تىيانشان تورى   ›   ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرى   ›   شۇجى خاتىرىسى

ما شىڭرۇي، ئەركىن تۇنىياز قىرغىزىستاننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى توروبايېف بىلەن كۆرۈشتى

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 5 - ئاينىڭ 24 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومېتىتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز 5 - ئاينىڭ 24 - كۈنى ئۈرۈمچىدە قىرغىزىستاننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى توروبايېف ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى بىلەن كۆرۈشۈپ، جۇڭگو − ئوتتۇرا ئاسىيا باشلىقلار يىغىنى نەتىجىلىرىنى، بولۇپمۇ رەئىس شى جىنپىڭ بىلەن قىرغىزىستان زۇڭتۇڭى ھاسىل قىلغان مۇھىم ئورتاق تونۇشنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى يۇقىرى سۈپەتتە ئورتاق قۇرۇشنى چۆرىدەپ چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇرۇپ، جۇڭگو شىنجاڭ بىلەن قىرغىزىستاننىڭ يەرلىكلەر ئارا ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىقىنى تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەگە كۆتۈرۈشكە تۈرتكە بولدى.

ما شىڭرۇي ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەتكە ۋاكالىتەن توروبايېف ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرىنىڭ شىنجاڭغا زىيارەتكە كەلگەنلىكىنى قارشى ئالدى. ئۇ مۇنداق دېدى: جۇڭگو − ئوتتۇرا ئاسىيا باشلىقلار يىغىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلۈپ، جۇڭگو بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ ھەمكارلىقى ئۈچۈن يېڭى سۇپا ھازىرلاپ بەردى، يېڭى مەنزىل ئاچتى. جۇڭگو - قىرغىزىستان ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ، جۇڭگو - قىرغىزىستان مۇناسىۋىتىنى يېڭى دەۋردىكى ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىگە كۆتۈرۈشنى جاكارلىدى ھەم ئىقتىساد - سودا، كەسىپ ۋە سېلىنما، تاموژنا، يېزا ئىگىلىكى، ئادىمىيەت قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش توغرىسىدا مۇھىم ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلدى. بۇ قېتىمقى باشلىقلار يىغىنىدا مۇھىم، زور نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلۈپ، جۇڭگو - قىرغىزىستان ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ دەرىجىسى يەنىمۇ ئۆستۈرۈلۈپ، بىزنى ھەسسىلەپ روھلاندۇردى، ناھايىتى ئىلھاملاندۇردى. رەئىس شى جىنپىڭنىڭ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، جۇڭگو شىنجاڭ يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، ئاسىيا - ياۋروپا ئالتۇن يولى ۋە جۇڭگونىڭ غەربكە ئېچىۋېتىشتىكى كۆۋرۈك بېشى ئىستىھكامىنى بەرپا قىلماقتا. جۇڭگو شىنجاڭ دوستلۇق، ئالماشتۇرۇش زىيارەت ئۆمىكى يېقىندا دۆلىتىڭلاردا مۇۋەپپەقىيەتلىك زىيارەتتە بولۇپ، دۆلىتىڭلارنىڭ رەھبەرلىرى ۋە ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ قىزغىن، ئەتراپلىق كۈتۈۋېلىشىغا مۇيەسسەر بولدى، ئىككى تەرەپ نۇرغۇن مەسىلىلەر توغرىسىدا چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇردى، بىز چىن قەلبىمىزدىن رەھمەت ئېيتىمىز. ھازىر، جۇڭگو شىنجاڭ بىلەن دۆلىتىڭلارنىڭ ئالماشتۇرۇشى كۆپەيدى، ھەمكارلىقى ئوڭۇشلۇق بولۇۋاتىدۇ، بولۇپمۇ ئىككى تەرەپنىڭ ئىقتىساد - سودا ئالاقە ۋەزىيىتى ياخشى، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ ئۆزئارا نەپ ئېلىش ھەمكارلىقىنىڭ تەرەققىيات ئىستىقبالى پارلاق. ئىككى تەرەپنىڭ جۇڭگو − ئوتتۇرا ئاسىيا باشلىقلار يىغىنىدا تۈزۈلگەن ھەمكارلىق ئۇلۇغۋار پىلانى، بولۇپمۇ ئىككى دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ مۇھىم ئورتاق تونۇشىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كۆپ ساھەلەردە ئالماشتۇرۇش مېخانىزمى ئورنىتىپ ۋە تاكامۇللاشتۇرۇپ، ھەر تەرەپلىمە ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىق سۇپىسى بەرپا قىلىپ، جۇڭگو - قىرغىزىستان - ئۆزبېكىستان تۆمۈريولى قۇرۇلۇشى ۋە بەدەل پورتىنى كۆپەيتىپ ئېچىش خىزمىتىنى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، ھازىرقى پورتلارنىڭ ئىقتىدار دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، ئەشيا ئوبوروتى باغچە رايونى، ئېنېرگىيە، ئادىمىيەت، ساياھەت قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كېڭەيتىپ، دوستانە شەھەر مۇناسىۋىتىنى مۇستەھكەملەپ ۋە چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭگو - قىرغىزىستان تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش ئۈچۈن پائال تۆھپە قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

توروبايېف مۇنداق بىلدۈردى: جۇڭگو قىرغىزىستاننىڭ ئاساسلىق سودا ھەمراھى. قىرغىزىستان تەرەپ جۇڭگو بىلەن بولغان مۇناسىۋەتكە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ، بىر جۇڭگو پىرىنسىپىنى قەتئىي قوللايدۇ، جۇڭگونىڭ شىنجاڭغا ئالاقىدار مەسىلىلەردىكى ھەققانىي مەيدانىنى قەتئىي قوللايدۇ. يېقىندا، قىرغىزىستان زۇڭتۇڭى جۇڭگودا زىيارەتتە بولدى ھەم جۇڭگو − ئوتتۇرا ئاسىيا باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىپ، قىرغىزىستان - جۇڭگو مۇناسىۋىتىنى يېڭى دەۋردىكى ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى دەرىجىسىگە ئۆستۈرۈپ، ئىككى تەرەپنىڭ ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشىغا يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشتى. جۇڭگو شىنجاڭ بىلەن بولغان ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنى ياخشى راۋاجلاندۇرۇش قىرغىزىستاننىڭ قىرغىزىستان - جۇڭگو مۇناسىۋىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتىكى نۇقتىلىق يۆنىلىشى، ئىككى تەرەپنىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇشنى چۆرىدەپ، ئىقتىساد - سودا، ئادىمىيەت قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى يەنىمۇ كۈچەيتىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. قىرغىزىستان تەرەپ جۇڭگو شىنجاڭدىكى تۈرلۈك كارخانىلارنىڭ قىرغىزىستانغا كېلىپ مەبلەغ سېلىپ تەرەققىي قىلىشىنى، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاش، سانائەت، قاتناش، ئەشيا ئوبوروتى قاتارلىق ساھەلەرنى چۆرىدەپ، تېخىمۇ كۆپ ئەمەلىي ھەمكارلىق نەتىجىلىرىنى يارىتىشىنى قارشى ئالىدۇ. قىرغىزىستان تەرەپ جۇڭگو شىنجاڭدىكى مەبلەغ سالغۇچىلارغا ياخشى تىجارەت - سودا مۇھىتى ۋە تەرەققىيات شارائىتى يارىتىپ بېرىدۇ. ئىككى تەرەپنىڭ جۇڭگو − ئوتتۇرا ئاسىيا باشلىقلار يىغىنى نەتىجىلىرىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، جۇڭگو - قىرغىزىستان - ئۆزبېكىستان تۆمۈريولىنى قۇرۇش ۋە بەدەل پورتىنى ئېچىشنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، يول قاتارلىق ئۇل ئەسلىھەلەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مال ئوبوروت سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشكە قولايلىق شارائىت يارىتىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. توروبايېف يەنە جۇڭگو - قىرغىزىستاننىڭ ھازىرقى پورت ئەسلىھە قۇرۇلۇشى سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش، تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش خىزمەت مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، مال، سودا مىقدارىنى ئاشۇرۇش توغرىسىدا پىكىر ۋە تەكلىپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى ھەم ئىككى تەرەپ ھەمكارلىشىپ سودا ۋە ئەشيا ئوبوروتى باغچە رايونى قۇرۇش، سۇ، ئېلېكتىر بايلىقىنى ئېچىش قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ئېكسپورتىنى ئىلگىرى سۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەردە چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇردى.

قىرغىزىستاننىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى مۇسايېۋا، قىرغىزىستان زۇڭتۇڭىنىڭ نارىن ئوبلاستىدا تۇرۇشلۇق تولۇق ھوقۇقلۇق ۋەكىلى ئەركىنشوف، ئوش ئوبلاستىدا تۇرۇشلۇق تولۇق ھوقۇقلۇق ۋەكىلى راڭدايېف، قىرغىزىستاننىڭ تەدبىر بەلگىلەش، قۇرۇلۇش، يېزا ئىگىلىكى، قاتناش، ئىقتىساد ۋە سودا، ئېنېرگىيە، سېلىنما، تاموژنا قاتارلىق تارماقلىرىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇللىرى قاتارلىقلار كۆرۈشۈشكە قاتناشتى. چېن ۋېيجۈن، سۈن خۇڭمېي ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى، ئورۇنلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.