تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

تەكشۈرۈش ـ تۈزىتىشنى كۈچەيتىپ، باش تېما تەربىيەسىنىڭ چوڭقۇرلىشىشى، ئەمەلىيلىشىشىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك

ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت دائىمىي يىغىن ئاچتى

تەكشۈرۈش ـ تۈزىتىشنى كۈچەيتىپ، باش تېما تەربىيەسىنىڭ چوڭقۇرلىشىشى، ئەمەلىيلىشىشىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 5 ـ ئاينىڭ 19 ـ كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لى ياڭ خەۋەر قىلىدۇ: 5 ـ ئاينىڭ 19 ـ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ دائىمىي يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى، يىغىندا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يېقىنقى مەزگىلدە قىلغان مۇھىم سۆزى، بەرگەن مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھى يەتكۈزۈلدى، ئۆگىنىلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ خىزمەت تەلىپى بويىچە، ھۆكۈمەت سىستېمىسىدا باش تېما تەربىيەسىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇش، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش چوڭ ئەندىزىسىگە چوڭقۇر سىڭىشىش قاتارلىقلار ئورۇنلاشتۇرۇلدى، شەھەر ـ يېزىلارنىڭ داۋالاش ـ سەھىيە سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، شەھەر ـ بازارلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىش، قانۇن بويىچە يېزا ـ بازار(كوچا باشقارمىسى)لارغا ھوقۇق بېرىش، تاغ، دەريا، ئورمان، ئېتىز، كۆل، ئوتلاق، قۇملۇقنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ قوغداشنى يولغا قويۇش قاتارلىق خىزمەتلەر مۇھاكىمە قىلىندى.

يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يېقىنقى مەزگىلدە باش تېما تەربىيەسى توغرىسىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ۋە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، «ئىدىيەنى ئۆگىنىش، پارتىيەۋىلىكنى كۈچەيتىش، ئەمەلىيەتكە ئەھمىيەت بېرىش، يېڭى تۆھپە يارىتىش» ئومۇمىي تەلىپىنى مەھكەم ئىگىلەپ، چوڭقۇر، پۇختا بولۇشقا كۈچ سەرپ قىلىپ، پارتىيەلىك كادىرلارنىڭ سىياسىي ئىقتىدارى، تەپەككۇر ئىقتىدارى، ئەمەلىيەت ئىقتىدارىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈپ، بىر تەرەپتىن ھەرقايسى ساھەلەردە ساقلانغان گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى تەكشۈرۈپ، بىر تەرەپتىن تەدبىرلەرنى مۇھاكىمە قىلىپ تۈزۈپ، تۈزىتىشنى كۈچەيتىپ، كەم ـ كوتسىز ھالدا باش تېما تەربىيەسىنىڭ چوڭقۇرلىشىشى، ئەمەلىيلىشىشىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: مەۋقەنى رايون ئورنى ئەۋزەللىكىگە قويۇپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش چوڭ ئەندىزىسىگە چوڭقۇر سىڭىشىپ، تېخىمۇ تەشەببۇسكار بولغان ئېچىۋېتىش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇپ، سىرتقا ئېچىۋېتىش چوڭ يولى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، ئەتراپتىكى دۆلەتلەر، رايونلار بىلەن بولغان ئەمەلىي ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئاسىيا ـ ياۋروپا ئالتۇن يولى ۋە غەربكە ئېچىۋېتىشتىكى كۆۋرۈك بېشى ئىستىھكامىنى بەرپا قىلىش كېرەك. دىققەتنى «بىر پورت، ئىككى رايون، بەش چوڭ مەركەز، پورت ئىقتىساد بەلبېغى»غا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئالغا سىلجىتىش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تۈر يېتەكچىلىكىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، تىزىملىك بويىچە باشقۇرۇشنى يولغا قويۇپ، خىزمەت تەدبىرلىرىنى ئىنچىكىلەشتۈرۈپ، يادرولۇق رايون قۇرۇلۇشىدىكى نۇقتىلىق ۋەزىپىلەرنىڭ جايىدا، پۇختا ئەمەلىيلىشىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: شەھەر ـ يېزىلارنىڭ داۋالاش ـ سەھىيە ۋە مۇھىت قوغداش خىزمىتىدە ساقلىنىۋاتقان كەمتۈكلۈكلەر، ئاجىز تۈرلەرگە بىرلەشتۈرۈپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش بىلەن ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى تېخىمۇ ياخشى بىرتۇتاش پىلانلاپ، تاسادىپىي ئاممىۋى سەھىيە ۋەقەلىرىنى كۆزىتىش ـ ئۆلچەش، ئالدىن سىگنال بېرىش، بىر تەرەپ قىلىش مېخانىزمى ۋە جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش ماددىي ئەشيالىرى كاپالىتى مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئومۇمىي خەلق ساغلاملىقى قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇپ، تېببىي دورا ـ سەھىيە تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئاساسىي قاتلام داۋالاش ـ سەھىيە ئاپپاراتلىرىنىڭ ئۇل ئەسلىھە ۋە تەجرىبىخانا قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش، داۋالاش ۋە ساغلاملىق باشقۇرۇش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. شەھەر ـ يېزىلارنىڭ مۇھىت تازىلىقىنى تۈزەشنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، ئاساسىي قاتلام ۋەتەنپەرۋەرلىك تازىلىق خىزمىتى تورى قۇرۇلۇشىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، يېشىل، ساغلام تۇرمۇش ئۇسۇلىنى تەشەببۇس قىلىپ، خەلقنىڭ تەن ساپاسى ۋە ساغلاملىق سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: ئادەمنى يادرو قىلغان يېڭىچە شەھەر ـ بازارلاشتۇرۇشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، مەركىزىي شەھەر، چېگرا شەھەر، كىچىك شەھەر ـ بازارلارنى ۋاسىتە قىلغان كۆپ تىرەكلىك تەرەققىيات، چوڭ، ئوتتۇرا، كىچىك شەھەرلەرنىڭ ماس تەرەققىيات ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىش كېرەك. شەھەرنى يېڭىلاش ھەرىكىتىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، تۈجۈپىلىك باشقۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، ئولتۇراقلىشىشقا ماس كېلىدىغان، يېشىل، ئاقىل شەھەرنى كۈچەپ بەرپا قىلىش كېرەك. ئىخچام، يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئاساسىي قاتلام باشقۇرۇش تۈزۈلمىسىنى بەرپا قىلىپ، قانۇن بويىچە يېزا ـ بازار(كوچا باشقارمىسى)لارغا ھوقۇق بېرىپ، يېزا ـ بازار(كوچا باشقارمىسى)لارنىڭ ھوقۇق ـ مەسئۇلىيەت چېگراسىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، يېزا ـ بازار(كوچا باشقارمىسى) كادىرلىرىنىڭ ئىقتىدار ساپاسىنى كۈچەپ ئۆستۈرۈپ، ئاساسىي قاتلاملاردا سىياسەتنىڭ تەرتىپلىك ئەمەلىيلىشىشى، خىزمەت ھوقۇقىنىڭ جايىدا ئىجرا قىلىنىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: تاغ، دەريا، ئورمان، ئېتىز، كۆل، ئوتلاق، قۇملۇقنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ قوغداش ۋە سىستېمىلىق تۈزەشتە چىڭ تۇرۇپ، مۇھىم ئېكولوگىيە سىستېمىسىنى قوغداش ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈش مۇھىم، زور قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇشنى تېزلىتىپ، دۆلەت باغچىسىنى ئاساسىي گەۋدە قىلغان تەبىئىي مۇھاپىزەت يېرى سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ گۈزەل ئېكولوگىيە ـ مۇھىتقا بولغان ئېھتىياجىنى تېخىمۇ ياخشى قاندۇرۇش كېرەك. ئېنېرگىيەدىن پاكىز، تۆۋەن كاربونلۇق، يۇقىرى ئۈنۈملۈك پايدىلىنىشقا تۈرتكە بولۇپ، ئېنېرگىيە تېجەش، مۇھىت قوغداش، پاكىز ئىشلەپچىقىرىش كەسپى ۋە يېشىل ئىمارەتلەرنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، نۇقتىلىق كەسىپلەردە تۆۋەن كاربونلۇق ئۆزگەرتىشنى ئالغا سىلجىتىپ، ئېكولوگىيە ـ مۇھىتنى قوغداش ۋە ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىدا قوش نەپ ئېلىشنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.

يىغىندا يەنە باشقا ئىشلار مۇھاكىمە قىلىندى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.