تىيانشان تورى   ›   قانۇن   ›   قانۇن ساۋات

سوتچى: دېلو تۈرى ئوخشاش بولمىسا، باشقۇرۇش تەۋەلىكىدىكى سوت مەھكىمىسىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ، قەيەرگە بېرىپ دەۋا قىلىشنى ئېنىق بىلىش كېرەك

  ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر جاڭ شيۇ، ئىختىيارىي مۇخبىرلار مىڭ شى، جاۋ چى)

  «كەچۈرۈڭ، سىزنىڭ دېلويىڭىزنى مەھكىمىمىزنىڭ باشقۇرۇش ھوقۇقى يوق!» يېقىندا، شياۋ جياڭ ئۈرۈمچى شەھىرى مىدۇڭ رايونلۇق خەلق سوت مەھكىمىسىگە ئەرز سۇنغاندا، مۇشۇنداق جاۋابقا ئېرىشتى.

  ئەسلىدە، شياۋجياڭ بىلەن ۋاڭ xx ئوتتۇرىسىدا ماجىرا يۈز بەرگەن، ئىككىيلەن كېلىشەلمىگەندىن كېيىن، شياۋ جياڭ توختام ئېلىم- سېتىم ماجىراسى ۋە كۆچمەس مۈلۈك ماجىراسى توغرىسىدا ۋاڭ xx ئۈستىدىن دەۋا قىلماقچى بولغان.

  «كۆچمەس مۈلۈك ماجىراسىدىن قىلىنغان دەۋالار، شۇ كۆچمەس مۈلۈك بار جايدىكى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ باشقۇرۇش تەۋەلىكىدە بولىدۇ. بۇ كۆچمەس مۈلۈك مىدۇڭ رايونىدا بولمىغاچقا، مەھكىمىمىزنىڭ باشقۇرۇش ھوقۇقى يوق.» بۇ سوت مەھكىمىسىنىڭ خىزمەتچى خادىمى شياۋ جياڭغا چۈشەندۈرۈپ مۇنداق دېدى: ئېلىم- سېتىم توختام ماجىراسى دېلوسى ئادەتتىكى توختام باشقۇرۇش تەۋەلىكىگە تەۋە بولۇپ، جاۋابكار ئولتۇرۇشلۇق جايدىكى سوت مەھكىمىسىنىڭ باشقۇرۇش تەۋەلىكىدە بولىدۇ، شياۋ جياڭ ۋاڭ xx دائىم تۇرۇشلۇق جايدىكى سوت مەھكىمىسىگە دەۋا قىلىشى كېرەك.

  شياۋجياڭ ئىشنىڭ باش- ئايىغىنى بىلگەندىن كېيىن، مىدۇڭ رايونلۇق خەلق سوت مەھكىمىسىدىن ئايرىلدى. (ماقالىدىكى كىشى ئىسمىنىڭ ھەممىسى ئۆزگەرتىلگەن ئىسىم)

  سوتچىنىڭ قانۇننى چۈشەندۈرۈشى

  ھەق تەلەپ دەۋاسىدا، باشقۇرۇش تەۋەلىكى ھوقۇقىغا ئىگە سوت مەھكىمىسىگە بېرىپ دەۋا قىلىشقا توغرا كېلىدۇ، ئادەتتە جاۋابكار ئولتۇرۇشلۇق جاي بولىدۇ، جاۋابكارنىڭ ئولتۇرۇشلۇق جايى بىلەن دائىم تۇرۇشلۇق جايى بىر جاي بولمىسا، دائىم ئولتۇرۇشلۇق جاي ئۆلچەم قىلىنىدۇ.

  دېلو تۈرى ئوخشاش بولمىسا، باشقۇرۇش تەۋەلىكىدىكى سوت مەھكىمىسىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ.

