تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

مېۋىلەر مەي باغلىغان جەلپكار شىنجاڭ | باھار بالدۇر كېلىدىغان تۇرپاندا ئۈجمىلەر مەي باغلاپ پىشتى

 

   ئىلاۋە: شىنجاڭ مەي باغلاپ پىشقان شېرىن مېۋىلىرى بىلەن داڭلىق. شىنجاڭنىڭ ئۆزگىچە ھاۋا ايى كىلىماتى، مول يورۇقلۇق بايلىقى شىنجاڭدا ھەر خىل مېۋىلەرنىڭ بەھۇزۇر مەي باغلاپ پىشىشىنى يېتەرلىك شارائىت بىلەن تەمىنلەيدۇ. تۇرپان ئۈزۈمى، قومۇل قوغۇنى، ئاقسۇ ئالمىسى، كورلا نەشپۈتى ... ئۆز پەسلىدە راسا پىشقاندا شېرىن ھىدى دىمىقىغا ئۇرۇلغان ھەرقانداق بىرەيلەن «يېيىشنى رەت قىلىش»قا ئامالسىز قالىدۇ. 5-ئاي ياز مېۋىلىرى ئىچىدىكى ئەڭ ئاۋۋال پىشىدىغان ئۈجمە بىلەن باشلانسا، 11-ئاي قەشقەرنىڭ قىپقىزىل ئانارلىرى، ئاقسۇنىڭ بىڭتاڭ ئالمىسى، كورلىنىڭ نەشپۈتى، مەكىتنىڭ چىلانلىرى بىلەن، يېتىپ كېلىۋاتقان سوغۇققا مەردانە ئىللىقلىق، شېرىن دەملەر ئاتا قىلىدۇ. بۇ جايدا، ھەر مېۋە ئۆز پەسلىدە بۇرچىنى ئۇنۇتماي، تەر تۆكۈپ ئەجىر قىلغان مېھنەتكەشلەرگە مىننەتدارلىقىنى بىلدۈرىدۇ. شىنجاڭدا، مېۋىلەر چېچەكلىرىنى ئاچىدىغان باھار، مەي باغلايدىغان ياز، تۆكمە ھوسۇلىنى سۇنىدىغان كۈز ... بۇ مېۋىلەر پەسلى تولىمۇ گۈزەل! تىيانشان تورىمىز شىنجاڭدىكى خاس مېۋە-چېۋىلەرنى ھەر جەھەتتىن يىراق-يېقىندىكىلەرگە ئەتراپلىق تونۇشتۇرۇش، گۈزەل مېۋە پەسلىدىكى گۈزەل ھېكايىلەرنى ئېيتىپ بېرىش ئۈچۈن، مېۋە-چېۋىلەرنى «ئىز قوغلاپ زىيارەت» قىلىپ تورداشلارغا سۇنىدۇ. 

   شىنجاڭدا، ھەر يىلى 5-ئاي كىرىشى بىلەن، باھار ئەڭ بالدۇر كېلىدىغان تۇرپان ئۈجمىلىرىنى راسا «پىشۇرۇپ»، مېۋە-چېۋە پەسلىنى باشلاپ بېرىدۇ. ئۈجمە بىلەن تەڭ، شىنجاڭ مېۋە پەسلىگە قەدەم قويىدۇ. 5-ئاي، ئۈجمە پىششىقى ئېيى، 5-ئاينىڭ دەسلەپكى ۋاقىتلىرى پىشقان ئۈجمىلەرنى چوڭلىرىمىز ئۈجمىنىڭ 1-پىششىقى، «دەرەخ سۈيى» دەپمۇ قويىدۇ، چۈنكى دەسلەپكى ۋاقىتلاردا پىشقان بۇ تۈركۈم ئۈجمىلەر ھاۋا رايىنىڭ تەسىرىدىن قەنت مىقدارىغا تويۇنۇپ بولالماي، تەمى بەك تاتلىق ئەمەس، باھار تەمى قويۇقراق بولىدۇ. بۇ ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرى پىشقان ئۈجمىلەرنى «ئۈجمىنىڭ 2-پىششىقى» دەپمۇ قويىمىز، بۇ چاغدىن باشلاپ پىشقان ئۈجمىلەر تولىمۇ تاتلىق بولىدۇ، شېرىن تەمى تىلنى يارىدۇ، باھارنى قوغلىشىپ تۇرپانغا كېلىپ قانغۇچە ھۇزۇرلانغان چېچەك سەيلىسىنىڭ ھاردۇقىنى ئەمدىلا چىقىرىشقان يىراق-يېقىندىكى كىشىلەر يازنىڭ تۇنجى مېۋىسىگە ئېغىز تېگىش ئۈچۈن يەنە «ئاتلىرىنىڭ بېشىنى بۇراپ» مېھرى ئىللىق بۇ يۇرتقا قاراپ مېڭىشىدۇ. چۈنكى، مېۋىخۇمارلار شۇنى بىلىدۇكى، بۇ ۋاقىتنى ئۆتكۈزۈپ قويسا، تەبىئىي پىشقان ئۈجمىگە ئېغىز تېگىش ئۈچۈن يەنە بىر يىل ساقلاش كېرەك.

   5-ئايدىن 7-ئايغىچە. ھاۋا رايىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا قاراپ، كىلىمات بىر قەدەر ئىللىق بولغان تۇرپاندا ۋە جەنۇبىي شىنجاڭ رايونلىرىدا ئەڭ ئاۋۋال پىشىدۇ، ھاۋا بەك ئىسسىپ كەتمەيدىغان شىمالىي شىنجاڭنىڭ باشقا رايونلىرىدا 7-ئايلاردا پىشىدۇ.

   ئۈجمىنىڭ ئوزۇقلۇق تەركىبى مول بولۇپلا قالماي، يەنە دورىلىق قىممىتىمۇ ناھايىتى يۇقىرى، ئۇنىڭدا كۆپ خىل ئامىنو كىسلاتاسى، ۋىتامىن، ئورگانىك كىسلاتا، كاروتېن قاتارلىق ئوزۇقلۇق ماددىلار بار. مىنېرال ماددىلارنىڭ مىقدارى باشقا مېۋىلەرگە قارىغاندا خېلىلا كۆپ، مەسىلەن، كالىي، كالتسىي، ماگنىي، تۆمۈر، مانگان، مىس، سىنك. ھازىرقى زامان تېببىي ئىلمىدە ئىسپاتلىنىشىچە، ئۈجمىنىڭ ئادەمنىڭ ئىممۇنىتېت كۈچىنى كۈچەيتىپ، قىزىل قان ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىش قاتارلىق رولى بار. 

   5-ئاي شىنجاڭدا باشقىچە قىزىپ كەتتى، ئاق ئۈجمە، قارا ئۈجمە، سۆسۈن ئۈجمە بەس-بەستە پىشتى، بۇنىڭ بىلەن تەڭ، جاي-جايلاردا ئۈجمە ئۈزۈش، ئېسىل تائاملارغا ئېگىز تېگىش، ناخشا-ئۇسسۇلدىن ھۇزۇرلىنىش، ئاتا-ئانىلار ۋە بالىلار ساياھىتى، ئۈجمە يۈرۈشلۈك مەھسۇلاتلىرىنى كۆرگەزمە قىلىش، ۋېلىسىپىت مۇسابىقىسى، خاس يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى كۆرگەزمە قىلىپ سېتىش، ئۈجمىلىكتە ھۆسنخەت يېزىش، رەسىم ئىجادىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىش قاتارلىق ئۈجمىگە ئائىت پائالىيەتلەر ئۆتكۈزۈلدى.

    ئۈجمە قوۋزىقى قەغىزى ئۈجمە شېخىنىڭ پوستىنى خام ئەشيا قىلىپ قولدا ياسىلىدىغان قەغەز، ئۇ ھازىرغىچە 1300 يىلدىن ئارتۇق تارىخقا ئىگە بولۇپ، ئىنسانلارنىڭ قەغەزچىلىك كەسپىدىكى «تىرىك تاشقاتما» دەپ ئاتالغان. ئۇنىڭدا شىنجاڭ رايونىنىڭ ئەنئەنىۋى قەغەز ياساش ھۈنەر سەنئىتى خاتىرىلەنگەن بولۇپ، كىشىلەرنىڭ قەغەز مەدەنىيىتى تارىخىنى چۈشىنىدىغان بىر كۆزنىكىدۇر.

