تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

«شى جىنپىڭنىڭ ئاياللار، بالىلار ۋە ئاياللار بىرلەشمىسى خىزمىتى توغرىسىدىكى بايانلىرىدىن ئۈزۈندە» ناملىق كىتاب نەشر قىلىنىپ تارقىتىلدى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 6 - ئاينىڭ 11 - كۈنى تېلېگراممىسى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى پارتىيە تارىخى ۋە ھۆججەت - ئەسەرلەر تەتقىقات يۇرتى تەھرىرلىگەن «شى جىنپىڭنىڭ ئاياللار، بالىلار ۋە ئاياللار بىرلەشمىسى خىزمىتى توغرىسىدىكى بايانلىرىدىن ئۈزۈندە» ناملىق كىتاب يېقىندا مەركىزىي كومىتېت ھۆججەت - ئەسەرلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنىپ، پۈتۈن مەملىكەتتە تارقىتىلدى.

ئاياللار ئىشلىرى باشتىن - ئاخىر پارتىيە ۋە خەلق ئىشلىرىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى بولۇپ كەلدى. پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىيات پۈتۈن ۋەزىيىتىنى چىقىش قىلىپ، ئاياللار خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ ۋە ئۇنى پائال ئالغا سىلجىتىپ، پارتىيەنىڭ ئاياللار خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك ئاياللار تەرەققىيات يولىدا چىڭ تۇرۇپ، ئاياللار بىرلەشمىسى ئىسلاھاتىغا دائىر ۋەزىپىلەرنى ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ، ئاياللارنىڭ ھەرقايسى تەرەپلەردىكى ئاكتىپ رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، دۆلىتىمىز ئاياللار ئىشلىرىدا تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولدى. يولداش شى جىنپىڭنىڭ ئاياللار، بالىلار ۋە ئاياللار بىرلەشمىسى خىزمىتىنى چۆرىدەپ ئېلان قىلغان بىر قاتار مۇھىم بايانلىرىنىڭ مەزمۇنى يۈكسەك، ئىچكى خاس مەزمۇنى مول، ئىدىيەسى چوڭقۇر بولۇپ، يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە ئاياللار ئىشلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، ئاياللار خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش، ئەر - ئاياللار باراۋەرلىكى قاتارلىق تۈپ دۆلەت سىياسىتىدە چىڭ تۇرۇش، ئاياللار، بالىلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق - مەنپەئىتىنى كاپالەتلەندۈرۈش، كەڭ ئاياللارنى سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن يېڭى تۆھپە قوشۇشقا يېتەكلەشتە ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

«بايانلاردىن ئۈزۈندە» سەككىز مەخسۇس تېمىغا بۆلۈنگەن، جەمئىي 174 بۆلەك بايان بار بولۇپ، يولداش شى جىنپىڭنىڭ 2012 - يىلى 11 - ئاينىڭ 29 - كۈنىدىن 2023 - يىلى 3 - ئاينىڭ 6 - كۈنىگىچە بولغان مەزگىلدىكى دوكلاتى، سۆزى، ئىزاھاتى، تەبرىك خېتى، يوليورۇقى، تەستىقىي يوليورۇقى قاتارلىق 50 پارچىدىن ئارتۇق مۇھىم ھۆججەت - ئەسەرلىرىدىن ئېلىنغان. بۇنىڭ ئىچىدىكى قىسمەن بايانلار تۇنجى قېتىم ئاشكارا ئېلان قىلىندى.

مەسئۇل مۇھەررىر : 库尔班江·克衣木

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.