تىيانشان تورى   ›   ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرى   ›   شۇجى خاتىرىسى

مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، مەخسۇس تۈزەشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ ئەمەلىي ئۈنۈمى ئارقىلىق باش تېما تەربىيەسىنىڭ چوڭقۇرلىشىشى، ئەمەلىيلىشىشىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك

ما شىڭرۇي ئاپتونوم رايوننىڭ باش تېما تەربىيەسى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى يىغىنىدا مۇنداق تەكىتلىدى

مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، مەخسۇس تۈزەشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ ئەمەلىي ئۈنۈمى ئارقىلىق باش تېما تەربىيەسىنىڭ چوڭقۇرلىشىشى، ئەمەلىيلىشىشىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك

ئەركىن تۇنىياز، نۇرلان ئەبىلمەجىن، لى يىفېي، جاڭ چۇنلىن، خې جۇڭيوۋ قاتناشتى

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 6 ـ ئاينىڭ 16 ـ كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايوننىڭ شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش باش تېما تەربىيەسى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى 6 ـ ئاينىڭ 16 ـ كۈنى يىغىن ئاچتى، يىغىندا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يېقىنقى مەزگىلدە باش تېما تەربىيەسى توغرىسىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ئەستايىدىل ئۆگىنىلىپ، ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، مەركەز باش تېما تەربىيەسى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئىشخانىسىنىڭ ئالاقىدار ھۆججەتلىرىنىڭ روھى، مەركەز يېتەكچىلىك گۇرۇپپىسى سۆھبەت يىغىنىنىڭ تەلىپى ۋە مەركەز 15 ـ يېتەكچىلىك گۇرۇپپىسىنىڭ يېتەكچىلىك پىكرى ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، ئاپتونوم رايوننىڭ مەخسۇس تۈزەشنى ئالغا سىلجىتىشى تەتقىق قىلىنىپ، ئورۇنلاشتۇرما قىلىنىپ، باش تېما تەربىيەسىدە ئۈزلۈكسىز ئەمەلىي ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇندى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ باش تېما تەربىيەسى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ گۇرۇپپا باشلىقى ما شىڭرۇي يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى نۇرلان ئەبىلمەجىن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، بىڭتۇەننىڭ جېڭۋېيسى لى يىفېي، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى جاڭ چۇنلىن، خې جۇڭيوۋ يىغىنغا قاتناشتى.

يىغىندا ئاپتونوم رايوننىڭ باش تېما تەربىيەسى داۋامىدا مەخسۇس تۈزەشنى قانات يايدۇرۇشقا ئالاقىدار يولغا قويۇش لايىھەسى مۇھاكىمە قىلىندى، مۇزاكىرە قىلىندى.

