تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەدەنىيەت - ساياھەت

شىنجاڭنى بىللە ساياھەت قىلىش | دېڭىز-ئوكياندىن ئەڭ يىراق جايدا «دېڭىز»نى تاماشا قىلايلى

سىزنىڭ گۈزەل شىنجاڭنىڭ

ھەيۋەتلىك تاغۇ دەريالىرى

جەلىپكار باغۇ بوستانلىرىدا ساياھەت قىلىپ

تەبىئەت قوينىدا سونايلىنىپ

بەختنى چىن مەنىسىدىن ھېس قىلغۇڭىز بارمۇ؟ 

....

قېنى ئەمىسە بىزگە ئەگىشىپ 

جۇڭگونىڭ گۈزەل شىنجاڭىنى بىللە ساياھەت قىلىڭ!

  ھاۋا ئىسسىپ، ھەممە يەر يېشىللىققا، خۇشپۇراق گۈللەرگە پۈركەندى، شىنجاڭنىڭ ئەڭ گۈزەل ساياھەت پەسلى يېتىپ كەلدى. قېنى بىزگە ئەگىشىپ سۇلار شارقىراپ ئېقىپ، گۈللەر ھۈپپىدە ئېچىلغان، قۇشلار ئەركىن سايرىشىپ، ئەمگەك ناخشىسى ياڭرىغان  ھەقىقىي بەختىيار شىنجاڭنى ساياھەت قىلىڭ.

دېڭىز-ئوكياندىن ئەڭ يىراق جاي بولغان

شىنجاڭدا

ئەمەلىيەتتە نۇرغۇن ئۆزگىچە «دېڭىز» بار

بىپايان ھەم گۈزەل!

  بىز بۈگۈن بىرلىكتە دېڭىز-ئوكياندىن ئەڭ يىراق جاي بولغان شىنجاڭدا سەرخىل گۈل «دېڭىز»لىرىنى تاماشا قىلايلى.

  جامبۇلاق

گۇچۇڭ ناھىيەسى بەنجېگۇ بازىرىنىڭ جەنۇبىدىكى تاغلىق رايونغا جايلاشقان

ناھىيە بازىرىغا 60 نەچچە كىلومېتىر كېلىدۇ

ئۆزگىچە جۇغراپىيەلىك ئورنى ئۇنى ئاجايىپ گۈزەل تەبىئىي مەنزىرىگە ئىگە قىلغان

قارلىق تاغ ئېتىكىدىكى

ئېگىز-پەس تاغ-ئېدىرلار، ياپيېشىل بۇغدايلىقلار، بۈك-باراقسان قارىغايلىق

بىر-بىرىگە ھۆسن قوشقان بولۇپ

گۈزەللىكتە تەڭداشسىز

جامبۇلاقتىكى گۈل دېڭىزىنى ئايلانغاندا

باھار نۇرى كىشىگە راھەت تۇيغۇ بېغىشلايدۇ

بۇ يەردە سۈرەتكە تارتقاندا رەڭ تەڭشەشنىڭ لازىمى يوق

چۈنكى بۇ يەردە ئاسمان كۆپكۆك، بۇلۇتلار باش ئۈستىڭىزدىلا

مۇنداقلا سۈرەتكە تارتىپ قويسا چوڭ فىلىمدەك كۆرۈش سېزىمى بېرىدۇ

باغراش كۆلى گۈل دېڭىزىدا

گۈللەر پورەكلەپ ئېچىلىپ

نۇرغۇن ساياھەتچىنى گۈزەل مەنزىرىدىن ھۇزۇرلىنىشقا جەلپ قىلىدۇ

باغراش كۆلى گۈل دېڭىزى باغراش ناھىيەسىنىڭ ئۇلان جېكسېن يېزىسىنىڭ ئۇلان جېكسېن كەنتىگە جايلاشقان

باغراش كۆلى داخېكوۋ مەنزىرە رايونى بىلەن قوشنا بولۇپ

يېقىن ئەتراپتىكى دېھقان ئائىلىلىرى يېزا-كەنت ساياھىتىنىڭ تەرەققىياتىغا تايىنىپ

ئىشىكى ئالدىدىلا ئىگىلىك تىكلەپ كىرىمىنى ئاشۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇردى

 كۈنەس ناھىيەسىدىكى 

چوغلۇق گۈلى گۈل دېڭىزىدا

 ھەممە يەر خۇش پۇراققا تولىدۇ

ئۇ خۇددى گۈللەر ئىچىدىكى ساھىبجامالغا ئوخشاش

بۇ جاينى ئاجايىپ گۈزەل تۈسكە كىرگۈزىدۇ

چوغلۇقنىڭ گۈلى چوڭ، بەرگىسى قاتمۇقات بولۇپ

ئاق رەڭلىك چوغلۇق قاشتېشىغا، ھال رەڭلىك چوغلۇق شەپەققە ئوخشايدۇ


  چوغلۇق گۈلىنىڭ
بەزىلىرى گۈل شېخىدا ھۈپپىدە ئېچىلسا
بەزىلىرى غۇنچە بولۇپ
ياپيېشىل يوپۇرماقلار ئارىسىدا كۆزگە تاشلىنىپ تۇرىدۇ

قاراجوندا

تاغ-دالىنىڭ ھەممىلا يېرىنى سۆسۈن رەڭلىك گۈللەر قاپلاپ

گۈل دېڭىزىغا ئوخشاپ قالغان بولۇپ

بۇ گۈل دېڭىزىغا قەدەم باسقىنىڭىزدا

 چۆچەكلەردىكى خىيالىي ماكانغا كىرىپ قالغاندەك تۇيغۇغا كېلىسىز...

  قورغاس ناھىيەسىدىكى

ئۈستىقۇددۇس گۈل دېڭىزى

سىزنى كۈتمەكتە

سۆسۈن رەڭلىك گۈل دېڭىزى

بۇ يەرنى رومانتىك تۇيغۇلارغا تولدۇردى

  كېلىڭ!!!

سۆسۈن رەڭلىك گۈل دېڭىزىنىڭ

سېھرىي كۈچىنى ھېس قىلىپ

ياز كۈنىدىكى ئۇچرىشىشقا بىللە بارايلى

شىنجاڭ ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ ئالتاي شەھىرىدىكى

تورغايتې يايلىقىدا

ياپيېشىل ئوت-چۆپلەر پاياندازدەك يېيىلىپ

ياۋا گۈللەر بەس-بەستە ئېچىلىپ

ئات، كالا، قويلار بەھۇزۇر يايلاپ

بىر پارچە ئىناق ئېكولوگىيە يۆگىمە رەسىمىنى شەكىللەندۈرىدۇ

ھەر يىلى بۇ يەرگە كەلگەن ساياھەتچىلەر

يايلاقتىكى گۈل دېڭىزىدا مەستخۇش بولۇپ، بۇ يەردىن ئايرىلىشقا كۆزى قىيمايدۇ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئابلەت روزى

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.