تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

13.86 سېكۇنت! ئۈرۈمچى شەھەرلىك 8-ئوتتۇرا مەكتەپتىكى يۆ خاۋتيەن ئاپتونوم رايوننىڭ داشۆ، ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى يېنىك ئاتلېتىكا چېمپىيونلۇق مۇسابىقىسىنىڭ 110 مېتىرلىق توساق ئاتلاپ يۈگۈرۈش ئوتتۇرا مەكتەپ گۇرۇپپىسى بويىچە چېمپىيون بولدى

  

    5-ئاينىڭ 27-كۈنى، كۇيتۇن شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن 2023-يىللىق ئاپتونوم رايوننىڭ داشۆ ئوقۇغۇچىلىرى، ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ يېنىك ئاتلېتىكا چېمپىيونلۇق مۇسابىقىسىدە، ئۈرۈمچى شەھەرلىك 8-ئوتتۇرا مەكتەپتىن كەلگەن يۆ خاۋتيەن شۇ كۈنىدىكى ئوتتۇرا مەكتەپ گۇرۇپپىسى بويىچە ئوغۇللارنىڭ 110 مېتىرلىق توساق ئاتلاپ يۈگۈرۈش ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە، 13.86 سېكۇنتلۇق نەتىجە بىلەن چېمپىيونلۇقنى قولغا كەلتۈردى ھەم مۇسابىقە رېكورتىنى بۇزۇپ تاشلىدى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، دۆلەت 1-دەرىجىلىك تەنھەرىكەتچى ئۆلچىمىگە يەتتى. سانجى ئوبلاستىغا ۋاكالىتەن مۇسابىقىگە قاتناشقان ياڭ خاۋلەن 14.00 سېكۇنتلۇق نەتىجە بىلەن ئىككىنچىلىككە ئېرىشتى.

  بۇ، 16 ياشلىق يۆ خاۋتيەننىڭ بۇ قېتىمقى مۇسابىقىدە ئېرىشكەن ئىككىنچى ئالتۇن مېدالى، 5-ئاينىڭ 26-كۈنىدىكى ئوتتۇرا مەكتەپ گۇرۇپپىسى بويىچە ئوغۇللارنىڭ 100 مېتىرغا يۈگۈرۈش ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە، چېمپيونلۇققا ۋە ئىككىنچىلىككە ئېرىشكۈچى 10.77 سېكونتتا يۈگۈرگەن بولسىمۇ، ئەمما يۆ خاۋتيەن 0.01 سىكۇنتقا يەتمىگەن كېچىككىنە ئۈستۈنلۈك بىلەن، قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستىدىن كەلگەن تاشقىن ئەسقەرنى يېڭىپ، ئوتتۇرا مەكتەپ گۇرۇپپىسى بويىچە ئوغۇللارنىڭ 100 مېتىرغا يۈگۈرۈش مۇسابىقىسىدە چېمپىيون بولدى.

  يۆ خاۋتيەننىڭ 14 سېكونتلىق ئۆتكەلنى بۇزۇپ تاشلىغانلىقىغا تېرېنېرى خۇ بو تاسادىپىيلىق ھېس قىلمىدى، «13.86سېكۇنتلىق بۇ نەتىجە يۆ خاۋتيەننىڭ ئىقتىدارىنى نورمال جارى قىلدۇرغانلىقى ھېسابلىنىدۇ، يۆ خاۋتيەننىڭ نەتىجىسىنى يەنە ئۆستۈرۈش ئىمكانىيىتى بار، بىز قەدەممۇقەدەم ئۆستۈرۈپ، دۆلەتلىك ماھىر دەرىجىلىك سەۋىيەگە بالدۇرراق يېتىشىنى قولغا كەلتۈرىمىز» دېدى خۇ بو مۇخبىرغا.

  مۇسابىقىدىن كېيىن، يۆ خاۋتيەن بۇ قېتىمقى مۇسابىقىنىڭ نەتىجىسىدىن ناھايىتى ھاياجانلاندى. «بۇ قېتىمقى مۇسابىقىدە 14 سېكۇنتلىق ئۆتكەلنى بۆسۈپ ئۆتتۈم، بۇ مېنىڭ ئەڭ ياخشى نەتىجەم ھېسابلىنىدۇ، كېيىنكى مەشىقتە تېخىمۇ تىرىشىپ، تېخىمۇ ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرىمەن» دېدى يۆ خاۋتيەن.

  بۇ قېتىمقى ئاپتونوم رايوننىڭ داشۆ، ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى يېنىك ئاتلېتىكا چېمپىيونلۇق مۇسابىقىسىنى ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى بىلەن ئاپتونوم رايونلۇق تەنتەربىيە ئىدارىسى مەسئۇل بولۇپ ئۆتكۈزگەن، كۈيتۈن شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى ئۆتكۈزۈشنى ئۈستىگە ئالغان. بۇ قېتىمقى مۇسابىقىگە پۈتۈن شىنجاڭدىكى 14 ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەردىن كەلگەن 49 كوماندا، 1238 تەنھەرىكەتچى قاتناشتى، بۇنىڭ ئىچىدە داشۆ ئوقۇغۇچىلىرى A گۇرۇپپا بويىچە 26 ۋەكىللەر كوماندىسى، 560 ماھىر، داشۆ ئوقۇغۇچىلىرى B گۇرۇپپا بويىچە 10 ۋەكىللەر كوماندىسى، 291 ماھىر، ئوتتۇرا مەكتەپ گۇرۇپپىسى بويىچە 13 ۋەكىللەر كوماندىسى، 387 ماھىر قاتناشتى. مۇسابىقىدە كۈچ ئۇلاپ يۈگۈرۈش، ئېگىزگە سەكرەش، يىراققا سەكرەش، دىسكا ئېتىش، بەش تۈردە ئومۇمىي ماھارەت كۆرسىتىش قاتارلىق 52 كىچىك تۈر بار.

     مۇخبىرلار: شۆ خۇي، ياڭ ۋېي

  نازارەتچى:  ماۋ مىڭدۇڭ

«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.