تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   بىڭتۇەن

پارنىكتىكى تاتلىق سۇدا راك بېقىش ھەمكارلىق كوپىراتىپىدىكى «باي بولغان كىشى»

5-ئاينىڭ 10-كۈنى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى 10-شىسى 183-تۇەن 4-ليەنىنىڭ ئېرتىش دەرياسى يۈشيا باقمىچىلىق بازىسىغا كىرگەندە، بېيتۈن شەھىرى زېشىن سۇ مەھسۇلاتلىرى باقمىچىلىقى دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ كوپىراتىپ ئەزالىرى يېرىم ئاي بۇرۇن ئايروپىلان ئارقىلىق يۆتكەپ كېلىنگەن 3 مىليون لوشى سازلىق راكى بالىسىنى بېقىش بىلەن ئالدىراش ئىدى. بۇ يىل، بۇ ھەمكارلىق كوپىراتىپى راك بالىسى يېتىشتۈرۈش پارنىكىغا يەر تىگىدىن ئىسسىيدىغان پارنى كۆپەيتىپ ئورنىتىپ ۋە لەيلىمە جانلىقلارنى يېتىشتۈرگەندىن سىرت، يەنە ياڭلىڭ يىئەن بىيو پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى شىئەن پەن-تېخنىكا داشۆسى مىكرو يۇسۇن قوللىنىش تېخنىكىسى بويىچە كەسپىي خادىملارنى تېخنىكا جەھەتتىن قوللاشقا تەكلىپ قىلدى.

ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ كوپىراتىپ ئەزالىرى لەيلىمە جانلىقلارنى سۈزۈپ ئالماقتا. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بۇ ليەننىڭ پارتىيە ياچېيكىسى ليەندۈيدىكى مەركەزلەشتۈرۈلگەن تۇتاش كەتكەن بىكار تۇرغان پارنىكلارنى ئېرتىش دەرياسى يۈشيا راك باقمىچىلىق پارنىكىغا ئۆزگەرتتى، پارتىيە ياچېيكىسى يېتەكلەش، ھەمكارلىق كوپىراتىپى تىجارەت قىلىش، مۇتەخەسسىسلەر ئىز قوغلاپ مۇلازىمەت قىلىش ئارقىلىق، ئەسلىھەلىك پارنىكتا تاتلىق سۇدا راك بېقىش يېڭى ئەندىزىسى ئۈستىدە ئىزدەندى.

​لوشى سازلىق راكى بالىلىرى.

(ئىختىيارىي مۇخبىرلار ساۋ شىيې، لى تەيرۇڭ)

«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.