تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

باش تېما تەربىيەسىنى خەلق تۇرمۇشىغا دائىر ئەمەلىي ئىشلار بىلەن ئۆزئارا يۇغۇرۇپ ئورتاق ئىلگىرى سۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش

​− شىنجاڭدىكى 1 ـ تۈركۈمدە باش تېما تەربىيەسىنى قانات يايدۇرغان ئورۇنلار كۆپ خىل تەدبىرنى تەڭ قوللىنىپ ئەمەلىي ئىش قىلىپ، خەلقنى غەمدىن خالاس قىلدى

□ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش باش تېما تەربىيەسى خىزمىتى يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان يېڭى ئارزۇسى، يېڭى ئىنتىلىشىنى ئۈزلۈكسىز قاندۇرۇش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى خەلقنى مەركەز قىلغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، ئاپتونوم رايوننىڭ باش تېما تەربىيەسىدىكى 18 تۈرلۈك «ئەمەلىي ئىش قىلىش، خەلقنى غەمدىن خالاس قىلىش» مەزمۇنىدىكى خەلق تۇرمۇشىغا دائىر ئەمەلىي ئىشنى تەتقىق قىلىپ بېكىتتى. 1 ـ تۈركۈمدە باش تېما تەربىيەسىنى قانات يايدۇرغان ئورۇنلار خەلق ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىشنى باش تېما تەربىيەسىنىڭ مۇھىم مەزمۇنى قىلىپ، دىققەتنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، مائارىپ، ياشانغانلار كۈتۈنۈش، تۇرالغۇ قاتارلىق خەلق تۇرمۇشى ساھەسىگە مەركەزلەشتۈرۈپ، ئامما ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىلەرنى كۈچەپ ھەل قىلىپ، باش تېما تەربىيەسىنى خەلق تۇرمۇشىغا دائىر ئەمەلىي ئىشلار بىلەن ئۆزئارا يۇغۇرۇپ ئورتاق ئىلگىرى سۈرۈشكە تۈرتكە بولدى. نۆۋەتتە، تۈرلۈك ئەمەلىي ئىشلار ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇلۇپ، تەرتىپلىك ئالغا سىلجىتىلماقتا.

5 - ئاينىڭ 5 - كۈنى، 48 ياشلىق ئۈرۈمچى شەھىرى ئاھالىسى ماجيانو بىر ئائىلە مۇلازىمىتى شىركىتىگە قوبۇل قىلىنغانلىق ئۇقتۇرۇشىنى تاپشۇرۇۋالدى. «تەربىيەلىنىپ ئىش ئورنىغا چىققاندىن كېيىن بىر ئايدا 4000 - 5000 يۈەن پۇل تاپالايمەن!» دېدى ئۇ چەكسىز خۇشاللىققا چۆمگەن ھالدا. «شەھەر - يېزا ئاممىسىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىپ، ئىگىلىك تىكلەپ كىرىمىنى ئاشۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇش» ئاپتونوم رايوننىڭ باش تېما تەربىيەسىدىكى «ئەمەلىي ئىش قىلىش، خەلقنى غەمدىن خالاس قىلىش» مەزمۇنىدىكى خەلق تۇرمۇشىغا دائىر ئەمەلىي ئىشلارنىڭ بىرى.

ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى پارتىيە گۇرۇپپىسى شەھەر - يېزا ئاممىسىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىپ، ئىگىلىك تىكلەپ كىرىمىنى ئاشۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى چۆرىدەپ، ئوتتۇرا، كىچىك، ئۇششاق كارخانىلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش سىياسىتى مۇلازىمىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش مەخسۇس ھەرىكىتىنى يولغا قويدى؛ ئوقۇش پۈتكۈزۈپ ئىشقا ئورۇنلاشمىغانلارغا مۇلازىمەت قىلىش بويىچە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش ھەرىكىتىنى يولغا قويۇپ، قىيىنچىلىقى بار ئوقۇش پۈتكۈزگەنلەرگە مەخسۇس ياردەم قىلىش - يۆلەشنى قانات يايدۇرۇپ، دېھقان ئىشلىگۈچىلەر، تىزىمغا ئېلىنغان ئىشسىزلار، ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەر، ئاياللار قاتارلىق كىشىلەر توپىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ياخشى ئىشلىدى؛ يېڭىدىن قۇرۇلغان ئەمەلىي گەۋدىلەرنى قوللاش سالمىقىنى زورايتىپ، ئىگىلىك تىكلەشنى ئالغا سىلجىتىش بويىچە تۈرلۈك پائالىيەتلەرنى تەشكىللەپ قانات يايدۇرۇپ، ئىگىلىك تىكلەش جەھەتتىن يۆلەش سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىگىلىك تىكلەش ئارقىلىق ئىشقا ئورۇنلىشىشقا تۈرتكە بولۇشنىڭ ھەسسىلەپ ئېشىش ئېففېكتىنى جارى قىلدۇردى؛ ئاپتونوم رايوننىڭ «سەككىز چوڭ كەسىپ توپى»نى تەرەققىي قىلدۇرۇشىنى چۆرىدەپ، ناھىيە ئىقتىسادى، يېزا - كەنتلەرنىڭ خاس ئەۋزەل بايلىقىغا تايىنىپ، تېخىمۇ كۆپ يېزا ئەمگەك كۈچلىرىنىڭ يېقىن ئەتراپتا، ئۆز جايىدا ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى ئىلگىرى سۈردى؛ رايون ئەمگەك مۇلازىمىتى ھەمكارلىشىش مېخانىزمىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تەمىنلەش بىلەن ئېھتىياجنى دەل جايىدا ئۇدۇللاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، يېزا ئەمگەك كۈچلىرىنىڭ سىرتقا چىقىپ ئىشلىشىنى تەرتىپلىك ئالغا سىلجىتىپ، ئىشقا ئورۇنلىشىپ كىرىمنى ئاشۇرۇش يوللىرىنى كېڭەيتتى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، تۈرلۈك كەسپىي ماھارەت بويىچە تەربىيەلەشنى قاتلامغا، تۈرلەرگە ئايرىپ قانات يايدۇرۇپ، ئەمگەكچىلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىگىلىك تىكلەش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، يۇقىرى سۈپەتلىك، تولۇق ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈردى. ئاممىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىپ، كىرىمىنى ئاشۇرۇشىدا يېڭى ئىلگىرىلەشلەر قولغا كەلتۈرۈلدى.

ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى باش تېما تەربىيەسى جەريانىدا ئوقۇش يېشىغا يەتمىگەن بالىلار مائارىپىنى ئومۇملاشتۇرۇش، ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىق خاراكتېرىدە تەرەققىي قىلدۇرۇشنى تېزلىتىشنى «شەھەرلەردىكى ھۆكۈمەت باشقۇرۇشىدىكى يەسلىلەرنىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش كۆلىمىنى ئاشۇرۇش»تىن ئىبارەت خەلق تۇرمۇشىغا دائىر ئەمەلىي ئىش بىلەن ماس ئالغا سىلجىتىپ، بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ كۈچەپ، خەلق ئاممىسىنىڭ بالىلار يەسلىگە كىرەلەيدىغان بولۇش، بالىلار سۈپەتلىك تەربىيەلىنەلەيدىغان بولۇشقا بولغان گۈزەل ئارزۇسىنى تېخىمۇ ياخشى قاندۇرىدۇ.

ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتىنىڭ تەشكىللەش، يېتەكچىلىك قىلىشنى كۈچەيتىشى بىلەن، ئۈرۈمچى شەھىرى قاتارلىق بەش شەھەردە يېڭىدىن 11 يەسلى قۇرۇلىدۇ، ھۆكۈمەت باشقۇرۇشىدىكى يەسلىلەرگە قوبۇل قىلىنىدىغان ئوقۇغۇچىدىن يەنە 4000ى يېڭىدىن كۆپەيتىلىدۇ، بۇ يەسلىلەرنىڭ ئاساسىي گەۋدە قۇرۇلۇشى بۇ يىل ئىچىدە تاماملىنىدۇ، بۇلاردىن ئۈچى ئۈرۈمچى شەھىرىدە، ئىككىسى سانجى شەھىرىدە، ئىككىسى كورلا شەھىرىدە، ئىككىسى قومۇل شەھىرى ئېۋىرغول رايونىدا ۋە ئىككىسى غۇلجا شەھىرىدە؛ مەركەزنىڭ ئوقۇش يېشىغا توشمىغانلار مائارىپى تەرەققىياتىنى قوللاش مەبلىغىنىڭ يەرلىكنىڭ ئوقۇش يېشىغا توشمىغانلار مائارىپى تەرەققىياتىنى قوللاش رولى تولۇق، ياخشى جارى قىلدۇرۇلۇپ، 190 مىليون يۈەن مەخسۇس مەبلەغ سېلىنىپ، ئۈرۈمچى شەھىرى قاتارلىق بەش شەھەردە يېڭىدىن ھۆكۈمەت باشقۇرۇشىدىكى 11 يەسلى قۇرۇش تۈرىگە مەدەت بېرىلىدۇ؛ «قۇرۇلۇش چېرتيوژى» ئىلمىي تۈزۈلۈپ، ۋاقىت جەدۋىلى، مەسئۇل كىشى ئايدىڭلاشتۇرۇلۇپ، كۆپ خىل تەدبىر تەڭ قوللىنىلىپ، خەلق تۇرمۇشى ئەمەلىي ئىشى خىزمىتىنىڭ جايىدا ئەمەلىيلىشىشىگە پائال تۈرتكە بولۇندى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ھەرقايسى جايلاردىن تۈر مەبلىغىنى باشقۇرۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، مەخسۇس پۇلنى مەخسۇس ئىشقا ئىشلىتىپ، نەتىجىسىنى باھالاشنى ياخشى ئىشلەپ، مەخسۇس مەبلەغنىڭ ئەڭ زور ئۈنۈمىنى جارى قىلدۇرۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش ئېنىق تەلەپ قىلىندى.

تاماق بىلەن تەمىنلەش، تۇرمۇشىدىن خەۋەر ئېلىش، سالامەتلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش بويىچە كۈتۈش، مەدەنىيەت - كۆڭۈل ئېچىش، روھىي جەھەتتىن تەسەللىي بېرىش... بۇ، ئاپتونوم رايونىمىزدا قۇرۇلۇۋاتقان مەھەللە ياشانغانلارنىڭ ھالىدىن كۈندۈزلۈك خەۋەر ئېلىش مەركىزىنىڭ دائىملىق تەسىس قىلىنغان ئاساسىي كۈتۈنۈش مۇلازىمىتى ئىقتىدارى. بۇ بىر نەچچە كۈندە، يەكەن ناھىيەسىنىڭ چېڭشى كوچا باشقارمىسى دۇشى مەھەللىسىدىكى ئاھالىلەر ئىشىك ئالدىدا قۇرۇلۇۋاتقان مەھەللە كۈندۈزلۈك خەۋەر ئېلىش مەركىزىگە نىسبەتەن زور ئۈمىدكە تولدى. مۆلچەرلىنىشىچە بۇ تۈر 5 - ئاينىڭ 30 - كۈنى پۈتۈپ ھەم ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈپ، تېخىمۇ كۆپ ياشانغان كىشى تېخىمۇ ئەقلىي ئىقتىدارلىق، تېخىمۇ بىخەتەر، تېخىمۇ سەمىمىي غەمخورلۇق بىلەن تەمىنلىنىدىكەن.

