تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەدەنىيەت - ساياھەت

قاراجون مەنزىرە رايونىدا «بوشلۇقتىكى بالېت» ئوينالدى

    تىيانشان تورى-شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر تاڭ كەندۇڭ خەۋىرى) 300 مېتىر ئېگىزلىكتىكى بوشلۇقتا، بۇلۇتلار ئارىسىدىكى رىقابەت باشلاندى. 5-ئاينىڭ 21-كۈنى چۈشتىن كېيىن، شىنجاڭ تۇنجى نۆۋەتلىك قاراجون جۇڭگو-چەت ئەل ئېگىز بوشلۇقتا ياپىلاق تاسمىدا مېڭىش ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى تېكەس ناھىيەسىنىڭ قاراجون مەنزىرە رايونىدا ئۆتكۈزۈلدى، ئالدىنقى باسقۇچلۇق تەييارلىق مۇسابىقىسىدە رىقابەتلىشىش ئارقىلىق، دۆلەت ئىچى-سىرتىدىن كەلگەن سەككىز نەپەر داڭلىق ماھىر بۇ قېتىمقى مۇسابىقىگە قاتناشتى.

    ئېگىز بوشلۇقتا ياپىلاق تاسمىدا مېڭىش، يېڭىدىن گۈللەنگەن، خەلقئارالىق مودا چەككە يەتكەن تەڭپۇڭلۇق تەنھەرىكىتى بولۇپ، «بۇلۇت ئىچىدە مېڭىش» ۋە «بوشلۇقتىكى بالېت» دەپ تەرىپلىنىدۇ. ماھىرلار ئېگىز تاغ، جىلغا، شەھەرلەردىكى ئېگىز بىنالار ئارىسىدا 100 مېتىر ئېگىزلىكتىكى ياپىلاق تاسمىدا تۈز يەردە ماڭغاندەك ماڭىدۇ، ھەتتا بوشلۇقتا ئالدىغا موللاق ئېتىش، كەينىگە موللاق ئېتىش، يانچە موللاق ئېتىش قاتارلىق تۈرلۈك قىيىنلىق دەرىجىسى يۇقىرى ھەرىكەتلەرنى ئورۇندىيالايدۇ، خەتەرلىك ھەم كىشىنى ھاياجانغا سالىدۇ. ياپىلاق تاسما تەنھەرىكىتىدە جەڭ ئېلان قىلىش، ماھارەت كۆرسىتىش، ئويۇن قويۇش، تاماشا قىلىش بىر گەۋدە قىلىنغان بولۇپ، كەڭ ياشلار، ئۆسمۈرلەرنىڭ چوڭقۇر ياخشى كۆرۈشىگە ئېرىشكەن مودا تەنھەرىكەت تۈرى ھېسابلىنىدۇ.

5-ئاينىڭ 21-كۈنى، شىنجاڭ تۇنجى نۆۋەتلىك قاراجون جۇڭگو-چەت ئەل ئېگىز بوشلۇقتا ياپىلاق تاسمىدا مېڭىش ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىگە قاتناشقان ماھىرلار مۇسابىقىدە.

تېكەس ناھىيەلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى تەمىنلىگەن سۈرەت

    تۇنجى نۆۋەتلىك قاراجون جۇڭگو-چەت ئەل ئېگىز بوشلۇقتا ياپىلاق تاسمىدا مېڭىش ماھارەت مۇسابىقىسىنىڭ تاللاش نۇقتىسى قاراجون كۆكسۇ چوڭ جىلغىسى مەنزىرە رايونىدىكى فېيلادا بازىسىدا ئۆتكۈزۈلدى، تەنھەرىكەتچىلەر تىك ياردىكى 300 مېتىرلىق ئېگىز بوشلۇقتا ئۇزۇنلۇقى 160 مېتىر، كەڭلىكى 2.5 سانتىمېتىر، قېلىنلىقى 5 مىللىمېتىر كېلىدىغان نىلون ياپىلاق تاسمىدا بەدەن تەڭپۇڭلۇقىنى ساقلاپ مېڭىشنى تاماملىدى، ماھىرلار ئىككى-ئىككىدىن رىقابەتلىشىپ، تېز سۈرئەتتە قاتلاممۇقاتلام شاللىنىپ، يېڭىش، يېڭىلىشى بەلگىلەندى.

5-ئاينىڭ 21-كۈنى، فىرانسىيەدىن كەلگەن ياپىلاق تاسمىدا مېڭىش تەنھەرىكەتچىسى Benoit مۇسابىقىدە.

