تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

بىر يىغىن بىر شەھەرنى قىزىتىۋەتتى

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى رېن جياڭ

6 ـ ئاينىڭ 13 ـ كۈنى سەھەردە، مەيىن شامال قەشقەر شەھىرىنىڭ كوچىلىرىنى سىيپاپ ئۆتەتتى. كوچا بويىدىكى دەرەخزارلىقتا، شامالدا لەپىلدەپ تۇرغان ھەرخىل رەڭلىك بايراقلار ھەمدە «شىنجاڭ ساياھەت تەرەققىيات يىغىنى» دېگەن خەتلەر يېزىلغان رەڭلىك بايراقلار كىشىلەرگە بىر مەيدان مۇھىم پائالىيەتنىڭ باشلىنىش ئالدىدا تۇرۇۋاتقانلىقىدىن خەۋەر بېرىۋاتاتتى.

«مەن بۇ شەھەرنى بارغانسېرى ياقتۇرۇپ قالدىم» دېدى قەشقەر شەھىرىگە كېلىپ خىزمەت قىلغىلى، تۇرمۇش كەچۈرگىلى 16 يىل بولغان ئىبراھىم ئابدۇۋايىت. ئۇ 2023 ـ يىللىق ئاپتونوم رايوننىڭ ساياھەت تەرەققىيات يىغىنى ۋە «شىنجاڭ ياخشى جاي» تېمىسىدىكى ساياھەت تونۇشتۇرۇش يىغىنى ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق، قەشقەر شەھىرىنىڭ تېخىمۇ تېز تەرەققىي قىلىپ، تېخىمۇ گۈزەل بولۇشىنى ئۈمىد قىلدى.

بىر يىغىن بىر شەھەرنى قىزىتىۋەتتى. مىڭ يىللىق قەدىمىي شەھەر − قەشقەر شەھىرى بۇ قېتىمقى يىغىننى ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق يېڭى تەرەققىيات ئۈمىدى ۋە پۇرسىتىگە ئىگە بولدى.

بىر يىغىن ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنى قوزغاتتى

«قەشقەر ۋىلايىتى ئۆزى ئۆتكۈزۈشنى ئۈستىگە ئالغان بۇ يىغىننى ساياھەت ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنىڭ سۈپىتىنى زور دەرىجىدە ئۆستۈرۈش، ماركېتىڭنى زور دەرىجىدە يۇقىرى كۆتۈرۈش، ئىدارە قىلىشتا زور دەرىجىدە يېڭىلىق يارىتىش، كەسىپنى زور دەرىجىدە تەرەققىي قىلدۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش، قەشقەرنىڭ مەدەنىيەت ـ ساياھەت ئىشلىرىنىڭ جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىش ۋەزىيىتىنى ھەر تەرەپلىمە نامايان قىلىشتىكى مۇھىم پۇرسەت بىلىپ، تەشكىلىي رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، بايلىق ئېچىشنى زورايتىپ، كەمتۈكلۈكلەر ۋە ئاجىز تۈرلەرنى كۈچەپ تولۇقلاپ، يىغىننى ئۆتكۈزۈشنى ئۈستىگە ئېلىش خىزمىتىگە ياخشى بولغان يۇمشاق، قاتتىق مۇھىت ئاساسى سالدى» دېدى قەشقەر ۋىلايەتلىك مەدەنىيەت ـ رادىيو ـ تېلېۋىزىيە ۋە ساياھەت ئىدارىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى ليۇ خۇي.

يۇقىرى پەللىدىن ئالغا سىلجىتىشتىن باشقا، يىغىنغا تەييارلىق كۆرۈش خىزمىتى مەخسۇس بەنى تەشكىللەپ قۇرۇلۇپ، ھەپتىلىك ئورۇنلاشتۇرۇش مېخانىزمى ئورنىتىلىپ، يىغىننىڭ تۈرلۈك تەييارلىق خىزمەتلىرىگە پۈتۈن كۈچ بىلەن تۈرتكە بولۇندى. قەشقەر ۋىلايىتى يەنە بايلىق ئېچىش سالمىقىنى زورايتىپ، 945 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ، قەشقەر قەدىمىي شەھىرى، تاشقورغان مۇزتاغ مۇزلۇق باغچىسى، مەكىت N39° قۇملۇق ساياھىتى قاتارلىق 40 مەنزىرە رايونىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى نۇقتىلىق ئالغا سىلجىتىپ، ساياھەتچىلىك كەسىپ ھالىتىدىن 31 تۈرنى يېڭىدىن كۆپەيتتى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، مۇلازىمەت سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، خاس يېمەك ـ ئىچمەك داڭلىق دۇكىنىدىن 190نى يېتىشتۈردى، داڭلىق مېھمانسارايدىن 41نى يېڭىدىن كىرگۈزدى، يۇلتۇز دەرىجىلىك مېھمانسارايدىن 14نى قۇردى، مەنزىرە رايونىدا ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانىدىن 16نى، ساياھەت ھاجەتخانىسىدىن 18نى يېڭىدىن قۇردى، چېگرا يول خېتى بېجىرىش نۇقتىسىدىن 64نى كۆپەيتىپ تەسىس قىلىپ، 12 ساياھەت ئاممىۋى قاتناش مەخسۇس لىنىيەسىدە قاتناش باشلىدى. بۇلارنىڭ ھەممىسى قەشقەر ساياھەتچىلىكىنى كۈچلۈك تىرەككە ئىگە قىلدى، شۇنداقلا يىغىن ئۆتكۈزۈلىدىغان شەھەر قەشقەرنى تېخىمۇ پاكىز، رەتلىك قىلىپ ھاياتىي كۈچكە تولدۇردى.

6 ـ ئاينىڭ 12 ـ كۈنى، يىغىن ئېچىلىشتىن بىر كۈن بۇرۇن، يىغىنغا قاتنىشىدىغان ۋەكىللەر ھەم ئاخبارات تاراتقۇلىرىنىڭ مۇخبىرلىرى قەشقەر شەھىرىگە كەلگەندە، قويۇق بولغان خۇشاللىق كەيپىياتىنى ھېس قىلدى. تېلېۋىزورنى ئېچىپ، يان تېلېفوننى چىكىپ ئېچىپ، گېزىتنى ۋاراقلاپ، «ساياھەت تەرەققىيات يىغىنىنىڭ ئالدىن قىزىتىش فىلىمى» «شىنجاڭنىڭ تۆت پەسلى» تەشۋىقات فىلىملىرى، شۇنداقلا ئانار بۇلۇت تېرمىنالى قاتارلىق ھەر دەرىجىلىك يۇغۇرما تاراتقۇ سۇپىلىرىنىڭ يىغىننى خۇشال كۈتۈۋېلىش مەخسۇس تېمىسىدىكى مەخسۇس ئىستونى، قىسقا سىن، H5 تەشۋىقات ئېلانى، باش بەت باش ماقالىدىكى نۇقتىلىق خەۋەر قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىدىن قويۇق كەيپىيات يارىتىلغانلىقىنى بىلگىلى بولاتتى. ھەرقايسى ناھىيە(شەھەر)لەرنىڭ دالا ئېلېكتىرونلۇق LED ئېكرانىدا، شەھەر تاكسىلىرىنىڭ ئۈستىگە ئورنىتىلغان كىچىك ئېكراندا يىغىننىڭ بېكىتىلگەن تەشۋىقات ئېلانى ۋە تەشۋىقات سىنى توختىماي قويۇلۇۋاتاتتى. پۈتۈن شەھەر يىغىن سەۋەبىدىن باشقىچە خۇشال تۈسكە كىرگەنىدى.

بىر يىغىن پۇرسەت ئېلىپ كەلدى

«ھەر قېتىم قەشقەرگە كەلگىنىمدە، يېڭىچە قەشقەر بىلەن تونۇشىمەن.» بۇ ۋاڭخۇڭ «ۋېينى ئېيىقچاق»نىڭ قەشقەرگە 5 ـ قېتىم كېلىشى بولۇپ، ھەر قېتىم ئۈمىد بىلەن كېلىپ، ھەيرانلىققا تولۇپ قايتىدۇ.

ئۆزگىرىش تەرەققىياتتىن كېلىدۇ، تەرەققىيات پۇرسەتتىن كېلىدۇ. 2023 ـ يىللىق ئاپتونوم رايوننىڭ ساياھەت تەرەققىيات يىغىنى ۋە «شىنجاڭ ياخشى جاي» ساياھەت تونۇشتۇرۇش يىغىنى قەشقەرگە باشقىچە تەرەققىيات پۇرسىتى ئېلىپ كەلدى.

يىغىنغا قاتناشقان 600 ئەزىز مېھمان مىڭ يىللىق قەدىمىي شەھەردە جەم بولدى، ئۇلار ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بەش دۆلەت ۋە پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ھەم مەملىكىتىمىزدىكى مەدەنىيەت ـ ساياھەت ساھەسى ۋەكىللىرى، ھەم پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنىڭ ۋەكىللىرى بار؛ ھەم ئاپتونوم رايوننىڭ ھەرقايسى نازارەت، ئىدارىلەرنىڭ مەسئۇللىرى، ھەم ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەرنىڭ ۋەكىللىرى بار، يەنە ئاپتونوم رايوندىكى نۇقتىلىق ساياھەت مەنزىرە رايونلىرى، كەسىپ جەمئىيەتلىرىنىڭ ۋەكىللىرى بار؛ ھەم ئاخبارات تاراتقۇلىرىنىڭ ۋەكىللىرى، ھەم كىنو ـ تېلېۋىزىيە ساھەسىدىكىلەر ۋە ناخشىچىلار، سەنئەتكارلار، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ۋارىسلىرى، داڭلىق ۋېيبو ئىگىلىرى، ۋاڭخۇڭلار بار... ئۇلار سان جەھەتتىن كۆپ بولۇپلا قالماي، ساياھەت تەرەققىياتىنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرىگە، ھەرساھە، ھەر كەسىپلىرىگە ئالاقىدار ئىدى. ئۇلارنىڭ كېلىشى قەشقەرنى كىشىلەر نەزەرىدىكى قىزىق نۇقتىغا ئايلاندۇرۇپلا قالماي، بۇ پائالىيەتنى تەسىرى چوڭقۇر ۋە ئۇزاق بولغان بىر مەيدان تەشۋىقات، تونۇشتۇرۇش پائالىيىتىگە ئايلاندۇردى.

قەشقەرمۇ بۇ قېتىمقى ئۆزىنى تەشۋىق قىلىدىغان ياخشى پۇرسەتنى چىڭ تۇتتى. يىغىن مەزگىلىدە، قەشقەر شەھىرى ئىككى مەيدان قالتىس، يۇقىرى سەۋىيەلىك ئويۇننى كۈتۈۋالدى − 6 ـ ئاينىڭ 12 ـ كۈنى كەچتە، «يېڭى ناخشىلار بىلەن شىنجاڭنى كۈيلەيمىز» مۇنەۋۋەر ئەسلىي ئىجادىيەتلىك ناخشا ـ مۇزىكا كېچىلىكى قەشقەر داشۆنىڭ شىنچۇەن مەكتەپ رايونى يېڭى دەۋر يىغىن زالىدا ئۆتكۈزۈلدى؛ 6 ـ ئاينىڭ 13 ـ كۈنى، قەشقەر قەدىمىي شەھىرىدىكى كوزىچى ياربېشىدا «2023 ـ يىللىق شىنجاڭ ساياھەت تەرەققىيات يىغىنى ئەدەبىيات ـ سەنئەت كېچىلىكى» ئۆتكۈزۈلدى؛ مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرلىقى كەسىپ تۈرى مۇلازىمەت سۇپىسىنىڭ 33 ـ قارارلىق سەرخىل تۈرلەرنى ئالماشتۇرۇش، ئۇدۇللاشتۇرۇش پائالىيىتى ھەم شىنجاڭ مەدەنىيەت ـ ساياھەت كەسپىلىرىگە مەبلەغ سېلىش، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش پائالىيىتى، ياشلىق باھارىنى يارىتىش. جۇڭگو ياشلار مەدەنىيەت ـ ساياھەت ئىجادىيىتى لايىھەلەش مۇسابىقىسىنىڭ مۇنەۋۋەر ئىجادىيەت نەتىجىلىرى كۆرگەزمىسى ھەم مۇسابىقىنىڭ مۇكاپات تارقىتىش مۇراسىمى، شامالغا جور بولۇپ شىنجاڭدا «دالىدا قونۇش» − شىنجاڭ «دالىدا قونۇش تۇرمۇشى» يېڭىلىق يارىتىش تەرەققىيات مۇنبىرى ئۆتكۈزۈلدى؛ قەشقەر شەھەر رايونىنى كۆرۈش، تەكشۈرۈشتە بولۇش، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ئۈستىدە ئىزدىنىش سەپىرى، قۇملۇقنى ئېكسپېدىتسىيە قىلىشقا جەڭ ئېلان قىلىش سەپىرى، ئېگىزلىك سىرلىرى ئۈستىدە ئىزدىنىش ئارزۇسى سەپىرىدىن ئىبارەت تۆت كۆرۈش لىنىيەسى تەسىس قىلىنىپ، قەشقەرنىڭ سەرخىل مەنزىرە رايونلىرى ۋە مەنزىرە نۇقتىلىرى مۇجەسسەملەندى. بۇلار قەشقەر مەدەنىيەت ـ ساياھەت بايلىقىنى نامايان قىلىش، شۇنداقلا يېڭى ھەمكارلىقنىڭ باشلىنىش نۇقتىسى، يېڭى ھالقىشنىڭ ئۈمىدى بولدى.

بۇ دەل خۇاچياۋ شەھەرچىسى (شېنجېن) ساياھەت تەرەققىيات گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، باش دىرېكتور جاڭ شۇمىن يىغىندا سۆز قىلىپ تونۇشتۇرغىنىدەك بولدى: بۇ يىل، بۇ گۇرۇھ قەشقەر بىلەن كۆپ قېتىم ئۆزئارا زىيارەت قىلىپ كېڭىشىپ، باسقۇچ خاراكتېرلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى، يەنە قەشقەر كوزىچى ياربېشى، ئىپارخان باغچىسىنىڭ تىجارىتىنى باشقۇرۇش قاتارلىق ھەمكارلىقلار بويىچە ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلىپ، ماھىيەتلىك ئالغا سىلجىتىش باسقۇچىغا كىردى. تېخىمۇ ئېچىۋېتىلگەن، ئۆزىنى نامايان قىلىشنى تېخىمۇ بىلىدىغان قەشقەر تېخىمۇ زور تەرەققىيات پۇرسىتىنى كۈتۈۋالىدۇ.

بىر يىغىن بوشلۇق ئاچتى

جۇڭگو شىنجاڭ تۇپرىقىغا قەدەم قويغاندىن باشلاپ، تاجىكىستان تېزسەر ساياھەت كوپىراتىپىنىڭ دىرېكتورى مارلايېف شاف باشتىن ـ ئاخىر ناھايىتى ھاياجانلاندى، ئۇنىڭغا ئوخشاش ھاياجانلانغان كەسىپداشلىرىدىن ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بەش دۆلەتتە ساياھەت كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان 11 زات بار. يىغىندا، ئۇلار ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بەش دۆلەتنىڭ مەدەنىيەت ۋە ساياھەت كەسىپ جەمئىيەتلىرىگە جۇڭگو شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ساياھەت كوپىراتىپلىرى جەمئىيىتى بىلەن كېلىشىم ئىمزالىدى، بۇ، جۇڭگو شىنجاڭ. ئوتتۇرا ئاسىيا ساياھەت ھەمكارلىق ئىتتىپاقى قۇرۇلۇپ، جۇڭگو شىنجاڭ بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بەش دۆلەتنىڭ ساياھەت ئالاقىسى ۋە ھەمكارلىقىنىڭ يېڭى سەھىپىسى ئېچىلغانلىقىدىن دېرەك بەردى.

«بىز شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىدىن ئىنتايىن ھەيران قالدۇق، قەشقەردە يوللار ئىنتايىن تەكشى، ئازادە، ئىمارەتلەر ئىنتايىن چىرايلىق ئىكەن، بىز تۇرۇۋاتقان مېھمانساراي 30 نەچچە قەۋەت بولۇپ، كىشىنى ھەقىقەتەن ھەيران قالدۇرىدىكەن» دېدى مارلايېف ھاياجانلانغان ھالدا. ئۇلارنىڭ ئىچىدە شىنجاڭنى ئەڭ پىششىق بىلىدىغانلىرى بۇنىڭدىن يەتتە يىل ئىلگىرى كېلىپ باققان. لېكىن، بۇ ئەكسىچە ئۇلارنى جۇڭگو شىنجاڭغا تېخىمۇ ئىنتىزار قىلدى، شۇنداقلا قەشقەرنىڭ تەرەققىياتىغا يېڭى پۇرسەت، يېڭى ئۈمىد ئېلىپ كەلدى.

جۇڭگو شىنجاڭ . ئوتتۇرا ئاسىيا ساياھەت ھەمكارلىق ئىتتىپاقىنىڭ تۇنجى نۆۋەتلىك نۆۋەتچى رەئىسى، ئاپتونوم رايونلۇق ساياھەت كوپىراتىپلىرى جەمئىيىتىنىڭ جەمئىيەت باشلىقى ۋۇ فېڭ شىنجاڭنىڭ ساياھەت ساھەسىدىكى ئەڭ پېشقەدەم شەخس بولۇپ، ئۇ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى كەسىپداشلارنىڭ ھەمكارلىققا بولغان تەشنالىقىنى كۆرۈپ، ناھايىتى خوشال ھالدا مۇنداق دېدى: «بىز جۇڭگو − ئوتتۇرا ئاسىيا باشلىقلار يىغىنىنىڭ نەتىجىلىرىنى پائال ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىتتىپاق ئەزالىرىنى كەسپىي مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەپ، جۇڭگو بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بەش دۆلەت ئۈچۈن ساياھەت جەھەتتە ھەمكارلىشىش، ئالماشتۇرۇش سۇپىسى ھازىرلايمىز.» قەشقەرگە قارىتا، ئۇ تېخىمۇ ئۈمىدۋار بولۇپ، «قەشقەر <بەش پورت سەككىز دۆلەتكە تۇتىشىدىغان، بىر يول ياۋروپا ـ ئاسىيانى تۇتاشتۇرىدىغان> جۇغراپىيەلىك ئەۋزەللىككە ئىگە، <بىر بەلباغ، بىر يول>نى ئورتاق قۇرۇش تەشەببۇسىدا ئالاھىدە ئورۇنغا ئىگە بولۇپ، ئىتتىپاق ھەمكارلىقىدىكى مۇھىم رايونلارنىڭ بىرى» دېدى.

يىغىن ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، ۋۇ فېڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بەش دۆلەتتىن كەلگەن كەسىپداشلىرىنى باشلاپ، ئۇدۇل قەشقەر قەدىمىي شەھىرى مەنزىرە رايونى قاتارلىق بەلگە خاراكتېرلىك مەنزىرە رايونلىرىغا بېرىپ، سەيلى ـ ساياھەت قىلدى، تېخىمۇ مۇھىمى تەكشۈرۈشتە بولۇپ، بۇنىڭدىن كېيىنكى ساياھەت ھەمكارلىقى ئۈچۈن ئاساس سالدى.

بۈگۈنكى كۈندىكى قەشقەر ئارتۇقچىلىقلىرىنى تەدرىجىي جارى قىلدۇرۇش، كۈچ ۋە ئېنېرگىيە توپلاش، چوڭ ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقىرىشتىن ئىبارەت مۇھىم ئالتۇن مەزگىلنى كۈتۈۋالدى، تەرەققىيات پۇرسىتى مىسلىسىز بولۇپ، تەرەققىيات غەيرىتى تولۇپ تاشتى. «بىز دۇنيا دەرىجىلىك ساياھەت مەنزىلگاھى بەرپا قىلىش نىشانىنى چىڭ كۆزلەپ، پۈتۈن رايون، پۈتۈن پەسىل، پۈتۈن كەسىپ ساياھىتى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، قەشقەر ساياھىتىنى كۈندىن ـ كۈنگە تېخىمۇ قالتىس قىلىمىز» دېدى قەشقەر ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى نيې جۇاڭ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.