مەھەللە ياشانغانلارنىڭ ھالىدىن كۈندۈزلۈك خەۋەر ئېلىش مەركىزىدىن 100نى قۇرۇش ئاپتونوم رايون بېكىتكەن باش تېما تەربىيەسىدىكى خەلق تۇرمۇشىغا دائىر ئەمەلىي ئىش تۈرلىرىنىڭ بىرى. باش تېما تەربىيەسى جەريانىدا، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ئىشلىرى نازارىتى پارتىيە گۇرۇپپىسى ئىككى قولدا تۇتۇش، ئىككىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، خىزمەت گۇرۇپپىسى قۇرۇپ، تۈر قۇرۇلۇشىنىڭ ئالغا سىلجىتىلىش، ئەمەلىيلىشىش ئەھۋالىغا قارىتا نۇقتىدىن نۇقتىغا ئورۇنلاشتۇرۇش قىلدى. خەلق ئىشلىرى نازارىتى ياشانغانلار كۈتۈنۈش مۇلازىمىتى باشقارمىسىنىڭ مەسئۇلى كەسپىي تايانچلارنى باشلاپ، تۈر قۇرۇلۇشىنى ئىلتىماس قىلىش، ئورۇن تاللاش، قۇرۇلۇش ئۆلچىمى قاتارلىق ئەھۋاللارنى نەق مەيداندا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، نەق مەيداندا يېتەكچىلىك قىلىپ، ساقلانغان مەسىلىلەرنى ئورتاق تەھلىل قىلىپ ۋە ھەل قىلىپ، يولغا قويۇش خىزمىتىنى تەرتىپلىك ئالغا سىلجىتتى.

«كاپالەتلىك تۇرالغۇ قۇرۇلۇشىنى قانات يايدۇرۇش»مۇ ئاپتونوم رايوننىڭ باش تېما تەربىيەسىدىكى خەلق تۇرمۇشىغا دائىر ئەمەلىي ئىشلارنىڭ بىرى، ئاپتونوم رايونلۇق تۇرالغۇ ۋە شەھەر - يېزا قۇرۇلۇشى نازارىتى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى كەڭ ئەۋج ئالدۇرۇپ، كاپالەتلىك تۇرالغۇ قۇرۇلۇشىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتتى. تۇرالغۇ ۋە شەھەر - يېزا قۇرۇلۇشى نازارىتى پىلان - ۋەزىپىلەرنى ئېنىق ئايدىڭلاشتۇرۇش، خىزمەت مۇھىم نۇقتىسىنى بېكىتىش، سىنلىق ئورۇنلاشتۇرۇش يىغىنى ئېچىش، «ئۈچكە چوڭقۇر چۆكۈش، بەشكە كىرىش»(ئاساسىي قاتلامغا چوڭقۇر چۆكۈش، ئامما ئارىسىغا چوڭقۇر چۆكۈش، باشقۇرۇش - مۇلازىمەت ئوبيېكتلىرى ئارىسىغا چوڭقۇر چۆكۈش، يېزا - كەنتلەرگە كىرىش، مەھەللىلەرگە كىرىش، كارخانىلارغا كىرىش، قۇرۇلۇش ئورۇنلىرىغا كىرىش، نەق مەيدانغا كىرىش) بويىچە نەق مەيداندا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، تەشۋىق قىلىش - تەربىيەلەشكە تەشكىللەش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق، ھەرقايسى جايلارنىڭ شەھەر - بازارلارنىڭ كاپالەتلىك ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشىدا ئىش باشلاشنى تېز ئالغا سىلجىتىشىغا يېتەكچىلىك قىلدى. يېقىندا 22 مىڭ 700 يۈرۈش ھۆكۈمەت ئىجارە ئۆيى، كاپالەتلىك ئىجارە ئۆي، شەھەر - بازارلاردىكى كەپىلىك رايونلارنى ئۆزگەرتىش تۈرى ئوڭۇشلۇق يولغا قويۇلدى.

(مۇخبىر لى لىن، قاتناشقان مۇخبىرلار جاۋ چۇنخۇا، جاۋ شىيا، ۋاڭ يايۈن)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.