تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   سىن

@ئاپتونوم رايوندىكى ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەر دۆلەت كارخانىلىرى مەخسۇس مەيدان توردا خىزمەتكە تەكلىپ قىلىش يىغىنى كەلدى

​   ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر ما بېي خەۋەر قىلىدۇ) 2023-يىللىق ئاپتونوم رايوننىڭ ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەرنى دۆلەت كارخانىلىرى مەخسۇس مەيدان توردا خىزمەتكە تەكلىپ قىلىش يىغىنى 5-ئاينىڭ 19-كۈنى باشلىنىدۇ، پائالىيەت بۇ يىلنىڭ ئاخىرىغىچە داۋاملىشىدۇ، خىزمەتكە تەكلىپ قىلىش، خىزمەت ئىزدەش ئېھتىياجى بار دۆلەت كارخانىلىرى ۋە ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەر يىغىنغا قاتناشسا بولىدۇ. بۇ قېتىمقى مەخسۇس مەيدان خىزمەتكە تەكلىپ قىلىش يىغىنىنىڭ مۇلازىمەت ئوبيېكتى خىزمەتكە تەكلىپ قىلىش ئېھتىياجى بار تۈرلۈك دۆلەت كارخانىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ؛ 2023-يىلى، 2024-يىلى ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزىدىغانلار؛ ئىلگىرىكى يىللاردا ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ئىشقا ئورۇنلىشىش ئارزۇسى بار،  مەكتەپتىن ئايرىلىپ ئىشقا ئورۇنلاشمىغانلار.

  خىزمەتكە تەكلىپ قىلىش يىغىنى تور ۋە تور سىرتى ئۆز ئارا بىرلەشتۈرۈلگەن شەكىلدە قانات يايدۇرۇلىدۇ، 5-ئاينىڭ 19-كۈنى ئاپتونوم رايونلۇق ئاممىۋى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمەت مەركىزىدە ئاپتونوم رايوننىڭ ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەنلەرنى دۆلەت كارخانىلىرى مەخسۇس مەيدان خىزمەتكە تەكلىپ قىلىش يىغىنى (نەق مەيدان) ئۆتكۈزۈلىدۇ، ئاپتونوم رايونلۇق دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ تاللاپ تەكشۈرۈشىدىن ئۆتكەندىن كېيىن، 93 دۆلەت كارخانىسىنىڭ نەق مەيداندا خىزمەتكە تەكلىپ قىلىش پائالىيىتىگە قاتنىشىشى بېكىتىلدى. 

  شۇنىڭ بىلەن بىللە، بۇ قېتىمقى توردا خىزمەتكە تەكلىپ قىلىش يىغىنى ئاپتونوم رايونلۇق ئاممىۋى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمەت مەركىزىنىڭ ئاممىۋى پاراۋانلىق خىزمەتكە تەكلىپ قىلىش سۇپىسى جۇڭگو شىنجاڭ ئىختىساسلىقلار تورىدا «2023-يىللىق ئاپتونوم رايوننىڭ ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەرنى دۆلەت كارخانىلىرى مەخسۇس مەيدان توردا خىزمەتكە تەكلىپ قىلىش يىغىنى» تەسىس قىلىدۇ، خىزمەتكە تەكلىپ قىلغۇچى ئورۇنلار، خىزمەت ئىزدىگۈچىلەر تور سۇپىسىغا كىرىپ تىزىمغا ئالدۇرۇپ يىغىنغا قاتنىشىدۇ. 

  تەكلىپ قىلىش يىغىنىغا قاتنىشىدىغان كارخانىلار جۇڭگو شىنجاڭ ئىختىساسلىقلار تورىدا كارخانا ھېسابات نومۇرىنى تىزىمغا ئالدۇرۇپ، تەكرار بولمىغان تەكلىپ قىلىش خىزمەت ئورنى ئۇچۇرىنى ئېلان قىلسا بولىدۇ؛ خىزمەتكە تەكلىپ قىلىش ئېھتىياجىغا ئاساسەن، خىزمەت ئىزدىگۈچىلەر قىسقىچە تەرجىمىھالىنى چۈشۈرۈش، توردا خىزمەتكە تەكلىپ قىلىش ئىش ئورنى ۋە يۈز تۇرا ئىمتىھان تەكلىپى يوللاشقا مەدەت بېرىلىدۇ؛ توردا تەكلىپ قىلىنىدىغان خىزمەت ئورنى ھەر كۈنى يېڭىلىنىپ تۇرىدۇ، خىزمەتكە تەكلىپ قىلىش ئۇچۇرى باش بەتتە كۆرسىتىلىدۇ؛ خىزمەتكە تەكلىپ قىلغۇچى ئورۇننىڭ ئالاقىلىشىش ئۇسۇلى خىزمەت ئىزدىگۈچىلەرگە پۈتۈنلەي ئاشكارا بولىدۇ. 

  خىزمەت ئىزدىگۈچىلەر جۇڭگو شىنجاڭ ئىختىساسلىقلار تورىغا كىرىپ خىزمەت ئىزدەش قىسقىچە تەرجىمىھالىنى تىزىملاتسا بولىدۇ، قىسقىچە تەرجىمىھالىنى يوللاش سانىغا چەك قويۇلمايدۇ؛ خىزمەت ئىزدەش ئارزۇسى بويىچە ئۆزىگە ماس كېلىدىغان خىزمەت ئورنىنى دەل جايىدا ماسلاشتۇرۇپ، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇننىڭ ئالاقىلىشىش ئۇسۇلىنى ھەر ۋاقىت كۆرۈپ، ھەرىكەت ھالىتىدىكى ئەڭ يېڭى سىياسەت ئۇچۇرى ۋە ئىختىساسلىقلارغا بولغان ئېھتىياج ئۇچۇرىنى ئىگىلەپ تۇرسا بولىدۇ.