تىيانشان تورى   ›   قانۇن   ›   قانۇن ساۋات

ياشانغان دېھقان لاياقەتسىز چىڭسەي سېتىپ 14 يۈەن پايدا ئالدى، 100 مىڭ يۈەن جەرىمانە قويۇلدى؟ سوت مەھكىمىسى ھۆكۈم قىلدى

  ئالغان پايدىسى 14 يۈەن، ئىككى قېتىم قويۇلغان جەرىمانە جەمئىي 100 مىڭ يۈەن! فۇجوۋدىكى بىر ياشانغان دېھقان لاياقەتسىز چىڭسەي ساتقانلىقى ئۈچۈن يۇقىرى سوممىلىق جەرىمانە قويۇلدى. بۇ ئىش قىزغىن مۇنازىرە قوزغىدى، يېقىندا، مىنخوۋ سوت مەھكىمىسى بۇ دېلوغا قاراپ چىقتى.

  بوۋاي ساتقان چىڭسەي تەكشۈرۈشتە لاياقەتسىز بولۇپ چىقتى.

  2019- يىلى 9- ئاينىڭ 11- كۈنى، مىنخوۋدا ئولتۇرۇشلۇق چېن يىبو سىرتقا چىقماقچى بولۇپ، يان قوشنىسى ۋاڭ ھەدىنىڭ كۆكتاتلىقىدىن ئۆتتى.

  «لاۋچېن، بۈگۈن چىڭسەيلەر بەك ئوخشىدى، توپ سېتىش بازىرىغا ئازراق ئاپىرىپ سېتىپ باقامسىز؟ دەرھال قولدىن چىقىرىپ بولالايدىغانلىقىڭىزغا ئىشىنىمەن.» دېدى ۋاڭ ھەدە خۇشخۇيلۇق بىلەن.

  ئاخىرىدا، چېن يىبو 122.5 يۈەن پۇل خەجلەپ بۇ 70 جىڭ چىڭسەينى سېتىۋالدى.

  ئارقىدىن، 70 جىڭ چىڭسەينى ئېلىپ ماڭغان چېن يىبو مەلۇم كۆكتات توپ سېتىش سودا سارىيىغا كېلىپ، ھەر جىڭىنى 1.95 يۈەن باھادا چىڭسەينىڭ ھەممىسىنى كۆكتات توپ سېتىش سودا سارىيىغا ئۆتكۈزۈپ، 14 يۈەن پايدا ئالدى. شۇ كۈنى، ئارىلىقى بىرقەدەر يىراق بولغان مەلۇم خەلققە قولايلىق تاللا بازىرى بۇ كۆكتات توپ سېتىش سودا سارىيىدىن بىر تۈركۈم مېۋە- كۆكتات سېتىۋالدى، بۇنىڭ ئىچىدە، چېن يىبو سودا سارايغا سېتىپ بەرگەن 7.5 جىڭ چىڭسەيمۇ بار ئىدى.

  ئۈچىنچى كۈنى، بۇ تاللا بازىرى تۇرۇشلۇق جايدىكى بازارنى نازارەت قىلىش- باشقۇرۇش ئىدارىسى كۈندىلىك نازارەت قىلىپ قانۇن ئىجرا قىلىش جەريانىدا، بۇ بىر تۈركۈم چىڭسەينى ئارىلاپ تەكشۈردى، تەكشۈرۈشكە ئەۋەتىش ئارقىلىق، خىلور پىرىفوس تۈرىنىڭ GB2763-2016 «يېمەكلىك بىخەتەرلىكى دۆلەت ئۆلچىمىدىكى يېمەكلىكلەردىكى دېھقانچىلىق دورىسىنىڭ ئەڭ چوڭ قالدۇق چېكى»دىكى تەلەپكە ئۇيغۇن كەلمەيدىغانلىقىنى بايقىدى، شۇنىڭ بىلەن بۇ بىر تۈركۈم چىڭسەي لاياقەتسىز دېگەن تەكشۈرۈش يەكۈنىنى چىقاردى.

  14 يۈەن پايدا ئېلىپ جەمئىي 100 مىڭ يۈەن جەرىمانە قويۇلدى

  2021- يىلى 2- ئاينىڭ 8- كۈنى، چېن يىبو لاياقەتسىز چىڭسەي سېتىشقا چېتىلغانلىقى ئۈچۈن بازارنى نازارەت قىلىش- باشقۇرۇش تارماقلىرى تەرىپىدىن قانۇن بويىچە دېلو تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈلدى. بۇ چاغدا، ئۇ ئۆزىنىڭ «چوڭ بالا تېرىغانلىقى»نى بىلىپ، ئالاقزادە بولۇپ كەتتى.

  بازارنى نازارەت قىلىش- باشقۇرۇش تارماقلىرى 2022- يىل 4- ئاينىڭ 22- كۈنى «مەمۇرىي جازا قارارنامىسى» چىقىرىپ، چېن يىبونىڭ خىزمەت كۆرسىتىش ئىپادىسىنى قوبۇل قىلىپ، چېن يىبونى تۈزىتىشكە بۇيرىدى ھەم ئۇنىڭغا ئاگاھلاندۇرۇش بەردى، قانۇنغا خىلاپ 14 يۈەن تاپاۋىتىنى مۇسادىرە قىلىپ، 50 مىڭ يۈەن جەرىمانە قويدى.

  نېمە قىلارىنى بىلەلمەي قالغان چېن يىبو قانۇندا بەلگىلەنگەن سۈرۈك ئىچىدە مەمۇرىي قايتا قاراپ چىقىشنى ئىلتىماس قىلمىدى، دەۋامۇ قىلمىدى. ئۇ جەرىمانىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن تاپشۇرمىغاچقا، بازارنى نازارەت قىلىش- باشقۇرۇش تارمىقى 2022- يىلى 12- ئاينىڭ 19- كۈنى قانۇن بويىچە چېن يىبونى جەرىمانىنى تاپشۇرۇشقا سۈيلەپ، چېن يىبونىڭ 50 مىڭ يۈەن جەرىمانىنى ۋاقتىدا تاپشۇرۇشىغا ھەيدەكچىلىك قىلدى ھەم يەنە 50 مىڭ يۈەن قوشۇپ جەرىمانە قويدى.

  جەرىمانە سۈيلەنگەندىن كېيىن، چېن يىبونىڭ ئادا قىلىشقا قۇربى يەتمىگەچكە، بازارنى نازارەت قىلىش- باشقۇرۇش ئىدارىسى 2023- يىلى 2- ئاينىڭ 14- كۈنى سوت مەھكىمىسىگە چېن يىبوغا مەجبۇرىي ئىجرا قىلدۇرۇش، مەمۇرىي جازا بېرىش ھەم قوشۇپ جەرىمانە قويۇش قاتارلىقلارنى ئىلتىماس قىلدى.

  «كىچىك سەۋەنلىككە ئېغىر جەرىمانىنىڭ قويۇلۇشى» جەمئىيەتنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى. چىن يىبوغا چىڭسەي سېتىپ 14 يۈەن كىرىم قىلغاندىن كېيىن 50 مىڭ يۈەن جەرىمانە قويۇلغانلىقى بىرمەھەل قولۇم- قوشنىلارنىڭ مۇنازىرىسىنى قوزغىدى.

  «بىر قېتىم سېتىپ قويغانغا بەك ئېغىر جەرىمانە قويۇلۇپتۇ، كۆكتاتنىڭ لاياقەتسىز ئىكەنلىكىنى كىممۇ ئويلىسۇن.»

  «بۇ چىڭسەينى بىرسى يەپ ئاغرىپ قالمىسا، نېمىشقا چوقۇم جەرىمانە قويىدۇ؟»

  «خىلور پىرىفوس بىر خىل ھاشارات ئۆلتۈرگۈچى دورا، بەلگىلىك زەھەرلىك خۇسۇسىيەتكە ئىگە، ساغلاملىق بىخەتەرلىكىگە چوقۇم تەسىر يەتكۈزىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئەڭ تۆۋەن ئۆلچەم بويىچە 50 مىڭ يۈەن جەرىمانە قويۇلىدۇ.»

  سوت مەھكىمىسى: جازا ئېغىرراق، مەجبۇرىي ئىجرا قىلدۇرۇشقا رۇخسەت قىلىنمايدۇ

  مىنخوۋ سوت مەھكىمىسى قاراپ چىقىش ئارقىلىق مۇنداق قارىدى: چېن يىبو كەسپىي كۆكتات سودىگىرى ئەمەس، بۇ ئۇنىڭ تۇنجى قېتىم قانۇنغا خىلاپلىق قىلىشى ھېسابلىنىدۇ، دېلوغا چېتىشلىق لاياقەتسىز چىڭسەينىڭ قىممىتى 136.5 يۈەن بولۇپ، 14 يۈەنلا پايدا ئالغان، سوممىسى بىرقەدەر كىچىك، ئۇ ساتقان چىڭسەينىڭ لاياقەتسىز ئىكەنلىكىنى بىلمەيدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە، دېلو يۈزبەرگەندىن كېيىن چېن يىبو تەكشۈرۈشكە ماسلىشىپ، لاياقەتسىز چىڭسەينىڭ كېلىش مەنبەسىنى ئەينەن چۈشەندۈرگەن، باشقىلارنىڭ كىنىشكىسىز تىجارەت قىلغانلىقىنى ئاكتىپ پاش قىلغان، خىزمەت كۆرسىتىش قىلمىشى بار، قانۇن بويىچە يېنىكلىتىپ جازا بېرىش ياكى جازا بەرمەسلىك كېرەك، بازارنى نازارەت قىلىش- باشقۇرۇش ئىدارىسى چىقارغان «50 مىڭ يۈەن جەرىمانە قويۇش» مەمۇرىي جازا قارارىدا جازا ئېغىرراق بولۇپ كەتكەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە، مەمۇرىي تەرتىپ جەھەتتە، بازارنى نازارەت قىلىش- باشقۇرۇش ئىدارىسى 2021- يىلى 2- ئاينىڭ 8- كۈنى دېلو تۇرغۇزۇپ تەكشۈرگەن، 2022- يىلى 4- ئاينىڭ 22- كۈنى دېلوغا چېتىشلىق «مەمۇرىي جازا قارارنامىسى»نى چىقارغاندىمۇ قانۇندا بەلگىلەنگەن دېلو بېجىرىش سۈرۈكىدىن ئېشىپ كەتكەن، تەرتىپىمۇ قانۇنغا خىلاپ. شۇڭا، بازارنى نازارەت قىلىش- باشقۇرۇش ئىدارىسى چىقارغان مەمۇرىي جازا قارارىنى مەجبۇرىي ئىجرا قىلدۇرۇشقا رۇخسەت قىلماسلىق توغرىسىدا كېسىم چىقىرىلدى.

  ئارقىدىن، بازارنى نازارەت قىلىش- باشقۇرۇش ئىدارىسى قايتا قاراپ چىقىشنى ئوتتۇرىغا قويدى، ئىككىنچى سوتتا قاراپ چىققۇچى سوت مەھكىمىسى قايتا قاراپ چىقىشنى كېسىم بىلەن رەت قىلىپ، ئەسلىي كېسىمنى ساقلاپ قالدى.

  بۇ ئىشنىڭ نەتىجىسىنى بىلگەندىن كېيىن چېن يىبومۇ ئاخىرى يېنىكلەپ قالدى. بۇ ئىش ئاخىرلاشقان بولسىمۇ، لېكىن چېن يىبوغا نىسبەتەن يەنىلا بىر قېتىملىق چوڭقۇر ساۋاق بولدى.

پايدىلانغان مەنبە: فۇجيەن گېزىتى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەلىمە قۇربان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.