تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

خەلق گېزىتىدە رېن جۇڭپىڭنىڭ «جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرىدىغان مەنىۋى كۈچنى كۈچەيتەيلى − باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەدەنىيەتكە ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇش سۆھبەت يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش، ئۆزلەشتۈرۈش توغرىسىدا» ناملىق ماقالىسى ئېلان قىلىنىدۇ

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 6 - ئاينىڭ 3 - كۈنىدىكى تېلېگراممىسىغا ئاساسلانغان 6 - ئاينىڭ 4 - كۈنىدىكى خەلق گېزىتىدە رېن جۇڭپىڭنىڭ «جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرىدىغان مەنىۋى كۈچنى كۈچەيتەيلى − باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەدەنىيەتكە ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇش سۆھبەت يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش، ئۆزلەشتۈرۈش توغرىسىدا» تېمىلىق ماقالىسى ئېلان قىلىنىدۇ.

ماقالىدە مۇنداق دېيىلدى: بۇنداق بۇرچ تارىخ، ھازىر ۋە كەلگۈسىنى تۇتاشتۇردى −

«يېڭى باشلىنىش نۇقتىسىدا مەدەنىيەتنى گۈللەندۈرۈش، مەدەنىيەت كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ زامانىۋى مەدەنىيلىكىنى گۈللەندۈرۈشكە داۋاملىق تۈرتكە بولۇش بىزنىڭ يېڭى دەۋردىكى يېڭى مەدەنىيەت بۇرچىمىز».

بۇنداق زىممىگە ئېلىشقا ئىرادە، يىراقنى كۆرەرلىك ۋە دانالىق نەقىشلەندى −

«مەدەنىيەت ئىشەنچىنى چىڭىتىپ، بۇرچنى زىممىمىزگە ئېلىپ، جاسارەت بىلەن نەتىجە يارىتىپ، ئورتاق تىرىشىپ دەۋرىمىزگە مەنسۇپ بولغان يېڭى مەدەنىيەتنى يارىتىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ زامانىۋى مەدەنىيلىكىنى گۈللەندۈرۈشىمىز كېرەك».

...

2023 - يىلى 6 - ئاي، جۇڭگو تارىخ تەتقىقات يۇرتى. باش شۇجى شى جىنپىڭ مەدەنىيەتكە ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇش سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىيات ئومۇمىي ۋەزىيىتى ئىستراتېگىيەلىك يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىگە ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇشتىكى بىرقاتار مۇھىم، زور نەزەرىيە ۋە رېئال مەسىلىلەرنى ئومۇميۈزلۈك، سىستېمىلىق، چوڭقۇر بايان قىلىپ، مەدەنىيەتتە ئۆزىگە ئىشىنىش، ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇشنى چىڭىتىپ، يېڭى دەۋر، يېڭى مەدەنىيەت بۇرچىنى تېخىمۇ ياخشى زىممىگە ئېلىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ زامانىۋى مەدەنىيلىكى ۋە سوتسىيالىستىك مەدەنىيەت كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇلۇشىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىشىمىز ئۈچۈن ئالغا ئىلگىرىلەش يۆنىلىشىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى، تۈپ قوللانما بىلەن تەمىنلىدى.

ماقالىدە مۇنداق كۆرسىتىلدى: پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، باش شۇجى شى جىنپىڭ دۇنيا مىقياسىدىكى ئىدىيە، مەدەنىيەتنىڭ بىر - بىرىگە كۆرسىتىدىغان تەسىرىنى، دۆلىتىمىز جەمئىيىتىدىكى ئىدىيە - قاراشلارنىڭ چوڭقۇر ئۆزگىرىش يۈزلىنىشىنى دەل جايىدا ئىگىلەپ، مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىغا بولغان قانۇنىيەتلىك تونۇشنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، بىر قاتار يېڭى ئىدىيە، يېڭى نۇقتىئىنەزەر، يېڭى ھۆكۈملەرنى ئوتتۇرىغا قويدى، بۇ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىغا رەھبەرلىك قىلىش ئەمەلىي تەجرىبىلىرىنىڭ نەزەرىيەۋى يەكۈنى بولۇپ، تەشۋىقات، ئىدىيە، مەدەنىيەت خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنى تۈپ قوللانما بىلەن تەمىنلىدى.

