تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى كەڭ ئەۋج ئالدۇرۇشنىڭ ئاچقۇچى ھەقىقىي مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشتا

− باش تېما تەربىيەسىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىش توغرىسىدا يۈرۈشلۈك مۇلاھىزە⑨

□شىن شىجىيەن

تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش باش تېما تەربىيەسىنىڭ روشەن ئالاھىدىلىكى، مۇھىم مەزمۇنى، ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىققا دائىر تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ئالغا سىلجىتىشتىكى مۇھىم تۇتقا. تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى كەڭ ئەۋج ئالدۇرۇشنىڭ ئاچقۇچى مەسىلىنى ھەقىقىي ھەل قىلىپ، ھەقىقىي مەسىلىنى ھەل قىلىپ، ئاساسىي قاتلامغا چوڭقۇر چۆكۈپ، ئامما ئارىسىغا چوڭقۇر چۆكۈپ، خەلق تۇرمۇشى تومۇرىنى توغرا تۇتۇپ، مەسىلىنى ھەل قىلىش تەدبىرىنى توغرا تېپىپ، زېھنىي كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ تەرەققىياتتا ئېھتىياجلىق بولۇۋاتقان، ئىسلاھاتتا تەخىرسىز بولۇۋاتقان، ئاساسىي قاتلام تەقەززا بولۇۋاتقان، خەلق رايىنىڭ مايىللىقى بولغان بىر تۈركۈم گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، شىنجاڭنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىقىغا دائىر تۈرلۈك ئىشلىرىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشتا.

مەسىلە يۆنىلىشىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، مەسىلىنى بايقاشنى ئاساسىي نۇقتا قىلىش كېرەك. مەسىلە دەۋرنىڭ ساداسى، شۇنداقلا ئەمەلىيەتنىڭ باشلىنىش نۇقتىسى، مەسىلىدىن ئايرىلغان تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنىڭ يۆنىلىشى توغرا بولمايدۇ، نەتىجىسىز ئەمگەك بولىدۇ. تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشتا جەزمەن مەسىلە ئېڭىنى پۇختا تۇرغۇزۇپ، مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، دىققەتنى يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئاساسىي قاتلام كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان، دىققەت قىلىۋاتقان، ئامما ئالدىراۋاتقان، قىينىلىۋاتقان، غەم قىلىۋاتقان، تەقەززا بولۇۋاتقان مەسىلىلەرنى چىڭ كۆزلەپ، «تۆتنى قىلماسلىق، ئىككى بىۋاسىتە» ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، ئامما ئارىسىغا، ئاساسىي قاتلامغا چوڭقۇر چۆكۈپ، ئىشچىلار، دېھقان ـ چارۋىچىلار، زىيالىيلار ۋە جەمئىيەتتىكى ھەر ساھە زاتلار بىلەن تەشەببۇسكارلىق بىلەن سىردىشىش، دوست بولۇش كېرەك. پەقەت ھەقىقىي تۈردە ئاساسىي قاتلامغا سىڭىپ كىرىپ، ئامما ئارىسىغا سىڭىپ كىرگەندىلا، ئاندىن مەسىلىنى دەل جايىدا تېپىپ، ئەھۋالنى ئېنىق ئىگىلەپ، «نېمە ئۈچۈن» دېگەن مەسىلىنى ياخشى ھەل قىلغىلى بولىدۇ. مەسىلىلەرنى بايقاش يوللىرى كۆپ خىل بولىدۇ، پەقەت توغرا يۆنىلىشتە ئۇدۇللاشتۇرۇش، يۇقىرى ـ تۆۋەن پىكىر ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتكەندىلا، ئاندىن ھەرقايسى جەھەتلەردىن ئىگىلىگەن مەسىلىلەر بىلەن سانلىق مەلۇمات ماتېرىياللىرىنى باغلاپ، بىرقانچە «كىچىك مەسىلە»نى تۈرگە ئايرىپ، بىر ـ بىرىگە تۇتاشتۇرۇپ، ئىستېرېئولۇق تەتقىق قىلىپ تەھلىل ئېلىپ بارغىلى بولىدۇ. مەسىلىنىڭ چوڭى، كىچىكى بولىدۇ، جەزمەن نۇرغۇن ئوبرازلاشقان مەسىلىلەر ئىچىدىن چوڭقۇر قاتلاملىق، نېگىزلىك گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى رەتلەپ ۋە قېزىپ چىقىشقا ماھىر بولۇپ، قاراتمىلىق ھالدا چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى قانات يايدۇرۇپ، ئىشلارنى پىلانلاشنىڭ ئاساسى، ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقىرىش يولىنىڭ «بىرىنچى قول ماتېرىيالى»غا تولۇق ئېرىشىپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى ھەقىقىي تۈردە ئاممىغا تېخىمۇ يېقىن، خەلق رايىغا تېخىمۇ يېقىن قىلىش، تېخىمۇ مەشغۇلاتچانلىققا ئىگە قىلىش كېرەك، ھەرگىزمۇ ئاددىي ھالدا مەسىلىلەرنى چوڭ رەتكە تۇرغۇزۇپ، پىكىرلەرنى كەڭ كۆلەملىك توپلاپ، مۇرەككەپ، ئۇششاق يۈزەكى خىزمەتلەرنى قىلىپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنىڭ ھەقىقىي ماھىيىتىنى يوقىتىپ قويماسلىق كېرەك.

