شىنجاڭ كەيتۇ ئېگىز تاغ دالا ھەرىكىتى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىسى لو بياۋ 5-ئاينىڭ 20-كۈنى كەيتۇ جۇمۇلاڭما چوققىسىغا چىقىش 2023-يىللىق ئەترىتىنىڭ ئالتە نەپەر جۇڭگولۇق ئەزاسى بىلەن ئىككى نەپەر خەلقئارا ئېگىز تاغ يول باشلىغۇچىسى ۋە ئالتە نەپەر شېرپا يول باشلىغۇچىسىنىڭ ياردىمىدە، جۇمۇلاڭما چوققىسىغا مۇۋەپپەقىيەتلىك چىقىپ، ئارقىدىن C4 لاگىرىغا بىخەتەر قايتىپ چۈشتى. بۇ، لو بياۋنىڭ 2017-يىلى 5-ئاينىڭ 22-كۈنى تۇنجى قېتىم جۇمۇلاڭما چوققىسىغا چىققاندىن كېيىن، ئىككىنچى قېتىم جۇمۇلاڭما چوققىسىغا مۇۋەپپەقىيەتلىك چىقىشىدۇر.
مۇخبىرلار: ئايشەمگۈل ئابلا، جاڭ شىنجۈن
نازارەت قىلغۇچى: شۆ جىڭ، ۋاڭ چىمىڭ