تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

شىنجاڭ ئۆگىنىش ئارقىلىق ئىشلەشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، باش تېما تەربىيەسىنىڭ چوڭقۇرلىشىشى، ئەمەلىيلىشىشىگە تۈرتكە بولدى

□شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى لى زىلياڭ، يۈ تاۋ

شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش باش تېما تەربىيەسى خىزمىتى يىغىنى ئېچىلغاندىن بۇيان، شىنجاڭ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، ئەمەلىي ھەرىكىتى، خىزمەت ئەمەلىي ئۈنۈمى ئارقىلىق باش تېما تەربىيەسىنىڭ چوڭقۇرلىشىشى، ئەمەلىيلىشىشىگە تۈرتكە بولدى.

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار مۇنداق بىلدۈردى: ئومۇميۈزلۈك ئۆگىنىش، سىستېمىلىق ئىگىلەشكە كۈچ سەرپ قىلىپ، كۈندىلىك ئىشلارغا سىڭدۈرۈش، دائىم ئۆزلەشتۈرۈش داۋامىدا ئەمەلىي ئۈنۈم ھاسىل قىلىپ، ھەقىقىي ئۆگىنىپ ھەقىقىي چۈشىنىپ، ھەقىقىي ئىشىنىپ ھەقىقىي قوللىنىپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى سىياسىي جەھەتتىن قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش، ئىدىيە جەھەتتىن قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش، نەزەرىيە جەھەتتىن قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش، ھېسسىيات جەھەتتىن قەلبتىن ئېتىراپ قىلىشنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، باش تېما تەربىيەسىنى يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشقا دائىر تۈرلۈك خىزمەتلەردە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، جاسارەتلىك بولۇپ نەتىجە يارىتىپ گۈزەل يۇرت - ماكان قۇرۇپ چىقىش كېرەك.

باش تېما تەربىيەسى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، ئاپتونوم رايوندىكى 1 - تۈركۈمدە باش تېما تەربىيەسىنى قانات يايدۇرغان 110 نەچچە ئورۇن كۆپ خىل تىپتىكى كىتاب ئوقۇش كۇرسى ئاچتى. پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىرلار ئەسلىي ئەسەرنى ئوقۇش، ئەسلىي تېكىستنى ئۆگىنىش، قانۇنىيىتىنى ئۆزلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك، سىستېمىلىق، چوڭقۇر ئۆگەندى.

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسى پارتىيە گۇرۇپپىسى ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ 11 قېتىم مەركەزلىك ئۆگىنىش، بەش قېتىم مەخسۇس تېمىدا مۇھاكىمە قىلىشنى تەشكىللەپ، پۈتۈن شىنجاڭدىكى تەپتىش ئورگانلىرىدىكى ناھىيە، باشقارما دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلارنى مەخسۇس تېمىلىق تەربىيەلەش كۇرسى ئېچىپ، ئاساسلىق مەسئۇللار نەزەرىيە جەھەتتىن چۈشەندۈرۈش بېرىپ ۋە كەسپىي جەھەتتىن يېتەكچىلىك قىلىپ، پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىرلارنىڭ باشلامچىلىق بىلەن ئۆگىنىشى، چوڭقۇر ئۆگىنىشى، ئۆگىنىش ئارقىلىق ئىشلەشنى ئىلگىرى سۈرۈشىگە تۈرتكە بولدى. ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى مۇنداق بىلدۈردى: ئۆگىنىش بىلەن خىزمەتنى بىرلەشتۈرۈشنى ئەمەلىي، ياخشى ئىشلەپ، خەلق تەپتىشى خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىشنى ئەمەلدە كۆرسىتىشنىڭ ھارارىتى بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى قانۇن نازارەتچىلىكى خىزمىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش داۋامىدا سۈپەت - ئۈنۈمنى ئۆستۈرۈپ، ھەقىقىي تۈردە باش تېما تەربىيەسىدىكى ئۆگىنىش ئۈنۈمىنى تېخىمۇ ياخشى ھالدا ئومۇمىي ۋەزىيەت ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىش، خەلق ئۈچۈن قانۇن يۈرگۈزۈشتىكى تەپتىش ئەمەلىي نەتىجىسىگە ئايلاندۇرۇش كېرەك.

نەزەرىيە ئۆگىنىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىش ئارقىلىق تەرەققىيات ئەمەلىيىتىگە يېتەكچىلىك قىلىپ، ئەمەلىي بولغان يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات نەتىجىلىرى ئارقىلىق باش تېما تەربىيەسىنىڭ ئۈنۈمىنى تەكشۈرۈش كېرەك.

بۇ يىلدىن بۇيان، شىنجاڭ ئايرودۇرۇم (گۇرۇھ) چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى «قاتتىق ئەسلىھە + يۇمشاق مۇلازىمەت» سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، يولۇچىلارنىڭ سەپەرگە چىقىشىغا قولايلىق يارىتىپ، يولۇچىلارنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشتى. شىركەت پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى مۇنداق بىلدۈردى: باش تېما تەربىيەسىدە، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش قابىلىيىتى، ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىش قابىلىيىتىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ تەرەققىياتنى كۆزلەپ، «تېز، دەل جايىدا، ئەلا» بولغان ئاۋىياتسىيە تىرانسپورتى ئالاھىدىلىكىنى يەنىمۇ جارى قىلدۇرۇپ، دۆلەت ئىچى، خەلقئارا ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ھاۋا تىرانسپورتى يېڭى يولىنى كۆپەيتىپ قۇرۇپ، زامانىۋى ھاۋا قاتنىشى سىستېمىسى بەرپا قىلىمىز.

پۈتۈن مەملىكەتكە يۈزلەنگەن، ئەتراپنى بىرىكتۈرگەن، يىپەك يولىنى تۇتاشتۇرىدىغان، ئاسىيا - ياۋروپاغا تەسىر كۆرسىتىدىغان زامانىۋى ئۇنىۋېرسال سودا ئەشيا ئوبوروت كارخانىسى بەرپا قىلىشقا كۈچەۋاتقان شىنجاڭ سودا ئەشيا ئوبوروت (گۇرۇھ) چەكلىك شىركىتى پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك مەسئۇلى مۇنداق بىلدۈردى: باش تېما تەربىيەسى بىلەن كارخانا تەرەققىياتىدىن ئىبارەت ئىككىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، دۆلەت كارخانىلىرى باشلامچى بولۇپ ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، رولىنى ھەقىقىي جارى قىلدۇرۇپ، ئەمەلىي ئىشلەپ مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشتە ئۈنۈم ھاسىل قىلىشى كېرەك. كارخانىمىز دىققەتنى قۇرۇقلۇق پورتى، پورت، قۇرۇقلۇق يولى سودا ئەشيا ئوبوروتى كەسپىگە مەركەزلەشتۈرۈپ، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەش، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىشتىكى كۆتۈرەڭگۈ - جۇشقۇن روھنى ئۇرغۇتۇپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى زامانىۋى ئەشيا ئوبوروتى سىستېمىسى بەرپا قىلىش ئۈچۈن مەدەت بېرىدۇ، كۈچ قوشىدۇ.

مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، مەسىلە ئېڭىنى كۈچەيتىپ، شىنجاڭدىكى 1 - تۈركۈمدە باش تېما تەربىيەسىنى قانات يايدۇرغان ئورۇنلار پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىرلارنى پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن ئىشلەپ، بىرىنچى سەپكە چوڭقۇر چۆكۈپ، كۆپ خىل شەكىللەردىن پايدىلىنىپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇشتىكى رېئال مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىشقا تەشكىللىدى.

ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ تىيانشان رايونى لۇبەن ۋېنشىن گۈللۈكى ئولتۇراق رايونىدىكى كونا ئولتۇراق رايونلارنى ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشى نەق مەيدانىدا، ئاپتونوم رايونلۇق تۇرالغۇ ۋە شەھەر - يېزا قۇرۇلۇشى نازارىتىدىكى پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىرلار بىر تەرەپتىن تۈردە ئىش باشلاش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، يەنە بىر تەرەپتىن بايقالغان مەسىلىلەرنى قول سېلىپ ھەل قىلدى.

سىرتقى تامدا ئىسسىقلىق ساقلاش قەۋىتى بولماسلىق، يەر ئاستى تۇرۇبا لىنىيەسى ئۇزاق يىل رېمونتسىز قېلىش، سۇ بىلەن تەمىنلەش - يۇندى چىقىرىش ئەسلىھەلىرى كونىراپ كېتىش قاتارلىق ئەھۋاللار تەۋەلىكتىكى ئاھالىلەرنىڭ تۇرمۇش سۈپىتىگە ئىنتايىن زور تەسىر يەتكۈزگەنىدى. قايتا - قايتا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ۋە ئاھالىلەردىن پىكىر ئېلىش ئارقىلىق، بۇ ئولتۇراق رايون بۇ يىللىق كونا ئولتۇراق رايونلارنى ئۆزگەرتىش پىلانىغا كىرگۈزۈلدى.

ئاپتونوم رايونلۇق تۇرالغۇ ۋە شەھەر - يېزا قۇرۇلۇشى نازارىتى كونا ئولتۇراق رايونلارنى ئۆزگەرتىشنى تېز ئالغا سىلجىتىشنى باش تېما تەربىيەسىدىكى «ئەمەلىي ئىش قىلىش، خەلقنى غەمدىن خالاس قىلىش» بويىچە خەلق تۇرمۇشىدىكى ئەمەلىي ئىشلارنىڭ بىرى قىلدى، نازارەت پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ مۇناسىۋەتلىك مەسئۇلى مۇنداق بىلدۈردى: چوڭقۇر ئۆگىنىش ئاساسىدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى قانات يايدۇرۇپ، ئىشنى پۇقرالار ئالدىراۋاتقان، قىينىلىۋاتقان، غەم قىلىۋاتقان، تەقەززا بولۇۋاتقان ئىشلاردىن باشلاپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ تۇرالغۇ مۇھىتى ۋە تۇرمۇش سۈپىتىنى ياخشىلايمىز.

ئالتاي ۋىلايىتى ئالتاي شەھىرىنىڭ چىمىرچەك بازىرى بال قۇمۇش كەنتىدە، بىر قىسىم كەنت ئاھالىلىرى ئەتىگەندىلا ھەقسىز كېسەل كۆرۈش نەق مەيدانىغا كېلىپ، كېسەل كۆرسىتىپ دورا ئالدى. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق دوختۇرخانىسىنىڭ مۇتەخەسىسىسلەر كوللېكتىپى ھەربىر ئاغرىقنىڭ كېسەللىك ئەھۋالى ۋە كېسەللىك تارىخىنى تەپسىلىي سوراپ، ئەستايىدىل دىياگنوز قويۇپ ۋە تەھلىل قىلىپ، كونكرېت داۋالاش لايىھەسى ۋە تەكلىپىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

بىرتۇتاش ئورۇنلاشتۇرما بويىچە، ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە - ساغلاملىق كومىتېتىغا بىۋاسىتە قاراشلىق ھەرقايسى دوختۇرخانىلار مەۋقەنى ئۆز ئالاھىدىلىكىگە قويۇپ باش تېما تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇپ، ئاساسىي قاتلامدىكى ئاممىنىڭ قىيىن مەسىلىلىرىنى ھەقىقىي ھەل قىلىپ بەردى.

«باش تېما تەربىيەسى داۋامىدا، بىز تېببىي خادىملار نەزەزىيە ئۆگىنىشىنى خىزمەت ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، تېخىمۇ كۆپ ئەلا سۈپەتلىك داۋالاش بايلىقىنى ئاساسىي قاتلامغا يەتكۈزۈپ، داۋالاش بايلىقىنى تۆۋەنگە يەتكۈزۈشنى يەنىمۇ ئالغا سىلجىتىپ، ھەر مىللەت ئاممىنى تېخىمۇ ئەلا سۈپەتلىك، يۇقىرى ئۈنۈملۈك ساغلاملىق مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيمىز» دېدى ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە - ساغلاملىق كومىتېتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى باش تېما تەربىيەسى ئىشخانىسىدىكى ئالاقىدار مەسئۇل يولداش مۇنداق بىلدۈردى: شىنجاڭ شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ئۆزلەشتۈرۈش، ئايلاندۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشقا سىجىل كۈچەپ، دىققەتنى يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، سىستېما قارىشىدا چىڭ تۇرۇپ، تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، ھەقىقىي تۈردە مەخسۇس تۈزەشنى ياخشى تۇتۇپ، خەلق ئۈچۈن ئەمەلىي ئىشلارنى ياخشى بېجىرىپ، ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق نەتىجىلىرى ئارقىلىق خەلق تۇرمۇشىغا تېخىمۇ كۆپ نەپ يەتكۈزۈش، كىشى قەلبىنى مۇجەسسەملەشكە تۈرتكە بولىدۇ.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، ئۈرۈمچى، 5 - ئاينىڭ 25 - كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.