تەكشۈرۈش بىلەن تەتقىق قىلىشقا تەڭ ئەھمىيەت بېرىشتە چىڭ تۇرۇپ، مەسىلىلەرنى تەھلىل قىلىشنى دىققەت نۇقتىسى قىلىش كېرەك. تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشتىكى تۈپ مەقسەت مەسىلىنى ھەل قىلىشتۇر. پەقەت چوڭقۇر، ئىنچىكە پىكىر يۈرگۈزۈپ، تارقاق تونۇشلارنى سىستېمىلاشتۇرۇپ، يۈزەكى تونۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، شەيئىلەرنىڭ ماھىيەتلىك قانۇنىيىتىنى، مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ توغرا چارىسىنى تېپىپ چىققاندىلا، ئاندىن «نېمە» دېگەن تېمىغا ياخشى جاۋاب بەرگىلى بولىدۇ. تەكشۈرۈش خىزمىتى تەتقىق قىلىشنى پەقەت ماتېرىيال ۋە ئىسپات بىلەن تەمىنلەيدۇ، «مۇھىم مەزمۇن» تەھلىل قىلىش ۋە تەتقىق قىلىش ئارقىلىق، مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ ياخشى تەدبىرىنى، مەسىلىنى يېشىشنىڭ چارىسىنى تېپىپ چىقىشتا، بۇ بىزدىن ئومۇميۈزلۈك رەتلەپ جەملەش ئاساسىدا، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىدىكى دۇنيا قاراش، مېتودولوگىيە ۋە ئۇنىڭغا مۇجەسسەملەنگەن مەيدان، نۇقتىئىنەزەر، ئۇسۇلنى ماھىرلىق بىلەن قوللىنىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشتىكى بوغما ھالەت چەكلىمىسى، ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىشتىكى تىنما نۇقتا، ئاغرىق نۇقتىلار، خىزمەتلەرنى ئالغا سىلجىتىشتىكى قىيىن نۇقتا، توسۇق نۇقتىلار، مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتىكى مۇھىم نۇقتىلار، قىيىن نۇقتىلارنى توغرا تېپىپ چىقىپ، دەل جايىدا تومۇر تۇتۇپ دىياگنوز قويۇپ، مەسىلىنى ھەل قىلىش رېتسېپى يېزىشنى تەلەپ قىلىدۇ. پەقەت چوڭقۇر تەھلىل قىلىش، مىساللار ئارقىلىق يېشىپ تەھلىل قىلىش، تولۇق دەلىللەش ئارقىلىقلا، ھادىسىدىن ئۆتۈپ ماھىيەتنى كۆرگىلى بولىدۇ، ئاندىن ئىشنىڭ ئېغىر ـ يېنىكلىكىنى، جىددىي ياكى جىددىي ئەمەسلىكىنى ئېنىق كۆرۈپ، ئاساسلىق زىددىيەت بىلەن ئىككىنچى ئورۇندىكى زىددىيەتنى ئىگىلەپ، ئىچكى قانۇنىيەتنى ئىگىلىگىلى، مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشتا كۆڭۈلدە سان بولۇش، نىشانلىق ئوق ئېتىشنى تېخىمۇ ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ، خىزمەتلەرگە تۈرتكە بولۇشتىمۇ ئاز كۈچ بىلەن كۆپ ئىش قىلىپ، مەسىلىنى ھەل قىلىپ يول ئېچىشتا كۆزلىگەن ئۈنۈمگە تېخىمۇ ئاسان ئېرىشكىلى بولىدۇ.

