تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

260 ئائىلە ئاپتونوم رايون بويىچە ئەڭ گۈزەل ئائىلە بولۇپ باھالاندى

    شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 5 - ئاينىڭ 15 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى گۇەن مېڭيىڭ خەۋەر قىلىدۇ: 5 - ئاينىڭ 15 - كۈنى، 2022 - يىللىق ئاپتونوم رايون بويىچە ئەڭ گۈزەل ئائىلىلەرنى باھالاش نەتىجىسى ئېلان قىلىندى، 260 ئائىلە تاللاندى.

    شۇ كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق ئاياللار بىرلەشمىسى قاراماي شەھىرىدە 2022 - يىللىق ئاپتونوم رايون بويىچە ئەڭ گۈزەل ئائىلىلەرنى ئېلان قىلىش يىغىنى ئاچتى. پائالىيەت نەق مەيدانىدا، ئەڭ گۈزەل ئائىلىلەر ۋەكىلى تۇرسۇنپاشا ھۈسەيىن كۆپچىلىك بىلەن ئۆزىنىڭ ئائىلە ھېكايىسىنى ئورتاقلاشتى. تۇرسۇنپاشا كوناشەھەر ناھىيەسىدىن كەلگەن خەنزۇ قىز بولۇپ، 31 يىل ئىلگىرى ئايىمنىسا ئىمىن ئۇنى بېقىۋالغانىدى، تۇرسۇنپاشانى ئىزچىل ئەتىۋارلاپ، پۈتۈن زېھنى بىلەن بېقىپ چوڭ قىلىپ، ئائىلىسىدىكى يىغقان بارلىق پۇلىنى خەجلەپ تۇرسۇنپاشانىڭ داشۆدە ئوقۇش ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇردى. بۈگۈنكى كۈندە، تۇرسۇنپاشا داشۆنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن يۇرتىغا قايتىپ ئاپىسىغا ھەمراھ بولدى. «مەن ئاپامنىڭ ھالىدىن ياخشى خەۋەر ئالىمەن، بۇ مېھىر - مۇھەببەتنى تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرگە يەتكۈزىمەن» دېدى تۇرسۇنپاشا.

    ئاپتونوم رايون بويىچە ئەڭ گۈزەل ئائىلىلەر قاتلاممۇقاتلام كۆرسىتىپ تاللاش، يوللاپ كۆرسىتىش، تەكشۈرۈپ ئۆتكەلنى ئىگىلەش، ئۇنىۋېرسال باھالاشتىن كېيىن بېكىتىلگەن. بۇ ئائىلىلەر ئۆزىنىڭ ئەمەلىي ھەرىكىتى ۋە ئالىيجاناب ئەخلاق - پەزىلىتى ئارقىلىق ۋەتەننى، ئائىلىنى سۆيىدىغان، ئۆزئارا ئېجىل - ئىناق ئۆتىدىغان، يۇقىرى ئۆرلەيدىغان، ياخشىلىققا ئىنتىلىدىغان، ئورتاق قۇرۇپ ئورتاق بەھرىمەن بولىدىغان ئائىلە مەدەنىيلىكىنىڭ چوڭقۇر ئىچكى خاس مەزمۇنىنى ئىزاھلاپ چۈشەندۈرۈپ، ئەتراپىدىكى ئائىلىلەرگە ئۈلگە تىكلەپ بەردى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.