تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

ياشانغاندىمۇ رولىنى جارى قىلدۇرالايدىغان بولۇش ـــــــ ياشانغانلار داۋاملىق نۇر چېچىپ ھارارەت تارقىتىشقا رىغبەتلەندۈرۈلدى

ياشانغاندىمۇ رولىنى جارى قىلدۇرالايدىغان بولۇش ـــــــ

ياشانغانلار داۋاملىق نۇر چېچىپ ھارارەت تارقىتىشقا رىغبەتلەندۈرۈلدى

سىچۇەن ئۆلكىسىنىڭ خۇايىڭ شەھىرىدىكى ياشانغان پىدائىيلار قانۇنچىللىق لېكسىيە ئۆمىكىنىڭ ئەزاسى قۇرۇلۇش ئورنىدا دېھقان ئىشلىگۈچىلەرگە ئالاقىدار بىلىملەرنى چۈشەندۈرمەكتە.   چيۇ خەييىڭ فوتوسى (سۈرەتتىكى جۇڭگو)

جياڭشى ئۆلكىسىنىڭ جىئەن شەھىرى ئەنفۇ ناھىيەسى جۇجياڭ يېزىسى ديەنشاڭ كەنتىدىكى ياشانغانلار قول ھۈنەر پاختىلىق ئايىغى تىكىپ كىرىمىنى ئاشۇردى.   ليۇ لىچياڭ فوتوسى (سۈرەتتىكى جۇڭگو)

ئەنخۇي ئۆلكىسىنىڭ بوجوۋ شەھىرى چياۋچېڭ رايونى لۇمياۋ بازىرى ۋەنبېي ئىنقىلابىي قۇربانلار قەبرىستانلىقىدا، ئارمىيەدىن چېكىنگەن پېشقەدەم ھەربىي، پېشقەدەم پارتىيە ئەزاسى، قىزىل تەشۋىقاتچى شۈ يۈتىڭ (ئوڭدىن 1-كىشى) قەھرىمانلار، ئىنقىلابىي قۇربانلارنىڭ ھېكايىسىنى تەشۋىق قىلماقتا.   ليۇ چىنلى فوتوسى («خەلق تورى» كۆرۈش سەزگۈسى)

خۇبېي ئۆلكىسىنىڭ تۇڭچېڭ ناھىيەسى سىجۇاڭ يېزىسى جىپېڭ كەنتىدە، پېنسىيەگە چىققان كەنت دوختۇرى ۋۇ خاۋپىڭ كەنت ئاھالىلىرىنى خالىس كېسەل كۆرۈش بىلەن تەمىنلىمەكتە.   ليۇ جيەنپىڭ فوتوسى (سۈرەتتىكى جۇڭگو)

پېنسىيەگە چىققان ئوقۇتقۇچى چېن گوپىڭ گۇيجوۋ ئۆلكىسىنىڭ رۇڭجياڭ ناھىيەسى گۇجوۋ بازارلىق مەركىزىي مەكتەپتە مائارىپقا ياردەم بەرمەكتە.   ۋاڭ بىڭجېن فوتوسى (سۈرەتتىكى جۇڭگو)

گۇاڭشى جۇاڭزۇ ئاپتونوم رايونىنىڭ نەننىڭ شەھىرى شىڭنىڭ رايونىدا تۇرىدىغان گۇاڭشى مېتاللۇرگىيە تەتقىقات يۇرتىنىڭ پېنسىيەگە چىققان خىزمەتچىسى چېن شاۋچۈن بۇ تەتقىقات يۇرتىنىڭ تۇرمۇش رايونىدىكى موماينىڭ چېچىنى خالىسانە ياساپ قويماقتا.   جاڭ يۈنخې، يەن لىجېڭ فوتوسى، خەۋىرى

شەندۇڭ ئۆلكىسىنىڭ دۇڭيىڭ شەھىرى جىنشۇي مەھەللىسىدە، پېنسىيەگە چىققانلاردىن تەشكىللەنگەن پىدائىيلار مۇلازىمەت ئەترىتىنىڭ ئەزاسى بالىلارنىڭ مەھەللىدىكى «ئارزۇنى ئىشقا ئاشۇرۇش دەرسخانىسى»دا ئۆگىنىش قىلىشىغا يېتەكچىلىك قىلماقتا.   جوۋ گۇاڭشۆ فوتوسى («خەلق تورى» كۆرۈش سەزگۈسى)

خېبېي ئۆلكىسىنىڭ چىنخۇاڭداۋ شەھىرى خەيگاڭ رايونى جيەنشىڭلى مەھەللىسىدە، پېشقەدەم پارتىيە ئەزالىرى، پېنسىيەگە چىققان كادىرلاردىن تەشكىللەنگەن مەھەللە كونا ئولتۇراق رايون قۇرۇلۇش سۈپىتىنى نازارەت قىلىش ئەترىتىنىڭ ئەزالىرى پاسكىنا سۇ تۇرۇبا لىنىيەسىنىڭ ياتقۇزۇلۇش ئەھۋالىنى سۈرەتكە تارتماقتا.   ساۋ جيەنشيۇڭ فوتوسى («خەلق تورى» كۆرۈش سەزگۈسى)

