تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

​باش تېما تەربىيەسىنى پۇرسەت بىلىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش كېرەك

ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت پارتىيە گۇرۇپپىسى نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىسى باش تېما تەربىيەسى بويىچە مەخسۇس تېمىلىق ئۆگىنىش يىغىنى ئاچتى​

باش تېما تەربىيەسىنى پۇرسەت بىلىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش كېرەك

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 5 - ئاينىڭ 12 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لى ياڭ خەۋەر قىلىدۇ: 5 - ئاينىڭ 12 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت پارتىيە گۇرۇپپىسى نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىسى باش تېما تەربىيەسى بويىچە مەخسۇس تېمىلىق ئۆگىنىش يىغىنى ئاچتى، يىغىندا شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇشنى چۆرىدەپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرما - تەلەپلىرى بويىچە، باش تېما تەربىيەسىنىڭ ئومۇمىي تەلىپى، تۈپ ۋەزىپىسى ۋە كونكرېت نىشانىنى چىڭ كۆزلەپ، ئەتراپلىق ئورۇنلاشتۇرۇش، ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ، باش تېما تەربىيەسىنىڭ چوڭقۇرلىشىشى، ئەمەلىيلىشىشىگە تۈرتكە بولدى.

ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى. چېن مىڭگو، ليۇ سۇشې، شۆ بىن، قەيسەر ئابدۇكېرىم پىكىر ئالماشتۇرۇپ سۆز قىلدى. باش تېما تەربىيەسى مەركەز 15 - يېتەكچىلىك گۇرۇپپىسىدىكى ئالاقىدار يولداشلار قاتناشتى.

يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنىڭ شەكىللىنىش جەريانى، مۇكەممەل سىستېمىسى ۋە ئىلمىي ئۇسۇلىنى چوڭقۇر چۈشىنىپ، باش شۇجىنىڭ شىنجاڭ خىزمىتىگە بولغان چوڭقۇر غەمخورلۇقىنى، شىنجاڭ خىزمىتىنى ئىستراتېگىيەلىك پىلانلىشىنىڭ ئۇلۇغ، دانا ئىكەنلىكىنى، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇش قانۇنىيىتىنى ئىلمىي ئىگىلىگەنلىكىنى چوڭقۇر ھېس قىلىپ ئۆزلەشتۈرۈپ، شىنجاڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئىشەنچىمىز، ئىرادىمىزنى يەنىمۇ چىڭىتىپ، تىرىشىپ يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشىمىز كېرەك.

يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: باش تېما تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشنى پۇرسەت بىلىپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق جەھەتتىكى گەۋدىلىك مەسىلىلىرىنى چىڭ كۆزلەپ، مەسىلىلەرنى تەتقىق قىلىش، قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنى ئاچقۇچ قىلىپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇشتا يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش كېرەك. باشتىن - ئاخىر «ئىككىنى تىكلەش»نى قەتئىي قوغداشنى تۈپ ئالدىنقى شەرت قىلىپ، باشتىن - ئاخىر تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاشنى باشتىن - ئاخىرغىچە سىڭدۈرۈپ، باشتىن - ئاخىر يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئەڭ مۇھىم ئىش دەپ بىلىپ، تەرەققىيات بىلەن مۇقىملىقنىڭ، تەرەققىيات بىلەن خەلق تۇرمۇشىنىڭ، تەرەققىيات بىلەن كىشىلەر قەلبىنىڭ مۇناسىۋىتىنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىپ، توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، خىزمەت ئىستىلى ۋە شەكلى، ئۇسۇلىنى سىجىل ياخشىلاپ، تېخىمۇ يۇقىرى سۈپەتلىك، تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: ئىتتىپاقلىشىپ كىشىلەر قەلبىنى مۇجەسسەملەشنى چۆرىدەپ، شىنجاڭنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكىگە مۇناسىۋەتلىك نېگىزلىك، ئۇللۇق، ئۇزاق مەزگىللىك خىزمەتلەرنى پۇختا ئالغا سىلجىتىش كېرەك. ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى كۆزلەپ، سىياسىي جەھەتتە ئىدارە قىلىش، قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىش، ئەخلاق ئارقىلىق ئىدارە قىلىش، ئۆزىنى ئۆزى ئىدارە قىلىش، ئەقلىي جەھەتتىن ئىدارە قىلىشنى بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشنى قانۇنچىللاشتۇرۇش، دائىملاشتۇرۇشنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، قانۇن ئىدارە قىلىشتىن تېخىمۇ ياخشى پايدىلىنىپ خەۋپ - خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش، مەسىلىلەرنى بىر تەرەپ قىلىش، زىددىيەتلەرنى تۈگىتىش كېرەك. جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشتا قوشۇندىن ئايرىلىپ قالماسلىق، سەپتىن چۈشۈپ قالماسلىقنى كۆزلەپ، «سەككىز چوڭ كەسىپ توپى» قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىپ، سىرتقا ئېچىۋېتىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، تىجارەت - سودا مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇشنى تېزلىتىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئالغا سىلجىتىش ئىقتىدارىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈش كېرەك. خەلق تۇرمۇشى بەخت - سائادىتىنى ئاشۇرۇشنى كۆزلەپ، ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەر قاتارلىق نۇقتىلىق كىشىلەر توپىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، تۈرلۈك چارە - ئاماللار بىلەن مائارىپ، داۋالاش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى ئاشۇرۇش كېرەك. جەنۇبىي شىنجاڭدىن ئىبارەت «شاھمات كۆزى»نى جانلاندۇرۇشنى كۆزلەپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا مەدەت بېرىدىغان ئالاھىدە سىياسەتلەرنى تەتقىق قىلىپ ئوتتۇرىغا چىقىرىپ، يېڭى دەۋرنىڭ تەلىپىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان، جەنۇبىي شىنجاڭ خاسلىقىغا ئىگە يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات يولى ئۈستىدە ئىزدىنىش كېرەك. خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىشتە چىڭ تۇرۇپ، ئاممىنىڭ ئارزۇسى ۋە ئېھتىياجىنى كۆزلەپ، «پۇجياڭ تەجرىبىسى» «فېڭچياۋ تەجرىبىسى»نى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئەمەلدە كۆرسىتىپ، خەلق تۇرمۇشىغا ئائىت ئەمەلىي ئىشلارنى چىن قەلب، چىن ھېسسىيات ۋە پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى قىلىش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: ھۆكۈمەت پارتىيە گۇرۇپپىسى نەزەرىيە بىلەن قوراللىنىشنى سىجىل يەنىمۇ كۈچەيتىپ، مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئايدىڭلاشتۇرۇپ بەرگەن 12 جەھەتنى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى بېكىتكەن تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش تېمىسىنى چۆرىدەپ چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، نەتىجىلەرنى ئايلاندۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىپ، تۈزىتىشنى گەۋدىلىك ياخشى تۇتۇپ، ھەقىقىي تۈردە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش نەتىجىسىنى مەسىلىنى ھەل قىلىش، خىزمەتلەرنى ياخشىلاشتىكى ئەمەلىي تەدبىرگە ئايلاندۇرۇپ، باش تېما تەربىيەسىدە پۇختا ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشى كېرەك.

يۈسۈپجان مەمەت، سۈن خۇڭمېي، ۋاڭ گاڭ كوللېكتىپ ئۆگىنىشكە قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.