ما شىڭرۇي مۇنداق كۆرسەتتى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ باش تېما تەربىيەسىگە ئالاقىدار بىر قاتار مۇھىم سۆزلىرىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ باش تېما تەربىيەسىنىڭ يۇقىرى ئۆلچەم، يۇقىرى سۈپەتتە قانات يايدۇرۇلۇشىغا پۇختا تۈرتكە بولۇپ، ئۈزلۈكسىز تۈردە ئەمەلىي نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈش كېرەك. نەزەرىيە ئۆگىنىشنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئەسلىي ئەسەرنى ئوقۇش، ئەسلىي تېكىستنى ئۆگىنىش، ئەسلىي قانۇنىيىتىنى ئۆزلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ ئىجادىي نەزەرىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش، تولۇق ئۆزلەشتۈرۈشنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ توغرىسىدىكى بىر قاتار مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقى، تەستىقىي يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، ئۆگىنىش نەتىجىلىرىنى ھەقىقىي تۈردە ئىدىيەدە زور دەرىجىدە ئازاد بولۇش، ئىقتىدارنى زور دەرىجىدە ئۆستۈرۈش، ئىستىلنى زور دەرىجىدە ياخشىلاش، خىزمەتنى كەڭ كۆلەمدە ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشتىكى جانلىق ئەمەلىيەتكە ئايلاندۇرۇش كېرەك. تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، مەسىلە يۆنىلىشىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، خىزمەتتىكى مۇھىم نۇقتا، قىيىن نۇقتا مەسىلىلىرى ۋە ئاممىنىڭ ئىنكاسى كۈچلۈك بولغان مەسىلىلەرنى چۆرىدەپ، ئاساسىي قاتلام بىرىنچى سېپىگە چوڭقۇر چۆكۈپ تومۇر تۇتۇپ كېسەل كۆرۈپ، قۇشقاچ ئوپېراتسىيەسى قىلىپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش شەكلىنى ئەلالاشتۇرۇپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئەمەلىي ئۈنۈمىنى كۆزلەپ، شەكىلۋازلىق ۋە بىيۇروكراتلىقتىن قاتتىق ساقلىنىپ، ئۈزلۈكسىز ھالدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش نەتىجىسىنى مەسىلىنى ھەل قىلىش، خىزمەتلەرگە تۈرتكە بولۇشنىڭ پىكىر يولى ۋە تەدبىرىگە ئايلاندۇرۇش كېرەك. تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورنىنى چىڭ كۆزلەپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات باش ۋەزىپىسىنى زىچ چۆرىدەپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشى، «سەككىز چوڭ كەسىپ توپى» بەرپا قىلىش، رايونلار ماس تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، يېزا ـ كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش قاتارلىق نۇقتىلىق خىزمەتلەرنى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، ئېغىر، زور خەۋپ ـ خەتەر يوشۇرۇن خەۋپىنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئېلىپ ۋە ئۇنى تۈگىتىپ، خەلق تۇرمۇشىغا دائىر ئەمەلىي ئىشلارنى چىن قەلب، چىن ھېسسىيات ۋە پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى قىلىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئەمەلىي ئۈنۈمى ئارقىلىق باش تېما تەربىيەسىنىڭ نەتىجىلىرىنى تەكشۈرۈش كېرەك. تەكشۈرۈش ـ تۈزىتىشنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، مەسىلىنى تۈزىتىشنى باش تېما تەربىيەسىگە باشتىن ـ ئاخىر سىڭدۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدىگەن ھالدا مەسىلىلەرنى چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تېپىپ چىقىپ، ئېغىرىدىن قېچىپ يېنىكىگە يۈگۈرۈشتىن، ئەمەلىي ئىشتىن چەتنەپ قۇرۇق گەپ سېتىشتىن ساقلىنىپ، مەخسۇس تۈزەشنى پۇختا قانات يايدۇرۇپ، «دەرھال تۈزىتىش» بىلەن «ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزم ئورنىتىش»نى بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، تۈزۈلمە ـ مېخانىزمنى سىجىل مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئەمەلىي مەسىلىلەرنى ئۈزلۈكسىز ھەل قىلىپ، ئۆزگىرىش ۋە ئەمەلىي ئۈنۈمنى ھەر مىللەت ئاممىغا ھەقىقىي ھېس قىلدۇرۇش كېرەك. ھەيدەكچىلىك، يېتەكچىلىكنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، مەركەزنىڭ ئورۇنلاشتۇرما ـ تەلەپلىرىگە توغرىلىنىپ، شىنجاڭنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكىگە مۇناسىۋەتلىك نېگىزلىك، ئۇللۇق، ئۇزاق مەزگىللىك خىزمەتلەرنى ئالغا سىلجىتىشنى چۆرىدەپ، قاتتىق ھەيدەكچىلىك قىلىپ ۋە ئەمەلىي يېتەكچىلىك قىلىپ، يېتەكچىلىك ئارقىلىق ھەيدەكچىلىككە تۈرتكە بولۇپ، باش تېما تەربىيەسىگە دائىر تۈرلۈك ۋەزىپىلەرنى كەم ـ كوتسىز ياخشى تاماملاش كېرەك.

جاڭ جۇ، تيەن شياڭلى، چېن ۋېيجۈن، ۋاڭ جيەنشىن، يۈسۈپجان مەمەت، ئېلزات ئەخمەتجان، لى نىڭپىڭ، چېن مىڭگو، ليۇ سۇشې، شۆ بىن، مەردان مۇقىيىت، قەيسەر ئابدۇكېرىم، دىلشات سايىم، گاۋ جىمىڭ، ئاپتونوم رايونلۇق باش تېما تەربىيەسى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزالىرى، سەييارە يېتەكچىلىك گۇرۇپپىسىدىكى مەسئۇل يولداشلار، ئىشخانىدىكى ئالاقىدار يولداشلار قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى.