ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر خەن لياڭ فوتوسى، خەۋىرى) 6-ئاينىڭ 13-كۈنى، بورتالا شەھىرى چىندېل بازىرى ئالبىن بەشىن كەنتىدىكى ئالبىن ھەشەمەتلىك لاگېرىدا، قاتار-قاتار چېدىرلار گىرەلىشىپ كەتكەن بولۇپ، ئېسىلغان رەڭلىك چىراغلار كۆزگە ئالاھىدە تاشلىنىپ تۇراتتى، خاس مەززىلىك تائاملار مول ۋە كۆپ خىل بولۇپ، ئەتراپتىكى ساياھەتچىلەرنى كېلىپ ساياھەت قىلىپ داكا قىلىشقا جەلپ قىلدى.
6-ئاينىڭ 13-كۈنى، ساياھەتچىلەر ئالبىن بەشىن ھەشەمەتلىك لاگېرىدا ساياھەت قىلماقتا (تىزگىنەكلىك ئۇچقۇدا تارتىلغان سۈرەت).
بورتالا شەھىرى ئاھالىسى دۇڭ فاڭ مۇنداق دېدى: «ئالبىن بەشىن كەنتىدە توردا ئالقىشلانغان جاي بارلىقىنى ئاڭلىغانىدۇق، بىز بىر نەچچە ساۋاقداش ئۇنىڭ داڭقىنى ئاڭلاپ كەلدۇق، بۇ يەرنىڭ مەنزىرىسى گۈزەل بولۇپلا قالماي، يەنە ئۆز ئالدىمىزغا دالىدا قونساقمۇ بولىدىكەن، ھەقىقەتەن ئارام ئېلىشتىكى ياخشى جاي ئىكەن».
6-ئاينىڭ 13-كۈنى، ساياھەتچىلەر ئالبىن باغچىسىدا سەيلە قىلىپ ئوينىماقتا.
«ئالبىن ھەشەمەتلىك لاگېرى بورتالا دەرياسى بويىدا بولۇپ، بىرلا ۋاقىتتا 200 دىن ئارتۇق ساياھەتچىنى كۈتۈۋالالايدۇ، بۇ يىل 5-ئاينىڭ 1-كۈنى تىجارەت باشلىغاندىن بۇيان، شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، ئىلگىرى قونالغۇ تېپىش قىيىن بۇ جاي ھازىر تىجارەت سوممىسى ئەڭ يۇقىرى بولغاندا بىر كۈندە 20 مىڭ يۈەندىن ئېشىپ كېتىدىغان جايغا ئايلاندى» دېدى ئالبىن ھەشەمەتلىك لاگېرىدىكى تىجارەت بىلەن شۇغۇللانغۇچى جېڭ چۈەنشېڭ.
6-ئاينىڭ 13-كۈنى، ساياھەتچىلەر ئالبىن ھەشەمەتلىك لاگېرىدا دالىدا قوندى.
بۇ يىل، بورتالا شەھىرىنىڭ چىندېل بازىرى ئېكولوگىيە بايلىقى ۋە كەسىپ ئەۋزەللىكىگە تايىنىپ، ئالبىن بەشىن كەنتىدە ئالبىن ھەشەمەتلىك لاگېرى، ئالبىن سەيلە-ساياھەت باغچىسى قاتارلىق ساياھەت، ئىستىراھەت، ئائىلىۋى قونالغۇ قاتارلىقلار بىر گەۋدىلەشكەن ئىستىراھەت رايونى بەرپا قىلىپ، شۇ جايدىكى دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ «ئىشىك ئالدى» دا ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تۈرتكە بولۇپ، كەنت ئەترەتلىرىنىڭ تەرەققىياتى بىلەن ئارتۇق ئەمگەك كۈچلىرىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئۈنۈملۈك جىپسىلاشتۇردى. ئۆزىنىڭ ئېكولوگىيەلىك بايلىق ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئېسىل مەنزىرە رايونى بەرپا قىلىپ، ھەر مىللەت ئاممىنى «ئېكولوگىيە قاچىسى»نى چىڭ تۇتۇپ، «ساياھەت تامىقى»نى ياخشى يېيىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى.
بورتالا شەھىرى چىندېل بازىرىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى پەرۇق يارمەمەت مۇنداق دېدى: «بىز ئالبىن بەشىن كەنتىنىڭ جۇغراپىيەلىك ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئىستىراھەت رايونىنىڭ ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى تەدرىجىي مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تېخىمۇ كۆپ كىشىنى بۇ يەرگە كېلىپ ئارام ئېلىش، كۆڭۈل ئېچىش، مەززىلىك تائاملارغا ئېغىز تېگىشكە جەلپ قىلىپ، ھەقىقىي تۈردە يېزا-كەنتلىرىمىزنى توردا ئالقىشلانغان داكا قىلىدىغان جاي قىلىپ قۇرۇپ چىقىپ، ساياھەت ئىقتىسادىنى جانلاندۇرۇش بىلەن بىللە، يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشكە كۈچ قوشۇپ، دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشىغا تۈرتكە بولىمىز».