جېجياڭ ئۆلكىسىنىڭ تەيجوۋ شەھىرى لۇچياۋ رايونى پېڭجيې بازىرىدىكى پېشقەدەم پارتىيە ئەزاسى ۋاڭ لىچىڭ (سولدا) پېنسىيەگە چىققاندىن كېيىن پېڭجيې بازىرى نەنشىنشى كەنتىنىڭ ئىختىيارىي دائىرە خادىمى بولۇپ، كەنت ئاھالىلىرىگە بىخەتەرلىك بىلىملىرىنى تەشۋىق قىلماقتا.   جياڭ يوۋچىڭ فوتوسى («خەلق تورى» كۆرۈش سەزگۈسى)

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى فۇكاڭ شەھىرى زىنچۈەنزى بازىرى ئېرداۋخېزى مەركىزىي كەنتىنىڭ مەدەنىيەت پائالىيىتى مەركىزىدە، كەنتتىكى مەدەنىيەت باشلامچىسى فېڭ شۈيفېن (ئوڭدىن 1-كىشى) ئەمدىلا ئۇسسۇل ئەترىتىگە كىرگەن كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئۇسسۇل قىياپىتىگە يېتەكچىلىك قىلماقتا.   لى يانەن، لى جياجۈن فوتوسى، خەۋىرى

    باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: ياشانغاندىمۇ رولىنى جارى قىلدۇرالايدىغان بولۇش بىلەن ياشانغاندا كۈتۈنەلەيدىغان بولۇشنى بىرلەشتۈرۈپ، سىياسەت، تەدبىرلەرنى تەتقىق قىلىپ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ياشانغانلارنىڭ داۋاملىق نۇر چېچىپ ھارارەت تارقىتىشىغا ئىلھام بېرىپ، يېشى كىچىكرەك ياشانغانلارنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، پىدائىيلارنىڭ مەھەللە ئىدارە قىلىش جەريانىدا تېخىمۇ كۆپ نەتىجە يارىتىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك.
    ياشانغان پىدائىيلار مۇلازىمەت ئەترىتى قۇرۇپ، ئاساسىي قاتلام ئىدارە قىلىشقا كۈچ قوشۇپ ئاممىنىڭ قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىش؛ تەجرىبە ۋە كەسىپ جەھەتتىكى ئارتۇقچىلىقنى جارى قىلدۇرۇپ، كارخانا، جەمئىيەت تەشكىلاتلىرىدا قوشۇمچە ۋەزىپە ئۆتەش؛ يېڭى يېزا ئاقىللىرى سۈپىتىدە يۇرتىغا قايتىپ، تېخنىكا، مەبلەغ قاتارلىق بايلىقلارنى يېزىغا ئېلىپ بېرىپ، يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشكە كۈچ قوشۇش... نۆۋەتتە، بارغانسېرى كۆپلىگەن ياشانغانلار ئەمەلىي ھەرىكىتى بىلەن ياشانغانلارنىڭ جەمئىيەتنىڭ قىممەتلىك بايلىقى ئىكەنلىكى، ياشانغاندىمۇ رولىنى جارى قىلدۇرالايدىغانلىقى، نى-نى ئىشلارنى قىلالايدىغانلىقىنى ئىسپاتلاپ بەرمەكتە.
    «‹14-بەش يىل›لىق دۆلەت ياشانغانلار ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى ۋە ياشانغانلار كۈتۈنۈش مۇلازىمىتى سىستېمىسى يىرىك پىلانى»دا «پۈتۈن جەمئىيەتتە ئاكتىپ بولغان ياشانغانلار قارىشىنى تەشەببۇس قىلىپ، ياشانغانلارنى ئۆزىنىڭ ئەھۋالىغا ئاساسەن ئائىلە، مەھەللە ۋە جەمئىيەت تەرەققىياتىغا ئاكتىپ قاتنىشىشقا يېتەكلەش كېرەك» دەپ ئوتتۇرىغا قويۇلدى. ئەلا سۈپەتلىك مائارىپ سۇپىسى بەرپا قىلىپ، پېنسىيەگە چىققان ئالىملار، مۇتەخەسسىسلەرنى توردا دەرس ئۆتۈشكە يېتەكلەشتىن ئالىي مەكتەپتىكى ياشانغان ئوقۇتقۇچىلارنى غەربىي قىسىم پىلانى بويىچە ياردەم بېرىشنى قانات يايدۇرۇشقىچە، ھەرقايسى جايلار پېنسىيەگە چىققان مۇنەۋۋەر ئوقۇتقۇچىلارنى مائارىپقا، تەتقىقاتقا ياردەم بېرىشكە تەشكىللەپ، قاتنىشىش ئۇسۇلىدا ئۈزلۈكسىز يېڭىلىق يارىتىپ، مۇلازىمەت سۇپىلىرىنى كۆپەيتىپ، ياشانغانلارنىڭ ياشانغاندىمۇ رولىنى جارى قىلدۇرالىشىغا ياردەم بېرىپ، ياشانغانلار نوپۇسىنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدىكى يېڭى بايلىق مەنبەسى، يېڭى بايلىق، يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە ئايلىنىشىغا ئىمكانىيەت يارىتىپ بەرمەكتە. 

(«خەلق گېزىتى» مۇخبىرى لى چاڭيۈ)
(«خەلق گېزىتى»دىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.