تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   خەلقئارا

ھەممىلا يەردە كۆپ مەنبەلىك مەدەنىيەتنىڭ جەلپكارلىقى نامايان بولۇپ تۇرىدىكەن

− «جۇڭخۇادا ئارزۇنى ئىشقا ئاشۇرۇش . گۈزەل شىنجاڭ» تېمىسىدىكى 2023 - يىللىق مەملىكەت سىرتىدىكى جۇڭگو تىل - يېزىقى تاراتقۇلىرىنىڭ شىنجاڭدىكى زىيارەت پائالىيىتى تۇرپانغا كىردى

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى گو لىڭ

6 - ئاينىڭ 6 - كۈنى، 2023 - يىللىق مەملىكەت سىرتىدىكى جۇڭگو تىل - يېزىقى تاراتقۇلىرى زىيارەت ئۆمىكى تۇرپانغا كېلىپ، كارىز، يارغول قەدىمىي شەھىرى، بۇيلۇق قاتارلىق جايلاردا زىيارەتتە بولدى. ھىندونېزىيە «خەلقئارا گېزىتى»نىڭ ئىجرائىيە باشلىقى جاڭ چۇنمېي مۇنداق دېدى: ئۈزۈم بارىڭى ئاستىدا، كارىز يېنىدا... ھەممىلا يەردە شادىيانە ئۇسسۇللارنى كۆرگىلى بولىدىكەن، ھەر مىللەت خەلقنىڭ چېھرىدە جىلۋىلەنگەن بەخت تەبەسسۇمى كىشىنى تولىمۇ تەسىرلەندۈرىدىكەن.

تۇرپان قەدىمىي يىپەك يولىدىكى مۇھىم بازار، مەدەنىيەت جۇغلانمىسى چوڭقۇر بولۇپ، ساقلىنىپ قالغان قەدىمىي شەھەر، تاش ئۆڭكۈر ئىبادەتخانىسى، تۇر، قەبرە، قىيا تاش رەسىملىرى قاتارلىقلار قەدىمكى دەۋردىكى غەربىي يۇرتنىڭ جەزبىدارلىقىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ. يارغول قەدىمىي شەھىرىنىڭ ۋەزنىنىڭ ئېغىرلىقى، بۇيلۇقنىڭ خىلۋەتلىكى، كارىزنىڭ سالقىنلىقى... بۇلارنىڭ ھەممىسى زىيارەت ئۆمىكى ئەزالىرىنى مەپتۇن قىلدى. ئۇلار تۇرپاننىڭ تارىخىي مىراسلىرى، جەلپكار خەلق ئۆرپ - ئادىتى ۋە تەبىئىي قىياپىتىنى چوڭقۇر ھېس قىلىپ ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: بۇ جاينىڭ ھەممىلا يېرىدە كۆپ مەنبەلىك مەدەنىيەتنىڭ جەلپكارلىقى نامايان بولۇپ تۇرىدىكەن، ھەممىلا جايدا شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ بەختلىك تۇرمۇشىنى ھېس قىلغىلى بولىدىكەن.

بۇيلۇق تۇرپاندىكى ئۈزۈم ئەڭ كۆپ چىقىدىغان جاي، ئەتراپىنى ئېقىنلار ئوراپ تۇرىدۇ، سۇ سۈپىتى ساپ، ئىككى تەرەپتىكى ئۈزۈم باراڭلىرىدا قاتمۇقات، قويۇق، بۈك - باراقسان يوپۇرماقلار ئارىسىدا ساپاق - ساپاق ئۈزۈملەر لىققىدە ساڭگىلاپ تۇراتتى. ئۈزۈم بارىڭى ئاستىدا، قىزلار ۋە يىگىتلەر ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ چىرايلىق كىيىملىرىنى كىيىپ، شادىيانە ئۇسسۇلغا چۈشتى. قولىغا فوتو ئاپپاراتنى ئېلىپ سۈرەتكە ئېلىۋاتقان زىيارەت ئۆمىكى ئەزالىرىمۇ ئىختىيارسىز ئۇلارغا قوشۇلۇپ ئۇسسۇل ئويناشنى ئۆگەندى، كۆڭلەكلىرىنى ئوينىتىپ ئۇلارغا ئەگىشىپ تەنتەنە قىلىشتى.

كارىزغا كىرگەندە، بىر خىل سالقىن ھاۋا يۈزگە ئۇرۇلاتتى، سۇلار شىلدىرلاپ ئېقىپ تۇراتتى. كۆپچىلىك شىنجاڭ كارىز تەتقىقات جەمئىيىتىنىڭ باش كاتىپى غوپۇر نۇردۇننى چۆرىدەپ، ئۇنىڭ كارىز توغرىسىدىكى ھېكايىسىنى ئاڭلاۋاتاتتى. زىيارەت ئۆمىكى ئەزالىرىنىڭ ئىگىلىشىچە، تۇرپاننىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە ھۆل - يېغىن مىقدارى ئاران 16 مىللىمېتىر بولسىمۇ، لېكىن مىڭغا يېقىن يەر ئاستى ئېقىنى بار بولۇپ، تىيانشان تېغىدىكى قار سۇلىرى ئۈزۈلمەي تۇرپان ئويمانلىقىغا ئېقىپ كېلىپ، شۇ جاينىڭ ئاساسلىق سۇ مەنبەسىگە ئايلىنىدىكەن، كارىز «جۇڭگو يەر ئاستى قانىلى» دەپ تەرىپلىنىدىكەن. زىيارەت ئۆمىكى ئەزالىرى بۇ قۇرۇلۇشنىڭ ئۇلۇغلۇقى ۋە لايىھە تەپەككۇرىنىڭ ئەپچىللىكىنى تەرىپلىدى.

باش ياز مەزگىلى بولغاچقا، يارغول قەدىمىي شەھىرىدە قۇياش نۇرى ناھايىتى كۈچلۈك ئىدى. بۇ، خام توپىدىن خاڭداپ ياسالغان شەھەر بولۇپ، توپىدىن تام سېلىنغان، يەر قېزىلىپ ئۆي ياسالغانىدى. تارىختا، بۇ يەردە تاڭ سۇلالىسى مەركىزىي ھۆكۈمىتىنىڭ غەربىي يۇرتنى باشقۇرىدىغان ئەڭ ئالىي ھەربىي - مەمۇرىي ئاپپاراتى بولغان ئەنشى قورۇقچىبەگ مەھكىمىسى تەسىس قىلىنىپلا قالماي، بۇ يەر يەنە يىپەك يولىدىكى مۇھىم بازار ھېسابلىنىدۇ. دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ، ئەڭ قەدىمىي، ئەڭ مۇكەممەل ساقلانغان خام توپا ئىمارەت خارابىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، يارغول قەدىمىي شەھىرى سىياسىي، مەدەنىيەت، تارىخ، سەنئەت قاتارلىق جەھەتلەردە بىردەك مۇھىم، زور قىممەتكە ئىگە. «يارغول قەدىمىي شەھىرىنىڭ 2000 يىلدىن ئارتۇق بوران - چاپقۇننى باشتىن كەچۈرۈپ، بۈگۈنگە قەدەر ساقلىنىپ كەلگەنلىكى ھەقىقەتەن بىر چوڭ مۆجىزە.» گېرمانىيە «چياۋمىنلار گېزىتى»نىڭ باش مۇھەررىرى ليۇ گۇيجياڭ مۇنداق دېدى: بىز ھەر مىللەت خەلقنىڭ بۇ تۇپراقتا ئورتاق ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىپ، ئورتاق گۈللىنىپ تەرەققىي قىلىپ، ئوچۇق، سىغدۇرۇشچان، كۆپ مەنبە بىر گەۋدىلەشكەن پارلاق مەدەنىيەتنى شەكىللەندۈرگەنلىكىنى چوڭقۇر ھېس قىلدۇق.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.