تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

شىنجاڭنىڭ تۇنجى يەرلىك مۇزىكا بايرىمى ماركىسىدىكى «جياڭگو» مۇزىكا بايرىمى 7-ئايدا ئۆتكۈزۈلىدۇ

     ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر رەن خۇ خەۋەر قىلىدۇ)  6-ئاينىڭ 11-كۈنى، 2023-يىللىق «جياڭگو» مۇزىكا بايرىمى ئۇقۇمى تەشۋىقات فىلىمى پۈتۈن توردا رەسمىي ئېلان قىلىندى، بۇ، شىنجاڭدىكى تۇنجى يەرلىك مۇزىكا بايرىمى ماركىسىنىڭ رەسمىي ھۆكۈمەت تەرەپ تەشۋىقاتى ھېسابلىنىدۇ.

(«جياڭگو» مۇزىكا بايرىمى ھۆكۈمەت تەشۋىقاتى سىنىنى مەسئۇل بولۇپ ئۆتكۈزگۈچى ئورگان تەمىنلىدى)

      پائالىيەتنى مەسئۇل بولۇپ ئۆتكۈزگۈچى تەرەپ شىنجاڭ خۇايى شىڭگۇاڭ مەدەنىيەت تاراتقۇ چەكلىك شىركىتىنىڭ ئاساسىي مەسئۇلى جاۋ خۇي مۇنداق تونۇشتۇردى: بۇ نۆۋەتلىك «جياڭگو» مۇزىكا بايرىمى 7-ئاينىڭ 8-كۈنىدىن 9-كۈنىگىچە ئۆتكۈزۈلىدۇ، مۇزىكا بايرىمىدا دۆلەت ئىچىدە بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدىغان مۇزىكا بايرىمى ئىشلەش ئۆمىكى بولغان بېيجىڭ فەنشى مۇزىكا مەدەنىيىتى تەرەققىيات چەكلىك شىركىتىگە تايىنىپ ئويۇن قويۇلىدۇ، مۇزىكا بايرىمىدىكى سەنئەتكارلارنىڭ سېپى كۈچلۈك.

     بۇ نۆۋەتلىك «جياڭگو» مۇزىكا بايرىمى رەڭدار، سىرلىق، ھاياجانلىق بولۇشتەك خاسلىققا ئىگە، نەق مەيداندا مۇزىكانتلار سەھنە رايونى، DJ سەھنە رايونى، شەھەر-دالىدا قونۇش رايونى، ئاۋانگارتلار بازار رايونى، مەززىلىك تائاملار تەسىرات رايونى قاتارلىق بەش چوڭ ھېس قىلىش، ھەمتۈرتكە بولۇش رايونى ۋە كۆرگەزمە رايونى تەسىس قىلىنىدۇ، ئىمكانقەدەر نەق مەيداندىكى تاماشىبىنلارنىڭ مودا ئىستېمال ھېس قىلىش تەسىراتى ئۆستۈرۈلىدۇ.

      جاۋ خۇي تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: مۇزىكا بايرىمىدا «جياڭگو» باش تېما قىلىنىپ، شىنجاڭنىڭ رايون گۈزەللىكى، ئۆرپ-ئادەت گۈزەللىكى، تارىخىي گۈزەللىكى، مەدەنىيەت گۈزەللىكى ۋە تەبىئىي گۈزەللىكىنى نامايان قىلىش مەقسەت قىلىنىدۇ. «جياڭگو» مۇزىكا بايرىمى شىنجاڭدا يىلتىز تارتىپ، تېخىمۇ كۆپ كەسىپ ھالىتىگە ھەمتۈرتكە بولۇپ، شىنجاڭنىڭ مۇزىكا كەسپى، مەدەنىيەت-ساياھەت كەسپىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن، يېڭى مۇزىكانتلارنى قېزىپ، شىنجاڭنىڭ ئىجادىي مۇزىكا كۈچىنى يېتىشتۈرۈشكە پائال تۆھپە قوشىدۇ.

     «بۇ قېتىمقى مۇزىكا بايرىمىدا مۇزىكىنىڭ ئىپادىلىنىشى تەكىتلىنىپلا قالماي، يەنە بىر قاتار مەدەنىيەت پائالىيەتلىرى ئارقىلىق، تاماشىبىنلارغا شىنجاڭنىڭ كۆپ مەنبەلىك مەدەنىيىتى تېخىمۇ بىۋاسىتە ھېس قىلدۇرۇلىدۇ». بېيجىڭ فەنشى مۇزىكا مەدەنىيىتى تەرەققىيات چەكلىك شىركىتىنىڭ باش مەسئۇلى جى لېي مۇنداق دېدى: بۇ بىر مەيدان كاتتا مۇزىكا زىياپىتى، شۇنداقلا بىر مەيدان مەدەنىيەت كاتتا مەرىكىسى، مۇزىكا بايرىمى ھەر خىل مۇزىكا ئىختىساسلىقلىرى ۋە مۇزىكا ھەۋەسكارلىرىنى توپلاپ، كۆپ مەنبەلىك مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشنى نامايان قىلىپ، ھاياتىي كۈچكە تولغان يېڭى مەدەنىيەت ۋە مۇزىكىنىڭ كۈچىنى ھېس قىلدۇرىدۇ.

     «بۇ مۇزىكا بوستانلىقىدا، شىنجاڭلىق تاماشىبىنلار ھەرقايسى جايلاردىن كەلگەن مۇزىكا ھەۋەسكارلىرى بىلەن بىرلىكتە ئۆزگىچە مۇزىكا سادالىرىنى ئاڭلاپ ۋە بۇ ھەقتە ئىزدىنىپ، مۇزىكىنىڭ سېھرىي كۈچى ۋە كۈچىنى ھېس قىلالايدۇ». جى لېي مۇنداق دېدى: يەرلىك مۇزىكا بايرىمى ماركىسىنىڭ شىنجاڭدىكى تۇنجى سىنىقى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئىشىنىمەنكى، بۇ قېتىمقى «جياڭگو» مۇزىكا بايرىمىنىڭ ئۆتكۈزۈلۈشى شىنجاڭنىڭ مۇزىكا كەسپىگە يېڭى پۇرسەت ئېلىپ كېلىپ، شىنجاڭنىڭ مەدەنىيەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشىدۇ، تېخىمۇ كۆپ مۇنەۋۋەر يەرلىك مۇزىكانتلار ئۆزىنى نامايان قىلىش پۇرسىتىگە ئېرىشىپ، شىنجاڭ رايونىنىڭ مۇزىكا مەدەنىيىتىنىڭ گۈللىنىشى ۋە تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

  «ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.