نەتىجە يۆنىلىشىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، مەسىلىنى ھەل قىلىشنى نىشان قىلىش كېرەك. تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنىڭ ئاخىرقى ئۈنۈمىدە يەنىلا مەسىلىنىڭ ياخشى ھەل قىلىنغان ـ قىلىنمىغانلىقىغا قاراش كېرەك. تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش جەريانىدا بايقالغان ۋە ئىنكاس قىلىنغان مەسىلىلەرنى جەزمەن سىستېمىلىق رەتلەپ چىقىش كېرەك، ئومۇميۈزلۈك ساقلىنىۋاتقان يۈزەكى مەسىلىلەر، ھەل قىلىش قىيىن بولغان ئېغىر مەسىلىلەر، خىزمەتلەرنىڭ راۋانلىقىغا تەسىر يەتكۈزىدىغان مېخانىزم مەسىلىلىرى، ئاممىنىڭ ئىنكاسى كۈچلۈك بولغان خەلق تۇرمۇشى مەسىلىلىرىنى بىر ـ بىرلەپ ئېنىقلاپ چۈشەنگەندىلا، ئاندىن «قانداق قىلىش كېرەك» دېگەن تېمىغا ياخشى جاۋاب بەرگىلى بولىدۇ. مەسىلىنى يېشىش، مەسىلىگە جاۋاب بېرىشتە جەزمەن ئېنىق، مۇكەممەل بولغان مەسىلە تىزىملىكى، مەسئۇلىيەت تىزىملىكى، ۋەزىپە تىزىملىكى تۇرغۇزۇپ، «قۇرۇلۇش چېرتيوژى»نى ياخشى سىزىپ، «يول خەرىتىسى»نى چىقىرىپ، تۈزىتىش مەسئۇلىيىتىنى ئادەمگىچە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تۈگۈننى كۈنگىچە كونكرېتلاشتۇرۇپ، ئىش مۇددىتىنى تەتۈر تىزىپ، نىشان بەلگىلەپ جەڭ قىلىپ، مەسىلىنى بىرمۇبىر ھەل قىلىپ، ساھەمۇساھە بۆسۈش ھاسىل قىلىپ، ھەقىقىي تۈردە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى چوڭقۇر، ئەمەلىي، ئىنچىكە ئىشلەش كېرەك. تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش نەتىجىسىنىڭ ياخشى بولغان ـ بولمىغانلىقىغا ئەڭ ئاخىرىدا ھەر مىللەت ئامما ھۆكۈم قىلىدۇ، قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنى مەركەز ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ قانات يايدۇرغان باش تېما تەربىيەسىدىكى 11 تۈرلۈك مەخسۇس تۈزەش ۋەزىپىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، خەلق تۇرمۇشىغا دائىر 18 ئەمەلىي ئىشنى ياخشى قىلىش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، تارماقلار، ئورۇنلارنىڭ مەركىزىي خىزمىتى، نۇقتىلىق ۋەزىپىلىرىگە ئورگانىك سىڭدۈرگەندىلا، ئاندىن قىيىن مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ چارىسى، پىكىر يولى ۋە سىياسەت ـ تەدبىرلىرىنى تېپىپ چىقىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ «خەلق تۇرمۇشى مەسىلىسى» «مەنپەئەت تەلىپى»گە ئوبرازلىق، تەسىرلىك، ئۈنۈملۈك ئىنكاس قايتۇرغىلى بولىدۇ، ھەر مىللەت ئامما باش تېما تەربىيەسى ئېلىپ كەلگەن يېڭى ئۆزگىرىش، يېڭى كەيپىياتنى ھەقىقىي ھېس قىلالايدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.