5-ئاينىڭ 15-كۈنى، مۇخبىر مايتاغ-كۇچا تاشيولى(مايتاغدىن خاشىلېگېنغىچە بولغان يول بۆلىكى)غا كېلىپ، يول بويى يولنىڭ ئىككى تەرىپىدىكى مەنزىرىنىڭ تۆت پەسىلدەك ئۆزگەرگەنلىكىنى كۆردى. تاغ ئېتىكىدىكى قۇياشنىڭ تەپتى ئوتتەك ئىسسىق ئىدى، مايتاغ-كۇچا تاشيولىنىڭ ئىچكىرىسىگە كەلگەندە ھەممە يەرنى قار قاپلىغان بولۇپ، «بىر كۈندە تۆت پەسىلنى ساياھەت قىلىش» سەپىرىنى ھەقىقىي ھېس قىلدى.
نۆۋەتتە، تاشيول تارماقلىرىنىڭ خىزمەتچىلىرى بۇ توردا ئالقىشلانغان تاشيولدا بالدۇرراق قاتناش باشلاش ئۈچۈن ئىسمېنا قوشۇپ قار تازىلىماقتا. بۇ يىل 3-ئاينىڭ 16-كۈنى قار تازىلاش باشلانغاندىن بۇيان، ئۇلار ھەر كۈنى ئالتە خىزمەت نۇقتىسىدا بىرلا ۋاقىتتا مەشغۇلات قىلىپ، تاشيول گۈمۈرۈلۈپ چۈشۈش، تاش پارچىلىرى چۈشۈش، قار يىغىلىپ قېلىش، ئېرىگەن سۇنىڭ توڭلىشىدىن مۇز ھاسىل بولۇش قاتارلىقلارنى تازىلىماقتا. نۆۋەتتە يىغىلىپ قالغان 300 مىڭ كۇب مېتىر قارنى تازىلاپ بولدى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، يول يۈزى، يول ئۇلى، كۆۋرۈك-سۈڭگۈچ، قاتناش بىخەتەرلىك ئەسلىھەلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئاسراپ-قوغداپ، مايتاغ-كۇچا تاشيولىدا قاتناشنىڭ بالدۇرراق ئەسلىگە كېلىپ، ھەرقايسى جايلاردىن كەلگەن ساياھەتچىلەرنى كۈتۈۋېلىشنى قولغا كەلتۈرمەكتە.
مۇخبىرلار: يىن توڭيۇەن، لۇ فېڭباۋ
نازارەتچىلەر: ياۋ تۇڭ، شۆ جىڭ، چېن فېڭ
«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى