىنى جەزمەن يەنىمۇ كۈچەيتىپ، «تەكشۈرۈش» بىلەن «تەتقىق قىلىش»قا تەڭ ئەھمىيەت بېرىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك، ھەرگىز «ئىككى ياقلىمىلىق» قىلىشقا بولمايدۇ، تەكشۈرۈپ قويۇپلا تەتقىق قىلماسلىق، تەتقىق قىلىپ قويۇپلا تېگى - تەكتىنى ئېنىقلىماسلىقنىڭ قەتئىي ئالدىنى ئېلىش كېرەك. تەكشۈرۈش خىزمىتىدە ئىگىلەنگەن كۆپ مىقداردىكى ئەڭ ھەقىقىي، ئەڭ يېڭى، ئەڭ جانلىق «بىرىنچى قول ماتېرىيال»لار تەتقىق قىلىشنىڭ دەلىل - ئىسپاتى، تاشقى ھادىسىدىن ئىچكى ماھىيەتنى ئىگىلەش، بىر ھادىسىدىن يەنە بىر ھادىسىگە ئۆتۈش ئارقىلىق ئانالىز قىلىپ تەتقىق قىلغاندىلا، ئاندىن ساختىسىنى چىقىرىۋېتىپ ھەقىقىيسىنى ساقلاپ قېلىپ، مەسىلىلەردىكى ئاساسىي زىددىيەت ۋە ئىچكى قانۇنىيەتنى ياخشى ئىگىلەپ، تومۇرنى ھەقىقىي توغرا تۇتۇپ، رېتسېپنى ياخشى يازغىلى بولىدۇ. تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئاخىرلىشىشىغىلا، رەھبىرىي كادىرلار تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ ئېرىشكەن ماتېرىياللارنى ئومۇميۈزلۈك رەتلەپ، تولۇق دەلىللىشى، بولۇپمۇ ئومۇمىيلىق خاراكتېرىگە ۋە تۈزۈم خاراكتېرىگە ئىگە مەسىلىلەر، ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىققا ئالاقىدار چوڭقۇر قاتلاملىق ئاچقۇچلۇق مەسىلىلەرنى چىڭ كۆزلەپ، چىگىش، مۇرەككەپ ھادىسىلەر ئارقىلىق ماھىيەتنى تۇتۇش، قانۇنىيەتنى تېپىپ چىقىشقا ماھىر بولۇپ، ھېسسىي بىلىشنى ئەقلىي بىلىشكە ئۆستۈرۈشى كېرەك، مۇشۇنداق قىلغاندىلا ئەھۋالنى ھەقىقىي ئېنىقلاپ، تۈگۈننى دەل جايىدا تېپىپ، تەدبىرلەرنى ئەمەلىي ئوتتۇرىغا قويۇپ، شۇ تارماق، شۇ ئورۇننىڭ خىزمىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنى ئالغا سىلجىتىش داۋامىدا يېڭى مەسئۇلىيەتچانلىق، يېڭى نەتىجىنى نامايان قىلغىلى بولىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.