تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

​كۈرەشچان ياشلىق باھارى ئارقىلىق پارلاق كىشىلىك ھايات يارىتىش كېرەك

يۈسۈپجان مەمەت شىنجاڭ سىفەن داشۆسىدە ئىدىيەۋى - سىياسىي دەرسى سۆزلىدى​

كۈرەشچان ياشلىق باھارى ئارقىلىق پارلاق كىشىلىك ھايات يارىتىش كېرەك

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 5 - ئاينىڭ 24 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ نا خەۋەر قىلىدۇ: يېقىندا، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى يۈسۈپجان مەمەت شىنجاڭ سىفەن داشۆسىگە كېلىپ، «پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى ئۆگىنىپ، تەشۋىق قىلىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، تىرىشىپ ۋەتەننى سۆيىدىغان، شىنجاڭنى سۆيىدىغان، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ ئۆزىنى بېغىشلايدىغان سوتسىيالىزمنىڭ قۇرغۇچىلىرى ۋە ئىز باسارلىرىدىن بولايلى» دېگەن باش تېمىدا ھەر مىللەت ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلارغا ئىدىيەۋى - سىياسىي دەرسى سۆزلىدى.

يۈسۈپجان مەمەت دەرس سۆزلىگەندە، نۇقتىلىق ھالدا يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو، يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭ، يېڭى دەۋر ياشلىرىدىن ئىبارەت ئۈچ نۇقتىدىن چوڭقۇر مەزمۇنلۇق ۋە چۈشىنىشلىك قىلىپ چۈشەندۈرۈپ، كۆپچىلىكنى پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، يېڭى دەۋردىكى ئۇلۇغ ۋەتىنىمىزنىڭ پارلاق ئىستىقبالىغا ئورتاق نەزەر سېلىش ھەم بۇنىڭ ئۈچۈن تىرىشىپ كۈرەش قىلىشقا؛ يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشى پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇپ، يېڭى دەۋردىكى گۈزەل شىنجاڭنىڭ تېخىمۇ ياخشى كەلگۈسىگە ئورتاق نەزەر سېلىش ھەم بۇنىڭ ئۈچۈن كۈرەش قىلىشقا؛ ئۇلۇغ دەۋرگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ، داھىينىڭ تاپشۇرۇقىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، يېڭى دەۋردىكى ياش داشۆ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ شەرەپلىك بۇرچنى باتۇرلۇق بىلەن زىممىگە ئېلىش ھەم بۇنىڭ ئۈچۈن كۈرەش قىلىشقا ئىلھاملاندۇردى.

يۈسۈپجان مەمەت مۇنداق كۆرسەتتى: ئۇلۇغ دەۋردە تۇغۇلۇپ ئۆسۈپ يېتىلىش ھەم بۇنىڭ ئۈچۈن كۈرەش قىلىش كىشىلىك ھاياتتىكى ئەڭ چوڭ بەخت. ھازىرقى شىنجاڭدا تەرەققىيات يوشۇرۇن كۈچى غايەت زور، پۇرسەت چەكسىز بولۇپ، باغرىنى كەڭ ئېچىپ كەڭ ياش دوستلارنىڭ تالانتىنى نامايان قىلىپ، تۆھپە قوشۇپ نەتىجە يارىتىشىنى قارشى ئالىدۇ، كۆپچىلىكنىڭ باشتىن - ئاخىر قىزىل قەلب بىلەن پارتىيەگە تەلپۈنۈپ، قەتئىي ئىرادە بىلەن ۋەتەنگە جاۋاب قايتۇرۇشىنى، باشتىن - ئاخىر ئۇلۇغۋار غايە تىكلەپ، ئارزۇغا ئىنتىلىپ، ئارزۇنى ئىشقا ئاشۇرۇشىنى، باشتىن - ئاخىر قەدەمنى پۇختا ئېلىپ، جاپاغا چىداپ ماھارەت ئۆگىنىشىنى، باشتىن - ئاخىر مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ ئەمەلىي ئىشلەپ، باتۇرلۇق بىلەن كۈرەش قىلىپ، ئۇلۇغ چاقىرىققا ئاۋاز قوشۇپ، ئۇلۇغ ئىشقا ئاتلىنىشىنى، شىنجاڭ تۇپرىقى ۋە ئاساسىي قاتلام بىرىنچى سېپىنى ئەڭ ياخشى دەرسخانا قىلىپ، كۈرەشچان ياشلىق باھارى ئارقىلىق پارلاق كىشىلىك ھايات يارىتىپ، قول تۇتۇشۇپ قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشىنىڭ شىنجاڭ سەھىپىسىنى پۈتۈپ، «پارتىيە، خاتىرجەم بولۇڭ، دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇشتا مەن بار» دېگەن ياشلىق قەسىمىنى ھەقىقىي ئەمەلدە كۆرسىتىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.