ماقالىدە مۇنداق دېيىلدى: يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە، بىر مۇھىم، زور ھۆكۈم كۈچلۈك ئورتاق سادا قوزغىدى − جۇڭخۇا مەدەنىيلىكى گەۋدىلىك ئىزچىللىققا، گەۋدىلىك ئىجادىي خاراكتېرگە، گەۋدىلىك بىردەكلىككە، گەۋدىلىك سىغدۇرۇشچانلىققا، گەۋدىلىك تىنچلىق خاراكتېرىگە ئىگە. جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى جۇڭخۇا مەدەنىيلىكىنىڭ ئەقىل - پاراسەت جەۋھىرى ۋە مېغىزى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ يىلتىزى ۋە روھى. نەچچە مىڭ يىللىق تارىخىي ئۆزگىرىش جەريانىدا، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئىشلىرى ئەزەلدىن ئوڭۇشلۇق بولۇپ باقمىدى، سانسىزلىغان جاپا - مۇشەققەتكە دۇچ كەلدى، لېكىن بىز بۇنىڭ ھەممىسىگە بەرداشلىق بەردۇق، چىدىدۇق، بۇنىڭدىكى ناھايىتى مۇھىم بىر سەۋەب شۇكى، ئەۋلادمۇئەۋلاد جۇڭخۇا ئوغۇل - قىزلىرى ئۆزگىچە خاسلىققا ئىگە بولغان، مول ۋە چوڭقۇر جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى يېتىشتۈرۈپ ۋە راۋاجلاندۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، ئەۋلادمۇئەۋلاد ئۈزۈلدۈرمەي داۋاملاشتۇرۇشىنى قۇدرەتلىك مەنىۋى تىرەك بىلەن تەمىنلىدى.

ئۆتمۈشتىن كەلگۈسىگىچە، بىر تومۇر روشەن نامايان بولدى − ماركسىزمنىڭ ھەقىقەت كۈچى جۇڭخۇا مەدەنىيلىكىنىڭ قۇدرەتلىك ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتتى، جۇڭخۇا مەدەنىيلىكىنىڭ قۇدرەتلىك مەنىۋى كۈچىنى يەنە بىر قېتىم ئۇرغۇتتى. شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى جۇڭخۇا مەدەنىيىتى ۋە جۇڭگو روھىنىڭ دەۋرىمىزدىكى جەۋھىرى، بۇ، جۇڭخۇا مىللىتى ۋە جۇڭگو خەلقىنىڭ مەدەنىيەت ئىشەنچى، مەدەنىيەت ئاڭلىقلىقىنىڭ يېڭى تارىخىي يۈكسەكلىككە يەتكەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ. مەدەنىيەت نۇرى ئارقىلىق دەۋر روھىنى تاۋلاپ، مەدەنىيەت شامىلى ئارقىلىق دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇش يەلكىنىنى جەۋلان قىلدۇرساق، بىز چوقۇم جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ راۋاجلىنىش، گۈللىنىش مۇساپىسىدە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى كۈتۈۋالىمىز.

ماقالىدە مۇنداق كۆرسىتىلدى: مەدەنىيلىك دېگەن نېمە؟ جۇڭگو قانداق قىلىپ مۇۋەپپەقىيەت قازاندى؟ بارلىق شەيئى پەيدا بولۇش، مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشتا ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىككە ئىگە، ئۇنى بىلىش ئۈچۈن ماھىيىتىنى چۈشىنىش كېرەك.

تارىخىي يىلتىزىنى ساقلاپ قېلىش، جۇڭخۇا مەدەنىيلىكىگە ۋارىسلىق قىلىش، باش شۇجى شى جىنپىڭ جايلاردا تەكشۈرۈشتە بولغاندا، ئەنئەنىۋى مەدەنىيەتنى قوغداش ۋە ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىشنى كۆپ قېتىم تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيەتنى ئەۋج ئالدۇرۇش، تارىخىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش، مەدەنىيەت ئىشەنچىنى چىڭىتىشنىڭ مۇھىملىقىنى بايان قىلدى.

باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: «5000 يىلدىن ئارتۇق تارىخقا ئىگە جۇڭخۇا مەدەنىيلىكىنىڭ چوڭقۇر ئاساسىدا، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنى بەرپا قىلىپ ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇپ، ماركسىزم ئاساسىي قائىدىلىرىنى جۇڭگونىڭ كونكرېت ئەمەلىيىتى، جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى بىلەن بىرلەشتۈرۈش مۇقەررەر يول. بۇ بىزنىڭ جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولى ئۈستىدە ئىزدىنىش داۋامىدا ئېرىشكەن قانۇنىيەتلىك تونۇشىمىز، بىزنىڭ مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشىشىمىزدىكى ئەڭ چوڭ ئەڭگۈشتەرىمىز.» «ئىككىنى بىرلەشتۈرۈش» ماركسىزمنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش، دەۋرلەشتۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىشتىكى تۈپ يول، بىز «ئىككىنى بىرلەشتۈرۈش»نىڭ مۇھىم، زور ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر چۈشىنىپ، «بىرلەشتۈرۈش»نىڭ ئالدىنقى شەرتى بىر - بىرىگە ماس كېلىش ئىكەنلىكى، «بىرلەشتۈرۈش»نىڭ نەتىجىسى ئۆزئارا مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشتۈرۈش ئىكەنلىكى، «بىرلەشتۈرۈش» يول ئۇلىنى مۇستەھكەملەش ئىكەنلىكى، «بىرلەشتۈرۈش» يېڭىلىق يارىتىش بوشلۇقىنى ئېچىش ئىكەنلىكى، «بىرلەشتۈرۈش» مەدەنىيەتنىڭ ئاساسىي گەۋدىلىك خاراكتېرىنى مۇستەھكەملەش ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر ئىگىلىشىمىز كېرەك.

ماقالىدە مۇنداق دېيىلدى: پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىدا سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش ئۇلۇغۋار پىلانى تۈزۈپ چىقىلدى. سوتسىيالىستىك مەدەنىيەت كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇپ، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ يېڭى شانلىق نەتىجىسىنى يارىتىشتا، جەزمەن مەۋقەنى پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ مەركىزىي ۋەزىپىسىگە قويۇش، مەۋقەنى قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈشتىن ئىبارەت بۇ ئومۇمىي ۋەزىيەتكە قويۇش كېرەك. يېڭى مۇساپىدە، بىز تارىخنىڭ ئۇزاق ئېقىنىدا تۇرۇپ مەدەنىيەتنىڭ ئىنسانىيەت مەدەنىيلىكىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشىدىكى مۇھىم فۇنكسىيەسىگە نەزەر سېلىپ، دەۋر دولقۇنىدا مەدەنىيەتنىڭ جەمئىيەت ئۆزگىرىشىگە يېتەكچىلىك قىلىشتىكى مۇھىم رولىنى ئىگىلەپ، ئادەمنىڭ ئەتراپلىق يېتىلىشى جەريانىدا مەدەنىيەتنىڭ گۈزەل تۇرمۇش يارىتىشتىكى مۇھىم قىممىتىنى جارى قىلدۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى مەنىۋى كۈچنى كۈچەيتىشىمىز كېرەك.

ماقالىدە مۇنداق كۆرسىتىلدى: مەدەنىيەت ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەندى، مەدەنىيەت ئارقىلىق يول ئېچىلدى؛ مەدەنىيلىك دۇنيانى بەرپا قىلدى، مەدەنىيەت دۆلەتنى گۈللەندۈردى. بىز يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، تارىخ ئىشەنچىنى چىڭىتىپ، مەدەنىيەت ئاڭلىقلىقىنى كۈچەيتىپ، يېڭى مەدەنىيەت بۇرچىنى زىممىمىزگە ئېلىپ، كۈچلۈك تارىخىي تەشەببۇسكارلىق روھى بىلەن، يېڭى باشلىنىش نۇقتىسىدا مەدەنىيەتنى گۈللەندۈرۈش، مەدەنىيەت كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ زامانىۋى مەدەنىيلىكىنى گۈللەندۈرۈشكە داۋاملىق تۈرتكە بولۇپ، ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى قۇدرەتلىك قىممەت يېتەكچى كۈچى، مەدەنىيەت ئۇيۇشۇش كۈچى، مەنىۋى تۈرتكىلىك كۈچ بىلەن تەمىنلىشىمىز كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.