  1. مەخسۇس باشقۇرۇش تەۋەلىكى

  «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ھەق تەلەپ دەۋا قانۇنى»نىڭ 34- ماددىسىدا مۇنداق بەلگىلەنگەن: تۆۋەندىكى دېلولار مۇشۇ ماددىدا بەلگىلەنگەن خەلق سوت مەھكىمىلىرىنىڭ مەخسۇس باشقۇرۇش تەۋەلىكىدە بولىدۇ: (1) كۆچمەس مۈلۈك ماجىراسىدىن قىلىنغان دەۋالار شۇ مۈلۈك بار جايدىكى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ باشقۇرۇش تەۋەلىكىدە بولىدۇ؛ (2) پورت مەشغۇلاتىدىكى ماجىرادىن قىلىنغان دەۋالار پورت جايلاشقان جايدىكى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ باشقۇرۇش تەۋەلىكىدە بولىدۇ؛ (3) مىراسقا ۋارىسلىق قىلىش ماجىراسىدىن قىلىنغان دەۋالار ۋارىسلىق قىلىنغۇچى ئۆلۈپ كەتكەن چاغدا ئولتۇرۇشلۇق جايدىكى ياكى ئاساسىي مىراسى بار جايدىكى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ باشقۇرۇش تەۋەلىكىدە بولىدۇ.

  2. كېلىشىدىغان باشقۇرۇش تەۋەلىكى

  «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ھەق تەلەپ دەۋا قانۇنى»نىڭ 35- ماددىسىدا مۇنداق بەلگىلەنگەن: توختام ياكى باشقا مال- مۈلۈك ھوقۇق- مەنپەئەت ماجىراسىدىكى دەۋالاشقۇچىلار يازما كېلىشىم تۈزۈپ، جاۋابكار ئولتۇرۇشلۇق جاي، توختام ئادا قىلىنىدىغان جاي، توختام تۈزۈلگەن جاي، دەۋاگەر ئولتۇرۇشلۇق جاي، نىشاندىكى نەرسە بار جاي قاتارلىق ماجىرا بىلەن ئالاقىسى بار جايدىكى خەلق سوت مەھكىمىلىرىدىن بىرىنىڭ باشقۇرۇش تەۋەلىكىدە بولۇشىنى تاللىۋالسا بولىدۇ، لېكىن مۇشۇ قانۇندىكى دەرىجە بويىچە باشقۇرۇش تەۋەلىكى ۋە مەخسۇس باشقۇرۇش تەۋەلىكىگە دائىر بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلسا بولمايدۇ.

  3. دەۋاگەر ئولتۇرۇشلۇق جايدىكى باشقۇرۇش تەۋەلىكى

  «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ھەق تەلەپ دەۋا قانۇنى»نىڭ 23- ماددىسىدا تۆۋەندىكى ھەق تەلەپ دەۋالىرى دەۋاگەر ئولتۇرۇشلۇق جايدىكى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ باشقۇرۇش تەۋەلىكىدە بولىدۇ؛دەۋاگەرلەرنىڭ ئولتۇرۇشلۇق جايى بىلەن دائىم تۇرۇشلۇق جايى بىر جاي بولمىسا، دەۋاگەر دائىم تۇرۇشلۇق جايدىكى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ باشقۇرۇش تەۋەلىكىدە بولىدۇ، دەپ بەلگىلەنگەن: (1) جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى تەۋەسىدە ئولتۇرمايدىغانلار ئۈستىدىن قىلىنغان سالاھىيەت مۇناسىۋىتىگە چېتىلىدىغان دەۋالار؛ (2) ئىز- دېرىكى بولمىغانلار ياكى يوقاپ كەتكەنلىكى جاكارلانغانلار ئۈستىدىن قىلىنغان سالاھىيەت مۇناسىۋىتىگە چېتىلىدىغان دەۋالار؛ (3) مەجبۇرىي تەربىيەلەش تەدبىرى قوللىنىلىۋاتقانلار ئۈستىدىن قىلىنغان دەۋالار؛ (4) قاماقتىكىلەر ئۈستىدىن قىلىنغان دەۋالار.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەلىمە قۇربان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.