   ئەنئەنىۋى ئۈجمە قوۋزىقى قەغىزىنى ياساش چىلاش، سويۇش، قازاندا قاينىتىش، ئېزىش، ئېچىتىش، قېلىپقا سېلىش، ئاپتاپقا سېلىش، قەغەز يۈزىنى ئېچىش قاتارلىق ئىش تەرتىپلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. قولدا ياسالغان ئۈجمە قوۋزىقى قەغىزىنىڭ سۈپىتى يۇمشاق، سىزىقلىرى كۆركەم، قەغەزنىڭ ئېلاستىكىلىقى كۈچلۈك بولۇپ يىرتىلىپ كەتمەيدۇ، سۇ سۈمۈرۈشچانلىقى كۈچلۈك، ھۆسنخەت ۋە رەسىم ئىجادىيىتىگە ئىنتايىن ماس كېلىدۇ، نۇرغۇن ھۆسنخەت ۋە رەسىم ھەۋەسكارلىرىنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشكەن.

   ئۈجمە قوۋزىقىدىن باشقا، ئۈجمە يوپۇرمىقىمۇ ناھايىتى ياخشى ماتېرىيال. ئۇ پىلە بېقىشتىكى ئەڭ ياخشى تاللاش بولۇپ، پىلىچىلىك ئارقىلىق كىرىمنى ئاشۇرۇۋاتقان كىشىلەر ئاز ئەمەس. 

   شىنجاڭدا، پىلە قۇرتىدىن چىققان يىپەكتىن يەنە ئەتلەس توقۇغىلى بولىدۇ. ئەتلەس تىلغا ئېلىنسا، يادىڭىزغا نېمىلەر كېلىدۇ؟ ناخشا ساداسىغا ئەگىشىپ لەرزان ئۇسسۇلغا چۈشكەن قىزچاقمۇ ياكى ھەر خىل گۈزەل رەڭلەرمۇ ؟ 

    ئەتلەس شىنجاڭنىڭ خاس قول ھۈنەر - سەنئەت بۇيۇمى بولۇپ، مىڭ يىلدىن ئارتۇق يىپەك توقۇمىچىلىق تارىخىغا ئىگە خوتەن بوستانلىقىدا بارلىققا كەلگەن. 2008 - يىلى، ئەتلەس توقۇش، بوياش ھۈنىرى دۆلەت دەرىجىلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلدى. شۇنىڭدىن كېيىن، ئەتلەسنىڭ ئابستراكت ھەم رەڭدار گۈل نۇسخىلىرى كىيىم - كېچەك، باش كىيىم ھەم تۈرلۈك ھۈنەر - سەنئەت بۇيۇملىرىدا بارغانسېرى كۆپ پەيدا بولۇپ، شىنجاڭنىڭ داڭلىق كۆرۈنمە بەلگىلىرىنىڭ بىرىگە ئايلاندى.  ئەتلەس ئەنئەنىۋى ياساش ھۈنەر -سەنئىتى بولۇش سۈپىتى بىلەن، «21-ئەسىردىكى ئەڭ ئاخىرقى قول سانائەت» دەپ تەرىپلىنىدۇ. بۈگۈنكى كۈندە شىنجاڭنىڭ خوتەن ۋىلايىتىدە بۇ ھۈنەرنى ئۇچراتقىلى بولىدۇ. پىلە غوزىكىنى قاينىتىشتىن تارتىپ، يىپ تارتىش، بوياش، توقۇشنىڭ ھەممىسى قولدا ئىشلىنىدىغان بولۇپ، ئىنتايىن نەپىس ئىشلىنىدۇ. ئەتلەستىن تىكىلگەن كۆڭلەكنى كىيىپ چوڭ-كىچىك كوچىلاردا ماڭسىڭىز، مەيلى قەيەرگە بارماڭ، شۇ يەردىكى  گۈزەل مەنزىرىگە ئايلىنىسىز!

كېلىڭلار، بىرلىكتە ئۈجمە يەيلى!

    مانا، ئۈجمىلىرىمىزنى راسا بىر قورساق يەۋالدۇق، شىنجاڭدىن كېتىشكە ئالدىرىماڭ، 3-ئايدا، ئۆرۈك چېچىكى سەيلىسى قىلغان باغ ئېسىڭىزدىمۇ؟ دەل شۇ باغدا سارغىيىپ پىشقان ئۆرۈكلەر ئۈجمىگە ئوخشاش بولمىغان يەنە بىر خىل شېرىن تەمدە سىزنى ساقلىماقتا! كىيىنكى  ساندا، ئۆرۈكلۈك باغدا كۆرۈشەيلى دوستۇم!

مەسئۇل مۇھەررىر : ئابلەت روزى

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.