تېكەس ناھىيەلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى تەمىنلىگەن سۈرەت

    قاراجون كۆكسۇ چوڭ جىلغىسىدىكى تاغلار ئېگىز ھەم تىك قەد كۆتۈرۈپ تۇرىدۇ، ئىنتايىن خەتەرلىك، مۇسابىقە مەيدانى ئىككى تاغ چوققىسىنىڭ ئوتتۇرىسىدا بولۇپ، تاغ جىلغىسى شامال ئېغىزىغا توغرا كېلىدۇ. شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن مۇسابىقە يېرىملاشقاندىن كېيىن، تاغ ئېغىزىدا شامال سۈرئىتى تېزلىشىپ، ماھىرلار بەدىنىنى لىڭشىتىش ئارقىلىق تەڭپۇڭلۇقىنى ساقلاپ، جەڭ ئېلان قىلىش ۋەزىپىسىنى تىرىشىپ تاماملىدى. ئۈچ سائەتكە يېقىن رىقابەتلىشىش ئارقىلىق ئاخىرى فىرانسىيەلىك ماھىر Benoitنىڭ نەتىجىسى ئەڭ ياخشى بولۇپ، يەككە تۈردە چىمپىيۇن بولدى.

    يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، تېكەس ناھىيەسى دۆلەت 5A دەرىجىلىك مەنزىرە رايونى قاراجوننىڭ ئەلا تەبىئىي بايلىق ئەۋزەللىكىگە تايىنىپ، ئېگىز بوشلۇقتا ياپىلاق تاسمىدا مېڭىش مۇسابىقىسى، ئات بەيگىسى، ئوغلاق تارتىشىش، سىيرىلما ئارقان، فېيلادا تىك قىياغا يامىشىش، لەيلەپ ئېقىش قاتارلىق بىر تۈركۈم «ساياھەت + تەنتەربىيە» خاس مۇسابىقىلىرىنى بەرپا قىلىپ، قاراجوننىڭ تەڭداشسىز گۈزەل مەنزىرىسىنى تۈرلۈك تەنتەربىيە پائالىيەتلىرى ئارقىلىق دۇنياغا نامايان قىلىپ، ساياھەت مەنزىرە رايونىنىڭ ماركا تەسىر كۈچىنى ئاشۇردى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، يەنە ساياھەت مەھسۇلاتلىرىنىڭ جەلپ قىلىش كۈچىنى ئاشۇردى.

5-ئاينىڭ 21-كۈنى، شىنجاڭ تۇنجى نۆۋەتلىك قاراجون جۇڭگو-چەت ئەل ئېگىز بوشلۇقتا ياپىلاق تاسمىدا مېڭىش ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىگە قاتناشقان ماھىرلار مۇسابىقىدە.

تېكەس ناھىيەلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى تەمىنلىگەن سۈرەت

    مۇسابىقە نەق مەيدانى جىددىي ھەم كەسكىن بولۇپ، نۇرغۇن ساياھەتچى قەدىمىنى توختىتىپ كۆردى، ماھىرلارنىڭ پىسخىك ساپاسى ۋە تەنھەرىكەت ماھارىتى كىشىنى ھەيران قالدۇراتتى، ساياھەتچىلەر بۇ قېتىمقى سەپىرىدىكى تاسادىپىي خۇشاللىقتىن بىرلىكتە ھۇزۇرلاندى. شىنجاڭ قاراجون مەبلەغ سېلىش پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى ۋېي جيەنخۇڭ مۇنداق دېدى: «بۇ قېتىمقى مۇسابىقە 6000دىن ئارتۇق ساياھەتچىنى نەق مەيدانغا كېلىپ كۆرۈشكە جەلپ قىلدى، كېيىن بىز يەنە داۋاملىق تۈرلۈك <ساياھەت + تەنتەربىيە> ماھارەت كۆرسىتىش پائالىيەتلىرىنى ئۆتكۈزۈپ، كۆپچىلىككە ئېسىل مۇسابىقىلەرنى ئېلىپ كېلىش بىلەن بىللە، قاراجون مەنزىرە رايونىنىڭ تونۇلۇش دەرىجىسىنى يەنىمۇ كېڭەيتىپ، تېخىمۇ كۆپ ساياھەتچىنى جەزمەن بېرىشقا تېگىشلىك بۇ جايغا كېلىپ ساياھەت قىلىشقا جەلپ قىلىمىز».

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەلىمە قۇربان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.