تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

​پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ باش تېما تەربىيەسىنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك

ئاپتونوم رايون شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش باش تېما تەربىيەسى خىزمىتى بويىچە پىكىر ئالماشتۇرۇش ۋە ئالغا سىلجىتىش يىغىنى ئاچتى

​پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ باش تېما تەربىيەسىنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 5 - ئاينىڭ 22 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ يەنفاڭ خەۋەر قىلىدۇ: 5 - ئاينىڭ 22 - كۈنى، ئاپتونوم رايون شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش باش تېما تەربىيەسى خىزمىتى بويىچە پىكىر ئالماشتۇرۇش ۋە ئالغا سىلجىتىش يىغىنى ئېچىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ باش تېما تەربىيەسى توغرىسىدىكى بىر قاتار مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ باش تېما تەربىيەسى خىزمىتىنى پۇختا، چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىشنى ئورۇنلاشتۇردى.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايوننىڭ شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش باش تېما تەربىيەسى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن گۇرۇپپا باشلىقى جاڭ جۇ يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى، مەركەز 15 - يېتەكچىلىك گۇرۇپپىسى يىغىنغا كېلىپ يېتەكچىلىك قىلدى.

يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: دىققەتنى باش تېما، ئاساسىي لىنىيەگە مەركەزلەشتۈرۈش، نەزەرىيە ئۆگىنىشنى كۈچەيتىشنى باشتىن - ئاخىر سىڭدۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ئومۇميۈزلۈك سىستېمىلىق ئۆگىنىپ، تولۇق ئۆزلەشتۈرۈپ، بىلىش بىلەن قىلىشنى بىرلەشتۈرۈپ ئىشلىتىپ، چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ئۆزلەشتۈرۈش، ئايلاندۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، قەلبنى مۇجەسسەملەش، روھنى تاۋلاشنى ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتىپ، «ئىككىنى تىكلەش»نى قەتئىي ھىمايە قىلىش، «ئىككىنى قوغداش»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. ئىلمىي ئۇسۇلغا ئەھمىيەت بېرىش، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى كەڭ ئەۋج ئالدۇرۇشنى باشتىن - ئاخىر سىڭدۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، «چوڭقۇر» «ئەمەلىي» «ئىنچىكە» «دەل جايىدا» «ئۈنۈملۈك» بولۇشقا كۈچ سەرپ قىلىپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش جەريانىنى ئامما بىلەن زىچ ئالاقە باغلاش، خىزمەت ئىستىلىنى ياخشىلاش، ھەقىقىي ئەھۋالنى ئىگىلەش، تەپەككۇر ئىقتىدارىنى چېنىقتۇرۇش، خىزمەت سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش جەريانىغا ئايلاندۇرۇش كېرەك. باش ۋەزىپىنى چىڭ كۆزلەش، تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاشنى باشتىن - ئاخىر سىڭدۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، پۈتۈن كۈچ بىلەن قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈپ، چىن قەلب بىلەن خەۋپ - خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىپ مۇقىملىقنى قوغداپ، چىن ھېسسىيات بىلەن خەلقنى غەمدىن خالاس قىلىدىغان 18 ئەمەلىي ئىشنى ياخشى بېجىرىپ، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەپ ئەبەدىي ئەمىنلىكنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك. ھەقىقىي قول سېلىپ قىيىنىغا تېگىش قىلىشقا جۈرئەت قىلىپ، ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش - تۈزىتىشنى باشتىن - ئاخىر سىڭدۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، مەسىلە تىزىملىكىنى ياخشى تۇرغۇزۇپ ۋە ئۇنىڭدىن ياخشى پايدىلىنىپ، مەخسۇس تۈزەشنى قاتتىق، ئەمەلىي، ياخشى تۇتۇپ، ئاممىغا مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈنۈمىنى ھېس قىلدۇرۇش كېرەك. تەشكىلىي رەھبەرلىكنى كۈچەيتىش، قاتتىق ھەيدەكچىلىك - يېتەكچىلىك قىلىشنى باشتىن - ئاخىر سىڭدۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، خىزمەتلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى يۇقىرى سۈپەتلىك، يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئالغا سىلجىتىپ، باش تېما تەربىيەسىنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.