تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

قاتتىق ھەيدەكچىلىك ۋە ئەمەلىي يېتەكچىلىك قىلىپ، باش تېما تەربىيەسىنىڭ چوڭقۇرلىشىشى، ئەمەلىيلىشىشىگە تۈرتكە بولۇش

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لياڭ لىخۇا

شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش باش تېما تەربىيەسى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى 11 سەييارە يېتەكچىلىك گۇرۇپپىسى ۋەزىپە - مەسئۇلىيىتىنى ھەقىقىي ئادا قىلىپ، ئۆلچەم ۋە تەلەپنى چىڭىتىپ، خىزمەت مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، شەكىل - ئۇسۇلغا ئەھمىيەت بېرىپ، باش تېما تەربىيەسىنى قانات يايدۇرغان 1 - تۈركۈمدىكى ئورۇنلارنىڭ نەزەرىيە ئۆگىنىش، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش، تەكشۈرۈش - تۈزىتىش قاتارلىق تۈرلۈك نۇقتىلىق خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلىشىگە قاتتىق ھەيدەكچىلىك - يېتەكچىلىك قىلىپ، باش تېما تەربىيەسىدە ئەمەلىي ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.

ھەرقايسى سەييارە يېتەكچىلىك گۇرۇپپىلىرى ئۆز قۇرۇلۇشىنى چىڭ تۇتۇپ، يېتەكچىلىك قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈردى. 2 - سەييارە يېتەكچىلىك گۇرۇپپىسى گۇرۇپپا ئىچىدە AB ئىش ئورنى تەسىس قىلىش، تەۋەلىككە ئايرىپ ئالاقىلىشىش، خىزمەت قەرەللىك يىغىنى ئېچىش، مەركەزلىك ئۆگىنىش، ھۆججەت - ئالاقىلەرنى ئايلاندۇرۇپ ئىشلىتىش، مەخپىيەتلىكنى ساقلاش، پاك - تەلەپچان بولۇش ۋە ئىستىل قۇرۇلۇشى قاتارلىقلارغا ئائىت سەككىز تۈرلۈك تۈزۈم ئورناتتى. «تۈزۈم ئارقىلىق ئادەم باشقۇرۇش، ئىش باشقۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، يېتەكچىلىك قىلىش خىزمىتىنىڭ ئۆلچەملىك، تەرتىپلىك ئېلىپ بېرىلىشىغا تۈرتكە بولدۇق» دېدى ئاپتونوم رايونلۇق باش تېما تەربىيەسى 2 - سەييارە يېتەكچىلىك گۇرۇپپىسىنىڭ گۇرۇپپا باشلىقى سۈن يۇڭجيەن. 3 - سەييارە يېتەكچىلىك گۇرۇپپىسى خىزمەت قەرەللىك يىغىنى ئېچىش، ئالاقىچىلەر قەرەللىك يىغىنى ئېچىش، يوقلىما قىلىش - نۆۋەتچىلىك قىلىش، ئارخىپ باشقۇرۇش، ئۇچۇر يوللاش، مەخپىيەتلىكنى ساقلاشنى باشقۇرۇش، پىكىر ئالماشتۇرۇش - كۆزدىن كەچۈرۈش قاتارلىقلارغا ئائىت يەتتە تۈرلۈك ئىچكى تۈزۈم ئورنىتىپ، ۋەزىپە ئىش تەقسىماتىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، مېخانىزمنى تاكامۇللاشتۇرۇش، مەسئۇلىيەتنى ئادەمگىچە ئەمەلىيلەشتۈرۈش، ئايلىنىشى يۇقىرى ئۈنۈملۈك بولۇشتىن ئىبارەت تەشكىللەپ قۇرۇش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇردى.

ھەرقايسى سەييارە يېتەكچىلىك گۇرۇپپىلىرى نەزەرىيە بىلەن قوراللىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشنى ئەڭ مۇھىم ئىش قىلىشتا چىڭ تۇردى. 1 - سەييارە يېتەكچىلىك گۇرۇپپىسى ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ ئۆگىنىش پىلانى ۋە پارتىيە ئەزالىرى ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىش پىلانىنى نەق مەيداندا ئارىلاپ تەكشۈرۈش، ياچېيكىلارنىڭ مەركەزلىك ئۆگىنىش، مۇھاكىمە قىلىشىنى ئىختىيارىي تاللاپ سىرتتىن قاتنىشىپ ئاڭلاش، ئايرىم سۆھبەتلىشىپ سوئال سوراپ جاۋاب بېرىش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق، ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ ئۆگىنىشنى قانات يايدۇرۇش ئەھۋالىنى ئىگىلىدى. 10 - سەييارە يېتەكچىلىك قىلىش گۇرۇپپىسى يېتەكچىلىك قىلىنىدىغان ئورۇنلارنىڭ پارتىيە كومىتېتى نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىسىنىڭ ئۆگىنىشى، كىتاب ئوقۇش كۇرسى قاتارلىقلارغا سىرتتىن قاتنىشىشقا خادىم ئەۋەتىپ، ئۆگىنىش، مۇھاكىمە قىلىشنى ئارىلاپ تەكشۈرۈپ، تەكشۈرۈپ، ئۆگىنىشكە ۋاقتىدا ھەيدەكچىلىك قىلىپ، ئۆگىنىشنى ۋاقتىدا ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۆگىنىشنىڭ سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.

مەسئۇلىيىتىنى تولۇق ئادا قىلىش ئاساسىدا، ھەرقايسى سەييارە يېتەكچىلىك قىلىش گۇرۇپپىلىرى خىزمەت ئۇسۇلىدا يېڭىلىق يارىتىش ئۈستىدە پائال ئىزدەندى. 1 - سەييارە يېتەكچىلىك قىلىش گۇرۇپپىسى كېڭىشىش مېخانىزمى ئورناتتى، گۇرۇپپا باشلىقى ھەرقايسى ئورۇنلارنىڭ ئاساسلىق رەھبەرلىرى ياكى مەسئۇل رەھبەرلىرى بىلەن، مۇئاۋىن گۇرۇپپا باشلىقى، ئالاقە خادىمى ھەرقايسى ئورۇنلارنىڭ ئالاقە خادىملىرى ۋە باش تېما تەربىيەسى ئىشخانىسىدىكى خىزمەتچى خادىملار بىلەن خىزمەتلەرنى قەرەللىك كېڭىشىپ، ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، باش تېما تەربىيەسى خىزمىتىدە قېيىپ كېتىشنىڭ، ئېغىپ كېتىشنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئالدى. 2 - سەييارە يېتەكچىلىك قىلىش گۇرۇپپىسى «قوش پىكىر ئالماشتۇرۇش» مېخانىزمى ئورناتتى، گۇرۇپپا باشلىقى ئالاقىلىشىدىغان توققۇز ئورۇننىڭ بىرىنچى قول رەھبىرى بىلەن ئىككى نۆۋەت «يۈزتۇرا» پىكىر ئالماشتۇرۇپ، ياردەملىشىپ ئامال كۆرسەتتى، چارە ئويلىشىپ بەردى؛ ئالاقىلىشىدىغان ئورۇنلاردىكى باش تېما تەربىيەسى ئىشخانىسى مەسئۇللىرى بىلەن ئۈچ قېتىم خىزمەتتە پىكىر ئالماشتۇرۇش يىغىنى ئېچىپ، ئۆزئارا ئۆگىنىش، پىكىر ئالماشتۇرۇش سۇپىسى بەرپا قىلىپ، ئالاقىلىشىدىغان ئورۇنلار بىلەن ئوخشاش سوئالغا ئورتاق جاۋاب بەردى. 3 - سەييارە يېتەكچىلىك قىلىش گۇرۇپپىسى «بىرىنچى سەپتە ئەمەلىي ئەھۋالنى ئىگىلەش، بىرىنچى سەپتە پىكىرلەرنى ئاڭلاش، بىرىنچى سەپتە مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش، بىرىنچى سەپتە ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەش، بىرىنچى سەپتە يارقىن نۇقتىلارنى بايقاش»تىن ئىبارەت «بەش بىرىنچى سەپ» خىزمەت پىكىر يولىدا چىڭ تۇرۇپ، نىشان بەلگىلەپ جەڭ قىلىشنى يولغا قويۇپ، توققۇز ئورۇننىڭ خىزمەت ئەھۋالىنى تولۇق ئىگىلىدى.

باش تېما تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇش ئۈنۈمىنى قانداق تەكشۈرۈش كېرەك؟ ھەرقايسى سەييارە يېتەكچىلىك قىلىش گۇرۇپپىلىرى ئىختىيارىي ئارىلاپ تەكشۈرۈش، سۆھبەتلىشىپ دەلىللەش، سىرتتىن قاتنىشىپ يېتەكچىلىك قىلىش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق، ھەرقايسى ئورۇنلارنىڭ باش تېما تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشىغا ھەيدەكچىلىك، يېتەكچىلىك قىلدى. 1 - سەييارە يېتەكچىلىك قىلىش گۇرۇپپىسى ئىختىيارىي ئارىلاپ تەكشۈرۈش، سۆھبەتلىشىپ دەلىللەش شەكلىنى قوللىنىپ، ھەرقايسى ئورۇنلارنىڭ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى قانات يايدۇرۇش ئەھۋالىنى ھەرىكەت ھالىتىدە ئىز قوغلاپ ئىگىلەپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى قەتئىي تۈردە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش پىلانى بويىچە قانات يايدۇرغان - يايدۇرمىغانلىقىغا، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئىنتىزامى ۋە ئىستىل تەلىپىگە رىئايە قىلغان - قىلمىغانلىقىغا، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشتا مىقدارىغا ئەھمىيەت بېرىپ ئۈنۈمىگە ئەھمىيەت بەرمەسلىك، شەكىلگە ئەھمىيەت بېرىپ رەسمىيەتچىلىك قىلىش قاتارلىق مەسىلىلەر ساقلانغان - ساقلانمىغانلىقىغا نۇقتىلىق قارىدى. 2 - سەييارە يېتەكچىلىك قىلىش گۇرۇپپىسى ئىختىيارىي ئارىلاپ تەكشۈرۈش، سىرتتىن قاتنىشىپ يېتەكچىلىك قىلىش، سۆھبەتلىشىپ پىكىر ئالماشتۇرۇش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق، بېسىمنى سىجىل يەتكۈزۈپ، جەمئىي توققۇز ئورۇندىكى پارتىيە كومىتېتى (پارتىيە گۇرۇپپا) بەنزە ئەزالىرىدىن 83 ئادەم قېتىم، باش تېما تەربىيەسى ئىشخانىسىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇللىرىدىن 108 ئادەم قېتىم، ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتى شۇجىسىدىن 76 ئادەم، ئادەتتىكى پارتىيە ئەزاسىدىن 89 ئادەمنى ئارىلاپ تەكشۈردى، سۆھبەتلەشتى. 3 - سەييارە يېتەكچىلىك قىلىش گۇرۇپپىسى سۆھبەتلىشىش، سۆزلىشىش، ئىختىيارىي ئارىلاپ تەكشۈرۈش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق، 2 -، 3 - دەرىجىلىك ئورۇنلارنىڭ باش تېما تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇش ئەھۋالىنى ئىگىلەپ، 1 - دەرىجىلىك نازارەت - ئىدارىلەرنىڭ بىرتۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇشىنىڭ جايىدا بولغان - بولمىغانلىقى، ئالغا سىلجىتىش تەدبىرلىرىنىڭ ئۈنۈملۈك بولغان - بولمىغانلىقىنى تەتۈر يۆنىلىشتە تەكشۈردى. «بۇ خىل شەكىل ئاساسىي گەۋدىلىك مەسئۇلىيەتنى قاتلاممۇقاتلام ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە، ئۆلچەم ۋە تەلەپنى قاتلاممۇقاتلام تۇتۇشقا تۈرتكە بولىدۇ» دېدى ئاپتونوم رايونلۇق باش تېما تەربىيەسى 3 - سەييارە يېتەكچىلىك قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ گۇرۇپپا باشلىقى ليۇ چۇەنشەن.

ھەرقايسى سەييارە يېتەكچىلىك قىلىش گۇرۇپپىلىرىنىڭ مەسئۇللىرى مۇنداق بىلدۈردى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ خىزمەت تەلىپىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، خىزمەت ئۇسۇلىدا يېڭىلىق يارىتىپ ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تۈرلۈك يېتەكچىلىك قىلىش خىزمەت ۋەزىپىلىرىنى يۇقىرى سۈپەتلىك، يۇقىرى ئۈنۈملۈك ياخشى تاماملاپ، ھەرقايسى ئورۇنلارنىڭ باش تېما تەربىيەسىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشى، ئەمەلىيلەشتۈرۈشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىمىز.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.